查看完整版本: [-- نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرى --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> يۇمۇر لەتىپىلە -> نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

2-سىنىپ 2011-11-20 10:38
نومۇسنى بىلمەيدىغان ئادەم
ئەپەندىم بىر يېقىن دوسىتىغا خەت يېزىۋاتقاندا،بىرى ئۇنىڭ كەينىگە كېلىپ،ئوغىرلىقچە خەتنى ئوقۇپتۇ.بۇنى سېزىپ قالغان ئەپەندىم خەتنىڭ ئاخىرىغا:<قەدىرلىك ئاغىنە،ساڭا يازىدىغان گەپلىرىم كۆپ ئىدى،بىراق نومۇسنى بىلمەيدىغان بىرئادەم كەينىمدە تۇرۇپ خېتىمنى ئوغىرلىقچە ئوقىۋاتىدۇ>دەپ يېزىپتۇ.
_ئەپەندىم،ئادەمنى نېمىشقا ھاقارەت قىلىسىز،خېتىڭىزنى كىم ئوقۇپتۇ؟_دەپتۇ ھېلىقى ئادەم تېرىكىپ.
ئوغىرلىقچە ئوقىمىغان بولسىڭىز،ھاقارەت قىلغانلىقىمنى نەدىن بىلدىڭىز؟_دەپتۇ ئەپەندىم.

ئەپەندىمنىڭ مەسلىھتى
ئەپەندىمنىڭ داڭقىنى ئاڭلىغان بىر كىشى كېلىپ:
_ئەپەندىم،دۇنيادا نۇرغۇن ئىشلارغا دۇچ كەلدىم،قايسىسىنى ئۇنتۇپ،قايسىسىنى يادىمداساقلاشنىمۇ بىلەلمەي قالدىم،بىر مەسلىھەت بېرىڭا،_دەپتۇ.
_بۇ دۇنيادا باشقا كىشىدىن كۆرگەن ياخشىلىقىڭىز بولسا،ئۆلگۈچە ساقلاڭ؛ باشقىلارغا قىلغان ياخشىلىقىڭىز بولسا،ئۇنى دەررۇ يادىڭىزدىن  چىقىرىپ تاشلاڭ!_دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ ئەپەندى.

ئۆمەرئىلى 2011-11-20 14:36
man bak yahxi korattim  bu kitap ni [s:2]

ھۆكۈمىران 2011-11-20 15:55
كونا تىمىلار يەنلا خىلى ياخشى ھە

kangsay 2011-11-20 18:27

turuk007 2011-11-20 18:41
رھمەت

مەلىكەم 2011-11-24 13:28
بۇ لەتىپە بۇرۇن باشلانغۇچ مەكتەپ دەرىسلىكىدە بولىدىغان ،مەن شۇ ۋاقىتلارنى ئەسلەپ قالدىم .


查看完整版本: [-- نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.054970 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us