قاش كۆزى بويالغان چىچى بۇدىرە ، كۆينىكى بەكمۇ تار ئىچىلغان مۆرە ، نۇمۇستىن ئۆلمەي يۇرىيدۇ ئۆرە ، بىلمىدىم قايسى ئۇيغۇر قىزى ئۇ .
ئۆزى چوكاندۇر قىز ئۇ ئاتاقتا ، ئۆيى تۇرۇپمۇ تۇنەر ياتاقتا ، كەلگەن يولىنى بىلمەس قاياقتا ، بىلمىدىم قايسى ئۇيغۇر قىزى ئۇ .
پۇلنىڭ ئىشقىدا ئۆزىنى بۇزغان ، ئەجدادىنىڭ تۈز يولىدىن ئازغان ، ئاقىۋەت ئۆزى كۈلدەك توزىغان ، بىلمىدىم قايسى ئۇيغۇر قىزى ئۇ .
كۆڭلىدە شۇملۇق قۇترىغان ھەۋەس ، يىرىم يالىڭاچ كىيىپ بولدى پەس، ئۇيغۇرنى رۇسنى ئايرىماقمۇ تەس ، بىلمىدىم قايسى ئۇيغۇر قىزى ئۇ .
بولدى بەس ئەمدى قىزلار چوكانلار ، ئەمدى بوپقالار ئەقلى چولتىلار ، بولما سارايدا داڭلىق چولپانلار ، بىلمىدىم قايسى ئۇيغۇر قىزى ئۇ .
2005 _ يىل |