نومۇسنى بىلمەيدىغان ئادەم
ئەپەندىم بىر يېقىن دوسىتىغا خەت يېزىۋاتقاندا،بىرى ئۇنىڭ كەينىگە كېلىپ،ئوغىرلىقچە خەتنى ئوقۇپتۇ.بۇنى سېزىپ قالغان ئەپەندىم خەتنىڭ ئاخىرىغا:<قەدىرلىك ئاغىنە،ساڭا يازىدىغان گەپلىرىم كۆپ ئىدى،بىراق نومۇسنى بىلمەيدىغان بىرئادەم كەينىمدە تۇرۇپ خېتىمنى ئوغىرلىقچە ئوقىۋاتىدۇ>دەپ يېزىپتۇ.
_ئەپەندىم،ئادەمنى نېمىشقا ھاقارەت قىلىسىز،خېتىڭىزنى كىم ئوقۇپتۇ؟_دەپتۇ ھېلىقى ئادەم تېرىكىپ.
ئوغىرلىقچە ئوقىمىغان بولسىڭىز،ھاقارەت قىلغانلىقىمنى نەدىن بىلدىڭىز؟_دەپتۇ ئەپەندىم.
ئەپەندىمنىڭ مەسلىھتى
ئەپەندىمنىڭ داڭقىنى ئاڭلىغان بىر كىشى كېلىپ:
_ئەپەندىم،دۇنيادا نۇرغۇن ئىشلارغا دۇچ كەلدىم،قايسىسىنى ئۇنتۇپ،قايسىسىنى يادىمداساقلاشنىمۇ بىلەلمەي قالدىم،بىر مەسلىھەت بېرىڭا،_دەپتۇ.
_بۇ دۇنيادا باشقا كىشىدىن كۆرگەن ياخشىلىقىڭىز بولسا،ئۆلگۈچە ساقلاڭ؛ باشقىلارغا قىلغان ياخشىلىقىڭىز بولسا،ئۇنى دەررۇ يادىڭىزدىن چىقىرىپ تاشلاڭ!_دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ ئەپەندى.