查看完整版本: [-- تەقۋادار بولغان ئادەمدىكى ئون ئىككى خىسلەت(پارىس) --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> پەندى نەسھەت -> تەقۋادار بولغان ئادەمدىكى ئون ئىككى خىسلەت(پارىس) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

paris 2011-11-24 20:53
                                                                   بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم
                  ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم!
                 ئون سەككىز مىڭ ئالەمنىڭ رەببى ئاللاھقا چەكسىز شۇكۈرلەر ۋە ھەمدىلەر بولسۇن؛ئۇلۇق پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەت ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە سالامى بولسۇن،ۋە قىيامەتكىچە كەلگەن ئەر-ئايال مۇئمىنلەرگىمۇ ئاللاھنىڭ رەھمىتى بولسۇن!
                ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتەئەلا ئەئراپ سۈرىسىنىڭ 128-ئايىتىدە مۇنداق دىگەن؛{ياخشى ئاقىۋەت تەقۋادارلارغا مەنسۇپ}                يەنە ھوجرات سۆرىسىنىڭ 13-ئايىتىدە ؛{ئې ئىنسانلار !بىز سىلەرنى ھەقىقەتەن بىر ئەر ،بىر ئايالدىن(يەنى ئادەم بىلەن ھاۋادىن ئىبارەت)بىر ئاتا،بىر ئانىدىن ياراتتۇق ،ئۆزئارا تونۇشۇشىڭلار ئۈچۈن ،سىلەرنى نۇرغۇن مىللەت ۋە ئۇرۇق قىلدۇق،ھەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۈرمەتلىك ھىساپلىنىسىلەر(يەنى كىشىلەرنىڭ بىر بىرىدىن ئارتۇق بولىشى نەسەپ بىلەن ئەمەس ،تەقۋادارلىق بىلەن بولىدۇ)،ئاللاھ  ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر،ھەممىدىن خەۋەرداردۇر.}
               جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ  ھىيىت كۈنلىرىدە خۇتپا سۆزلەپ مۇنداق دىگەن؛
               < ئەيۇھانناس!سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بىردۇر،ئەرەپلەر ئەجەملىكلەردىن(يەنى غەيرى ئەرەپلەردىن)ئۈستۇن ئەمەس،ئەجەملىكلەرمۇ ئەرەپلەردىن ئۇستۇن ئەمەس،ئاق تەنلىك قاراتەنلىكلەردىن ئۇستۇن ئەمەس،قارا تەنلىكلەرمۇ ئاق تەنلىكلەردىن ئۇستۇن ئەمەس،ھەممىڭلارنىڭ ئاتاڭلار بىردۇر،سىلەر پەقەت تەقۋادارلىق بىلەنلا ئۇستۇن بولالايسىلەر،ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ئەڭ تەقۋادار بولغىنىڭلار ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھىساپلىنىسىلەر(يەنى كىشىلەرنىڭ بىر بىرىدىن ئارتۇق بولىشى نەسەپ بىلەن ئەمەس ،تەقۋادارلىق بىلەن بولىدۇ)،ئەي ئۈممەتلىرىم !تەبلىغ قىلدۇممۇ؟...بۇ ھەدىسنى ئاڭلىغانلار ئاڭلىمىغانلارغا يەتكۈزۈڭلار>دىدى.
                      
                         تەقۋادار بولغان ئادەمدە 12 تۈرلۈك خىسلەت بولىدۇ
                        1-تەقۋادار ئادەمنى ئاللاھ ئەزىز قۇرئان كەرىمدە ماختىغان،{سىلەرنىڭ سەۋىرچان ھەم تەقۋادار بولغىنىڭلار ھەقىقەتەن كاتتا ئىشتۇر} .(ئالى ئىمران سۆرىسى 185-ئيەت.)
                        2-تاقۋادار ئادەمنى ئاللاھ دۇشمەندىن ھىمايە قىلىدۇ،{ئەگەر سىلەر سەۋىرچانھەم تەقۋادار بولساڭلار ئۇلارنىڭ (يەنى دۇشمەنلىرىڭلارنىڭ )ھىلىسى سىلەرگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ}.(ئالى ئىمران سۆرىسى 120-ئايەت)
                        3-تەقۋادار ئادەم ھەرقانداق جايدا نۇسرەت قازىنىدۇ،{ئاللاھ ھەقىقەتەن تەقۋادارلار بىلەن ھەم ياخشى ئىش قىلغۇچىلار بىلەن بىللەدۇر}.(نەھلى سۆرىسى 128-ئايەت)
                        4-تەقۋادار بولغان ئادەم قىيىنچىلىقتىن قۇتىلىدۇ ھەم ھالالدىن رىزقىلارغا مۇيەسسەر بولىدۇ،{كىمكى ئاللاھدىن قورقىدىكەن،ئللاھ شۇ ئادەمگە قىيىنچىلىقتىن قۇتىلىدىغان چىقىش يولى بېرىدۇ،ھەم ئۇيلىمىغان يەردىن ھالال رىزقىلارنى ئاتا قىلىدۇ}.(تالاق سۆرىسى 2-3-ئايەت)
                       5-تەقۋادار ئادەمنىڭ ئەمىلى دۇرۇس بولىدۇ،{ئې مۇئمىنلەر ئاللاھدىن قۇرقۇڭلار ،توغرا سۆزنى قىلىڭلار ،ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى تۇزەيدۇ (يەنى سىلەرنى ياخشى ئەمەللەرگەمۇۋەپپەق قىلىدۇ).(ئەھزاب سۆرىسى 96-70-ئايەت)
                      6-تەقۋادار ئادەمنىڭ گۇناھى كېچىرىم بولىدۇ،{ئى مۇئمىنلەر !ئەگەر ئاللاھدىن قۇرۇقساڭلار ،ئاللاھ سىلەرگەھەق بىلەن باتىلنى ئايرىيدىغان ھىدايەت ئاتا قىلىدۇ ،گۇناھىڭلارنى كەچۈرىدۇ ،سىلەرگە مەغپىرەت قىلىدۇ ،ئاللاھ كاتتا پەزلى ئىگىسىدۇر}.(ئەنپال سۆرىسى 29-ئايەت).
                    7-تەقۋادار ئادەمنى ئاللاھ دوست تۇتىدۇ،{ھەقىقەتەن ئاللاھ تەقۋادارلارنى دۇست تۇتىدۇ}
                     8-تەقۋادار ئادەمنىڭ ئەمەللىرى قۇبۇل بولىدۇ{ئاللاھ ھەقىقەتەن تەقۋادارلارنىڭ قۇربانلىقىنى(يەنى ئەمىلىنى) قۇبۇل قىلىدۇ}.(مائىدە سۆرىسى 26-ئايەت)
                     9-تەقۋادار ئادەم ئۇلۇق ھەم ھۆرمەتلىك ھىساپلىنىدۇ،{ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ئەڭ تەقۋەدار بولغىنىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ ھۆرمەتلىك ھىساپلىنىسىلەر}.(ھۇجرات سۆرىسى 13-ئيەت).
                    10-تەقۋادار ئادەمگە ئۆلگەن ۋاختىدا ئاللاھ تەرەپتىن خۇش خەۋەر بولىدۇ،{ئۇلار ئىيمان ئيىتقان ۋە تەقۋادارلىق قىلغانلاردۇر.ئۇلارغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە خۇش خەۋەر بېرىلىدۇ(يەنى دۇنيادا جان ئۇزۇش ۋاختىدا ،ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ۋە رازىلىقىغا ئېرىشىدىغانلىقى بىلەن،ئاخىرەتتە نازۇ نىمەتلىك جەننەتكە كىرىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىلىدۇ...}.(يۇنۇس سۆرىسى 63-64-ئايەت).
                   11-تەقۋادار ئادەم دۇزاقتىن قۇتىلىدۇ{ئاندىن بىز تەقۋادارلارنى جەھەننەمدىن قۇتقىزىمىز}.(مەريەم سۆرىسى 69-ئيەت).
                  12-تەقۋادار ئادەم جەننەتتە مەڭگۈ بولىدۇ،{(مەڭگۇ قارارگاھ بولغان جەننەت)تەقۋادارلار ئۈچۇن تەيارلانغاندۇر}.
                           
                   تەقۋادارلىق تۇغۇرسىدا تۇغۇرسىدا سۆزلەنگەن ئايەت ھەدىسلەر  ئىنتايىن كۆپ بولۇپ ،ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتە ئەلا  قۇرئاندا 150 نەچچە يەردە تەقۋادارلىقنى تىلغا ئالغان،نامازنى 90نەچچە ئورۇندا،زاكاتنى 80نەچچە  ئورۇندا تىلغا ئالغان،دىمەك ھەممىنى تەقۋادارلىق بېسىپ چۈشىدۇ.
                     تەقۋادارلىق دىگەن ھەرقانداق ئەمەللەرنى ئاللاھدىن قورقۇپ،قۇرئان ۋە ھەدىىسنڭ كۆرسەتمىسې بىلەن مىڭىش دىگەن بولىدۇ.
(يەنە پەرىز ئەمەللەرنى پەرىز بويچە ،ۋاجىپ ئەمەللەرنى ۋاجىپ بويىچە،مۇستەھەپ ئەمەللەرنى مۇستەھەپ بويىچە ھەتا مۇباھ
ئەمەللەرنىمۇ مۇباھ بويىچە ئىتىقات قىلىپ ،بۇ ئەمەللەرنى بىر-بىرىگە ئاملاشتۇرۇپ قويماستىن،پەرىزنى پەرىزدەپ بىلىش ،ۋاجىپنى
ۋاجپ دەپ بىلىش ،سۈنەتنى سۈنەت دەپ بىلىش ،مۇستەھەپنى مۇستەھەپ دەپ بىلىش،مۇباھ ئەمەللەرنى مۇباھ دەپ بىلىش،ھارامنى ھارام ،مەكىروھنى مەكىروھ دەپ ئىتقات قىىلىش ھەم بىلىش مانا بۇ تەقۋادارلىق ھىسابلىنىدۇ.)
                    ئاللاھقا شېرىك كەلتىرىشتن ۋە بارلىق چوڭ-كىچىك گۇناھ لاردىن ئۈزىنى ساقلاش تەقۋادارلىق ھېسابلىنىدۇ.
                     بىر نەرسىنىڭ ياخشى-يامانلىقىنى ئايرىش ،ھالال-ھارىمىنى ۋەشەكلىك ئىكەنلىگىنى ئايرىش تەقۋادارلىق ھېسابلىنىدۇ.
                    تىرمىزىدا خاتىرلەنگەن ھەدىستە رەسۇلۇللا مۇنداق دىگەن:بىر ئادەم ھارام نەرسىلەرگە چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش   ئۈچۈن شەكلىك نەرسىلەردىن ئۈزىنى تارتمىغىچىلىك تەقۋادارلىق دەرىجىسىگە يىتىپ بارالمايدۇ.
                   بۇخارى بىلەن مۇسلىمدا     خاتىرلەنگەن ھەدىستە رەسۇلۇللا مۇنداق دىگەن :ھەقىقەتەن ھالالمۇ ،ھاراممۇ ئېنىقتۇر ،بۇ ئىككىسىنىڭ  ئارلىقدىكى شەكلىك (شۇبھى) نەرسىدۇر،كىمكى شۇبھى نەرسىلەدىن ئۆزىنى ساخلايدىكەن ئۆزىنىڭ دىنىنى ۋەنام ئابىرويىنى ساقلاپ قالغان بولىدۇ ،كىمكى شۇبھى نەرسىلەردىن ئۆزىنى ساقلىمايدىكەن  خۇددى زىرائەت ئەتراپىدا ئوتلاۋاتقان (جاندارلارغا قارىمىسا)زىرائەتكە كىرىپ ،زىرائەتنى يەپ كەتكەنگە ئوخشاش، ھارامغا كىرىپ كېتىدۇ،بڭلىڭلاركى ھەرقانداق پادىشاھنىڭ ئادەملەرنى قوغدايدىغان قانۇنى باردۇر،ئاللاھنىڭ قانۇنى بەندىلىرى (ئۆزلىرىنى )ھارامدىن ساقلاشتۇر.
                بىلىڭلاركى ئىنسان بەدىنىدە بىر پارچە گۆش باردۇر،ئۇ گۆش ساق بولسا ئادەم ساغلام بولىدۇ  ،ئۇ گۆش بۇزۇلسا ئادەممۇ بۇزىلىدۇ ، بىلىڭلاركى ئۇ بولسىمۇ  ئىنساننىڭ قەلبىدۇر.
              ۋە ئاخىرۇ دەئۋانا ئەنىل ھەمدۇ لىللاھى رەببىل ئالەمىن.
            بۇ ماتىريال ۋەز كىتاپلىرىدىن تەرجىمە قىلىندى(خاتا كەتكەن يەرلىرى بولسا تۇزۇتۇپ قۇيىشىڭلارنى سورايمەن)      
 
 
                        

arzuyum 2011-11-24 22:02
ۋەئەلەيكۇم  -  ئەسسالام  ،  اللاھ  ئەجىر  ئاتا  قىلسۇن ،  امىين  !

muhlise38 2011-11-24 22:17
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.
<<سىلەرنىڭ كۈن چىققان ۋە كۈن پاتقان تەرەپكە تۈز كەلتۈرشىڭلارنىڭ ئۆزىلا ياخشى ئەمەلگە ياتمايدۇ،بەلكى ئاللاھقا،ئاخىرەت كۈنىگە،پەرىشتىلەرگە،ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابلارغا،پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش،ئاللاھنى سۆيۈش يۈزسىدىن خىش-ئەقرىبالارغا،يىتىملەرگە،مىسكىنلەرگە،پۇل-مالدىن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان مۇساپىرلارغا،سائىللارغا ۋە قۇللارنىڭ ئازاتلىققا ئېرشىشىگە پۇل-مال ياردەم بېرىش،ئەھدىگە ۋاپا قىلىش،يوقسۇللۇققا،كېسەللىككە ۋە ئاللاھنىڭ يولىدا قىلغان ئۇرۇشقا بەرداشلىق بېرىش ياخشى ئەمەلگە كىرىدۇ.ئەنە شۇ يۇقارقى سۈپەتكە ئىگە كىشىلەر ئىماندا راسچىل ئادەملەردۇر،ئەنە شۇلار تەقۋادارلاردۇر>> <<سۈرە بەقەرە 177-ئايەت>>

ئىسلام 2011-11-25 08:25
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى muhlise38 نىڭ 2011-11-24 22:17 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.
<<سىلەرنىڭ كۈن چىققان ۋە كۈن پاتقان تەرەپكە تۈز كەلتۈرشىڭلارنىڭ ئۆزىلا ياخشى ئەمەلگە ياتمايدۇ،بەلكى ئاللاھقا،ئاخىرەت كۈنىگە،پەرىشتىلەرگە،ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابلارغا،پەيغەمبەرلەرگە ئىمان كەلتۈرۈش،ئاللاھنى سۆيۈش يۈزسىدىن خىش-ئەقرىبالارغا،يىتىملەرگە،مىسكىنلەرگە،پۇل-مالدىن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان مۇساپىرلارغا،سائىللارغا ۋە قۇللارنىڭ ئازاتلىققا ئېرشىشىگە پۇل-مال ياردەم بېرىش،ئەھدىگە ۋاپا قىلىش،يوقسۇللۇققا،كېسەللىككە ۋە ئاللاھنىڭ يولىدا قىلغان ئۇرۇشقا بەرداشلىق بېرىش ياخشى ئەمەلگە كىرىدۇ.ئەنە شۇ يۇقارقى سۈپەتكە ئىگە كىشىلەر ئىماندا راسچىل ئادەملەردۇر،ئەنە شۇلار تەقۋادارلاردۇر>> <<سۈرە بەقەرە 177-ئايەت>>

بەك كاتتا يىزىلىپتۇ .ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن .ئىملاغا دىققەت قىلىڭ .كوپ سوزلەپ قويغان بولسام كەچۇرۇڭ

muhlise38 2011-11-25 09:42
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى ئىسلام نىڭ 2011-11-25 08:25 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :

بەك كاتتا يىزىلىپتۇ .ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن .ئىملاغا دىققەت قىلىڭ .كوپ سوزلەپ قويغان بولسام كەچۇرۇڭ

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىدىشىم ئەسكەرتكىنىڭىزگە،ئەمدى دېققەت قىلاي.

قارگۇلى 2011-11-25 12:01
ئاللاھ بىزگە شۇ تەقۋادارلىقنى  نىسىپ قىلسۇن!!!!!(ئامىن)

ھىجرەت 2011-11-25 14:36
اللە   بىزلەرنى  تەقۋادارلارنىڭ  پىشىۋاسى ، مۆئمىنلەرنىڭ  ياخشىسى  قىلسۇن .

نۇرنىسە10 2011-11-25 15:43
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 6قەۋەتتىكى ھىجرەت نىڭ 2011-11-25 14:36 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
اللە   بىزلەرنى  تەقۋادارلارنىڭ  پىشىۋاسى ، مۆئمىنلەرنىڭ  ياخشىسى  قىلسۇن .

ئامىيىن!!!!!

ئەجەم 2011-11-27 23:20
ھەي! ئاللاھىم تەقۋا بەندىلەر قاتارىدىن قىلغايسەن.
    ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن .مىنى قىزارتقانلىقىڭىزغا !!!!!!!!!!!

paris 2011-11-28 18:43
بۇ مەزمۇن 8قەۋەتتىكى ئەجەم نىڭ 2011-11-27 23:20 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ھەي! ئاللاھىم تەقۋا بەندىلەر قاتارىدىن قىلغايسەن.
    ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن .مىنى قىزارتقانلىقىڭىزغا !!!!!!!!!!!
..............................................................................
بۇ نىمە دىگىنىڭىز قېرىندىشىم.

dolkun123 2011-11-29 22:33
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن،ياخشى تېمىكەن،مۇشۇنداق تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن.

سۇئەدا 2011-12-02 22:38
رەھمەت سىزگە!
تەقۋادارلىققا يېتىدىغان ئەمەل يوق ئىكەن.
(كېچىكىپ ئوقىپتىمەن بۇتېمىنى)

ئەجەم 2011-12-03 23:41
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 9قەۋەتتىكى paris نىڭ 2011-11-28 18:43 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
بۇ مەزمۇن 8قەۋەتتىكى ئەجەم نىڭ 2011-11-27 23:20 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ھەي! ئاللاھىم تەقۋا بەندىلەر قاتارىدىن قىلغايسەن.
    ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن .مىنى قىزارتقانلىقىڭىزغا !!!!!!!!!!!
..............................................................................
بۇ نىمە دىگىنىڭىز قېرىندىشىم.

 ئۆزەمنىڭ سىز ئوتتۇرغا قويغان تەرەپلەردىن تولىمۇ يىراقتا ئىكەنلىكىمنى ھىسقىلىپ،قىزارغانلىقىمنى دىمەكچى ئىدىم.

paris 2011-12-04 09:35
ئۆزەمنىڭ سىز ئوتتۇرغا قويغان تەرەپلەردىن تولىمۇ يىراقتا ئىكەنلىكىمنى ھىسقىلىپ،قىزارغانلىقىمنى دىمەكچى ئىدىم.
.....................................................
ھەقىقەت ئۈچۇن قىزارغانلىقىڭىزغا ئاللاھ رەھمەت قىلغاي قېرىندىشىم ئەجەم.

نۇرس 2011-12-04 09:53
ئاللاھ بىرنى تەقۋالاردىن قىلسۇن !

زاھىرە 2011-12-05 14:42
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام قېرىندىشىم ،جاپاچىكىپسىز ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن،

muslima32 2011-12-06 20:14
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام قېرىندىشىم ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن، شۇنداقلا ئۇللۇغ ئاللاھ بىزلەرنى ھەقىقى تەقۋا،مۆئمىن بەندىلىرى قاتاردىن قىلسۇن ئامىن......................................


查看完整版本: [-- تەقۋادار بولغان ئادەمدىكى ئون ئىككى خىسلەت(پارىس) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.063432 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us