باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1591 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: ئەڭ يېڭى كىتاب: يۇلتۇزلار قەسىرى (ئۇيغۇر ئىسلام ئاياللىرى)
ئويلانماقتىمەن...
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 475
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 704
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە704دانە
ئۆسۈش: 1723 %
مۇنبەر پۇلى: 8281 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-29
ئاخىرقى: 2012-01-07
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-19 11:15

ئەڭ يېڭى كىتاب: يۇلتۇزلار قەسىرى (ئۇيغۇر ئىسلام ئاياللىرى)

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    نۇرغۇنلىغان ئېسىل شېئىرلىرى بىلەن تورداشلارنىڭ ئالقىشىغا ۋە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان، قەلبىدە ئىمان ئوتى يالقۇنلاپ تۇرىدىغان، ئەسەرلىرىدىن ھەقىقەت نۇرى پارلاپ تۇرىدىغان ياش شائىرە ناۋال نىڭ بىر نەچچە يىل ئەجىر سىڭدۈرۈپ توپلىغان «يۇلتۇزلار قەسىرى _ ئۇيغۇر ئىسلام تارىخىدا ئۆتكەن ئاياللارنىڭ قىسقىچە تارىخى»  ناملىق كىتابى ئاخىرى ئىلكىتاب قىلىپ ئىشلەندى.
قېرىنداشلارنىڭ بۇ كىتابنى چۈشۈرىۋېلىپ تولۇق كۆرۈپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!



كىتابنى چۈشۈرۈش ئادىرىسى: بۇ خەتنى چېكىڭ
ئېچىلغان كۆزنەكتىن تۆۋەندىكى رەسىمدە ئىستىرىلكا ئارقىلىق كۆرسىتىلگەن جاينى چەكسىڭىز كىتاب چۈشۈشكە باشلايدۇ:



  ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى تارىخىدىكى ئاياللارنىڭ پارلاق ئىش -ئىزلىرىنى بىلمەكچى بولغان قېرىنداشلارنىڭ بۇ كىتابنى تولۇق ئوقۇپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.
  ئەسكەرتىش:  بۇ تېمىنى مەنبەنى ئەسكەرتكەن ئاساستا خالىغان تور بىكەتلەرگە يۆتكەشكە بولىدۇ.  كىتابنى چۈشۈرىۋالغان تورداشلار  كىتابنى قېرىنداشلىرىغا يەتكۈزۈپ بەرسە بولىدۇ.

تۆۋەندىكىسى «يۇلتۇزلار قەسىرى» ناملىق  كىتابتىن ئارىيە:


شەھىدلىرىمىزدىن: نۇرئەلانۇرخان

  
نۇرئەلانۇرخان

ئاتۇشتا ئىزىڭ قالدى
ئەلگە نوپۇزۇڭ قالدى.
قويلاردا كۆزۈڭ قالدى
كۆكتە يۇلتۇزۇڭ قالدى.


بۇغراخاننىڭ قىزىسەن
جىمى ئۇزنىڭ ئۇزىسەن.
ئىشت يولىدا جەڭ قىلغان
نۇرئەلانىڭ ئۆزىسەن.

  
ساغىندا ئىزىڭ قالدى.
تىللاردا سۆزۈڭ قالدى.
دۇتتار-قومۇزۇڭ قالدى
باراۋەت- نورۇزۇڭ قالدى.
  

    نۇرۇن ئەلانۇر(نۇر ئۈستىگە نۇر) دېگەن ئىسىم بىلەن مەشھۇر بولغان،ئەسىرلەردىن بېرى ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان مەشھۇر ئاتۇش خەلىق ناخشىسى «نۇرئەلانۇرخان» ناملىق ناخشىنىڭ بېغىشلانغۇچىسى نۇرئەلانۇرخان سۇلتۇن سۇتۇق بۇغراخاننىڭ قىزى، قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ بۈيۈك خانى شېھىت ئەبۇ ھەسەن، شېھىت ھۈسەيىنلەرنىڭ ھەمشىرىسىدۇر. گۈزەللىكى ۋە باتۇرلىقى بىلەن مەشھۇر بولغان نۇرئەلەنۇرخان باتۇرلۇقتا تەڭدىشى يوق، ئەلەم ۋە قەلەمدە كامالەتكە يەتكەن ئايال قوماندان دەپ تەرىپلىنىدۇ.
    ئەينى دەۋىرلەردە قاراخانىيلار سۇلالىسى بىلەن ئۇدۇن دۆلىتى ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇن يىللار ئۇرۇش بولىدۇ. كۆلىمى زور بولغان ئۇرۇشلار كۆپ قېتىم يۈز بەرگەن بولۇپ،ئۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ دەھشەتلىك بولغان ئىككى قېتىملىق ئۇرۇش بەشىنچى ۋە ئالتىنچى قېتىملىق ئۇرۇشتۇر. مىلادى 996-يىلى ئۇدۇن بۇددىستلىرى بىلەن بولغان ئۇرۇشلارنىڭ بىرىدە خاقان ئەبۇ ھەسەن ۋە ھۈسەيىنلەر بىلەن بىر قاتاردا كاپىرلار بىلەن جەڭگە ئاتلانغان بۇ باتۇر مۇجاھىدە ئەلەنۇرخانمۇ قېرىنداشلىرى بىلەن بىللە شېھىت بولۇپ كېتىدۇ. خەلق ئارىسىدا تاھازىرغىچە نۇرئەلەنۇرخان شەرىپىگە ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان ئاتۇش خەلق ناخشىسى «ئەلەنۇرخان»دىكى مىسرالاردىن كۆرە ئەلەنۇرخان ئاتۇش قۇمتاغنىڭ «ئىشق يولى»(جانلىق تىلدا ئىشت يولى)دېگەن جايدا مىلادى 996-يىللىرى ئەتراپىدا شېھىت بولغانلىقى مەلۇم .
  تەزكىرەئىي ئارسلانخاندىكى نۇرئەلەنۇرخان ھەققىدىكى يەنە بىر رىۋايەتتە نۇرئەلەنۇرخاننىڭ قاراخانىيلار خانى سەئىد ئېلى ئارسلانخاننىڭ ئانىسى ئىكەنلىكى سۆزلەنگەن بولۇپ،بۇ ھەقتە مۇنداق بىر شېئىرمۇ خاتىرلەنگەن:

  
ئاناسى نۇرئەلەنۇرخان
ئاتاسى شاھى مەرداندۇر.
خۇدا يولىدا جان بەرگەن
شەھىدۇ ئارسلانخاندۇر.

  
بوۋاسى ئۇۋەيىش ئەۋلىيا
كەرەملىك شاھى سۇلتاندۇر.
بىلەي دېسەڭ ئاتى ئۇنىڭ
ساتۇق بۇغرائىي خاقاندۇر.
[ بۇ يازمىنىoylinish 2011-11-19 11:26قايتا تەھرىرلىد ]
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9110
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 86
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە86دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 745 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 100 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-30
ئاخىرقى: 2012-01-05

ئاللا رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم. چۈشۈرىۋالدىم
ئاڭلىغانلىكى نەرسىنى سۆزلەپ يۈرۈشنىڭ ئۆزىلا يالغانچىلىقتۇر!
دوستلىشىش
قۇتلان
ئۈمۈت بىلەن ياشىغن ھەركۇن......
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 326
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 81
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە81دانە
ئۆسۈش: 635 %
مۇنبەر پۇلى: 1163 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-17
ئاخىرقى: 2012-01-07
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-19 13:13

رەھمەت سىزگە! مەنمۇ چۈشۈرالدىم!
اللە ئەجىر-ئەزىم ئاتا قىلغاي!.
دوستلىشىش
ئامېنە
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8958
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 16
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە16دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 160 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-14
ئاخىرقى: 2012-01-06
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-19 13:33

ئاللا رەھمەت قىلسۇن,چۈشۈرىۋالدىم。。
كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم،سۇ بولايمۇ يىلتىزمۇ؟؟؟؟
دوستلىشىش
ئىھتىيارلار
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9202
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 21
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە21دانە
ئۆسۈش: 200 %
مۇنبەر پۇلى: 342 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-10-08
ئاخىرقى: 2011-11-19
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-19 13:39

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
رەھمەت!!!
ئۆلۈمنى ئويلا ! قەبرىنى ئويلا! دوۋزاخنى ئويلا!!!!!
دوستلىشىش
جەڭچى
没有共产党,没有新中国
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6814
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 996
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە996دانە
ئۆسۈش: 350 %
مۇنبەر پۇلى: 10428 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-29
ئاخىرقى: 2012-01-07
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-19 14:02

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
رەھمەت .
没有共产党,没有新中国
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9646
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 10
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە10دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 110 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-11-18
ئاخىرقى: 2011-11-23
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-19 18:44

ئاللا رەھمەت قىلسۇن رەھمەت  
نەپسى خاھىشىڭنىڭ كەينىگە كىرمە،ئۇ سىنى (اللە) نىڭ يولىدىن ئازدۇرىدۇ!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8284
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 41
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە41دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 470 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-24
ئاخىرقى: 2012-01-06
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-19 20:36

ئەسسالامۇئەلەيكۇم، چۈشۈرەلىدىم،ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن
[ بۇ يازمىنىنۇرچىن 2011-11-19 20:53قايتا تەھرىرلىدى ]
http://pak-islam.blogbus.com/
دوستلىشىش
مەرىپەت
ئىنساننىڭ تۈپ ئاساسىي ھۇقۇقى كۆز يېشى بىلەن ئەمە ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7488
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 95
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە95دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 960 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-20
ئاخىرقى: 2012-01-02
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-19 20:40

ۋەئەلەيكۇم ئەسسەلام
ئاللاھ ئەجرىنى بەرگەي
ئاللا بىزنى پەقەت ئۆزىگە ئىبادەت قىلسۇن دەپلا ياراتتى
ئويلانماقتىمەن...
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 475
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 704
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە704دانە
ئۆسۈش: 1723 %
مۇنبەر پۇلى: 8281 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-29
ئاخىرقى: 2012-01-07
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-19 21:05

ناۋال شېئىرلىرىدىن:


زۇمرەتنىڭ كۆزلىرى

(ناۋال)



ئۆچۈپ كەتتى بىردىنلا

چېچەكلەر رېڭى،يۇلتۇزلار نۇرى.

ئۇچۇپ كەتتى ئاستىلا

ئۇنىڭ ئاپئاق كۈندۈزى.



كىچىك ئۇ شۇقەدەر كىچىك

ئەمدىلا ئايىغى چىققاندا،

تىلى ئېچىلىپ،قۇشلار

گۈللەرگە ئىسىم قويغاندا،

يوق بىردىنلا كۈندۈزى

يوق ئاسماندا قۇياشى.

يوللارغا تاڭ ئاتمىدى دەيمۇ؟

دەرەخلەر ئويغانمىدى دەيمۇ؟

پارلىغان ئاي،رەڭدار باغلار

ئاھۇ كۆزلىرىڭدىن نۇرنى

قىسمەت قارا ھۆسنىدە

ئۆچۈردى كىچىك قىز دەيمۇ؟



بۇ ئايدىڭ كېچىلەر ۋە چوغدەك سەھەرلەر

ھەممىسى قاراڭغۇلۇق ئىچىدە.

تاڭ ئاتمايدۇ،كۈندۈز بولمايدۇ

كۆزلىرى سۆزلەيدۇ،كۆرمەيدۇ.

باھارى قارا،كۈزلىرى قارا،

ھېچقاچان ئاق قارلار ياغمايدۇ

ئۇ مۇزدەك پەسىللەرگە باققاندا.



مەن باشلىغاندا

بۇ مىسرالارنى

نۇر ئىچىدە چاقنايدۇ زۇمرەت.



مەن تېڭىرقىغاندا

سۆز ۋادىسىدا

كۆڭلى يوپيورۇق كۈلىدۇ زۇمرەت.



گويا ئالەمنى كۆرىۋاتقاندەك

بىر جۈپ كۆزى سۆزلەر ھىجاپتا.

بىر نۇرانە يۈز،بىر نۇرانە دىل

ھىدايەت ئىزلەپ ماڭار ئۇزاقتا.

سۇدىكى بېلىقلار،ھاۋادا قۇشلار

تاغۇ-تاش رەھمەت تىلەيدۇ ئاڭا.





قانچە كۆزلەر كۆرەر

كۆڭۈل كۆزلىرى كۆرمەس.

ئەڭ ئېسىل نېئمەت ئىمان

ئىكەنلىكىنى ئۇلار بىلمەس.

شۇنچە بەختىيارسەن زۇمرەت

سۈزۈلگەن كۈنلىرىڭدىن

تۆكىلەر نۇر،ئىزلىرىڭ خۇشبۇي

زۇلمەت سېنى تىز پۈكتۈرەلمەس.

ئاتىدىڭ رەببىڭگە ئۆزۈڭنى،

ئۇ گۈل تاشلىماقتا ساڭا.

ئۇ كۆزلىرىڭدۇر،بۇ ئۇزۇن

يوللاردا ماياك ساڭا.

ۋەللاھى!تاڭلار ئاتار

كۈتكەن كېچىلىرىڭدىن

ئاخىرى قۇياش چىقار

سەن شەرەفلەر ئىزلىگىن.

خۇش بېشارەتلەر بۇ مۇسىبەتلەرگە

سۆيۈن شۇ مېھرىبان ئاللاھتىن.

رەببىڭ جەننەتلەرنى ۋەدە قىلغان

شۇ گۈزەل كۆزلىرىڭنى

بىللاھى!چوقۇم كېلەر

بۈيۈك بىر كۈنگە ئامانەت قىلغىن!


بۇ شېئىر مۇسىبەت ئىچىدىكى ھەمشىرىلىرىمىزدىن بىرى بولغان زۇمرەت ئۈچۈندۇر.كۆرۈشتىن مەھرۇم بولسىمۇ ئاللاھنىڭ رەھمىتىدە كۆڭۈل كۆزلىرى روشەن بولغان زۇمرەت ھەمشىرىلەر ئارىسىدا خۇددى كۆرىۋاتقاندەك نۇرلۇق،گۈزەل كۆزلىرى،ئۇماق چىرايى،گۈزەل خۇلقى بىلەن تەرىپلىنىدۇ.تېخى يېقىندىلا ئۇنىڭ ھەرۋاقىت ئۇنىڭغا مۈشكۈللۈكلەر ئېلىپ كېلىشى مۈمكىن بولغان قىيىنچىلىقلار ۋە خەتەرلەرگە قارىماستىن يىراق يەرلەرگە قەلبىنى تېخىمۇ نۇرلاندۇرۇش ئۈچۈن كېتىپ قالغىنىنى ئاڭلاپ شۇنچىلىك سۆيۈندىم....ئەتراپىمىزدا ئۇ كەبى تالاي مۇسىبەتلەر ئىچىدىكى ھەمشىرىلەر ھەم بار.ھەربىرى تەقدىرى پۈتكەن ئاچچىق قىسمەت يولىدىكى تاغدەك قىيىنچىلىقلار ۋە سىناقلار ئىچىدە لەۋلىرىنى چىڭ چىشلەپ پەقەت رەببىم...دەپ سەۋىر ئىچىدە ياشىماقتا.ئاللاھتىن ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە ئىككى دۇنيادا ئەزىزلىك نېسىپ قىلىشىنى تىلەيمىز!ۋەدىسىدە ئۇ كەبى ۋاپادار يەنە بىر زات يوقتۇركى،ئۇ ھاياتىي دۇنيادىكى بۇ ئۆتكۈنچى مۇسىبەت ۋە سىناقلارغا سەۋىر قىلغۇچىلارغا جەننەت بىلەن خۇشخەۋەرلەر بەرگەن.

شۇنداقلا ئەزىز قېرىنداشلىرىم،بۇلارنى ئوقىۋاتقىنىڭلاردا ھەرقاچان سىلەرنىڭ ياردىمىڭلارغا موھتاج بولىدىغان ئۇ كەبى قېرىنداشلىرىڭلارنى ئۇنتۇماسلىقىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن.يەنە بىر ھەمشىرەم بار ئىدى،كۆزلىرىگە مۇسىبەت كەلگەن...كۆز مۈڭگۈز پەردىسى ئالماشتۇرۇشقا موھتاج بولىسىمۇ بۇ دۆلەتتە مۈمكىن بولمىغان ئىكەن.كېيىن ئاللاھنىڭ رەھمىتىدە ئامىرىكىدىن خالىسانە داۋالاش ئۈچۈن كەلگەن دوختۇرلارنىڭ ياردىمىدە ئامىرىكىغا بېرىپ داۋالىنىپ كەلدى.ئۇنىڭ بارلىق داۋالىنىش،يول خىراجەتلىرىنى ئۇلار ئۈستىگە ئالغىنى ئۈچۈن ھېقانداق چىقىم تارتمىدى...ئەنە شۇنداق ئاللاھ خالىسا خالىغان بەندىسىگە ياردەم بېرىشكە قادىر...مەنمۇ چەتئەلدىكى بىر ناتونۇش ھەمشىرىمىزدىن بىر پارچە خەت تاپشۇرۇپ ئالغانىدىم.ئۇ خېتىدە ئۆزى تۇرىۋاتقان دۆلەتتىكى ئىقتىساد ياكى باشقا قىيىنچلىق سەۋەبىدىن داۋالىنالمىغان مېيىپ بالىلارنى داۋالايدىغان بىر دوختۇرخانا بارلىقىنى،دوختۇرخانا تەرەپ بىلەن كېلىشىپ شۇنداق بالىلارغا ياردەم بېرىش ئۈمۈدى بىلەن خەت يازغانلىقىنى ئېيتىپتۇ...ئەنە شۇنداق ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن ئۆزى تونىمايدىغان قېرىنداشلىرىنىڭ غېمىنى يەيدىغان قېرىنداشلار ھەريەردە بار.گەرچە ئۇنداق ياخشى پۇرسەتلەرگە ئېرىشىش ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان بولسىمۇ،ئەمما بىر مۇسىبەت ئىگىسىنىڭ  بولسىمۇ شىپاھ تېپىشى كۆپ خۇشاللىنارلىق ئىش.شۇڭا مەن چەتئەلدىكى  قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بولسا مۇشۇنداق ئۇچۇرلارغا كۆپرەك دىققەت قىلىپ ،ۋەتەن ئىچىدىكى ۇرۇغ-تۇغقان،قېرىنداشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ قويىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.ئەپسۇس،زۇمرەتنىڭ كۆزلىرىنى داۋالىتىشقا مۈمكىن بولمايدىكەن.تامامەن ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارىدىن مەھرۈم ئىكەن...شۇنداقتىمۇ مۈمكىن بولىدىغانلار يەنە بەكلا كۆپ.مەيلى سىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇرۇنىشلىرىڭىز ھېچقانچە ئۈنۈم بەرمىسىمۇ ئەمما ئىبراھىم تاشلانغان زور ئوتنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن كىچىككىنە ئاغزىدا سۇ ئېلىپ ماڭغان قۇشقاچ كەبى بىر ئىمانلىق قەلبىڭىزنىڭ بولغىنى مۇسىبەت ئىچىدىكى قېرىنداشلىرىڭىزغا ئەڭ چوڭ سۆيگۈ ۋە تەسەللىيدۇر.بىر ئۇسسۇز ئىتقا سۇ بەرگىنى ئۈچۈن دوزاختىن قۇتۇلغان گۇناھكار ئايالغا ئاللاھنىڭ شەپقىتى شۇنچىلىك بولغان ئىكەن،مەخلۇقاتلارنىڭ ئەزىزى بولغان ئىنسانغا قىلغان مەرھەمەتلىرى تۈپەيلى ئاللاھنىڭ شەپقەت-مەغفىرەتلىرى قانچىلىك بولار؟...ئاللاھتىن يەنە بىر قېتىم ئاشۇ سەبىر بىلەن ياشاۋاتقان مۇسىبەتلىك ھەمشىرە ۋە قېرىنداشلىرىمغا ۋە ئۇلارنىڭ قايغۇسىنى تارتىپ،ھېچ بولمىسا دۇئالىرى،سالاملىرى بىلەن ئۇلارغا تەسەللىيلەر بېرىۋاتقان قېرىنداشلىرىمغا ئىككى ئالەمدە رەببىنىڭ ئىززەت ۋە شەپقەتلىرىگە نائىل بولۇشلىرىنى تىلەيمەن،ئامىن!

ئاپتورى ناۋال
مەنبە: ناۋال شىئىرىيەت خاتىرىسى