查看完整版本: [-- دەۋەتچى قېرىنداشلىرىمغا .... --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> داڭلىق شەخسلەر -> دەۋەتچى قېرىنداشلىرىمغا .... [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

نەفىسە 2011-11-15 21:32
                                                          دەۋەتچى قېرىنداشلىمىغا...

يېقىندىن بۇيان مۇنبىرىمىزدە ئىسلامىي تىمىلارنىڭ كۆپىيشىگە ئەگىشىپ،بەزى ئىنسانلار ھەزىم قىلغىلى بولمايدىغان تىمىلارمۇ بارلىققا كىلۋاتىدۇ.ئىسلامنىڭ ھەقىقى ماھيتىنى چۇشەندۇرىدىغان تىمىلار ئاز، شاخچە مەسىلىلەردىكى تالاش – تارتىش كۆپىيۋاتىدۇ. بۇ مۇسۇلمانلارغا ئىنتايىن پايدىسىز بولغان بىر ئىش. بۇلۇپمۇ بەزىبىر ‹بىدئەت› ئاتالغۇلىرىنى بەكمۇ تەرەققىيلاشتۇرۋاتىمىز.چوڭ بىدئەت بىلەن كارىمىز يوق كىچىك بىدئەتلەرنى نىشانغا ئېلۋاتىمىز.بەزىلىرىڭلار بىدئەتنىڭ چوڭ كىچىكى يوق دىيشىڭلار مۇمكىن.خۇددى گۇناھلارنىڭمۇ چوڭ كىچىكى بولغىنىغا ئوخشاش بىدئەتنىڭ چوڭ كىچىكى بۇلىدۇ.بەزى بىدئەتلەر تەرەققىي قىلىپ شىرىككە ئېلىپ بارىدىغان بىدئەتلەر.بۇ بىدئەتلەر جەزمەن تازلىنىشقا تىگىشلىك بىدئەت.يەنە بەزى بىدئەتلەر باركى تەرەققىي قىلالمايدىغان بىر ئىزدىلا داۋام ئىتىدىغان بىدئەت.بۇ بىدئەتكە ئېسلىۋالمىساقمۇ بۇلىدۇ.بۇنداق بىدئەت ئىتقاد تۈزلەنسە،ئىمان-ئىسلامنىڭ ھەقىقىيتى ياخشى چۈشەندۇرۇلسە ئۆزلىگىدىن يۇقايدۇ. ئىسلام دىنى دىيارىمىزغا كىرگىلى مىڭ يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ بەزى قېرىنداشلىرىمىزغا ئۆردەككە سۇ يۇقمىغاندەك ئىسلام دىنى يۇقمايۋاتىدۇ.مۇسۇلمانلىق دەۋاسى قىلىدۇيۇ مۇسۇلمانچىلىقنىڭ ئەمەللىرىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ.مۇسۇلمانچىلىقنى پەقەتلا ئۇيغۇرچە سۆزلىگەنلىكى ئۈچۈن،اللەنىڭ بارلىقىغا ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن،يىلدا بىرە ئاي رۈزا تۇتۇپ ئىككى ھېيت نامىزىنى ئۇقۇغانلىقى ئۈچۈن، ئاتا-ئانىسىنىڭ ناماز ئۇقۇغانلىقى ئۇچۇنلا ئۆزىنى ‹مەن مۇسۇلمان›دەپ دەۋا قىلىدۇ.بۇ قۇرۇق خىيال. شەھىد سەييىد قۇتۇپ ئۆزىنىڭ رىسالىلىرىدە ‹سىنىڭ ئەرەپ تىلىدا سۆزلىگەنلىكىڭ،ئاتا-ئاناڭنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقى سىنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىڭنى بىلدۇرمەيدۇ› دىگەن. بىزنىڭ مانا مۇشۇنداق ‹مۇسۇلمان›تەخەللۇسىنى قوللىنىۋالغانلار بىلەن كارىمىز يوق.ئۇلار نىمە قىلسا ئۇنى توسمايمىز مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزدىن سادىر بولغان ‹بىدئەت›كە چىڭ ئېسلىۋالىمىز.بەزى قېرىنداشلىرمىزنىڭ چىركاۋلارغا كىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۋاتىمىزيۇ ئۇنى توسمايمىز.مەسچىتكە كىرگەنلەرگە ئارلىشىۋېلىپ‹ئىشتىنىڭنى ئۇزۇن كەيدىڭ،يالاڭباش مەسچىتكە كىردىڭ›دەپ ئۇلارنى ئىسلامدىن يىراقلاشتۇرۋاتىمىز.كىشىلەر پەرزۋە ۋاجىپ ئىشلارنى تەرك ئېتپ يېقىن كەلمەيۋاتسا ئۇلارغا مۇستەھەپ،سۇننەت ئىشلارنى تېڭىپ ئۇلارنى قاچۇرۋېتىش ئەخمىقانىلىك بىر ئىش.

قېرىنداشلار:كۈچنى پەرزگە مەركەزلەشتۈرۈڭلار،ۋاجىبنى ئاساس قىلىڭلار.سۈننەت ۋە مۇستەھەپكە كۆپ كۈچەپ كەتمەي ئىسلام ئەقىدىسىگە بەكرەك ئېسلىڭلار.

كىشىلەر پەرزنى تۇلۇق چۇشۇنۇپ بولغاندا ئاندىن سۇننەتنى چۇشەندۇرسەكمۇ كىچىكىپ قالمايمىز.زىيالىيلارغا زىيالىي ئەقىل بىلەن خىتاب قىلىڭلار.ئىسلامنى چىرايلىق كۆرسىتىڭلار،ئىسلامنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە مەدىنىيتى توغرىسىدا كۆپرەك توختۇلۇڭلار. ئۈزۈڭلارنىڭ ئەخلاقىنى باشقىلارغا نەمۇنە بولغۇدەك دەرىجىدە تۇزىۋېلىڭلار. مۇلايىم سىلىق سىپايە بۇلۇڭلار.گەپ-سۆزلىرىڭلاردىن ،ئىش-ھەركەتلىرىڭلاردىن ئىسلامنىڭ گۈزەل خىسلىتى نامايەن بولسۇن.بەزى خاتالىقلارنى قىلىپ سالغانلارغا كۈيۈمچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ،ئىسلام سېپىگە قايتۇرۇپ كىلىڭلار. دۇختۇر كىسەلگە قانداق مۇئامىلە قىلسا سىلەرمۇ خاتالاشقۇچىغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىڭلار.ھەر ۋاقىت رەسۇلۇللەنىڭ مۇنۇسۆزىنى ئەستىن چىقارمايلى.{ئاسانلاشتۇرۇڭلار،تەسلەشتۇرمەڭلار.خۇش بىشارەت بىرىڭلار،ھۈركىتىۋەتمەڭلار ئاللاھنىڭ قېرىنداش بەندىلىرىدىن بۇلۇڭلار}.

قېرىنداشلار سىلەرگە دۇكتۇر يۇسۇف قەرداۋىينىڭ ‹فىقھۇلئەۋلەۋىيات›دىگەن كىتابىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

تۇۋەندە يۇسۇپ قەرداۋىينىڭ دەۋەتچى قېرىنداشلىرىمىزغا قىلغان خىتابىنى يەتكۈزىمەن.

1.مۇسۇلمانلارنىڭ دوسلۇقى اللە ۋە ئۇنىڭ دىنى ئۇچۇنلا بۇلىشى:مىللەت،سىياسى تۈزۈم،ۋەتەن،پارتىيە ۋە شەخسلەرگە بولغان مۇھەببىتى ئۇلارنىڭ دىن بىلەن بولغان مۇناسىۋېتىگە،دىنغا يىراق يېقىنلىقىغا قاراپ بۇلىشى لازىم

2.ھەرقانداق مەسىلىدە اللە نىڭ كىتابىنى،پەيغەمبەرنىڭ سەھىھ سۇننتىنى،ئىسلامنىڭ روھىنى جانلىق چۈشىنگەن،ئىسلامدىن ئەسىرلەر بۇيى بىدئەتلەرنى ،باتىل قاراشلار ۋە نادانلارنىڭ تەئۋىللىرىدىن تازلىغان بۇ ئۇممەتنىڭ سالىھ بەندىلىرىنىڭ تۇتقان يۇلىنى ئۆزلىرىنىڭ مىتودى قىلىش لازىم.

3.دەۋەتچى قېرىنداشلارنىڭ ھەرۋاقىت رەسۇل اللەنىڭ مۇئاز بىلەن ئەبۇ مۇسا نى يەمەنگە ئەۋەتكەن چاغدا قىلغان مۇنۇ نەسھىتىنى ئەستىن چىقارماسلىق لازىم

مەن سىلەرگە بۇ نەسھەتنى تەۋسىيە قىلىمەن‹ئاسانلاشتۇرۇڭلار،قىيىنلاشتۇرماڭلار.كىشىلەرگە خۇش بىشارەت بىرىڭلار،قاچۇرۋەتمەڭلار....› دەۋرىمىزدىكى ئالىم ،دەۋەتچى قېرىنداشلىرىمىز بۇ نەسھەتكە نەقەدەر مۇھتاج ھە.........

بۇنداق دىگەنلىك دەۋەتچىلەرنڭ شۇئارى زوراۋانلىق ئەمەس مۇلايىملىق.رادكاللىق ئەمەس ،ئەپۇچان بۇلۇش لازىم.اللە مۇئامىلىدىكى يۇمشاقلىقنى سۈيىدۇ.مىنىڭ ئەپۇچانلىقنى كۆزدە تۇتقىنىم،پەرئى(شاخچە مەسىلىلەر)بۇلۇپ ،ئۇ ھەرگىزمۇ ئۇسۇل ۋە غايىلەرنى ئۆزئىچىگە ئالمايدۇ. كىشىلەر بىلەن مانا بۇ قائىدە ئىچىدە مۇئامىلە قىلىشىمىز لازىم.

4.پەرزلەرنى ئادا قىلىپ گۇناھى كەبىرلەدىن يىراق بولغانلارنى بىزنىڭ دوستىمىز دەپ سانىشىمىز،بىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۇرۇپ قۇيشىمىز لازىم.گەرچە ئۇلاردا ئۆزلۇكسىز داۋاملاشمايدىغان بىر قىسىم مەكرۇھ ئىشلار،كىچىك گۇناھلار بولسىمۇ ئۇلارنى دوست ساناپ ياخشى ۋەز نەسھەت قىلىپ پكىرلىشىپ ئۇنىڭ بىلەن توغرا يۇلنىشتە بۇلىشىمىز لازىم.

5.ئىتىپاق كەلگەن مەسىلىلەردە ھەمكارلىشىپ ،ئىختىلاپلىشىپ قالغان جايلاردا بىر-بىرىمىزنى ئەپۇ قىلىشىمىز لازىم.دەۋەتچى ئالىم ئۇلىما قېرىنداشلىرىمىز ئۆز-ئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىپ ئالاقىلىشىپ تۇرشىمىز لازىم.ئىسلام ئۇلىمالىرى قوللۇغۇچىلىرى بار،تەسرى كۇچى بار كىشىلەر بۇلۇپ ئۇلارنىڭ ھەرقانداق رايۇن ياكى بىر جايدا بىرلىشىشى،ھەمكارلىق ئورنىتىشى ئۇنتايىن زور كۇچنى شەكىللەندۇرىدۇ.

مانا يۇقارقى 5جۇملە سۆز پۇتۇن ئىسلام ئالىملىرىنىڭ رەئىسى دۇكتۇر يۈسۈف قەرداۋىينىڭ روشەن چاقىرقى.

تىمام ئۇزراپ كەتتى. مۇنبەرگە ئىسلامىي تىما يازىدىغان  قېرىنداشلىرىمىز پەقەتلا اللەنىڭ رىزالىقى ئۇچۇنلا دىنىمزنىڭ ئۇستتۇنلىكى ئۇچۇنلا تىرشىۋاتىمىز اللە خالىسا... شۇنداق بولغانىكەن شاخچە مەسىلىلەرگە ئېسلىۋالماي ئەقىدە،تەۋھىد ۋە ھازىرقى جەمىيىتىمىزنىڭ قانداق ئىلىمگە بەكراق ئىھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى قېرىنداشلىرىمىزغا بىلدۇرەيلى.مانا مۇشۇنداق قىلغاندا بىدئەتلەر ئۆزلىگىدىن تۈگەيدۇ.

ئۇنداق بولماي ‹دۇئانى قول كۇتۇرۇپ قىلساڭ بىدئەت،ئۆيگە كىرگەندە دۇئا قىلساڭ بىدئەت...........دەپ يىڭىدىن دىننى چۇشىنىشكە باشلىغان قېرىنداشلىرىمزىنى دىندىن يىراقلاشتۇرۇش ئىنتايىن خەتەرلىك ئەھۋال. دىنىمىزدا بۇنىڭدىن كاتتىراق بىدئەت بولمىسا كىرەك.

   اللە ھەممىمىزنى توغرا يول ئۇستىدە قىلسۇن،ئىمانىمىزنى مۇكەممەل،ئېتىقادىمىزنى مۇستەھكەم قىلسۇن ،ھەممىمىزنىڭ قەلبىنى بىر ئادەمنىڭ قەلبىدەك قىلۋەتسۇن امىن..


arzuyum 2011-11-15 21:39
ئەسسالامۇ-  ئەلەيكۇم  ھەمشىرەم ، يوللىغان  مەنپەئەتلىك تېمىلىرىڭىز  ئۈچۈن ئۇلۇغ اللاھ  دۇنيا  ۋە  ئاخىرەتتە ياخىشىلىقلار   ئاتا  قىلغاي ،  امىين !

turalp 2011-11-15 21:41
‹ئاسانلاشتۇرۇڭلار،قىيىنلاشتۇرماڭلار.كىشىلەرگە خۇش بىشارەت بىرىڭلار،قاچۇرۋەتمەڭلار

يۈرەك قانغۇدەك

رەھمەت قېرىندىشىم

qutluq 2011-11-15 21:42
مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزدىن سادىر بولغان ‹بىدئەت›كە چىڭ ئېسلىۋالىمىز.بەزى قېرىنداشلىرمىزنىڭ چىركاۋلارغا كىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۋاتىمىزيۇ ئۇنى توسمايمىز.
-------------
خېنىم،
مەن مۇسۇلمان، دېگەن دەۋاسى بار كىشى قۇرئان، ھەدىس كۆرسەتمىسىگە ئۇنىماي بىدئەتچىلىك قىلىۋاتسا، مۇسۇلمان ئەمەس ئادەمنىڭ گەپ ئاڭلىشى تېخىمۇ يىراق.

ئاندىن بىدئەتچى يۈسۈپ كىتابلىرىنى ھەممىلا ئادەم ياقتۇرۇپ كەتمەيدۇ. بوش ماختىغىڭىز تۈزۈك.

نەفىسە 2011-11-15 21:51
      بۇ تېمىنى ئلگىرى «ئىلىم»ئىسىملىك بىر قېرىندىشىمىزمۇ يوللىغان،بۇ تېما كۆپچىلىكنىڭ ھۇزۇرىغا يەنە بىر قېتىم سۇنۇلدى.بولۇپمۇ مۇشۇ ڭش بىلەن مەشغۇل بولىۋاتقان قېرىنداشلارنىڭ ئارقا-ئارقىدىن باشقىلار تەرىپىدىن«قىلغىلى ئىش تاپالماي قالغان»دېگەندەك بىھۇدە گەپلەرگە ئۇچراپ قول ئۈزمەكچى بولۋاتقان قېرىنداشلارغا ئىلھام بۇلۇش سۈپىتىدە،ھەق يول ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان،كۆپلەپ ئەرزىيەت چېكىۋاتقان،ئاز بولمىغان مالەمەتلەرگە ئۇچىرسىمۇ يەنىلا اللە رىزالىقىنى كۆزلەپ سەۋىرچانلىق بىلەن مېڭىۋاتقان قېرىنداشلىرى،ىزغا پايدىسى بۇلۇپ قالار دېگەن ئۈمىدتە يەنە بىر قېتىم يوللاندى.جانابىي اللە دىن ھەممىمىزگە تەۋپق-ھىدايەت تىلەيمەن،اللە باسقان قەدىمىڭلار ئۈچۈن،تارتقان ھەربىر ئەرزىيتىڭلار ئۈچۈن اللە كۆپلەپ ئەجىر بەرسۇن،امىن...

oylinish 2011-11-15 21:59
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى qutluq نىڭ 2011-11-15 21:42 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزدىن سادىر بولغان ‹بىدئەت›كە چىڭ ئېسلىۋالىمىز.بەزى قېرىنداشلىرمىزنىڭ چىركاۋلارغا كىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۋاتىمىزيۇ ئۇنى توسمايمىز.
-------------
خېنىم،
مەن مۇسۇلمان، دېگەن دەۋاسى بار كىشى قۇرئان، ھەدىس كۆرسەتمىسىگە ئۇنىماي بىدئەتچىلىك قىلىۋاتسا، مۇسۇلمان ئەمەس ئادەمنىڭ گەپ ئاڭلىشى تېخىمۇ يىراق.

.......

ئەپەندىم،
ئەقلىڭىز جايىدىمۇ؟ بىدئەت دېگەن سۆزنىڭ تىرناق ئىچىگە ئېلىنغىنىنى كۆزىڭىز كۆرمىدىمۇ؟
چىركاۋغا كىرىپ كېتىۋاتقانلار سىزنىڭ قېرىنداشلىرىڭىزنىڭ ئەۋلادلىرى بولماي نېمە؟ ئۇلار مۇسۇلمان بولماي كاپىر يارىتىلىپتىمىكەن؟  ئاتا -ئانىسى ئىنجىلدىن تەلىم بېرىپتىمىكەن؟ شۇلارمۇ چىركاۋغا كىرىپ كېتىشتىن بۇرۇن مۇسۇلمان بولغىيتتى؟
..........
«بىدئەتچى يۈسۈپ كىتابلىرى» نى نېمە دەپ ماختاپتۇ؟    پەقەت ئوقۇپ بېقىشقا تەۋسىيە قىلىپتۇغۇ؟  ئۇ كىتابتا خاتالىق بار دەيلى بوپتۇ،  خاتالىق بار كىتابنى ئوقۇشقا بولمامدىكەن؟ ئوقۇپ بېقىشقا تەۋسىيە قىلسا بولمامدىكەن؟  ئوقۇمىسا خاتالىقنى قانداق بىلىدۇ؟  
مەن سىزگە «مۇھەممەد ئەلەيھسالام ھەققىدە قىسسە»  دېگەن كىتابنى ئوقۇپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. (ئۇيغۇرچە نەشىر قىلىنغان كىتاب)
  «مۇھەممەد ئەلەيھسالام ھەققىدە قىسسە» دېگەن كىتابتا پەيغەمبىرىمىز قاتتىق ھاقارەتلەنگەن، نۇرغۇن بوھتان چاپلانغان، دىنىمىز قاتتىق مازاق قىلىنغان، ئاللاھنى تولۇق ئىنكار قىلغان،  مەن ئۆمرۈمدە بۇنداق ئەسكى كىتابنى كۆرۈپ باقمىدىم،  ئەمما مەن سىزگە بۇ كىتابنى ئوقۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن.  
سىز سالمان راشىد توغرىسىدىكى ۋەقەنى بىلەمسىز؟ ئەگەر بىلسىڭىز بۇ كىتابنىڭ پەيغەمبىرىمىزگە سالمان راشىد يازغان كىتابتىن نەچچە يۈز ھەسسە كۆپ بوھتان چاپلىغانلىقىنى كۆرىسىز.  

qutluq 2011-11-15 22:05
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى oylinish نىڭ 2011-11-15 21:59 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :

مەن سىزگە «مۇھەممەد ئەلەيھسالام ھەققىدە قىسسە»  دېگەن كىتابنى ئوقۇپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. (ئۇيغۇرچە نەشىر قىلىنغان كىتاب)
.......

كىم يازغان كىتابكەن؟ قاچان نەشردىن چىقىپتۇ؟ كىم تەرجىمە قىپتۇ؟ باھاسى قانچە پۇلكەن؟ ئىنكاسىڭىزغا قارايمەن.

نەفىسە 2011-11-15 22:10
    ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم،مەن تېخى بايام «تۆگە گۆشى يېسە تاھارەت سۇنىدۇ»دېگەن تېمىڭىزدا رىدا بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئىكاسلىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈپ چىقتىم.سىز بىلەن تۇتامىغا چىقمايدىغان ئشلار ئوتتۇرسىدا تاللىشىپ ئولتۇرمايمەن.بۇ بىر خىل جاھىللىق خالاس.ئۆزبېك ئالىم ئابدۇۋېلى قارىمنىڭ 16-دەرس«اللەنىڭ بەندىلىرى ۋە ئۇنىڭ سۈپەتلىرى»دېگەن دەرستە بۇ خىل مەزمۇنلار بار،ئاڭلاپ بېقىشىڭىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.ئاندىن سىز پۈتكۈل دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئېتراپ قىلىۋاتقان ئسلامدا ئوتتۇرا يول تۇتۇۋاتقان يۈسۈپ قەرداۋىينى بىدئەتچى قاتارىغا چىقىرۋەتتىڭىز دەڭە....قالتىستە.............
                ئۆزۈمگە ئارتۇقتىن ئارتۇق كۆڭۈل ئاغرىقى تېپىۋالغۇم يوق.سىزگە بۇ ئككى ھەدىسنى ھەدىيە قىلاي،خۇشياقمىسىمۇ ئاڭلاپ قويۇڭ؛
               ...«اللە مۇلايىم بۇلۇپ ھەرقانداق ئشتا مۇلايىم بولغان كىشىنى ياخشى كۆرىدۇ.»سەھىھ ھەدىس.(ئەپسۇس رىۋايەت قىلغۇچىسىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن.)
             ئابدۇللا ئبنى مەسئۇد رەزىاللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلندۇكى،پەيغەمبەر سەللالاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەلەم مۇنداق دېگەن:«قەلبىدە زەررىچىلىك تەككەببۇرلۇق بۇلغان ئادەم جەننەتكە كىرەلمەيدۇ،ھەققەتەن بىر ئادەم كىيمىنىڭ ۋە ئايىقىنىڭ چىرايلىق بۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.رەسسۇللاھ(س ئە ۋ)اللە گۈزەلدۇر گۈزەللىكىنى ياخشى كۆرىدۇ،تەككەببۇرلۇق دېگىنىمىز:ھەقنى ئىنكار قىلىش،باشقىلارنى تۆۋەن كۆرۈش.»

oylinish 2011-11-15 22:36
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 6قەۋەتتىكى qutluq نىڭ 2011-11-15 22:05 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :

كىم يازغان كىتابكەن؟ قاچان نەشردىن چىقىپتۇ؟ كىم تەرجىمە قىپتۇ؟ باھاسى قانچە پۇلكەن؟ ئىنكاسىڭىزغا قارايمەن.

ئۇ كىتاب ھازىر مەندە يوق. كىتابنىڭ نەشىر قىلىنغىنىغا كەم دېگەندىمۇ 15 يىل بولدى، كىتابنى خەنزۇ يازغان،  تەرجىمانىنىڭ ئىسمى يېزىلمىغان،  بەلكىم ئېھتىيات قىلغاندۇ. باھاسى 2 يۈەن بولۇشى مۇمكىن.

توران 2011-11-15 22:44
قۇتلۇق ئەپەندى!!!  سىلى ھەر قانداق مەسىلىدە ئالدىرماي ، ئويلۇنۇپراق گەپ قىلسىلا؟
يۈسۈف  قەرداۋىنى (بىدئەتچى)  دەۋاتىلا؟ بۇنىڭغا نىمە ئاساس بىلەن شۇنداق دىدىلە؟
ئۆزىمىزدىن چوڭ ئالىملارنىڭ خاتالىقنى كۆرگەندە ، خاتا بولسا ئالمىساق بولىدىغۇ؟  ئىگىسىنى ئاقچى-كۆكچى دىمىسەكمۇ بۇلىدىغۇ؟
ئۇنىڭ باشقا ياخشى ئىشلىرىمۇ باردۇ بەلكىم!!!!
بىز دىن ھازىر مۇسۇلمانلارنى تۈرگە ئايرىپ،ئۇلارغا ھەر خىل ناملارنى بىرىش تەلەپ قىلىنمايدۇ!!! بەلكى، ئۇلارنىڭ ئارىسنى ئامال بار بىرلىككە كەلتۈرۈش تەلەپ قىلىنىدۇ،
مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكى مۇھىممۇ؟ ياكى كىچىك مەسىلىلەردە ئىختىلاپلىشىشمۇ؟
ئاددى كىچىك ، فەرئى مەسىلىلەر  مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىكى كېرەك ئىدى!
ئەمما بىز ھازىر ئۈممەتنىڭ بىرلىكىگە ،ئىتىپاقلىقىغا مۇناسىۋەتلىك، ھەم  ئاساسلىق مۇھىم مەسىللەرنى بىر ياقتا قۇيۇپ ، كىچىك ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولىۋاتىمىز!!!
بىز مۇشۇ تەرىقىدە ماڭساق كەلگۈسىمىز قانداق بۇلار!!!!
بىزگە بىرلىك ،ئىتىپاقلىق بەك بەك مۇھىم!!!
بىرلىكى يوق قويلارنى بۆرىلەر تىز يەۋىتىدۇ،
ھەممىمىز ئىسلامغا كىرمىگەنلەرنى ئىسلامغا كىرگۈزۈشكە تىرىشايلى!
ۋەزىپىمىزنى ئۇنۇتمايلى!

نەفىسە 2011-11-15 22:51
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 8قەۋەتتىكى oylinish نىڭ 2011-11-15 22:36 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :

ئۇ كىتاب ھازىر مەندە يوق. كىتابنىڭ نەشىر قىلىنغىنىغا كەم دېگەندىمۇ 15 يىل بولدى، كىتابنى خەنزۇ يازغان،  تەرجىمانىنىڭ ئىسمى يېزىلمىغان،  بەلكىم ئېھتىيات قىلغاندۇ. باھاسى 2 يۈەن بولۇشى مۇمكىن.

            

        ئاشۇنداق ئەرزان كىتاپمىكەن ئۇ؟؟؟مەن بىر ھەدىس قۇددۇستا  مۇنداق كۆرگەن :"اللە چاقچاق بولسىمۇ يالغاننى سۆزلىمىگەن كىشىگە جەننەتنىڭ ئوتتۇرىدىن ئۆي بېرىمەن...."دېگەن،مۇناسىۋەتلىك قىسمىنىلا ئالدىم.شۇڭا چاقچاق قىلدىم دەپ يالغاننى سۆزلەپ قويماڭ ئۇكام ھە!!!!!!سىزنى ئۇزۇن بولدى كۆرمەي خېلى يېتىشىپ قاپسىز،كىتاپنى تېخىمۇ كۆپ كۆرۈڭ.بولسا "پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام تەرجىمھالى"،"پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ھاياتى")ئاپتورى مارتىن لىڭىس---مۇسۇلمان بولغاندىكى ئسمىئەبۇبەكرى سىراجىدىن،"شىرىن بۇلاق"ئاپتورى ھىندىستانلىق---سەففىيور رەھمانمۇبارەك فورى بۇ ئۈچ كىتابنى كۆرسىڭىز تېخىمۇ دەللىلىرڭىز كۈچكە ئگە بولىدۇ،ئسلامنى تېخىمۇ مۇكەممەلرەك چۈشىنەلەيسىز...

oylinish 2011-11-15 23:20
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 10قەۋەتتىكى نەفىسە نىڭ 2011-11-15 22:51 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :

            

        ئاشۇنداق ئەرزان كىتاپمىكەن ئۇ؟؟؟مەن بىر ھەدىس قۇددۇستا  مۇنداق كۆرگەن :"اللە چاقچاق بولسىمۇ يالغاننى سۆزلىمىگەن كىشىگە جەننەتنىڭ ئوتتۇرىدىن ئۆي بېرىمەن...."دېگەن،مۇناسىۋەتلىك قىسمىنىلا ئالدىم.شۇڭا چاقچاق قىلدىم دەپ يالغاننى سۆزلەپ قويماڭ ئۇكام ھە!!!!!!سىزنى ئۇزۇن بولدى كۆرمەي خېلى يېتىشىپ قاپسىز،كىتاپنى تېخىمۇ كۆپ كۆرۈڭ.بولسا "پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام تەرجىمھالى"،"پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ھاياتى")ئاپتورى مارتىن لىڭىس---مۇسۇلمان بولغاندىكى ئسمىئەبۇبەكرى سىراجىدىن،"شىرىن بۇلاق"ئاپتورى ھىندىستانلىق---سەففىيور رەھمانمۇبارەك فورى بۇ ئۈچ كىتابنى كۆرسىڭىز تېخىمۇ دەللىلىرڭىز كۈچكە ئگە بولىدۇ،ئسلامنى تېخىمۇ مۇكەممەلرەك چۈشىنەلەيسىز...

يالغان سۆزلىمىدىم،  15-20 يىل ئىلگىرى كىتاب شۇنداق ئەرزان ئىدى.  ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ كىتاب  نېپىز بىر كىتابچە ئىدى.  
مەن سىز دېگەن كىتابلارنى كۆرگەن،  مېنى  يالغان سۆزلىدى، دەپ ئويلاپ قالغىنىڭىزغا ھەيرانمەن...

نەفىسە 2011-11-15 23:28
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 11قەۋەتتىكى oylinish نىڭ 2011-11-15 23:20 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :

يالغان سۆزلىمىدىم،  15-20 يىل ئىلگىرى كىتاب شۇنداق ئەرزان ئىدى.  ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ كىتاب  نېپىز بىر كىتابچە ئىدى.  
مەن سىز دېگەن كىتابلارنى كۆرگەن،  مېنى  يالغان سۆزلىدى، دەپ ئويلاپ قالغىنىڭىزغا ھەيرانمەن...




       ياق ھەرگىزمۇ ئۇنداق دېگىنىم ئەمەس،خاتا چۈشەنمەڭ.مەن بۇ يەردە پەقەت تەكىتلىمەكچى خالاس.

مۇھاجىر 2011-11-16 15:22
رەخمەت سىزگە نەفسە سىڭلىم جاپا تارتىپسىز ئاللا رەخمەت قىلسۇن مەن بۇرۇن كەڭسايغا ئەزا ئىدىم بۇ مۇنبەر كەڭساي ئەمەس فىتنە ساي ۋە ئىخىتلاپ بۇلۇپ قالغاندىن كىيىن مەن پەقەت ئنكاس يازمىغان ئىدىم يەنە بۇ كاللسى ئاددى قېرىنداشلارنڭ تاماقتىن كىيىن قول كۈتۇرۇپ دۇئا قىلىش  تۇگە گۈشى يىسە تھارەت سىنامدۇ   دىگەن بىر قىسىم گەپلەرگە ۋىجدانىم چىدىماي بۇلار ئۇچۇن بىر تىما يازاي دىگەنتىم سىز مەن يازماقچى بولغان نەخ گەپنى دەپ بۇلۇپسىز ھازىر بىزگە ھەممىدىن مۇھىمى ئەھكاملاردىكى مۇستەھەپ ۋە مەكرۇھ  مەسىلىلەردە تالاش- تارتىش ئەمەس ئتتىپاقلىق  بىرلىك بەك مۇھىم       ئىن شائاللا مەن بۇ ھەقتىە بىر تىما    يازىمەن                       نەفىسە  سىڭلىم مەن سىزدىن بەك خۇرسەن بولدۇم تېخىمۇ تىرىشىڭ    ئاللاھۇ تائالا   ئىلمىڭزنى  زىيادە چۈشەنچىڭىزنى تېخىمۇ كەڭ دائىردە قىلغاي  ئامىن

ئەلى 2011-11-16 15:50
مەنمۇ بۇرۇندىن توغرا بولسىلا سۆزلەش كېرەك،توغرا بولسىلا قوبۇل قىلىش كېرەك دەپ ئويلايتتىم.بىراق يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بېرى،بولۇپمۇ مۇنبەردىكى نۇرغۇن تالاش تاتىشلار،ئەتراپىمدا يۈز بېرىۋاتقان تۈرلۈك ئىشلار بۇ خىيالىمنىڭ خاتالىقىنى ماڭا كۆرسىتىپ بەردى.بولۇپمۇ مۇشۇ دەۋەت ئىشى تولىمۇ مۇھىم ۋە ئىنچىكە بىر ئىش ئىكەن.بولۇپمۇ مۇنبەردەئالىملىرىمىز بىرلىككە كەلمىگەن،مەزھەبلەر ئارىسىدا ئىختىلاپ بولغان،باشقا دۆلەت ۋە رايونلاردا بېرىلگەن،بىراق بىزنىڭ رايونىمىزغا ماس كەلمىگەن پەتىۋالارنى تالىشىپ يۈرۈش تولىمۇ ۋاقىت ئىسراپچىلىقى ئىكەن.ئۇنداق مەسىلىلەرنى پەقەت پىششىق ئەرەپچىنى بىلىدىغان،ئىلمى خېلى بىر يەرگە بارغان كىشىلەر ئاندىن ياخشى چۈشىنەلەيدىكەن ۋە مۇنازىرىنى ئېلىپ بارالايدىكەن.بىراق مۇنبىرىمىزدە شۇنداق كىشىلەر قانچىلىك؟ئۆتكەنكى قۇتلۇق قېرىندىشىمىزنىڭ<<تۆگە يىسە تاھارەت سۇنىدۇ>> دىگەن تېمىسىدىمۇ پەقەت قۇتلۇق بىلەن رىدا ئىككىسىلا مۇنازىرە ئېلىپ باردى،باشقىلار ئۇ يەر-بۇ يەردىن تاتىلىشىپ باقتى،خالاس.بىراق ئاخىرى نىمە بولدى،بىر-بىرىمىزدىن ئازار يەپ،بىر-بىرىمىزنىڭكىگە قايىل بولۇشماي،تېخىمۇ يىرىكلەشتۇق.نۇرغۇن قېرىنداشلارنىڭ بېشى قېيىپ،ھېچنىمېنى ئاڭقىرالماي قالدى،مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە .
بىز سۆزلىگەن مەزمۇن توغرا بولسىلا بۇ قىلغان ئىشىمىزنىڭ توغرىلىقىنى ئىپادىلىمەيدۇ،ماكان،زامان ۋە شارائىتقا قاراپ دەۋەت ئېلىپ بارمىسا،دىنغا كىرىشنى ئەمەس ،بەلكى بەزىدە دىندىن چىقىپ كېتىشكە سەۋەب بولۇپ قالىدۇ.مۇنبىرىمىزدە ناماز ئوقۇمايدىغان كىشىلەر خېلى كۆپ،ئەڭ ئاددىي ئىسلامىي ساۋاتلارنى بىلمەيدىغانلارمۇ يوق ئەمەس.شۇڭا مۇنبەردە دەۋەت ئېلىپ بارغاندا مۇنبەردىكى كىشىلەرنىڭ سەۋىيىسىنى بايقاپراق دەۋەت ئېلىپ بېرىلسا.ئاۋۋال بىر ئىماننىمىز رۇسلاپ بولۇپ،ئاندىن باشقا مەسىلىلەرگە ئۆتسەكمۇ كېچىكمەيمىز.

muhlise38 2011-11-16 16:31
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىدىشىم،ئاللاھ سىزگە كۆپلەپ ئەجىر ئاتا قىلسۇن،بەك ياخشى تېمىكەن.

مۇھاجىر 2011-11-16 16:45
بۇ مەسىلىدە چوڭ ئالىملار ھەممىسى بىرلىككە كىلىپ بولغان بۇ گەپلەرنى ئوتتۇرغا قويغان ئادەم مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكىنى ئويلاپ باقمىغان چۇشۇنىش دائىرسى تۇۋەن ئادەمدك قىلىدۇ بۇنداق مەسىلىلەرنى ئالىملار يوللۇق ھەل قىلىدۇ ئەجرىگە ئىرشىدۇ  توغرا يول تاپىدۇ ئەمما ھەقىقى ئالىملارنىڭ غەيرى ھەل قىلالمايدۇ ئازىدۇ شۇڭا بۇنداق  مەسىلىلەرنى مۇنبەردە ھەل قىلىمىز دىسەك كۈپ  ئادەملەر گاڭگىراپ قالىدۇ ۋە ئازىدۇ

dilara 2011-11-16 17:30
تېما ئىگىسى قېرىندىشىم، ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن! نەق گەپنى قىپسىز...

توران 2011-11-16 17:44
تەكرار بولسىمۇ يوللاپ قۇياي!
بىز ۋە ئىختىلاپ
* بىرلىككە كىلەلىگەن مەسىلىلەردە بىرلىشەيلى، بىرلىككە كىلەلمىگەن مەسىلىلەردە ھەر تەرەپ ئۆز كۆز قارىشىدا قالسۇن.
* پرىنسىپال مەسىلىنى قويۇپ مۇستەھەب ياكى مەكروھ بىلەن مەشغۇل بولۇش دەۋەت ئۇسۇلىدىكى نورمالسىزلىق.
*مۇستەھەب، جائىز، ئەۋزەل مەسىلىلەرگە جازا مۇناسىۋەتلىك ئەمەس. قىلسا ساۋاب بار, قىلمىسا گۇنا يوق .
***
”ئىختلاپ شۇملۇق، بۆلۈنۈش ئازاب“دىگەن گەپنىڭ راسلىقى ھازىر ئىسلام ئۇممتىنىڭ ئەمەليىتىدە كۆرۈنمەكتە. ئىسلامنىڭ بىشىغا چۈشۈپ ئۇنى دۈشمەنلەرنىڭ ئالدىدا تىزلاندۇرۇپ قويغان بولقا سىرتتىن ئەمەس, ئىچكى تەرەپتىن كەلگەن. مانا بۇ خىل كۆرۈنۈش ئىسلامنىڭ يىقىنقى تارىخىدا يۈز بەردى. بۇنداق ئەھۋالدا ئەقىل ئىگىلىرى بۇ ۋەزىيەتلەرنى تەتقىق قىلىپ كىسەلنىڭ قەيەرگە يوشۇرۇنغانلىغىنى تىپىپ چىقىپ، ئۆتمۈشتە يۈز بەرگەن ئەھۋالدىن كىلچەكتە ساقلىنىپ قىلىش ئۈچۈن ھەركەت قىلىشى لازىم ئىدى. مىڭ يىللاردىن بۇيان مۇسۇلمانلارنى بىرقانچە گورۇھقا بۆلىۋەتكەن ئىختىلاپلارنىڭ تەسىرى ھازىرقىچە ساقلىنىپ كەلمەكتە. بۇ ئىختىلاپلار بىر مۇسۇلماننىڭ يەنە بىر مۇسۇلمان قىرىندىشىغا نىسبەتەن ۋەزنى يەڭگىل بىر ئىلمى مەسىلىنى دەپ كەمسىتىش نەزىرى بىلەن قارايدىغان، كۆپىنچە ۋاقتلاردا تىخى ئۇنىڭ ئارقىسىدا ناماز ئوقۇشنى خاھلىماسلىق دەرجىسىگە ئىلىپ بارماقتا. پىقھى ئىختىلاپى مەسىلىگە شەخسى مەنپەئەت مەسىللىرى قوشۇلۇش سەۋەبىدىن ئىسلام قىرنداشچىلىقى تۈگەپ كەتمەكتە. نىجىس خۇسۇمەتچىلەر بولسا ئىختىلاپ ئوتىنى ئۇلغايتىپ، مۇسۇلمانلارنى بىر - بىرسى بىلەن ئاۋارە قىلماقتا. مانا بۇ شۇملۇق ئىختىلاپتىن بىردىن - بىر پايدىغا ئىرشكۈچى شەيتان ۋە ئۇنىڭ پارتىيلىرى بولۇپ كەلدى، ھەممە مۇسۇلمانلارنىڭ نىسىۋىسى زىيان تارتىش بولدى .
بىز ئىنساپ نەزىرى بىلەن بۈيۈك تۆت ئىمامغا قارايدىغان بولساق ئۈلارنىڭ مىسلىسىز ئادەملەر ئىكەنلىكنى كۆرەلەيمىز. ئۇلار ئىخلاس، ساداقەتمەنلىكتە پادىشاھلار ئىدى. ئۇلاردىن پادىشاھلار ۋە ھوقۇقدارلار ئەيمىنەتتى, ئۇلارنىڭ ئەتراپىغا خەلق ئاممىسىنىڭ توپلاشقانلىقى سەۋەبىدىن ئۇ ھاكىملارنىڭ ئىچى سىقىلىپ، ئۇلارنىڭ نوپۇزىنى ھاكىملار شەخسى مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىشقا سىلىشقا ئۇرۇنۇپ باققان بولىسىمۇ مەقىستىگە يىتەلمىگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ تەقۋالىقى بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ ھۇشيارلىقى، بىلىم – سەۋيسىنىڭ كىڭىرلىكى ۋە كاللىسىنىڭ ئوچۇقلىقى ئۇلارنىڭ قۇرئان ۋە سۈننەتكە خىزمەت قىلىشتا ئالاھىدە ھەسسە قوشقان ئىدى. بۇلارنىڭ نام شۆھرىتى بىكاردىن چىقىپ قالمىغان . شۇلاردا شۇنچىلىك لاياقەت بولغانلىقى سەۋەبىدىن كۆرۈنگەن.
بۇ مەزھەب پىشۋالىرى قۇرئان ۋە سۈننەتنى شەرھىلەيتى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قىلغان شەرھىيسىنى مۇتلەق توغرا دەپ تۇرىۋالمايتى، ئۇنى ئىجتىھات قىلىش دەپ تونۇيتى. ئۇلار ئوخشىمىغان قاراشتىكىلەر بىلەن دۈشمەنلەشمەيتى. ئۆز – ئارا بىر بىرسىنى ھۆرمەتلىشەتتى. ئۇلاردىن كىيىن كەلگەنلەر ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە ئىسىلىۋىلىپ، ئۆزلىرى ئىجتىھات قىلماي ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى شەرھى ماقامىدىن ئەسلى ئاساسى ماقامغا كۆتۈرۈپ, ئۇلارنىڭ پىكىرىگە مۇقەددەس تونىنى كەيدۈرۈپ, خۇددى ئەگىشىلىدىغان دىندەك قاراشتى.
بۇ سەۋەپتىن ھەدىس ئىلمى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بەزى بىر كىشلەر يىقىندا زاماندا مەيدانغا چىقىپ، بۇ بۈيۈك ئىماملارغا ياكى ئۇلارنىڭ بەزىسىگە تەنە قىلىشقا باشلىدى. ئەگەر بۇلارنىڭ ئەيپلىگىسى كىلىپ كەتسە بۇ ئىماملارنى ئەيىپلىمەي، مەزھەبكە مۇتىئەسسىپىلىك قىلغان ۋە مەزھەب مەسىلىسدە چۈشەنچىسى تار تۇرۇپ جىدەل قىلىدىغانلارنى ئەيىپلىگەن بولسا توغرا بولغان بولاتتى. بۇ تۈردىكى كىشلەرنىڭ بەزىىسى سۈننەتكە بالا بولدى .
سۈننەتنى چۈشۈنۈشتە دۆتلۈك تارقىغاندەك، بۈ ئەسىرىمىزدە مەزھەب مۇتئەسسپچىلىكى تارقاپ كەتتى .
ئومۇمى مۇسۇلمانلار ئاللاھنىڭ كىتاۋى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىنىڭ قانۇن چىقىرىش مەنبىيى ئىكەنلىكىگە بىردەك قاراشتا تۇرىدۇ. ئاللاھنىڭ ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزى بار ئورۇندا باشقا پىكرنىڭ ياكى ئوخشىمايدىغان مەسلەككە ھىچقانداق ئورۇن يوق. ئەمەلىيەتتە مەزھەب دىگەن سۆز“ساماۋى دەلىلىنى چۈشۈنۈشتىكى بىر ئالىمنىڭ كۆز قارىشى“دىگەنلىك بولىدۈ. بۇ كۆز قاراشقا مۇقەددەس نەزەر بىلەن قارالمايدۈ. ئۇ ۋەھىينى چۈشۈنىشتىكى ئىنساننىڭ تەپەككۈرىدىن ئىبارەت. بىردىن – بىر تايىنىش ۋەھىيىگە خاس بولىدۇ, بۇ مەزھەبلەرگە ئەزا بولۇش شەرەپتۇر.
چوڭ ئىسلام مەزھەبلىرىنىڭ كۆز قاراشلىرى ئەسلى ئاساسلىق بولغان قائىدە مەسىلىلىرىدە(پرىنسىپال مەسىلىلەردە) ئەمەس، قوشۇمچە (شاخچە) مەسىلىلەردە خىلمۇ – خىل بولدى. ئۇلار بىرلىككە كىلەلىگەن مەسىلىلەردە ھەمكارلىشش، بىرلىككە كىلەلمىگەن مەسىلىلەردە بىر بىرىگە ئۆزرە قويۇش( يەنى ھەر بىر ئالىم ئۆز كۆز قارشىدا قىلىپ قىلىش) ئاساسىدا ھەمكارلىشىشى يەنىلا مۇمكىن ئىدى. بۇ ئۇسۇلنى ئەقىللىق كىشلەر تاللىدى، لىكىن پارچىلىىنش كىسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ئارىنى بۆلىۋەتتى. مەسىلەن: ئىبادەت مەيداندا:پەرز نامازدا ئىمامغا ئىقتىدا قىلغان جامائەتنىڭ سۈرە ئوقۇشى لازىممۇ ياكى لازىم ئەمەسمۇ؟ دىگەندەك قايسىنى قىلسا توغرا بولىدىغان مەسىلىدە بىر- بىرىمىزنى نىمە ئۈچۈن كەچۈرەلمەيمىز! خالىغان كىشى ئوقۇسۇن خالىمغان كىشى ئىمامنىڭ قرائىتى بىلەن كۇپايىلەنسۇن، ھەر ئىككىلى تەرەپنىڭ كۆز قارشىنىڭ توغىرلىقىغا دەلىل بار. بىز مۇنداق ئۇششاق كىچىك ئىشلاردا كۇچىمىزنى زايا قىلماي ئاساسى قۇرۇلۇشقا قارىتا ئىدىيە ۋە مەنىۋى كۈچ قۇۋۋىتىمزنى ساقلاپ قالايلى. ئىختىلاپ قىلىشىپ قىلىشنىڭ: تىل تەبئىتى، يەككە يول بىلەن بايان قلىنغان ھەدىسلار (خبر الۆچاد) ، بەزى ھەدىسلارنىڭ بەزى ئىماملارغا يەتمەسلىكى، ھەدىس بىر ئالىمنىڭ نەزىرىدە ياخشى سەنەد (يول) بىلەن يەتكەن بولسا، يەنە بىرسىگە ئاجىز سەنەد بىلەن يىتىشى، يەككە يول بىلەن بايان قىلىنغان ھەدىسنى قوبۇل قىلىشتىكى شەرتلەرنىڭ ئوخشاشماسىلىقى، ھەدىسنى ئۇنتۇپ قىلىش سەۋەبى ۋە سۆزنىڭ مۇشتەرىك ( بىر سۆزنىڭ بىر قانچە خىل مەنالارنى ئىپادىلىشى) بولۇپ بىر قانچە خىل ئىھتىماللىقنى ئۆز ئىچىگە ئىلىشىغا ئوخشاش ئامىللار بار.
ئىختلاپ قىلشنىڭ بىر قانچە تۈرلۈك ئامىلى بولىدۇ:
سەۋەبى ئەخلاققا ئالاقىدار بولغان ئىختىلاپلار. بۇ شارائىت ۋە ھادىسىنىڭ سەۋەبلىرىنى ئويلىيالايدىغان ئالىملارغا تونۇشلۇق مەسىلە.
بۇ سەۋەبلەر تۆۋەندىكىچە :
1 – ئۆزنىڭ پىكرى ۋە نەپسى بىلەن مەغرۇلىنىپ قىلىش؛
2 – باشقىلارغا يامان گۇمان قىلىش، باشقىلارغا پاكىتسىزلا تۆھمەت چاپلاشقا ئالدىراش ؛
3 – ئۆزىنى ياخشى كۆرۈش، ھاۋايى ھەۋسىگە ئەگىشىش، مەسىلەن؛ داھىلىق ياكى مەنسەپنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھىرىس بولغانغا ئوخشاش؛
4 – ئۆز مەزھىبىنىڭ سۆزلىرىگە مۇتىئەسسپىلىك بىلەن ئىسىلىۋىلىش؛
5 – بىرەر جامائەت (پارتىيە ) ياكى بىرەر رايۇن ۋە شەھەرگە مۇتىئەسسىپلىك قىلىش .
پىكرى سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئىختلاپلىشپ قىلىش، پىكرى ئىختىلاپتىكى سەۋەپنىڭ ئاساسى, بىر مەسىلىگە قارىتا كۆزقاراشنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى، مەيلى بۇ ئىش ئەقىدە ۋە شەرىئەتنىڭ پىرىنسىپال مەسىلىلىرىگە تاقاشمايدىغان قوشۇمچە مەسىلىلىرىدە بولسۇن ياكى سىياسى مەيدان ۋە قارار ئىلىش مەسىلىسىدە بولسۇن . مەسىلەن : پارلامىنىتقا قاتنىشىش، ئىلمانىلار (دىن بىلەن سىياسەتنى ئايرىدىغان ياكى دىننى پۈتۈن ئىنكار قىلىدىغان كۆز قاراشتىكىلەر ) بىلەن ھۆكۈمگە شىرىك بولۇپ ھۆكۈمەت تۇتۇش، ھەرىكەتتە سىلىق يول تۇتقان ياخشىمۇ ياكى ئىنقىلاپ يولى ياخشىمۈ؟ ئىسلامى بولمىغان كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىش دىگەندەك مەسىلىلەردە بولسۇن ئىختىلاپنىڭ كىلىپ چىقىش سەۋەبى شۇنداق بولىدۇ .
پىقھى ئىختلاپ
بۈ ئىختىلاپ ئىسلام ئويغۇنۇش ھەركىتىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ئىختىلاپلارنىڭ بىرسىدۇر.چۈنكى كىشلەرنىڭ تۇتقان يوللىرى خىلمۇ – خىل بولىدۇ، بەزلىرى كەڭرەك يول تۇتىدۇ, بەزسى تاراق يول تۇتىدۇ، بەزسى نەس (قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ تىكىستى)گە مايىل، بەزىسى پىكىر مەدرىسىسىگە مايىل دىگەندەك ئامىللار بولىدۇ.
مىسالى نامازدا ( بسم اللھ) نى ئاشكارا دىيىش ياكى مەخپى دىيىش، قولنى رەپئەت قىلىپ كۆتۈرۈش ياكى كۆتۈرمەسلىك، ساقالنى ئۇزۇن قويۇش ياكى قىسقىراق قويۇش، ئىشتاننى ئۇزۇن كىيش ياكى قىسقىراق كىيىش دىگەندەك .
ئەسلىدە مۇسۇلمانلارنىڭ پىكرى بىردەك بولىشى كىرەك ئىدى . لىكىن يۇقارقى بىرقانچە خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن پىكر بىر قانچە خىل بولۇپ قالدى. تەشۋىقاتچىنىڭ مەسئۇلىيىتى مۇسۇلمانلارنى بىرلىككە، ئىتتىپاقلىققا چاقىرىشى، ئىختىلاپ ۋە بۆلۈنۈشتىن يىراق بولىشى، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ئاداۋەتتىن ساقلىنىشى لازىم .
ئىسلام دىنىگە ئوخشاش ئىناقلىققا چاقىرىدىغان، بۆلۈنۈشتىن قاتتىق ئاگاھلاندۇرىدىغان باشقا بىر دىن يوق. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسســـالام:“كىم مۇسۇلمانلار جامائەتىدىن ئايرىلىپ ئۆلسە، ئۇ جاھىلىيەتتە ئۆلگەندەك بولىدۇ “ دىگەنىدى .
يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :“ئىختىلاپ قىلىشماڭلار, سىلەردىن ئىلگىركىلەر ئىختىلاپ قىلىشقانلىقى سەۋەبىدىن ھالاك بولغان ئىدى“ دىگەنىدى.
قوشۇمچە مەسىلىلەردە ئىختىلاپ قىلىشنىڭ ھۆكمى نىمە؟
1 – شاخچە مەسلىلەردە ئىختىلاپ قىلىش زۆرۈر, چۈنكى كىشلەرنى ئىبادەت(قوشۇمچە تارماقلىرىدا) ۋە مۇئامىلە مەسىلىلرىدە بىر پىكرىگە ئەكىلىش مۇمىكن ئەمەس. ئاساسلىق بولىمغان شەرئى ھۆكۈملەردە ئىختىلاپنىڭ بولۇشى بىر قانچە تەرەپتىن زۆرۈر:
(1 ) – چۈنكى ئاللاھ بۈ دىننىڭ ھۈكۈملىرىنىڭ ئىچىدە دەلىل بايان قىلىنغان مەسىلىنى، يەنە دەلىلى بايان قىلىنماي سۇكۇت قىلىنغان مەسىلىنى، مۇھكەم، مۇتەشابھ (بىر قانچە خىل ئھتىماللىقى بار) مەسىلىنى، پىرىنسىپال ۋە زەننى مەسلىنى بايان قىلدى. ئەگەر ئاللاھ خالىغان بولسا ھەممە پىكىرنى بىرئىھتىماللىقتىن باشقىغا قارىتلمايدىغان قىلاتتى . شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسامغا قىرائەت يەتتە خىل شەكىل بىلەن كەلگەن .
تىل تەبئىتىنىڭ تەقەززاسى:
تىلنىڭ تەبئىتىمۇ پىكىرنىڭ بىر قانچە خىل بولىشىغا سەۋەپچى بولىدۇ، بەزى بىر سۆز بىرقانچە مەنالاردا ئىستىمال قىلىنىدۇ. مەسىلەن قۇرئان كەرىمدە:{فاغسلوا وجوھكم وۆيديكم ۈلۈ المرافق فامسچوا برۋسكم وۆرجلكم ۈلۈ الكىبين}تەرجىمىسى {يۈزۈڭلارنى يۇيۇڭلار، جەينىكىڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، بىشىڭلارغا مەسھى قىلىڭلار } (سۈرە مائىدە – 6 – ئايەت ) دىگەن ئايەتكە ئوخشاش .
ئەرەپ تىلىدا ( الباء ) دىگەن سۆز بىر قانچە خىل مەنا بىلەن ئىستىمال قىلىنىدۇ. ئۇ ( بەزىسى ) دىگەن ئۇقۇمدا ئىشلىتىلىدۇ، يەنە (قەسەم ئۈچۈن، سەۋەپ ئۈچۈن، بەزى ئەھۋاللاردا ئوشۇق(زىيادە) بولۇپ كىلىش ) ئەھۋاللىرىدا ئىستىمال قىلىنىدۇ .
بۈ ئايەتتىكى (ب ) ھەرپىنى بەزى ئالىملار بەزىسى دىگەن ئۇقۇم بىلەن ئىستىمال قىلىپ باشنىڭ تۆرتدە بىرىگە مەسھى قىلىش پەرز دەيدۇ، بەزەنلەر ئوشـــۇق (زىيادە) ئۇقۇمى بىلەن ئىستىمال قىلىپ باشنىڭ ھەممە يىرىگە ئالدىدىن تارتىپ ئاخىرغىچە مەسھى قىلىش پەرز دەيدۇ.
ئىنساننىڭ تەبئىيتى :
ئىنساننىڭ تەبئىتىمۇ ئىختىلاپنىڭ بىردىن – بىر سەۋەبىدۇر، چۈنكى ھەر بىر ئىنساننىڭ پىكرى، چۈشەنچىسى، شەخسىيىتى، تەپەككۇر قىلىش قۇۋۋىتى ئوخشاشمايدۇ.
كائىناتنىڭ تەبئىيتى :
ئاللاھ كائناتتا نۇرغۇنلىغان بىر بىرگە ئوخشاشمايدىغان نەرسىلەرنى ياراتتى. ئۇ نەرسىلەرنىڭ ھەجمى ۋە شەكلى ئوخشاشمايدۇ .
يۇقارقى ئامىللاردىن شۇنى كۆرۈۋالالايىمزكى چەكلەنگەن ئىختىلاپ ياكى يىقىمسىز ئىختىلاپ جىدەل- ماجراغا باشلايدىغان ۋە ئالاقىنى ئۈزۈشكە سەۋەپچى بولىدىغان ئىختىلاپتۇر. ئەمما ئىلمى يول بىلەن مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىختىلاپ قىلىنسا بۇ ئسىلامدا چەكلەنمەيدۇ، ھايات شۇنى تەقەززا قىلىدۇ.
( 2 ) - ئىختلاپ قىلىش ئۇممەتكە نىسبەتەن رەھمەتتۇر ۋە كەڭرى يول ئىچىپ بەرگەنلىكتۇر .
دارى قۇتنى بايان قىلغان، ئىمام نەۋەۋى سەھى دىگەن بىر ھەدىس بۇ ھەدىسنى تەكىتلەيدۇ:“ ۈن اللھ چد چدودا قلاتىتدوھا، وفرگ فراىگ فلا تگيىوھا، وچرم ۆشياء فلا تنتھكوھا، وسكت ىن ۆشياء رچمە بكم غير نسيان فلا تبچڭوا ىنھ“تەرجمىسى“ئاللاھ سىلەرگە چەك چىگرالارنى (بەلگىلىمە) بەلگىلەپ بەردى، ئۇ چىگرالاردىن ھالىقىپ كەتمەڭلار، مەجبۇرىيەتلەرنى پەرز قىلدى، ئۇنى زايا قىلىۋەتمەڭلار، بىر بۆلۈك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدى، بۇ ھارام نەرسىلەرگە يىقىنلاشماڭلار. بىر بۆلۈك نەرسىلەردىن- ئۇنتۇپ قالىمغان ھالەتتە – سىلەرگە رەھىم قىلىش يۈزسىدىن شۇك تۇردى( يەنى ھۆكىمىنى بايان قىلمىدى), ئۇ ھەقتە ئىزدىنىپ يۈرمەڭلار“ دىدى .
ئىختىلاپنىڭ ئۆزى مەدەنى بايلىقىمىزدۇر :
ئىختلاپ زۆرۈر بولىشى بىلەن بىر تەرەپتە ئۇ بايلىقتىن ئىبارەتتۇر. چۈنكى ئىسلام پىقھىسى ئۇ مۆجىزە خاراكتىرلىك مەدەنىيەتتۇر. ئىجتىھادى تەرەپتە پىكىرلەرنىڭ ئوخشاشماسلىقى پىقھىنى بىيتىدۇ، ئۇنى كۆپەيتىپ بىرىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەر بىرىسى دەلىلغا تايىنىدۇ. ئۇسۇلى ئوخشاشمىغان بۇ بىر قانچە ئىقىم بىلەن شەرىئەتنىڭ پىكرى بايلىقى كىڭىرىدۇ ۋە خىلمۇ – خىل بولىدۇ. ئاخىرىدا تۈگىمەس خەزىنىلەر بايلىقى توپلىنىدۇ ، بۇنىڭ قممىتىنى ئالىملاردىن باشقىلار بىلمەيدۇ .
ئىختىلاپنىڭ ساھابىلەرنىڭ دەۋرىدىمۇ تىپىلىشى :
بەنى قۇرەيزە غازىتىدا ھەر ئىككىلى خىل ئۇسۇلنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام توغرا دىگەن. ۋەقەلىكنىڭ قىسقىچە جەريانى تۆۋەندىكىچە: بەنى قۇرەيىزە قەبىلىسىگە ئاتلىنىش ئالدىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :“ھىچ بىر كىشى نامازنى بەنى قۇرەيزىدىن باشقا يەردە ئوقۇمىسۇن“دىگەنىدى. بەنى قۇرەيزىگە يىتىپ بارغىچە بولغان سەپەر جەريانىدا ساھابىلەرنىڭ بەزىسى ئويلۇنۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنىڭ تىزراق يىتىپ بىرىشىمىزنى مەقسەت قىلىپ شۇنداق دىدى دىيشىپ نامازنى يولدا ئادا قىلىشتى. يەنە بەزەنلىرى بىز بەنى قۇرەيزىگە يىتىپ بارغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسىمۇ ئاندىن نامازنى ئادا قىلىمىز دىيىشپ نامازنى بەنى قۇرەيزىگە يىتىپ بارغاندا ئادا قىلىشتى. شۇنىڭ بىلەن بەزەنلەر نامىزىنى يولدا ئوقۇپ ماڭدى. يەنە بەزەنلىرى بەنى قۇرەيزىگە يىتىپ بارغاندىن كىيىن ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسىمۇ شۇ يەردە ئوقۇدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تىپىپ ھىچ قايسى تەرەپنى ئەيىپلىمدى .
بۇ ئىختىلاپ, مەزھەب پىشۋالىرى دەۋرىدىمۇ بار ئىدى. بىراق (ئىلمى ۋە پىكرى) ئىختىلاپ ئۇلارنى ئۆز ئارا يامانلىشىشقا ۋە ئاداۋەتكە باشلىمىغان ئىدى. ئۇلار دوستانە ئىلمى مۇناقىشە ئىلىپ باراتتى. بۇ خىل ئىختىلاپ ئەيىپلەنمەيدۇ .
ئەمما ئەيىپلىندىغىنى ھاۋايى ھەۋسىگە تايىنىدىغان، ئۆزىنى كۆرستىشنى ئويلايدىغان, ھەقىقەتنى تىپىپ چىقىشنى مەقسەت قىلماي باشقا نەرسىنى نىيەت قىلىدىغان، باشقىلار بىلەن ئىختلاپلىشىپ قىلىش سەۋەبىدىن جىدەل -ماجراغا ئىلىپ بارىدىغان ئىختىلاپ شەكىللىرى ئەيىپلىنىدۇ.
سەپنىڭ بىرلىكى ۋە پارچىلىنىشنىڭ كىلىپ چىقماسلىقى ئۈچۈن نۇرمال يول تۇتۇپ ماڭماق لازىم . چۈنكى بۇ ئۇممەت نۇرمال يول تۇتۇپ مىڭىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ئۇممەتتۇر. نۇرمال يول تۇتۇش ئارقىلىق بىرلىشىشكە يول ھازىرلىغىلى بولىدۇ .
بەك چىڭ يول تۇتۇپ مىڭىش ئۇممەتنى ھالاكەتكە ئىلىپ بارىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:“ھلك المتـنطىون“تەرجىمىسىـى“چۇڭقۇرلاشقۇچىلار ھالاك بولدى“ دىگەنىدى.
سەپنىى بىرلەشتۈرۈپ, ئىتتىپاقلىقنى كۇچايتىش ئۈچۈن ئاساسلىق مەسىلىلەردە توختۇلۇپ، ئىختىلاپى مەسىلىلەرنىڭ كەينىدىن سەكرەپ كەتمەسلىك كىرەك .
بىر نەچچە خىل ئىھتماللىقى بار ئىختىلاپى مەسىللەردە مەسلىنى قەئتى جەزمىلەشتۈرۋىتىشتىن ساقلىنىش، شۇنداقلا ئىنكار قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم. شۈڭا ئالىملىرىمىز:“ئىجتىھادى مەسىلىلەرىدە ھىچكىمنىڭ ھىچكىمنى ئىنكار قىلىش ھەققى يوق“ دىگەن. مۇجتەھىد يەنە بىر مۇجتەھىدنىڭ كۆز قارشىنى ئىنكار قىلمايدۇ. شۇنداقلا بىر مەزھەبكە ئىسىلىپ كىتىپ بارغان كىشى يەنە بىر مەزھەبكە ئىسىلغان كىشىنى ئىنكار قىلمايدۇ. مۇجتەھىدنى ئىنكار قىلىش دۆتلۈكتۇر .
كەڭچىلرەك بولۇشقا ياردەم بىرىدىغان يەنە بىر ئىش, ئۇ بولسىمۈ باشقا مەزھەبنىڭ كۆز قاراشلىرىنى, دەلىللىرىنى كۆرۈپ چىقىش ۋە باشقىلارغا ئۆزرە قويۇشتۇر .
ئىختىلاپ ھىڭىغا بەك چۈشۈرۋىتىدىغان، ئىتتىپاقلىقنىڭ پەيدا بولۇشىغا توسالغۇ بولىدىغان ئامىل: ئۇممەتنىڭ چوڭ مەسىلىلىرى ۋە غەملىرى بىلەن مەشغۇل بولماي كىچىك مەسىلىلەردە باشقىلار بىلەن ئىختىلاپ جىدەل- ماجرا قىلىشتۇر. ئورتاق ئاقىۋەت ۋە ئورتاق غەم بىرلەشتۈرىدىغان ئەڭ موھىم ئامىلدۇر .
پىقھىنىڭ ياكى ئەقىدىنىڭ جەۋھىرىدىن بولمىغان، نەتىجە چىقىشىدىن ئۈمىد بولمىغان سىرىتقى (يەنى مۇھىم بولمىغان)مەسىلىرى ئۈستىدە جىدەل دىڭىزىغا غەرق بولۇپ ئۇممەتنىڭ جىددى مۈشكۈللىرىنى تاشلاپ قويۇپ، خاپىلىق ۋە دەرىت ئەلەملىرىنى ئۇنۇتۇش بۈگۈنكى ئۇممتىمزگە قىلىنغان خىيانەتتۇر.
بىرلىكنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغان يەنە بىر ئامىل, بىرلىككە كىلەلىگەن مەسىلىدە قول تۇتۇشۇپ بىردەك مىڭىش لازىم. پىقھى مەسىللىرىدە ئىلمى ئىزدىنىش ئىلىپ بارسا، بۇنى ئىختىساس ئىگىللىرى بىر تەرەپ قىلسا بۇ ياخشى ئىش بولىدۇ. ئىختىلاپ قىلىش غايىمىزگە ئايلىنىپ قالسا مۇسىبەت مانا مۇشۇ يەرىدىن كىلىدۇ ۋە كۇچىمىزنى پارچىلاپ تاشلايدۇ. ئىمام شاپئىنىڭ قائدىىسنى بايان قىلىپ ئۆتۈشكە توغرا كىلىدۇ، ئۇ مۇنداق دىگەنىدى:“مەن بىر كىشى بىلەن مۇنازىرلىشىپ قالسام, ئۇنىڭ ئاغزىدىن ھىكمەتلىك سۆزلەرنىڭ چىقىشىنى ئاللاھدىن تىلەيمەن“ .
مۇمكىن قەدەر سۈننەتتە بايان قىلىنغان نەرسىنىڭ ئەڭ ئەۋزىلىنى قىلساق ياخشى بولىدۇ. لىكىن بىر مەسىلىنىڭ جايىزلىق تەرىپى بىلەن ئەۋزەللىك تەرىپى بولسا، ئىككىلىسى توغرا بولغاندىكىن قايسىنى قىلسا مەيلى, ئەۋزەل تەرىپىنى قىلسا ياخشىدۇر. لىكىن بىرسىنى قىلغىنى يەنە بىرسىنى قىلغىنىنى ئەيپلىمەسلىكى لازىم. مۇستەھەب، جائىز، ئەۋزەل مەسىلىلەرگە جازا مۇناسىۋەتلىك ئەمەس. قىلسا ساۋاب بار, قىلمىسا گۇنا يوق. بۇنداق مەسىلىلەرىدە تالىشىپ ئولتۇرۇش ئەخمەقىلقتۇر. گۇناھ بولمىغان ئىش بىلەن باشقىلارنى ئەيىپلەيدىغانغا نىمە ھەققىمىز بار؟ ھىسابنى ئۇ بىرىدۇ. بىز پەقەت چىرايىلىق ئارىنى تەسىرگە ئۇچراتمىغان ئاساستا نەسىھەت قىلىپ قويساق بولىدۇ خالاس.
ئۇممەتنىڭ مۈشكۈلىسى ۋە قىينچىلىقى ئايەتنى تەۋىل قىلىشتا، {الرچمن ىلۈ الىرش استوۈ} تەرجىمىسى{ ئاللاھ ئاسمانغا ئۆرلىدى ياكى ئىگەللىدى}دىگەن ئايەتنى تالىشىشتا ياكى نامازدا بىسمىللانى ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن دىيىشتە، نامازدا سۈرە پاتىھەدىن كىيىن“ئامىن“دىگەن ئاۋازىنى ئۈنلۈك كۆتۈرۈش ياكى كۆتۈرمەسلىكتە, قىزلار بىشىغا ھىجاب(يۈزىدىن باشقا, گەدىنى ۋە بويىنى بىلەن قوشۇپ بىشىنى تولۇق يۆگەيدىغان ياغلىق) سالغاندىن كىيىن نىقاپ (كۆزىنىڭ ئاستىن تەرپىگە ياكى بۇرنىنىڭ ئاستىغا تارتىلدىغان لاتا) تارتش ياكى يۈزىنى ئوچۇق قويۇشتا ۋە ئاياللارنىڭ قولىغا پەلەي سىلىش ياكى سالماسلىقىدا ئەمەس .
مۈشكۈل باشقىچىراق، باشقا يەردە. ئۇ بولسىمۇ ئەقىدىنىڭ ئاجىزلىقى، شەرىئەتنىڭ دىن دۈشمەنلەر تەرىپىدىن بىكار قىلىۋىتىلىشى، نامازنىڭ زايا بولۇپ كىتىشى، شەھۋەتنىڭ كۈچىيىپ كىتىشى, پاھىشىنىڭ تاراپ كىتىشى، ئەخلاقنىڭ ۋەيران بولۇشى، ئەقىلنىڭ بىكار بولۇپ كىتىشى، مىڭىنىڭ دىن دۈشمەنلىرى ئىشلىتىۋاتقان مەدەنىيەت ۋە ئىدىيە ھۇجۇملار سەۋەبىدىن يۇيۇلۇپ كىتىشى، مۇسۇلمان قىنىنىڭ ئەرزان باھادا تۆكىلىشى، پىكرنىڭ توڭلاپ قىلىشى، ئىرادىنىڭ بوشاپ كىتىشى، ئەركىنلىكنىڭ بوغۇلىشى، مەسئۇلىيەتنىڭ ئۇنتۇلىشى ۋە شەخسىيەتچىلىكنىڭ تاراپ كىتىشىدە كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ.
بىز بىرلىككە كىلەلەيدىغان نۇرغۇن مەسىلىلەر بار نىمە ئۈچۈن بۈ مەسىلىلەردە بىرلىشەلمەيمىز؟ نىمە ئۈچۈن بىر بىرىمزنى كەچۈرەلمەيمىز؟مۇھىم بولمىغان ئىختىلاپنى نىمە ئۈچۈن ئۇنتالمايىمز؟ بىرلىككە كىلەلەيدىغان مەسىلىلەر ئاز ئەمەس. بۇ مەسىلىلەرنى رىئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن كۆپ كۇچ چىقىرىش كىرەك. كۈچنى باشقا يەرگە ئشىلتىۋەتسەك بۇ يەرگە نىمە ئشىلىتىمىز؟ ئىختىلاپى مەسلىلەردە كەڭچىل بولايلى، قارنى كۆكسىمىز كەڭرى بولسۇن، باشقىلارنىڭ پىكىرىنى ھۆرمەتلەيلى.باشقىلارنىڭ پىكرى بىلەن ئىچىمىز سىقىلمىسۇن. بىزنىڭ دىگىنىمزلا توغرا بولۇپ, باشقىلارنىڭ دىگىنى پۈتۈن خاتا بولىدىغان مۇنداق ئىش يوق. بىزدىكى ئىنساپ قىنى؟ دىنىمزغا بولغان ساداقەتمەنلىك قىنى؟ قىرىندشىمىزنىڭ ھەققى قىنى؟..
بىر مەسىلىدە بىر قانچە خىل توغىرلىق بولىشى مۇمكىن، ياكى توغىرلىق بىر خىللا بولامدۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس .
ئىختىلاپ قىلىشنىڭ ئەخلاقلىرى :
ئىختىلاپ بولغاندا بىزدە ئىخلاس, ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن ساداقەتمەنلىك بولىشى لازىم. شەخىسلەرگە ياكى مەزھەبلەرگە مۇتىئەسسىپلىك قىلماسلىق, باشقا كىشلەرگە يامان كۆز قاراشتا بولماسلىق, توغرا قاراشتا بولۇش, قارا كۆزئەينەك بىلەن قارىماسلىق، باشقىلارغا تەنە قىلىشتىن، ئازار بىرىشتىن، دىلىنى جاراھەتلەندۈرۈشتن يىراق بولۇش، جىدەل – ماجراغا ئورۇن بەرمەسلىك ۋە ئىختىلاپنى ياخشى ئۇسۇل بىلەن داۋاملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت .
ئىسلام ئاۋازى تور بىتى
2005- 6- 7 مىلادىيە
1426- رەبىئۇل ئاخەر- 30 ھىجرىيە

مۇھاجىر 2011-11-16 19:45
تۇران ئەپەندىم دىگەندەك ئىمامى ئەبى يۇسۇپ بىلەن ئىمامى ئەزەم بىر مەسىلە توغۇرلۇق بىر كىچە مۇنازىرلىشىپمۇ  بىر -بىرسىدىن ئاغرىنىپ قالماپتىكەن بىز نىمىشقا ئىنىق بولغان مەسىلىدىمۇ چىقىشالمايدىغاندىمىز

oghuzhan 2011-11-16 19:57
قېرىندىشىمىز ئىلىمنىڭ مۇنبەرگە كىرمەسلىكىدىكى ، كىرسىمۇ ئىنكاس يازماسلىقىنىڭ سەۋەبىمۇ شۇ بولسا كېرەك ...

مۇھاجىر 2011-11-16 19:59
بىز مەسىلە توغرىسىدامۇنازىر قىلغاندانادانلىىق قىلماي چۇقۇم مەزھەپكە قايتساق بۇنداق ئارىچىلق بولمايتتى

نەفىسە 2011-11-16 20:00
           اللە رەھمەت قڭلسۇن شۇنداق ياخشى پىكىر قاتناشتۇرۇپسىلەر ،تىلنى اللە تااللە ياخشى يولغا قوللىنىشقا ۋە ياخشى سۆز قىلىشقا ياراتقان،ياخشى سۆز ھار جايدا ئالقىشقا لايىق بولىدۇ،ھەتتا اللەنىڭ نەزىرىدىمۇ ياخشى سۆزنىڭ قىممىتى يۇقىرىدۇر.قۇرئان كەرىمدە بۇ توغۇرلۇقاللا مۇنداق دەيدۇ:«ياخشى سۆز اللەنىڭ دەرگاھىغا ئۆرلەيدۇ،ياخشى ئەمەل ئۇنى كۆتىرىدۇ.»فاتىر سۈرىسى 35-ئايەت.پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام يەنە بۇ توغىرسىدا :«كىمكى اللەغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىكەن،ياخشى سۆز قىلسۇنياكى سۈكۈت قىلسۇن »دېگەن.اللە ئەمەللىرىمىزنىڭ ھەممىسىنى خالىس قىلىپ بەرگىلى نېسىپ ئېتىپ بەرسۇن.امىن.

نەفىسە 2011-11-16 20:09
       ئملاغا ئانچە دىققەت قىلماپتىمەن.ئەمىليەتتە قوپال ۋە يامان سۆز ئۆزىگە نەپرەت ۋە دۈشمەنلىك تېپىشتىن باشقىسىغا يارىمايدۇ.«تىغ يارىسى ساقىيىدۇ،دىل يارىسى ساقايمايدۇ.»دېگەن ھېكمەت بۇ مەنىنى ئىپادىلسە كېرەك.   پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام يەنە؛«چىرايلىق سۆزدە سىەدىقىنىڭ ساۋابى بار .»دېگەن.

ئابدۇقۇددۇس 2011-11-16 22:18
ئاللا مۇشۇ تېمىنى يوللۇغىچۇغا ۋە پۇتكۇل مۇسۇلمان مۇسلىمەلەرگە كۇپ رەخمەت قىلسۇن

نۇرجۇلا 2011-11-17 00:13
تېمىڭىزغا رەھمەت دوستۇم نەفىسە!
تېمىڭىزنى تولۇق ئاۋاز بىلەن قوللايمەن.

بەدىر 2011-11-17 11:06
ھەسەلدىن قىل ئايرىپ ، ھۆپۆپنى يۇڭدىماي يەپسالىمىز كۆپ ھاللاردا ...

fatih204 2011-11-17 15:43
ھەسەلدىن قىل ئايرىپ ، ھۆپۆپنى يۇڭدىماي يەپسالىمىز كۆپ ھاللاردا ...

ماۋۇ گەپنىڭ جېنى بار ،، قوللايمەن

بەكتۇر 2011-11-17 20:45
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن! ياخشى تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز.

ilim 2011-11-17 22:33
كەڭ ساي مۇنبىرىدىكى بەزى ئەزالارنىڭ بولغىنىدىن بولمىغىنى،بەزى تىمىلارنىڭ يوللىغىنىدىن يوللانمىغىنى ياخشىكەن.
مۇشۇ كۈنلەردە كەڭ ساي مۇنبىرىگە بىر نىمە بولدى....
ئادەمنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدىغان دىننىي تىمىلار ۋە ئىنكاسلار..................
ھەي.......... ئاللاھ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قەلبىنى بىر ئادەمنىڭ قەلبىدەك قىلۋەتكەي

islamyultuzi 2011-11-18 19:00
  ئەسسالامۇئەلەيكۇم : ھۆرمەتلىك نەفىسە قېرىندىشىم ! ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن ، ئىلمىڭىزنى زىيادە قىلسۇن ، ئىسلام ۋە ئىسلام ئۈممىتىنىڭ غېمىنى يەيدىغان سىزدەك ئالىمە ئاياللارنى تېخىمۇ كۆپەيتىپ بەرسۇن ، ئەمىين !!!
يوللىغان تىمىڭىزدىن بەكمۇ رازى بولدۇم ، دىمەك بىز ھازىر ئۈممەتنىڭ ئەھۋالغا ئىنساپ نەزرىمىز بىلەن قاراپ بېقىشىمىز كىرەك ، ئىسلام ئۈممىتى جۈملىدىن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى يۇقلىش گىرداۋىغا بېرىپ قالغان ، ئۈممەتنىڭ قەلبى زەھەرلەنگەن مۇشۇ كۈنلەردە مۇستەھەب ، مۇباھ چاغلىق ئەمەللەردە مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز-ئارا بەس مۇنازىرە قىلىشى ھېچ ئەقىلگە سىغمايدۇ ، مەن ئويلايمەنكى مۇشۇنداق شاخچە مەسىللەر سەۋەپلىك مۇسۇلمانلار ئارسىدا بۆلگۈنچىلىك ئۇرۇقى چېچىۋاتقان ، زىھنىمىزنى ئىسلامنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا باش قاتۇرۇشتىن ئوغۇرلاۋاتقانلار ، بىر بولسا دىن دۈشمەنلىرى ياكى بولمىسا دىنى چۈشەنچىسى تۈۋەن ، بىلمى ئاز  نادانلار بولسا كىرەك . ‹‹ ئۆگىنىش ئىسلام مەكتىپى ›› مۇ دەل مۇشۇ ئىككى خىل كۈچلەرنىڭ زەھەرخەندىلىكى ۋە بەتدۇئالىرى بىلەن تاقلىپ كەتكەن بۇلشى مۇمكىن ، ‹‹ ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر ›› . ئاللاھ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرنىڭ ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئورنى بولغان ‹‹ كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى ›› نىڭمۇ مۇشۇنداق رەزىل كۈچلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ قېلىشتىن پاناھلىق بەرسۇن . ئەمىين !!!
ئۈممەتنىڭ يۈرەك كىسلىنى قايرىپ قۇيۇپ تىرە كىسلىنى داۋالايمەن دىگەن ئادەمنى ئەقلىدىن ئاداشتى دىسەك خاتالاشمايمىز، بىز نىمە ئويدا ؟ دىسىزلار نىمە ئويدا ؟ بىز ھازىر قىلىشقا تىگىشلىك ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە زادى نىمە ؟ ئاتا-ئانىللىرمىز قايسى زۈلمەتلىك دەۋىرنى باشتىن كەچۈردى ؟ بىز قايسى دەۋىرنى باشتىن كەچۈرۋاتىمىز ؟ كەلگۈسى ئەۋلادلىرمىز قايسى قىسمەتلەرنى باشتىن كەچۈرەر ؟ بۇ ھەقتە ھەربىر ئەقلى بار مۇسۇلمان قاتتىق ئويلىنىپ ، تىزدىن ھەركەتكە كىلىپ ئىسلام ۋە ئىسلام ئۈممىتى ئۈچۈن ئەلەمى ، قەلەمى ، مالى يوللار ئارقىلىق بىر كىشلىك ھەسسىسىنى قۇشۇشى ھېچ بولمىغاندا ئۈممەتنىڭ پارلاق ئەتىسى ئۈچۈن خەيرىلىك دۇئالارنى قىلىپ تۇرشى ۋە بىز تارتىۋاتقان بۇ جەبىر-جاپالارنى كەلگۈسى ئەۋلاتلار تارتماسلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا يېڭى يول ھازىرلىشى كىرەك ، چۈنكى بىزدە ‹‹ سەن دۈشمەنگە باش ئەگسەڭ ، ئەۋلادىڭ تىز پۈكىدۇ ›› دەيدىغان ھېكمەت بار. بىز ئۆز-ئارا دەتالاش قىلىپ دىل ئازارى ، تىل ئازارى بىرىپ ئۈممەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنمىساقمۇ ، غەيرىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ھەر تۈرلۈك ھۇجۇملىرى يىتىپ ئاشار .
‹‹ قۇتلۇق ›› قېرىندىشىم !  سىللىنىڭ دىنغا قىلغان تۆھپىللىرى ئاز ئەمەس ، ھەقىقەتكە كۆز يۇممايمىز ، يېقىنقى كۈنلەردە نىمە بولدىلىكىن ؟ ھېچ بىلەىلى بولمىدى، بىر نىيەت ، بىر مەقسەتتىكى دىنداش قېرىنداشلارغا كىچىك شاخچە مەسىللەر سەۋەپلىك ئازار بىرىپ قۇيۋاتىلا . بەلكىم بۇ سۆزۈمگە دەرھال ئىسپات تەلەپ قىلىشلىرى مۇمكىن، ئۇنىڭغا قارتا جاۋابىم شۇكى، ‹‹ قۇياش نۇر چېچىپ تۇرسا ، چىراغ يېقىش بىھاجەت ›› . سىللىنىڭ بىدئەت ۋە بىدئەت ئەھلىگە بولغان ھەقىقەت مەيدانلىردىن بەكمۇ سۈيۈندۈم ، ئەمما ھەقىقەتنى باشقىلارغا زورلاپ تېڭىش يوق ، يەتكۈزۈپ قويسلا شۇ يىتەرلىك ، ئەمەل قىلىش-قىلماسلىق ھەربىر مۇسۇلماننىڭ ئەركىنلىكى . ھەم بۇ بىدئەت ، بۇ سۈننەت دەپلا قويماي شۇ بىدئەتنى قانداق قىلغاندا بارلىق مۇسۇلمانلار ئارسىدىن يۇقاتقىلى بۇلىدۇ ؟ شۇ سۈننەتنى قانداق قىلغاندا ئىزچىل داۋاملاشتۇرغىلى بۇلىدۇ ؟ دىگەن تەرەپلەردىمۇ تەلىم بىرىشلىرنى ، مۇمكىن بولسا ئۈممەتنى پارچىلاپ ئەمەس بەلكى ئىتتپاقلاشتۇرۇپ باياۋان زۈلمەتلىردىن چىقرىش ئۈچۈن ئالىملىق مەجبۇرىيەتلىرنى تۇلۇق ئادا قىلىشلىرنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەم پەيغەمبىرىمنىڭ دەۋەت تارىخىغا نەزەر سېلىپ ، بىز ھازىر بىدئەت-سۈننەتنى كىشلەرگە تەرغىپ قىلامدۇق ؟ ياكى ‹‹ تەۋھىد كەلىمىسى ›› نى تۈپ ماھىيتى بىلەن كىشلەرگە يەتكۈزۈپ ، ئىسلام ئۈچۈن ، ئۈممەتنىڭ غەلبىسى ئۈچۈن بارلىقنى بېغىشلىىيالايدىغان ‹‹ ئەنسار ۋە مۇھاجىرلار ›› قۇشۇنىنى كۆپەيتەمدۇق ؟ كىشلەرگە ئاۋۋال ئەمەلىي كۈرەش ئېلىپ بارامدۇق ياكى ئىدئولوگىيە كۈرشى ئېلىپ بارامدۇق ؟ بۇ ھەقتە تەپسىلى ئويلىنىپ ، ھەققانىي پىكىر قىلىپ بېقىشلىرنى چىن قەلبىمدىن ئۈمىد قىلىمەن ، ئاخىردا سىللىگە دەيدىغىنىم : ‹‹ مەنمۇ بىر ئادەم بالىسى بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن خاتالىقتىن خالى ئەمەسمەن ، مەن سىللىنىڭ تىل-ھاقارەتلىرنى كۆتۈرەلمەيمەن ، شۇڭا خاتا سۆزلەپ قويغان بولسام كەچۈرۋېتىشلىرنى ھەم كەمچىلكىمنى كۆرسۈتۈپ قۇيۇشلىرنى ئىسلامى قېرىنداشلىق يۈزسىدىن سۇرايمەن ›› . ئاللاھ ھەربىر مۇسۇلمانغا ھەقنى ھەق ، باتىلنى باتىل كۆرسىتىپ بەرسۇن ۋە ھەممىمىزنى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلسۇن . ئەمىين !!!

paris 2011-11-19 19:14
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە سالامى سىلەرگە بولسۇن!
مەن سىلەرگە تۆۋەندىكى  ئايەتنى ھەديە قىلاي ئوبدان ئويلاپ تەپەكككۇر قىلىپ بىقىڭلار!
                      


                                   بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
              ناھايتى شەپقەتلىك ۋە مىھىربان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
     پەرۋەردىگارىڭنىڭ يولىغا(يەنى ئىسلام دىنىغا) ھىكمەتلىك ئۇسلۇپتا ياخشى ۋەز_نەسىھەت بىلەن
   دەۋەت قىلغىن، ئۇلار(يەنى مۇخالىپەتچىلىك قىلغۇچىلار) بىلەن چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرلەشكىن ،
   پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ئۇنىڭ يولىدىن ئازغانلارنى ئوبدان بىلىدۇ، ھىدايەت تاپقۇچىلارنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ.
      
             _ نەھلى سۆرىسى 125- ئايەت

توران 2011-11-19 23:17
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ناھايتى ياخشى ئويلاپسىز قېرىندىشىم!
ھەممە مۇسۇلمانلار سىزدەك ئويلىغان بولسا ھە!!
مۇنبىرىمىزدىن ئۆتكۈر پىكىرلىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز!!!

!adiyat 2011-11-19 23:39
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 19قەۋەتتىكى مۇھاجىر نىڭ 2011-11-16 19:45 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
تۇران ئەپەندىم دىگەندەك ئىمامى ئەبى يۇسۇپ بىلەن ئىمامى ئەزەم بىر مەسىلە توغۇرلۇق بىر كىچە مۇنازىرلىشىپمۇ  بىر -بىرسىدىن ئاغرىنىپ قالماپتىكەن بىز نىمىشقا ئىنىق بولغان مەسىلىدىمۇ چىقىشالمايدىغاندىمىز

چۈنكى  ئۇ  كىشىلەر  دىننىڭ  راۋاجى ئۈچۈن مۇنازىرلىشىدۇ ،
بىز ئۈستۈنلۈك  تالىشىش  ئۈچۈن مۇنازىرە  قىلىمىز..

مۇھاجىر 2011-11-20 11:46
مەن بۇ پىتنە ساي ۋە ئىىختىلاپ سايدىن چىكىنىپ چىكەتكەن ئىدىم قېرىندىشىم ئىلىم ۋە ئادىياتى نەپىسە سىڭلىمنىڭ يازمىلىرىغا قاراپ يەنە كىرىپ قالدىم

نەفىسە 2011-11-20 15:24
                  ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم اللە رەھمەت قىلسۇن!!!!!ئنشااللە اللە بىزلەرگە تېخىمۇ كۈچلۈك ئىمان ۋە ئېتىقاد بەرسۇن امىن....مەن اللەنىڭ رەھمىتى بىلەن بىر مەكتەپكە پىكىرلەشكىلى بېرىپ بىر قېرىندىشىمىز بىلەن مېتروغا چىقماقچى بولدۇق،مەن ئۇنىڭغا ئۆگەنگەن ئادىتىم بۇيىچە قېرىدىشىم سىز ئاۋۋال چىقىڭ دېدىم ،ئۇ قېرىندىشىم مېنى خۇددى تۇنجى قېتىم كۆرۈۋاتقاندەك سەپسېلىپ قاراپ كېتىپ يىغلاپ تاشلىدى،مەن نېمە ئىش بولغىنىنى بىلەلمەيلا قالدىم،ئاندىن ئۇ ماڭا سىز مېنى قېرىندىشىم دەپ چاقىردىڭىزمۇ دېدى،مەن شۇنداق دېسەم قولۇمنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ،اللە بىزلەرنى قۇياش نۇرى بىر مىللىمىتىرچە كېلىدىغان اللەنىڭ سايىسى ئاستىدىن باشقا ھېچقانداق بىر نەرسە بىزلەرگە مەنپىئەت بېرەلمەيدىغان،اللەنىڭ بىزلەرگە ۋەدە قىلىنغان ئاشۇ  قىيامەت كۈنىدە اللەنىڭ سايىسى ئاستىدا سايىدىغىلى نېسىپ قىلسۇن دېدى.
                شەك-شۈبھىسىزكى ئىمانسىز بولغان قېرىنداشلىق  شەخسىي مەنپىئەت ئۈستىدىلا ئۇچىرشىدۇ،شۇنىڭدەك تەقۋالىقتىن ئايرىلغان سادقەتلەنمەنلىكمۇ دۇنيا مەنپىەتلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشتە رىقابەتلەشكەن ھامان ئۆچ-ئاداۋەتكە ئايلىنىدۇ.ئەگەر بىر مۇسۇلماندا ئىمان ۋە تەقۋادارلىق تېپىلىپ راستچىل قېرىنداشلىق ھەم خالىس ساداقەتمەنلىك تېپىلمىسا ئۇنىڭ ئىمانى كەمچىل ۋە تەقۋادارلىقى ساختا ھېسابلىنىدۇ.«سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆزى ياخشى كۆرگەن نەرسىسىنى قېرىندىشىغا ياخشى كۆرمىگىچە كامىل مۆئمىن ھېسابلانمايدۇ. سەھىھۇل بۇخارى.
                 ھەدىس قۇددۇستا:«مېنىڭ مۇھەببىتىم مەن ئۈچۈن قېرىنداش بۇلۇشقان،مەن ئۈچۈن  بىر-بىرىنى زىيارەت قىلىشقان مەن ئۈچۈن پۇل-مال سەرپ قىلىشقان كىشلەرگە خاستۇر.ئىماننىڭ ھالاۋىتىنى تېتىش ئۈچۈنمۇ بىر ئىنساننى پەقەت اللەنىڭ رىزالىقى ئۈچۈن ياخشى كۆرگەندە ئاندىن تېتىغىلى بولىدۇ.اللە بولسا بىزلەرنى مۇشۇ يولدا ياخشى قېرىنداشلاردىن قىلىپ بەرسۇن،بىزدىكى ئختىلاپلارنى تۈگىتىپ بەرسۇن،امىن.

!adiyat 2011-11-20 22:11
ئەمىليەتتە  ئارىمىزدا  يامان  ئادەم  يوق.
شەيتاننى  يىغلىتىش  ئۈچۈن  ئارىمىزدا  مىھىر -موھاببەت  ئويغىتايلى...
ئاللا مەدەت  بەرسۇن  ھەممىمىزگە...

oylinish 2011-11-21 17:48
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 6قەۋەتتىكى qutluq نىڭ 2011-11-15 22:05 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :

كىم يازغان كىتابكەن؟ قاچان نەشردىن چىقىپتۇ؟ كىم تەرجىمە قىپتۇ؟ باھاسى قانچە پۇلكەن؟ ئىنكاسىڭىزغا قارايمەن.

بۇ كىتاب توردا سېتىلىدىكەن:
خەنزۇچىسى مانا:
سېتىۋېلىش ئادىرىسى:
http://book.kongfz.com/6713/71796180/
ياكى:
http://www.jiushu.cn/shop/book.php?bookid=562102
ماۋۇ ئۈرۈمچىدىكى دۇكان ئىكەن:
http://www.997788.com/pr/detail_311_6617539.html
بۇمۇ ئۈرۈمچىدىكى دۇكان ئىكەن:
http://book.kongfz.com/3797/108326219/



ئۇيغۇرچىسى شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستىتى كۇتۇپخانىسىدا بار ئىكەن.
كىتابخانىلاردا بارمۇ يوق بىلمىدىم.
1978- يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىپتىكەن.
بۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستىتى كۇتۇپخانىسىدىكى ئادېرىسى:

بىگان 2011-11-22 08:18
ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمۇن تاقالدى

نەفىسە 2011-11-22 09:49
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 38قەۋەتتىكى بىگان نىڭ 2011-11-22 08:18 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئەمەلىيەتتە...دەۋەت خىزمىتىىدىن رايىمۇ يىنىپ كىتىدىكەن كىشىنىڭ...نىمىشقا؟چۈنكى شۇنى بىلىپ تۇرۇپ قىلمايدىغان،سۆزلىسە<سەندىن كۆپنى بىلىمىز>دەيدىغان...ھەتتا بەزى سەۋر قىلىشقىمۇ ئاماسلسىز قالدىغان ئەھۋالسا بەزىلرىمىز...بىز خەق ئەزەلدىن شۇنداق...تارىخقا نەزەر تاشلىساقلا،ئارىمىزدا بىرخىل كىسەللىك بار،بەلكىم بۇ كىسەل<قان بىلەن كىرىپ،جان بىلەن چىقىشى>مۇمكىن...
ئەخلاقى بۇزۇلغان مىللەت خۇددى يۈگەنسىز ئىشەككە ئوخشايدۇ،ئىشەك ھامىنى ئىشەك،ئىشەكلىكىنى قىلماي قويمايدۇ،كۆندۈرگەن ئىشەك بولسا قانداقكىنتاڭ؟!ئۇنىڭدا رىيا بىلەن سۇغۇرۇلغان ساختا ئەخلاقتىن باشقا،ئاچ نەفسىلا تۇرسا،گۈزەل سۆزلەرنى ئاڭلايتتىمۇ؟ بەلكى ھىدايەتنى كۈتمەي ئامالىمىز يوقتۇر...


         سىز مۇھەممەد ئەلەيھىسالامنىڭ تەرجىمھالىنى ئوقۇغانمۇ؟ئەرەب مۇشرىكلىرى كاتىۋاشلىرى ئەبۇ تالىبغا جىيەنىگە يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسالامغا دەۋەتنى توختىتىشنى بولمىسا ئۇرۇش قىلىشنى ئېيتىدۇ،بۇ ۋاقىتتا ھەممىمىز بىلىمىز مۇسۇلمانلارنىڭ سانى 30 غىمۇ يەتمىگەن ۋاقىت ئۇلارنىڭ قوغدىغىدەك ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى،تايانغىدەك ھېچنىمىسى يوق،مۇھەممەد ئەلەيھىسالام بۇلارنى ئېنىق بىلىدۇ،ئەمما ئۇ:"ئۇلار ئوڭ قولۇمغا قۇياشنى،سول قولۇمغا ئاينى تۇتقۇزۇشقان تەغدىردىمۇ،ياكى اللە بۇ ئىشنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلمىغۇچە ۋەياكى مۇشۇ يولدا ئۆزۈم ھالەك بولمىغىچە دىن تەشۋىق قىلىشنى توختاتمايمەن "دېگەن.
             ئىنشاللە سەۋىر قىلىپ كۈچەپ بېرىڭ،ھەققىي مۆئمىن اللەدىن ھەرگىزمۇ ئۈمىدىنى ئۈزمەيدۇ.اللە سىزگە ئاسانلىق بەرسۇن.

ansar514 2011-11-22 13:48
ئاللاھ ھەممىڭلارغا رەھمەتلرىنى ياغدۇرۇپ بەرسۇن! شۇنداق ياخشى تىما يوللاپسىلەر ھەم شۇنداق ياخشى ئىنكاسلارنى يىزىپسىلەر. مەنمۇ ھازىرغىچە ھەرقانداق ئىتىلاپنى يامان كۆرمەن ھەم ھەرقانداق بولۇنۇشكە بەكلا ئۆچ.ئىختىلاپ قىلىشقانلارنى يامان كۆرەتتىم لىكىن قىرىنداشلىرىمنىڭ شۆزلىرىنى ئاڭلاپ بەزى ئىختىلاپنى ئەگەشكۇچى مۇسۇلمانلار قىلىشماي ئىلمىي ھالدا ئالىم يول باشچى مۇسۇلمانلارنىڭ قىلشىپ پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلشىنىڭ بەك زورۇرلىكىنى ھىس قىلدىم.
مەنمۇ شەخسەن ھەرقانداق ئادەمنىڭ ياكى تارىخى مەسىلنىڭ ۋە ياكى بىر تەشكىلتنىڭ توغرىسىنى قوبول قىلىپ خاتاسىدىن ئىبرەت ئىلىشنى ئۆزۇمگە مىزان قىلغانمەن.پەقەت ئىمانغا تاقىشىدىغان مەسلە بولمىسىلا قايسى مۇسۇلمانلارغا قولاي ۋە پايدىلىق بولسا شۇنى قىلىشنى زورور دەپ قارايمەن.ھەم كىچە كۇندۇز مەزھەپ بولونىشى مەسىللىرى ماجرالىرىنى كۆرمىسەم ھەم بولمىسىكەن دەيمەن. بولمىسا ياتلارنىڭ ئارنى ئايرىپ يىتىم قالدۇرۇش قىلتىقىغا چۇشۇپ قوش مەسچىت ۋەقەسىنى قايتا ئويناپ باللىزمىزنىڭ ئاھانىتىگە قالدىغان گەپ.
شۇڭا مەيلى يۇسۇپ قارداۋىينى دەيلى،سەيىد قۇتۇپنى دەيلى.ۋە ياكى زامانىمىز ئالىملىردىن ھەرقانداق بىرىنى دەيلى كەمچىلىكتىن خالى ئەمەس.ھەم ئۇلار بىزنىڭ ئاچا سىڭىل ئاكا ئىنلىرمىزدەك يىنىمىزدا تۇرمىغاندىكىن بىزنىڭ ئەھۋالىمىزدىن خەۋرى يوق.شۇڭا بەزى ھۆكۇملىرى چۇشمەيدۇ.خالىغانلار چۇشكەنلەر خالىس ئەمەل قىلسۇن خالىمىغانلار ئۇلار بىلەن پىكىرلەشمىگۇچە بدئەت دىمىسۇن.ئابدىقادىر داموللامنىمۇ بىدئەت دەپ ئولتەرگەنلەرمۇ بىزنىڭ ئاتا بوۋلىرىمىز.ئىشەكمۇ پۇتى شىپىلغان كۆۋرۇكتىن ئىككىنچى ماڭمايدۇ. دىسەم خاپا بولماڭلار ھىتلىر لىنىن ۋە شۇنىڭدەك بەزى باتىلللارنىڭ ئىرادىسى ۋە بەزى قابىليەتلىرى بىزدە ئازراقمۇ يوق.بەزىدە ئەرەپ پادىشاھلىرغا ئۇلارنىڭ پوقلىرنى ئازراق يىگۇزۇپ قويغۇم كىلدۇ.
بىلىم چىن دا بولسىمۇ ئىلىش شۇنداق زورۇر(بىز شۇ يەردە بولساقمۇ) مەيلى كىمنىڭ توغرا بولسۇن ئىمانغا تاقاشمەيدىغان ئاللاھنىڭ نۇرىنى تارىتىدىغان ئۇلگىلىك ئىشلار بولسا قوبول قىلايلى.(يولباشچىمىز كۆرسەتكەن يول يىتەرلىك ئىدى،لىكىن زامانىۋىيلىشىپ بەك ئۇنىڭغا زەڭ سالغىمىز كەلمىگەندىكىن.بىزنىڭ بىر دوستىمىز بۇنداقلارنى لىڭسىگۇڭ مۇسۇلمان دەپ چاقچاق قىلاتتىقان.دىمسىمۇ رەسۇلىمىز دىدى دىسە ھەيران قالماي قايسى بىر دوكتۇر دىدى دىسە ياقا يىرتىپ ھەيران قالمىز.)
شۇڭا قىرىنداشلىرىم ئىيىتقاندەك ئىسلام ئىتتىپاقلىقى ياشسۇن! ھەم بىزنىڭ مەسئۇليىتىمىز ئىسلامنى تەشۋىق قىلىش .ھىدايەت ئاللاھنىڭ ئىلكىدە.شۇڭا ئىسلامنىڭ ئابرويىنى ئانمىزنى قوغدىغاندىنمۇ بەكرەك قوغدايلى.گۇناھلارنى قىرىنداشلىرمىزنىڭ ئالدىدا قىلىپ سالساق ھىچ گەپ يوق(بولسا قىلمايلى)يات دىندىكىلەرگە ئولسەكمۇ يامان كۆرسەتمەيلى بۇ دىننى.ياخشى ئىت ئىگسىگە ئۆلگىنى كۆرسەتمەيمىش.ھەم قىرىنداشلارنىڭ ھەرقانداق بىرىنى تىللىماسلىقىنى بەكلا تەۋسىيە قىلمەن.بولمىسا ئوركۇپ كەتكەن زىناخور،نەشكەش ۋە ئاقچىلار قىيامەتتە سىىلەرگىمۇ ئاز بولمىغان گۇناھلارنى يۇكلەپ قويمىسۇن.
ئاخردا دەۋەتچى قىرىنداشلىرمغا رەھمەت جاسارەت غەيرەت ئۇتۇق سالامەتلىك دائىما توغرا يول تىلەيمەن!ئامىن

گۇۋاھ 2011-11-23 01:27
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 21قەۋەتتىكى مۇھاجىر نىڭ 2011-11-16 19:59 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
بىز مەسىلە توغرىسىدامۇنازىر قىلغاندانادانلىىق قىلماي چۇقۇم مەزھەپكە قايتساق بۇنداق ئارىچىلق بولمايتتى

 
   مۇنازىرە قىلغاندا ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىگە قايتىمىز، بۇ ئايەت!       مەزھەپكە نى خىلى كىيىن سانايمىز.

گۇۋاھ 2011-11-23 01:39
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 38قەۋەتتىكى بىگان نىڭ 2011-11-22 08:18 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئەمەلىيەتتە...دەۋەت خىزمىتىىدىن رايىمۇ يىنىپ كىتىدىكەن كىشىنىڭ...نىمىشقا؟چۈنكى شۇنى بىلىپ تۇرۇپ قىلمايدىغان،سۆزلىسە<سەندىن كۆپنى بىلىمىز>دەيدىغان...ھەتتا بەزى سەۋر قىلىشقىمۇ ئاماسلسىز قالدىغان ئەھۋالسا بەزىلرىمىز...بىز خەق ئەزەلدىن شۇنداق...تارىخقا نەزەر تاشلىساقلا،ئارىمىزدا بىرخىل كىسەللىك بار،بەلكىم بۇ كىسەل<قان بىلەن كىرىپ،جان بىلەن چىقىشى>مۇمكىن...
ئەخلاقى بۇزۇلغان مىللەت خۇددى يۈگەنسىز ئىشەككە ئوخشايدۇ،ئىشەك ھامىنى ئىشەك،ئىشەكلىكىنى قىلماي قويمايدۇ،كۆندۈرگەن ئىشەك بولسا قانداقكىنتاڭ؟!ئۇنىڭدا رىيا بىلەن سۇغۇرۇلغان ساختا ئەخلاقتىن باشقا،ئاچ نەفسىلا تۇرسا،گۈزەل سۆزلەرنى ئاڭلايتتىمۇ؟ بەلكى ھىدايەتنى كۈتمەي ئامالىمىز يوقتۇر...

 
   لەنىتى پادىشاھ نەمرۇد ئىبراھىم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنى كۆيدۈرمەك ئۈچۈن مەيدانغا ئوتۇن يىغدى ۋە ئوت يىقىپ كۆيدۈردى. بىراق ئاللاھ ئوتقا ئەمىر قىلىپ ئۇنىڭغا راھەت بەخىش ئىتىشنى بۇيرۇدى. ئوتمۇ ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ نىڭ مەخلۇقاتى تۇرسا سۆزدىن چىقىشقا ھەددىمۇ؟  سۆيۈملۈك قارلىغاچ بۇ ھىكمەتتىن بىخەۋەر ئوتنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن ئېغىزىدا سۇ ئەكىلىپ ئوتقا پۈركىدى.  قارلىغاچتىن: سەن مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن ئوتنى ئۆچۈرەلەمسەن؟  دەپ  سورالغاندا، ئۇ  دىدىكى:
 -  ئۆچۈرەلمەيمەن، ئۇنىسى ئىنىق.  لىكىن بۇ مىنىڭ ئەقدەم.   ئۇنى ئاللاھ بىلىپ تۇرىدۇ!!!

بىگان 2011-11-24 20:24
ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمۇن تاقالدى

سەكىنە 2011-11-24 22:09
ھەمشىرەم سىزدىن ۋە بارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمدىن اللاھ رازى بولسۇن ،يوللىغان تېمىڭىزدىن تولىمۇ سۈيۈندۈم .
ئەپسۇسلىندىغىنىم ،شۇنداق ياخشى تەكلىپ ،پىكىر بېرىلگەن تېمىدىمۇ تارتىنماي داتالاش قىلغان بىر قىسىملارنىڭ يوللىغان ئنىكاسلىرىنى ئوقۇپ كىتىۋېتىپ ،<<سېۋەتكە سولانغان بىر توپ قىسقۇچ پاقىلارنى >> كۆرگەندەك بولدۇم .
ئى اللاھىم ،بىزلەرنى ئەشۇ سېۋەتكە سولانغان قىسقۇچ پاقىلارغا ئوخشىتىپ قويمىغايلا .ئامىن !

بىگان 2011-11-26 23:05
ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمۇن تاقالدى

musas 2011-12-11 20:16
ئاللاھىم ئىلىمىمنى زىيادە قىلغىن (ئامىن)


查看完整版本: [-- دەۋەتچى قېرىنداشلىرىمغا .... --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.067760 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us