بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى muhlise38 نىڭ 2011-11-24 22:17 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.
<<سىلەرنىڭ كۈن چىققان ۋە كۈن پاتقان تەرەپكە تۈز كەلتۈرشىڭلارنىڭ ئۆزىلا ياخشى ئەمەلگە ياتمايدۇ،بەلكى ئاللاھقا،ئاخىرەت كۈنىگە،پەرىشتىلەرگە،ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابلارغا،پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش،ئاللاھنى سۆيۈش يۈزسىدىن خىش-ئەقرىبالارغا،يىتىملەرگە،مىسكىنلەرگە،پۇل-مالدىن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان مۇساپىرلارغا،سائىللارغا ۋە قۇللارنىڭ ئازاتلىققا ئېرشىشىگە پۇل-مال ياردەم بېرىش،ئەھدىگە ۋاپا قىلىش،يوقسۇللۇققا،كېسەللىككە ۋە ئاللاھنىڭ يولىدا قىلغان ئۇرۇشقا بەرداشلىق بېرىش ياخشى ئەمەلگە كىرىدۇ.ئەنە شۇ يۇقارقى سۈپەتكە ئىگە كىشىلەر ئىماندا راسچىل ئادەملەردۇر،ئەنە شۇلار تەقۋادارلاردۇر>> <<سۈرە بەقەرە 177-ئايەت>>