شەنبە كۈنى
ناۋال
ئەينەكلەردىن كۆرۈنۈپ تۇرار
مۇڭلۇق بۇلۇتى،
قارا يۈرىكى.
دېڭىز يېڭى يول ئىزدەر قىرغاقتىن
كەلگەندە شىددەتلىك بوران قارمىقى.
كىتاب ئۆزىنى ئاچماقتا مەغرۇر،
كەينىدە تېپىرلايدۇ ئىسسىق دولقۇنلار.
ئىسكىرىپكا ھەسرەتلىك چېلىنىدۇ
قىزچاقنىڭ كۈزدىكى قوللىرىدا.
چېكىلىدۇ مەنە ئۈزۈملىرى،
لېكىن بۇ سۆزلەر قايتتى قۇرۇق قول.
يەمچۈك تاشلىدى
يىغىلدى كۈندۈز،
تورغا چۈشمەكتە كەلگىنى ئۇدۇل.
دەريادىكى ئىككى يول:
بىرىدە قۇش ئۇچار
بىرىدە ھىلال ئاي.
يوق بېلىقلارغا پاناھ جاي
شەنبە كۈنى تاراملار.
مەن مۈگدەۋاتقان بىر ساپاق
چۈشتىن كېيىنگە تاشلىدىم قارماق.
بېلىق ساڭگىلىماقتا
سۇ يۈزى تۆكمەكتە قاسراق،
بۇ خەتلەرنىڭ ئاستىدا.
ئۇلار بېلىق تۇتماقتا
چەكلەنگەن كۈنى،
مەن تۇتماقتىمەن
تالاي ئەسىرلەر بۇرۇنقى
شەنبە كۈنىنى.
2010-يىل 30-ئۆكتەبىر.شەنبە