<<تۈركىيەنىڭ كىنولىرى دىسە تولىمۇ زوقۇم كېلىپ يۈرەتتىم ، ئەمما يېقىندىن بېرى تۈركىيەنىڭ كۆپ قىسىملىق كىنوسىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم ئىلىشتى ۋە تۈركىيە كىنولىرىغا نەپرەتلەندىم . ئاز بىر قىسىم كىشىلىرىمىزگە نىسبەتەن تۈركىيە بىزگە تونۇشلۇق دۆلەت بولسىمۇ لىكىن كۆپلىگەن قېرىنداشلىرىمىز تۈركىيەنى تىپىك ئىسلامى دۆلەت دەپ قارايدۇ . شۇ سەۋەبلىك تۈركىيەگە مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق خەۋەرلەر بولسا كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلايدۇ ۋە قىززىقىدۇ . ھەم بىزمۇ تۈركىيەنىڭ بىر <<ئىسلامى>> دۆلەت بولوش شەرىپى بىلەن ئەتىراپىدىكى مۇسۇلمان دۆلەتلەرگە قېرىنداشلىق مېھىر-مۇھەببىتىنى ئايىمىغانلىقىنى بىلىپ تۇرىۋاتىمىز . ئاللا رەھمەت قىلسۇن . ئەمما مەن كېسىپلا دەيدىغان مۇنداق قارارغا كېلىپ قالدىم : تۈركىيەنىڭ كىنولىرنى كۆرمىگىنىمىز ياخشىكەن . !!
بىزدە دۇنيانى چۈشىنىدىغان كىشىلىرىمىز قانچىلىك بولماقچىدى ، بەلكى ساناقلىقلا . تۈركىيەنىڭ كىنولىرىنى كۆرىۋاتقان مىڭلىغان ،ئونمىڭلىغان قېرىنداشلىرىمىز تۈركىيەنىڭ كىنولىرىنى بەلكى بىر ئىسلامى دۆلەتنىڭ كىنولىرىنى كۆرىۋاتقاندەك ، خۇددى بىر ئىسلامى يۇسۇندىكى تۇرمۇش كارتىنىسىنى بىلىۋاتقاندەك ھېسىياتتا بولىدۇ . بۇ ھازىر كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان رىئاللىق . چۈنكى مەيلى قانداقلا بىر قېرىندىشمىز بولسۇن تۈركىيەنىڭ بىر مۇسۇلمان دۆلەت ئىكەنلىكىنى ھەقىقى يۇسۇندا چۈشۈنۈپ كەتمىسىمۇ لىكىن قانداقلا بولمىسۇن يۈزەكى ھالدا بولسىمۇ <<مۇسۇلمان >> دۆلەت دەپ چۈشىنىدۇ . دىيارىمىزدا مۇنداقچە ئېيتقاندا يۈزەكى چۈشىنىدىغان قېرىنداشلىرىمىز 90% تىن كەم ئەمەس دەپ قارايمەن . ھازىر مەھەللىمۇ مەھەللە ، يۇرتمۇ-يۇرت كىشىلەرنىڭ ئاغزىدا ، كۆزىدە بولىۋاتقىنى تۈركىيەنىڭ يا مۇسۇلمان دەپ چۈشەنگىلى بولمايدىغان يا مۇسۇلمان ئەمەس دەپ چۈشەنگىلى بولمايدىغان كىنولىرى داستان بولماقتا . مەنمۇ كۆردۈم ، مەنغۇ قانداقلا بولمىسۇن ئۆزۈمنىڭ چۈشەنچىسىدە خېلى بىلگەچكە قارغۇلارچە قۇبۇل قىلىۋالمايمەن .
گەپنىڭ نوقتىسى ؛ تۈركىيەنىڭ كىنولىرىنى كۆرىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز ، تۈركىيەنى مۇسۇلمان دۆلەت دەپ قارىغاچقا كىنودىكى مەدەنىيەت ۋە ئۆرىپ-ئادەتلەرنى ئاسانلا ئۆزىگە يۇقتۇرىشى تۇرغانلا گەپ . چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆز- قارىشىدا تۈركىيە ئۈلگە ئېلىشقا بولىدىغان تىپىك مۇسۇلمان دۆلەت .
ئەمما مەن بۇ كىنولاردا مۇسۇلماننىڭ ھاياتتىكى توغرا توتقان يوللىرىنىڭ ۋېروسلىنىپ كەتكەنلىكىنى كۆردۈم ، خۇددى كۆپ قىسىمىلىق كىنو <، قىزىم نەدە ؟ >> نى كۆرگەندىن كېيىن .
لىكىن ئامېرىكىنىڭ ، كورىيەنىڭ كىنولىرى مەيلى قانچىلىك ئىسلامغا يات بولسىمۇ لىكىن ئۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ نەزىرىدە بىر مۇسۇلمان ئەمەس دۆلەت بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭدىكى ئادەت ۋە مەدەنىيەتلەرنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىشى يىراق دەپ قارايمەن . لىكىن بۇنىڭلىق بىلەن ئامېرىكىنىڭ ، ياكى كورىيەنىڭ كىنولىرى تۈركىيەنىڭ كىنولىرىدىن ياخىشى دىگەنلىكىم ئەمەس .
تۈركىيەنىڭ كىنولىرىدا ھاراق شاراپ بىلەن ئاللاھنىڭ ئىسىمىنى ئاتاش ئارلىشىپ كەتكەن ، قىزلىرىنىڭ ئېغىزلىرىدىن ئاللاھنىڭ ؛ئىسمى چۈشمىگەن بىلەن كىيىنىشى كىشىنى تولىمۇ يىرگەندۈرىدۇ . لىكىن بۇ ئەھۋال دۇنيا يۈزىدە ھەممە يەردە مەۋجۇت بولسىمۇ لىكىن تۈركىيەنىڭ يۇرتىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ خىيالىدىكى ئوبرازى تولىمۇ سۆيۈملۈك ۋە ئۈلگە ئېلىشقا بولىدىغان دەپ قارىلىدۇ ، ئەمدى مۇشۇ نوقتىدىن ئويلىغاندا يۇقۇرقى كىنولىرىنىڭ بىزگە بېرىدىغان تەسىرى قانچىلىك ئىكەن بۇنى بىز سوغۇققانلىق بىلەن ئويلاپ بېقىشىمىز كىرەك ، دەپ قارايمەن .ئەمما كۆز يۇمۇشقا بولمايدىغان تەرىپى كىنونىڭ ۋەقەلىگى مۇھىتى ھەم پىرسۇناژلارنىڭ رول ئېلى جەھەتتىكى قابىليىتى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى قايىل قىلىدىكەن. .كىنو ئۆزى ياخشى ئىشلەنگەن كىنو ..
لىكىن ھازىرقى ئەھۋالدا يۇقۇرقى تۈركىيەنىڭ كىنولىرىدىن ئىسلامى بولمىسىمۇ دۆلىتىمىزنىڭ كۆپ قىسىملىق كىنولىرى ياخشى ئىكەن دىگەن كۆز قاراشقا كەلدىم .
تۈركىيەنىڭ كىنولىرى تۈركىيەنىڭ ئوبرازى ئەمەس ..
خەيىر قالغىنىنى ئىنكاستا سۆزلىشەرمىز ..ۋاقتىم يار بەرمەي قالدى ، بۈلمىغان بولسا ،.....
1.ھەر كىشى ئۆزىنىڭ ئەسلىدىن ئۇزاقلانسا ، ئۆتكەن ھاياتىنىڭ ۋەسلىنى ئىستەيدۇ .
2.كىم ئۆز كۆڭلىگە يېقىن سىردىشىدىن ئايرىلسا ، يۈز تۈرلۈك ناۋاسى بولسىمۇ تىلسىزدۇر .
3. نېمە ئۈچۈن قەلب ئەينىكىڭ مەنىۋى سىرلار ۋە ھەقىقەتلەرنى ئەكس ئەتتۈرمەيدۇ ؟ چۈنكى ئۇنىڭ يۈزىنى چاڭ-توزاڭ باسقان .
4.كىشى بىراۋدىن ئەيىپ ئىزدىسە ، جەھەننەم ئوتىغا يۈزلىنىدۇ .
5.ھەقىقىي ئەمەس ، تەقلىد قىلىنغان نەرسە ئۆتكۈنچىدۇر ، ئۆتكۈنچى نەرسە مەڭگۈلۈك بولالمايدۇ .
6.قۇش ئۆز ئاۋازىغا ئوخشاش ئاۋازدىن زوقلىنىشى مۈمكىن ، ئەمما بۇ ئاۋازنىڭ ھەقىقىي قۇشنىڭ ئاۋازى ئەمەس ، تەقلىد قىلىنغان ئاۋاز ئىكەنلىگىنى بىلسە نەپرەتلىنىدۇ .
7.كېمىنىڭ ئىچىدىكى سۇ كېمىنى ھالەك قىلغۇچىدۇر . كېمىنىڭ ئاستىدىكى سۇ ئۇنى قۇتقازغۇچىدۇر .
8.كېڭەش ۋە ئەقىل-پاراسەت ھۇشيارلىق ئاتا قىلىدۇ . ئەقىللىق كىشىلەر ئەقىلغا مەدەت بەخش ئېتىدۇ .
9.ئەينەككە بەك يېقىنلاشساڭ ،تېنىقىڭ ئۇنىڭ يۈزىنى خىرەلەشتۈرىدۇ .
10.ئەگەر سىرىڭنى بىراۋغا ئېيتساڭ ،ئۇ سىر بىلەن خوشلاش . چۈنكى ھەر قانداق سىر ئىككىنچى كىشىگە يەتسە پاش بولىدۇ .
11.ھېكمەت تەلەپ قىلغان كىشى ھېكمەت ئىگىلىگەندىن كېيىن ھېكمەت مەنبەسىگە ئايلىنىدۇ .
12.چىۋىننىڭ ئالىمى ئۇنىڭ نەزىرىگە باغلىقتۇر . كۆز قانچىلىك بولسا دېڭىزمۇ شۇنچىلىكتۇر .
13.مەنىسىز سۆز سۇ يۈزىدىكى كۆرۈنۈشلەرگە ئوخشايدۇ . ئەگەر ئاشۇ كۆرۈنۈشلەردىن ساداقەت ئىستىسەڭ پۇشايمانغا مەھكۇمسەن .
14.جىسمىمىز ، يەنە سۈرىتىمىز بۇ ئالەمدە سۇ يۈزىدە چايقىلىپ يۈرگەن قاچىغا ئوخشايدۇ .
15.رەڭنى كۆرۈش ئۈچۈن نۇر ،يەنى قۇياش نۇرى زۆرۈردۇر .
16.كۆزنىڭ نۇرى قەلبنىڭ نۇرىدۇر .
17.سۆز تاشقىنىنىڭ گۈزەل ۋە جازىبىلىك ئىكەنلىگىنى بىلسەڭ ، ئۇنىڭ دېڭىزىنىڭمۇ بۈيۈكلىگىنى ھېس قىلالايسەن .
18.كىمكى دۇنيانىڭ ھاۋايى-ھەۋەسلىرىگە ئەسىر بولسا ، ئۇ غەپلەت ئۇيقۇسىغا مۇپتىلادۇر . بۇنداق كىشىلەرنىڭ ئويغاقلىقى ئۇلارنىڭ ئۇيقىسدىن ياماندۇر .
19.خىيالدىن ئۈمۈد كۈتكەن ۋە خىيال ئىچىدە ياشىغان ئادەم غەپلەتتىدۇر . پۈتۈن ئەس -ھوشى قۇرۇق خىيالغا باغلانغان كىشى ئۆمرىنى بىھۇدە ئۆتكۈزىدۇ .
20.كۆڭلى ھەسەتتىن خالىي ، پاك كىشىلەرگە نىسپەتەن ھەسەت قىلساڭ ،بۇنىڭ ئاقىۋېتىدە كۆڭلۈڭنى زۇلمەت ۋە پاسات قاپلايدۇ .
21.قەيەردە ئېقىن سۇ بولسا ، شۇ يەردە كۆپ كۆك مايسىلار ئۈنىدۇ .
22.بىر ئىنساننى باشقا بىر ئىنسانغا تارتقان نەرسە سۆز ئەمەس ، بەلكى ئىككەيلەندە مەۋجۇت بولغان روھىي بىرلىكنىڭ بىر قىسمىدۇر .
23.ساڭا دوستتىن بىر نەچچىسى ھەمدەم بولسا ،گۈلخانمۇ ساڭا گۈلشەن بولغۇسى .
24.جاھىلغا يول كۆرسىتىپ ھېكمەت سۆزلىمەك خۇددى شورلۇق يەرگە ئۇرۇق چاچقاندەك بىر ئىشتۇر .
25.دۇنيادىكى ھەر قانداق ئىش ئۈچۈن ئىنساننىڭ قەلبىدە ئىشتىياق ، ھەۋەس ۋە ئوت بولۇشى لازىم . ئەكسىچە بولسا ئىنسان بۇ ئىشنى قىلالمايدۇ .
26.ئىنساننى تونۇماقچى بولساڭ ئۇنى گەپكە سال ، سۆزىدىن ئۇنىڭ كىملىكىنى بىلىۋالىسەن .
27.ئىنسان بۈيۈك بىر مۆجىزە ۋە ئۇنىڭ ئىچىدە ھەممە نەرسە يېزىلغان .
28.ئەگەر خەلق ئەقىلگە ئىتائەت قىلمىسا ، ئىشلىرى دائىم پۇشايمانلىق ۋە پەرىشانلىق ئىچىدە ئۆتىدۇ .
29.ئەگەر ئىنساندا ھەم ئەمەلىيەت ، ھەم ئىلىم بولسا ئۇ ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك زاتتۇر .
30.سۆيۈلگەن كىشى گۈزەلدۇر ، ئەكسىچە بولمايدۇ . ئەمما ، ھەممە گۈزەللەر سۆيۈلۈۋەرمەيدۇ ۋە سۆيۈلىشى شەرتمۇ ئەمەس . گۈزەللىك سۆيۈملۈكنىڭ بىر قىسمىدۇر .
31.ئىش ئىش ئارقىلىق ، ئىلىم ئىلىم بىلەن ، مەنە مەنە ۋاستىسىدە ، شەكىل بولسا شەكىلنىڭ ياردىمىدە چۈشىنىلىدۇ .
32.سۆز ئىش دەرىخىنىڭ مېۋىسىدۇر . چۈنكى ئىشتىن تۇغۇلغاندۇر .
33.ئۈمىد ۋە كۈتۈش ئىنساننىڭ قانىتىدۇر . قاناتلار قانچىلىك كۈچلۈك ۋە ساغلام بولسا ، ئىنسان شۇنچىلىك يۈكسەككە ئۇچالايدۇ .
34.ئىنسان كۆرۈنۈشتە ھېچ نەرسە دېمىسىمۇ ، ئىچىدە ھەمىشە سۆزلەيدۇ .
35.ھەر قانداق شەيئىنىڭ سۈپىتى ئەكسى ئارقىلىق مەلۇم بولىدۇ .
36.سۆز كۆپەيسە ، مەقسەت ئۇنتۇلىدۇ ،يوقۇلىدۇ .
37.ئىنسان ھەمىشە ئۆزى كۆرمىگەن ،ئاڭلىمىغان ۋە ئويلىمىغان نەرسىگە ئاشىقتۇر .
38.ھەقىقەتنى كۆرمەك ئۈچۈن ئويغاق كۆز كېرەك ، ئۇيقۇلۇق كۆز كۆرمەيدۇ .
39.كىشى ئىچىنى قانداق پاكىز تۇتسا ، شۇنچە ئالدىنقى سەپكە ئۆتىدۇ . ئىچىنى بوشراق تازىلىغان كىشى بولسا ئارقا سەپكە بېرىپ تۇرىدۇ .
40.شۇنى ياخشى بىلىش كېرەككى ، ئىنسان قەيەردە بولمىسۇن ، ھەمىشە ئۆز ئېھتىياجىنىڭ يېنىدىدۇر .
41.ئىنساننىڭ ھەر بىر ھەركىتى سوئالدۇر ،سۆيۈنۈش ياكى قايغۇسى جاۋاب بولالايدۇ .
42.ئالەم ئەدەپ بىلەن نۇرغا تولمىشتۇر ، پەرىشتىلەرمۇ ئەدەپ بىلەن مەسۇم ۋە پاڭتۇر .
43.باغرى كەڭ ،كۆڭلى ساپ كىشىگە ئاپتاپ ھەر تەرەپتىن باققاي .
44.ئەي بۇرادەر ،ئۆزۈڭگە نەزەر سال ، كۈزمۈ ،باھارمۇ ھەر ۋاقىت سەندىدۇر .
45.سەن ئاينى سۇدا ئەمەس ،ئاسماندا كۆر .
46.دىلدىن ئەمەس ،تىلدىن كەلگەن سۆز ئوت ئىچىدە ئۆسكەن گۈلگە ئوخشايدۇ .
47.بىۋاپالارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالما ، ئۇ بىر بۇزۇق كۆۋرۈكتۇر . ئۇنى سەن يول دەپ ئويلىما .
48.بۇ جاھان مىسالى بىر دەرەخكە ئوخشايدۇ . بىز شۇ دەرەختىكى پىشمىغان مىۋىگە ئوخشايمىز .
49.گەرچە نادانلار قۇياشقا قۇم چاچسىمۇ ،لېكىن قۇياش توزان ئىچىدە قالماستىن پارلاپ تۇرىدۇ .
50.گۆھەرنىڭ قەدرىنى بىلمەيدىغان كىشىگە ئىلىم ئۈگەتكىنىڭ ، قاراقچىنىڭ قولىغان خەنجەر تۇتقۇزغىنىڭ بىلەن باراۋەر .
جالالىددىن رۇمى ....دۇنيا ئەدەبىيات تارىخىدا تەسىرى ئەڭ زور مۇتەپپەككۇر شائىرلارنىڭ بىرى. ئۇ مىلادىيە 1207-يىلى ھازىرقى ئافغانىستانغا تەۋە بەلخ شەھىرىدە داڭلىق ئۆلىما ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇرۇش مالىمانچىلىقى ساۋەبىدىن رۇمغا ،يەنى بۈگۈنكى تۈركىيەگە كۆچۈپ بېرىپ ، كونيا شەھىرىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان . مىلادىيە 1273-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن .