قاش كۆزى بويالغان چىچى بۇدىرە ،
كۆينىكى بەكمۇ تار ئىچىلغان مۆرە ،
نۇمۇستىن ئۆلمەي يۇرىيدۇ ئۆرە ،
بىلمىدىم قايسى ئۇيغۇر قىزى ئۇ .
ئۆزى چوكاندۇر قىز ئۇ ئاتاقتا ،
ئۆيى تۇرۇپمۇ تۇنەر ياتاقتا ،
كەلگەن يولىنى بىلمەس قاياقتا ،
بىلمىدىم قايسى ئۇيغۇر قىزى ئۇ .
پۇلنىڭ ئىشقىدا ئۆزىنى بۇزغان ،
ئەجدادىنىڭ تۈز يولىدىن ئازغان ،
ئاقىۋەت ئۆزى كۈلدەك توزىغان ،
بىلمىدىم قايسى ئۇيغۇر قىزى ئۇ .
كۆڭلىدە شۇملۇق قۇترىغان ھەۋەس ،
يىرىم يالىڭاچ كىيىپ بولدى پەس،
ئۇيغۇرنى رۇسنى ئايرىماقمۇ تەس ،
بىلمىدىم قايسى ئۇيغۇر قىزى ئۇ .
بولدى بەس ئەمدى قىزلار چوكانلار ،
ئەمدى بوپقالار ئەقلى چولتىلار ،
بولما سارايدا داڭلىق چولپانلار ،
بىلمىدىم قايسى ئۇيغۇر قىزى ئۇ .
2005 _ يىل
[ بۇ يازمىنىفىردەۋىس1 2012-01-24 20:26قايتا تەھرىرلى ]