ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى qutluq نىڭ 2011-11-15 21:42 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزدىن سادىر بولغان ‹بىدئەت›كە چىڭ ئېسلىۋالىمىز.بەزى قېرىنداشلىرمىزنىڭ چىركاۋلارغا كىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۋاتىمىزيۇ ئۇنى توسمايمىز.
-------------
خېنىم،
مەن مۇسۇلمان، دېگەن دەۋاسى بار كىشى قۇرئان، ھەدىس كۆرسەتمىسىگە ئۇنىماي بىدئەتچىلىك قىلىۋاتسا، مۇسۇلمان ئەمەس ئادەمنىڭ گەپ ئاڭلىشى تېخىمۇ يىراق.
.......

ئەپەندىم،
ئەقلىڭىز جايىدىمۇ؟ بىدئەت دېگەن سۆزنىڭ تىرناق ئىچىگە ئېلىنغىنىنى كۆزىڭىز كۆرمىدىمۇ؟
چىركاۋغا كىرىپ كېتىۋاتقانلار سىزنىڭ قېرىنداشلىرىڭىزنىڭ ئەۋلادلىرى بولماي نېمە؟ ئۇلار مۇسۇلمان بولماي كاپىر يارىتىلىپتىمىكەن؟ ئاتا -ئانىسى ئىنجىلدىن تەلىم بېرىپتىمىكەن؟ شۇلارمۇ چىركاۋغا كىرىپ كېتىشتىن بۇرۇن مۇسۇلمان بولغىيتتى؟
..........
«بىدئەتچى يۈسۈپ كىتابلىرى» نى نېمە دەپ ماختاپتۇ؟ پەقەت ئوقۇپ بېقىشقا تەۋسىيە قىلىپتۇغۇ؟ ئۇ كىتابتا خاتالىق بار دەيلى بوپتۇ، خاتالىق بار كىتابنى ئوقۇشقا بولمامدىكەن؟ ئوقۇپ بېقىشقا تەۋسىيە قىلسا بولمامدىكەن؟ ئوقۇمىسا خاتالىقنى قانداق بىلىدۇ؟
مەن سىزگە «مۇھەممەد ئەلەيھسالام ھەققىدە قىسسە» دېگەن كىتابنى ئوقۇپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. (ئۇيغۇرچە نەشىر قىلىنغان كىتاب)
«مۇھەممەد ئەلەيھسالام ھەققىدە قىسسە» دېگەن كىتابتا پەيغەمبىرىمىز قاتتىق ھاقارەتلەنگەن، نۇرغۇن بوھتان چاپلانغان، دىنىمىز قاتتىق مازاق قىلىنغان، ئاللاھنى تولۇق ئىنكار قىلغان، مەن ئۆمرۈمدە بۇنداق ئەسكى كىتابنى كۆرۈپ باقمىدىم، ئەمما مەن سىزگە بۇ كىتابنى ئوقۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن.
سىز سالمان راشىد توغرىسىدىكى ۋەقەنى بىلەمسىز؟ ئەگەر بىلسىڭىز بۇ كىتابنىڭ پەيغەمبىرىمىزگە سالمان راشىد يازغان كىتابتىن نەچچە يۈز ھەسسە كۆپ بوھتان چاپلىغانلىقىنى كۆرىسىز.