تەكرار بولسىمۇ يوللاپ قۇياي!
بىز ۋە ئىختىلاپ
* بىرلىككە كىلەلىگەن مەسىلىلەردە بىرلىشەيلى، بىرلىككە كىلەلمىگەن مەسىلىلەردە ھەر تەرەپ ئۆز كۆز قارىشىدا قالسۇن.
* پرىنسىپال مەسىلىنى قويۇپ مۇستەھەب ياكى مەكروھ بىلەن مەشغۇل بولۇش دەۋەت ئۇسۇلىدىكى نورمالسىزلىق.
*مۇستەھەب، جائىز، ئەۋزەل مەسىلىلەرگە جازا مۇناسىۋەتلىك ئەمەس. قىلسا ساۋاب بار, قىلمىسا گۇنا يوق .
***
”ئىختلاپ شۇملۇق، بۆلۈنۈش ئازاب“دىگەن گەپنىڭ راسلىقى ھازىر ئىسلام ئۇممتىنىڭ ئەمەليىتىدە كۆرۈنمەكتە. ئىسلامنىڭ بىشىغا چۈشۈپ ئۇنى دۈشمەنلەرنىڭ ئالدىدا تىزلاندۇرۇپ قويغان بولقا سىرتتىن ئەمەس, ئىچكى تەرەپتىن كەلگەن. مانا بۇ خىل كۆرۈنۈش ئىسلامنىڭ يىقىنقى تارىخىدا يۈز بەردى. بۇنداق ئەھۋالدا ئەقىل ئىگىلىرى بۇ ۋەزىيەتلەرنى تەتقىق قىلىپ كىسەلنىڭ قەيەرگە يوشۇرۇنغانلىغىنى تىپىپ چىقىپ، ئۆتمۈشتە يۈز بەرگەن ئەھۋالدىن كىلچەكتە ساقلىنىپ قىلىش ئۈچۈن ھەركەت قىلىشى لازىم ئىدى. مىڭ يىللاردىن بۇيان مۇسۇلمانلارنى بىرقانچە گورۇھقا بۆلىۋەتكەن ئىختىلاپلارنىڭ تەسىرى ھازىرقىچە ساقلىنىپ كەلمەكتە. بۇ ئىختىلاپلار بىر مۇسۇلماننىڭ يەنە بىر مۇسۇلمان قىرىندىشىغا نىسبەتەن ۋەزنى يەڭگىل بىر ئىلمى مەسىلىنى دەپ كەمسىتىش نەزىرى بىلەن قارايدىغان، كۆپىنچە ۋاقتلاردا تىخى ئۇنىڭ ئارقىسىدا ناماز ئوقۇشنى خاھلىماسلىق دەرجىسىگە ئىلىپ بارماقتا. پىقھى ئىختىلاپى مەسىلىگە شەخسى مەنپەئەت مەسىللىرى قوشۇلۇش سەۋەبىدىن ئىسلام قىرنداشچىلىقى تۈگەپ كەتمەكتە. نىجىس خۇسۇمەتچىلەر بولسا ئىختىلاپ ئوتىنى ئۇلغايتىپ، مۇسۇلمانلارنى بىر - بىرسى بىلەن ئاۋارە قىلماقتا. مانا بۇ شۇملۇق ئىختىلاپتىن بىردىن - بىر پايدىغا ئىرشكۈچى شەيتان ۋە ئۇنىڭ پارتىيلىرى بولۇپ كەلدى، ھەممە مۇسۇلمانلارنىڭ نىسىۋىسى زىيان تارتىش بولدى .
بىز ئىنساپ نەزىرى بىلەن بۈيۈك تۆت ئىمامغا قارايدىغان بولساق ئۈلارنىڭ مىسلىسىز ئادەملەر ئىكەنلىكنى كۆرەلەيمىز. ئۇلار ئىخلاس، ساداقەتمەنلىكتە پادىشاھلار ئىدى. ئۇلاردىن پادىشاھلار ۋە ھوقۇقدارلار ئەيمىنەتتى, ئۇلارنىڭ ئەتراپىغا خەلق ئاممىسىنىڭ توپلاشقانلىقى سەۋەبىدىن ئۇ ھاكىملارنىڭ ئىچى سىقىلىپ، ئۇلارنىڭ نوپۇزىنى ھاكىملار شەخسى مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىشقا سىلىشقا ئۇرۇنۇپ باققان بولىسىمۇ مەقىستىگە يىتەلمىگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ تەقۋالىقى بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ ھۇشيارلىقى، بىلىم – سەۋيسىنىڭ كىڭىرلىكى ۋە كاللىسىنىڭ ئوچۇقلىقى ئۇلارنىڭ قۇرئان ۋە سۈننەتكە خىزمەت قىلىشتا ئالاھىدە ھەسسە قوشقان ئىدى. بۇلارنىڭ نام شۆھرىتى بىكاردىن چىقىپ قالمىغان . شۇلاردا شۇنچىلىك لاياقەت بولغانلىقى سەۋەبىدىن كۆرۈنگەن.
بۇ مەزھەب پىشۋالىرى قۇرئان ۋە سۈننەتنى شەرھىلەيتى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قىلغان شەرھىيسىنى مۇتلەق توغرا دەپ تۇرىۋالمايتى، ئۇنى ئىجتىھات قىلىش دەپ تونۇيتى. ئۇلار ئوخشىمىغان قاراشتىكىلەر بىلەن دۈشمەنلەشمەيتى. ئۆز – ئارا بىر بىرسىنى ھۆرمەتلىشەتتى. ئۇلاردىن كىيىن كەلگەنلەر ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە ئىسىلىۋىلىپ، ئۆزلىرى ئىجتىھات قىلماي ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى شەرھى ماقامىدىن ئەسلى ئاساسى ماقامغا كۆتۈرۈپ, ئۇلارنىڭ پىكىرىگە مۇقەددەس تونىنى كەيدۈرۈپ, خۇددى ئەگىشىلىدىغان دىندەك قاراشتى.
بۇ سەۋەپتىن ھەدىس ئىلمى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بەزى بىر كىشلەر يىقىندا زاماندا مەيدانغا چىقىپ، بۇ بۈيۈك ئىماملارغا ياكى ئۇلارنىڭ بەزىسىگە تەنە قىلىشقا باشلىدى. ئەگەر بۇلارنىڭ ئەيپلىگىسى كىلىپ كەتسە بۇ ئىماملارنى ئەيىپلىمەي، مەزھەبكە مۇتىئەسسىپىلىك قىلغان ۋە مەزھەب مەسىلىسدە چۈشەنچىسى تار تۇرۇپ جىدەل قىلىدىغانلارنى ئەيىپلىگەن بولسا توغرا بولغان بولاتتى. بۇ تۈردىكى كىشلەرنىڭ بەزىىسى سۈننەتكە بالا بولدى .
سۈننەتنى چۈشۈنۈشتە دۆتلۈك تارقىغاندەك، بۈ ئەسىرىمىزدە مەزھەب مۇتئەسسپچىلىكى تارقاپ كەتتى .
ئومۇمى مۇسۇلمانلار ئاللاھنىڭ كىتاۋى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىنىڭ قانۇن چىقىرىش مەنبىيى ئىكەنلىكىگە بىردەك قاراشتا تۇرىدۇ. ئاللاھنىڭ ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزى بار ئورۇندا باشقا پىكرنىڭ ياكى ئوخشىمايدىغان مەسلەككە ھىچقانداق ئورۇن يوق. ئەمەلىيەتتە مەزھەب دىگەن سۆز“ساماۋى دەلىلىنى چۈشۈنۈشتىكى بىر ئالىمنىڭ كۆز قارىشى“دىگەنلىك بولىدۈ. بۇ كۆز قاراشقا مۇقەددەس نەزەر بىلەن قارالمايدۈ. ئۇ ۋەھىينى چۈشۈنىشتىكى ئىنساننىڭ تەپەككۈرىدىن ئىبارەت. بىردىن – بىر تايىنىش ۋەھىيىگە خاس بولىدۇ, بۇ مەزھەبلەرگە ئەزا بولۇش شەرەپتۇر.
چوڭ ئىسلام مەزھەبلىرىنىڭ كۆز قاراشلىرى ئەسلى ئاساسلىق بولغان قائىدە مەسىلىلىرىدە(پرىنسىپال مەسىلىلەردە) ئەمەس، قوشۇمچە (شاخچە) مەسىلىلەردە خىلمۇ – خىل بولدى. ئۇلار بىرلىككە كىلەلىگەن مەسىلىلەردە ھەمكارلىشش، بىرلىككە كىلەلمىگەن مەسىلىلەردە بىر بىرىگە ئۆزرە قويۇش( يەنى ھەر بىر ئالىم ئۆز كۆز قارشىدا قىلىپ قىلىش) ئاساسىدا ھەمكارلىشىشى يەنىلا مۇمكىن ئىدى. بۇ ئۇسۇلنى ئەقىللىق كىشلەر تاللىدى، لىكىن پارچىلىىنش كىسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ئارىنى بۆلىۋەتتى. مەسىلەن: ئىبادەت مەيداندا:پەرز نامازدا ئىمامغا ئىقتىدا قىلغان جامائەتنىڭ سۈرە ئوقۇشى لازىممۇ ياكى لازىم ئەمەسمۇ؟ دىگەندەك قايسىنى قىلسا توغرا بولىدىغان مەسىلىدە بىر- بىرىمىزنى نىمە ئۈچۈن كەچۈرەلمەيمىز! خالىغان كىشى ئوقۇسۇن خالىمغان كىشى ئىمامنىڭ قرائىتى بىلەن كۇپايىلەنسۇن، ھەر ئىككىلى تەرەپنىڭ كۆز قارشىنىڭ توغىرلىقىغا دەلىل بار. بىز مۇنداق ئۇششاق كىچىك ئىشلاردا كۇچىمىزنى زايا قىلماي ئاساسى قۇرۇلۇشقا قارىتا ئىدىيە ۋە مەنىۋى كۈچ قۇۋۋىتىمزنى ساقلاپ قالايلى. ئىختىلاپ قىلىشىپ قىلىشنىڭ: تىل تەبئىتى، يەككە يول بىلەن بايان قلىنغان ھەدىسلار (خبر الۆچاد) ، بەزى ھەدىسلارنىڭ بەزى ئىماملارغا يەتمەسلىكى، ھەدىس بىر ئالىمنىڭ نەزىرىدە ياخشى سەنەد (يول) بىلەن يەتكەن بولسا، يەنە بىرسىگە ئاجىز سەنەد بىلەن يىتىشى، يەككە يول بىلەن بايان قىلىنغان ھەدىسنى قوبۇل قىلىشتىكى شەرتلەرنىڭ ئوخشاشماسىلىقى، ھەدىسنى ئۇنتۇپ قىلىش سەۋەبى ۋە سۆزنىڭ مۇشتەرىك ( بىر سۆزنىڭ بىر قانچە خىل مەنالارنى ئىپادىلىشى) بولۇپ بىر قانچە خىل ئىھتىماللىقنى ئۆز ئىچىگە ئىلىشىغا ئوخشاش ئامىللار بار.
ئىختلاپ قىلشنىڭ بىر قانچە تۈرلۈك ئامىلى بولىدۇ:
سەۋەبى ئەخلاققا ئالاقىدار بولغان ئىختىلاپلار. بۇ شارائىت ۋە ھادىسىنىڭ سەۋەبلىرىنى ئويلىيالايدىغان ئالىملارغا تونۇشلۇق مەسىلە.
بۇ سەۋەبلەر تۆۋەندىكىچە :
1 – ئۆزنىڭ پىكرى ۋە نەپسى بىلەن مەغرۇلىنىپ قىلىش؛
2 – باشقىلارغا يامان گۇمان قىلىش، باشقىلارغا پاكىتسىزلا تۆھمەت چاپلاشقا ئالدىراش ؛
3 – ئۆزىنى ياخشى كۆرۈش، ھاۋايى ھەۋسىگە ئەگىشىش، مەسىلەن؛ داھىلىق ياكى مەنسەپنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھىرىس بولغانغا ئوخشاش؛
4 – ئۆز مەزھىبىنىڭ سۆزلىرىگە مۇتىئەسسپىلىك بىلەن ئىسىلىۋىلىش؛
5 – بىرەر جامائەت (پارتىيە ) ياكى بىرەر رايۇن ۋە شەھەرگە مۇتىئەسسىپلىك قىلىش .
پىكرى سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئىختلاپلىشپ قىلىش، پىكرى ئىختىلاپتىكى سەۋەپنىڭ ئاساسى, بىر مەسىلىگە قارىتا كۆزقاراشنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى، مەيلى بۇ ئىش ئەقىدە ۋە شەرىئەتنىڭ پىرىنسىپال مەسىلىلىرىگە تاقاشمايدىغان قوشۇمچە مەسىلىلىرىدە بولسۇن ياكى سىياسى مەيدان ۋە قارار ئىلىش مەسىلىسىدە بولسۇن . مەسىلەن : پارلامىنىتقا قاتنىشىش، ئىلمانىلار (دىن بىلەن سىياسەتنى ئايرىدىغان ياكى دىننى پۈتۈن ئىنكار قىلىدىغان كۆز قاراشتىكىلەر ) بىلەن ھۆكۈمگە شىرىك بولۇپ ھۆكۈمەت تۇتۇش، ھەرىكەتتە سىلىق يول تۇتقان ياخشىمۇ ياكى ئىنقىلاپ يولى ياخشىمۈ؟ ئىسلامى بولمىغان كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىش دىگەندەك مەسىلىلەردە بولسۇن ئىختىلاپنىڭ كىلىپ چىقىش سەۋەبى شۇنداق بولىدۇ .
پىقھى ئىختلاپ
بۈ ئىختىلاپ ئىسلام ئويغۇنۇش ھەركىتىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ئىختىلاپلارنىڭ بىرسىدۇر.چۈنكى كىشلەرنىڭ تۇتقان يوللىرى خىلمۇ – خىل بولىدۇ، بەزلىرى كەڭرەك يول تۇتىدۇ, بەزسى تاراق يول تۇتىدۇ، بەزسى نەس (قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ تىكىستى)گە مايىل، بەزىسى پىكىر مەدرىسىسىگە مايىل دىگەندەك ئامىللار بولىدۇ.
مىسالى نامازدا ( بسم اللھ) نى ئاشكارا دىيىش ياكى مەخپى دىيىش، قولنى رەپئەت قىلىپ كۆتۈرۈش ياكى كۆتۈرمەسلىك، ساقالنى ئۇزۇن قويۇش ياكى قىسقىراق قويۇش، ئىشتاننى ئۇزۇن كىيش ياكى قىسقىراق كىيىش دىگەندەك .
ئەسلىدە مۇسۇلمانلارنىڭ پىكرى بىردەك بولىشى كىرەك ئىدى . لىكىن يۇقارقى بىرقانچە خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن پىكر بىر قانچە خىل بولۇپ قالدى. تەشۋىقاتچىنىڭ مەسئۇلىيىتى مۇسۇلمانلارنى بىرلىككە، ئىتتىپاقلىققا چاقىرىشى، ئىختىلاپ ۋە بۆلۈنۈشتىن يىراق بولىشى، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ئاداۋەتتىن ساقلىنىشى لازىم .
ئىسلام دىنىگە ئوخشاش ئىناقلىققا چاقىرىدىغان، بۆلۈنۈشتىن قاتتىق ئاگاھلاندۇرىدىغان باشقا بىر دىن يوق. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسســـالام:“كىم مۇسۇلمانلار جامائەتىدىن ئايرىلىپ ئۆلسە، ئۇ جاھىلىيەتتە ئۆلگەندەك بولىدۇ “ دىگەنىدى .
يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :“ئىختىلاپ قىلىشماڭلار, سىلەردىن ئىلگىركىلەر ئىختىلاپ قىلىشقانلىقى سەۋەبىدىن ھالاك بولغان ئىدى“ دىگەنىدى.
قوشۇمچە مەسىلىلەردە ئىختىلاپ قىلىشنىڭ ھۆكمى نىمە؟
1 – شاخچە مەسلىلەردە ئىختىلاپ قىلىش زۆرۈر, چۈنكى كىشلەرنى ئىبادەت(قوشۇمچە تارماقلىرىدا) ۋە مۇئامىلە مەسىلىلرىدە بىر پىكرىگە ئەكىلىش مۇمىكن ئەمەس. ئاساسلىق بولىمغان شەرئى ھۆكۈملەردە ئىختىلاپنىڭ بولۇشى بىر قانچە تەرەپتىن زۆرۈر:
(1 ) – چۈنكى ئاللاھ بۈ دىننىڭ ھۈكۈملىرىنىڭ ئىچىدە دەلىل بايان قىلىنغان مەسىلىنى، يەنە دەلىلى بايان قىلىنماي سۇكۇت قىلىنغان مەسىلىنى، مۇھكەم، مۇتەشابھ (بىر قانچە خىل ئھتىماللىقى بار) مەسىلىنى، پىرىنسىپال ۋە زەننى مەسلىنى بايان قىلدى. ئەگەر ئاللاھ خالىغان بولسا ھەممە پىكىرنى بىرئىھتىماللىقتىن باشقىغا قارىتلمايدىغان قىلاتتى . شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسامغا قىرائەت يەتتە خىل شەكىل بىلەن كەلگەن .
تىل تەبئىتىنىڭ تەقەززاسى:
تىلنىڭ تەبئىتىمۇ پىكىرنىڭ بىر قانچە خىل بولىشىغا سەۋەپچى بولىدۇ، بەزى بىر سۆز بىرقانچە مەنالاردا ئىستىمال قىلىنىدۇ. مەسىلەن قۇرئان كەرىمدە:{فاغسلوا وجوھكم وۆيديكم ۈلۈ المرافق فامسچوا برۋسكم وۆرجلكم ۈلۈ الكىبين}تەرجىمىسى {يۈزۈڭلارنى يۇيۇڭلار، جەينىكىڭلار بىلەن قوشۇپ يۇيۇڭلار، بىشىڭلارغا مەسھى قىلىڭلار } (سۈرە مائىدە – 6 – ئايەت ) دىگەن ئايەتكە ئوخشاش .
ئەرەپ تىلىدا ( الباء ) دىگەن سۆز بىر قانچە خىل مەنا بىلەن ئىستىمال قىلىنىدۇ. ئۇ ( بەزىسى ) دىگەن ئۇقۇمدا ئىشلىتىلىدۇ، يەنە (قەسەم ئۈچۈن، سەۋەپ ئۈچۈن، بەزى ئەھۋاللاردا ئوشۇق(زىيادە) بولۇپ كىلىش ) ئەھۋاللىرىدا ئىستىمال قىلىنىدۇ .
بۈ ئايەتتىكى (ب ) ھەرپىنى بەزى ئالىملار بەزىسى دىگەن ئۇقۇم بىلەن ئىستىمال قىلىپ باشنىڭ تۆرتدە بىرىگە مەسھى قىلىش پەرز دەيدۇ، بەزەنلەر ئوشـــۇق (زىيادە) ئۇقۇمى بىلەن ئىستىمال قىلىپ باشنىڭ ھەممە يىرىگە ئالدىدىن تارتىپ ئاخىرغىچە مەسھى قىلىش پەرز دەيدۇ.
ئىنساننىڭ تەبئىيتى :
ئىنساننىڭ تەبئىتىمۇ ئىختىلاپنىڭ بىردىن – بىر سەۋەبىدۇر، چۈنكى ھەر بىر ئىنساننىڭ پىكرى، چۈشەنچىسى، شەخسىيىتى، تەپەككۇر قىلىش قۇۋۋىتى ئوخشاشمايدۇ.
كائىناتنىڭ تەبئىيتى :
ئاللاھ كائناتتا نۇرغۇنلىغان بىر بىرگە ئوخشاشمايدىغان نەرسىلەرنى ياراتتى. ئۇ نەرسىلەرنىڭ ھەجمى ۋە شەكلى ئوخشاشمايدۇ .
يۇقارقى ئامىللاردىن شۇنى كۆرۈۋالالايىمزكى چەكلەنگەن ئىختىلاپ ياكى يىقىمسىز ئىختىلاپ جىدەل- ماجراغا باشلايدىغان ۋە ئالاقىنى ئۈزۈشكە سەۋەپچى بولىدىغان ئىختىلاپتۇر. ئەمما ئىلمى يول بىلەن مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىختىلاپ قىلىنسا بۇ ئسىلامدا چەكلەنمەيدۇ، ھايات شۇنى تەقەززا قىلىدۇ.
( 2 ) - ئىختلاپ قىلىش ئۇممەتكە نىسبەتەن رەھمەتتۇر ۋە كەڭرى يول ئىچىپ بەرگەنلىكتۇر .
دارى قۇتنى بايان قىلغان، ئىمام نەۋەۋى سەھى دىگەن بىر ھەدىس بۇ ھەدىسنى تەكىتلەيدۇ:“ ۈن اللھ چد چدودا قلاتىتدوھا، وفرگ فراىگ فلا تگيىوھا، وچرم ۆشياء فلا تنتھكوھا، وسكت ىن ۆشياء رچمە بكم غير نسيان فلا تبچڭوا ىنھ“تەرجمىسى“ئاللاھ سىلەرگە چەك چىگرالارنى (بەلگىلىمە) بەلگىلەپ بەردى، ئۇ چىگرالاردىن ھالىقىپ كەتمەڭلار، مەجبۇرىيەتلەرنى پەرز قىلدى، ئۇنى زايا قىلىۋەتمەڭلار، بىر بۆلۈك نەرسىلەرنى ھارام قىلىدى، بۇ ھارام نەرسىلەرگە يىقىنلاشماڭلار. بىر بۆلۈك نەرسىلەردىن- ئۇنتۇپ قالىمغان ھالەتتە – سىلەرگە رەھىم قىلىش يۈزسىدىن شۇك تۇردى( يەنى ھۆكىمىنى بايان قىلمىدى), ئۇ ھەقتە ئىزدىنىپ يۈرمەڭلار“ دىدى .
ئىختىلاپنىڭ ئۆزى مەدەنى بايلىقىمىزدۇر :
ئىختلاپ زۆرۈر بولىشى بىلەن بىر تەرەپتە ئۇ بايلىقتىن ئىبارەتتۇر. چۈنكى ئىسلام پىقھىسى ئۇ مۆجىزە خاراكتىرلىك مەدەنىيەتتۇر. ئىجتىھادى تەرەپتە پىكىرلەرنىڭ ئوخشاشماسلىقى پىقھىنى بىيتىدۇ، ئۇنى كۆپەيتىپ بىرىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەر بىرىسى دەلىلغا تايىنىدۇ. ئۇسۇلى ئوخشاشمىغان بۇ بىر قانچە ئىقىم بىلەن شەرىئەتنىڭ پىكرى بايلىقى كىڭىرىدۇ ۋە خىلمۇ – خىل بولىدۇ. ئاخىرىدا تۈگىمەس خەزىنىلەر بايلىقى توپلىنىدۇ ، بۇنىڭ قممىتىنى ئالىملاردىن باشقىلار بىلمەيدۇ .
ئىختىلاپنىڭ ساھابىلەرنىڭ دەۋرىدىمۇ تىپىلىشى :
بەنى قۇرەيزە غازىتىدا ھەر ئىككىلى خىل ئۇسۇلنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام توغرا دىگەن. ۋەقەلىكنىڭ قىسقىچە جەريانى تۆۋەندىكىچە: بەنى قۇرەيىزە قەبىلىسىگە ئاتلىنىش ئالدىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :“ھىچ بىر كىشى نامازنى بەنى قۇرەيزىدىن باشقا يەردە ئوقۇمىسۇن“دىگەنىدى. بەنى قۇرەيزىگە يىتىپ بارغىچە بولغان سەپەر جەريانىدا ساھابىلەرنىڭ بەزىسى ئويلۇنۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزنىڭ تىزراق يىتىپ بىرىشىمىزنى مەقسەت قىلىپ شۇنداق دىدى دىيشىپ نامازنى يولدا ئادا قىلىشتى. يەنە بەزەنلىرى بىز بەنى قۇرەيزىگە يىتىپ بارغاندا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسىمۇ ئاندىن نامازنى ئادا قىلىمىز دىيىشپ نامازنى بەنى قۇرەيزىگە يىتىپ بارغاندا ئادا قىلىشتى. شۇنىڭ بىلەن بەزەنلەر نامىزىنى يولدا ئوقۇپ ماڭدى. يەنە بەزەنلىرى بەنى قۇرەيزىگە يىتىپ بارغاندىن كىيىن ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسىمۇ شۇ يەردە ئوقۇدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تىپىپ ھىچ قايسى تەرەپنى ئەيىپلىمدى .
بۇ ئىختىلاپ, مەزھەب پىشۋالىرى دەۋرىدىمۇ بار ئىدى. بىراق (ئىلمى ۋە پىكرى) ئىختىلاپ ئۇلارنى ئۆز ئارا يامانلىشىشقا ۋە ئاداۋەتكە باشلىمىغان ئىدى. ئۇلار دوستانە ئىلمى مۇناقىشە ئىلىپ باراتتى. بۇ خىل ئىختىلاپ ئەيىپلەنمەيدۇ .
ئەمما ئەيىپلىندىغىنى ھاۋايى ھەۋسىگە تايىنىدىغان، ئۆزىنى كۆرستىشنى ئويلايدىغان, ھەقىقەتنى تىپىپ چىقىشنى مەقسەت قىلماي باشقا نەرسىنى نىيەت قىلىدىغان، باشقىلار بىلەن ئىختلاپلىشىپ قىلىش سەۋەبىدىن جىدەل -ماجراغا ئىلىپ بارىدىغان ئىختىلاپ شەكىللىرى ئەيىپلىنىدۇ.
سەپنىڭ بىرلىكى ۋە پارچىلىنىشنىڭ كىلىپ چىقماسلىقى ئۈچۈن نۇرمال يول تۇتۇپ ماڭماق لازىم . چۈنكى بۇ ئۇممەت نۇرمال يول تۇتۇپ مىڭىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ئۇممەتتۇر. نۇرمال يول تۇتۇش ئارقىلىق بىرلىشىشكە يول ھازىرلىغىلى بولىدۇ .
بەك چىڭ يول تۇتۇپ مىڭىش ئۇممەتنى ھالاكەتكە ئىلىپ بارىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:“ھلك المتـنطىون“تەرجىمىسىـى“چۇڭقۇرلاشقۇچىلار ھالاك بولدى“ دىگەنىدى.
سەپنىى بىرلەشتۈرۈپ, ئىتتىپاقلىقنى كۇچايتىش ئۈچۈن ئاساسلىق مەسىلىلەردە توختۇلۇپ، ئىختىلاپى مەسىلىلەرنىڭ كەينىدىن سەكرەپ كەتمەسلىك كىرەك .
بىر نەچچە خىل ئىھتماللىقى بار ئىختىلاپى مەسىللەردە مەسلىنى قەئتى جەزمىلەشتۈرۋىتىشتىن ساقلىنىش، شۇنداقلا ئىنكار قىلىشتىن ساقلىنىش لازىم. شۈڭا ئالىملىرىمىز:“ئىجتىھادى مەسىلىلەرىدە ھىچكىمنىڭ ھىچكىمنى ئىنكار قىلىش ھەققى يوق“ دىگەن. مۇجتەھىد يەنە بىر مۇجتەھىدنىڭ كۆز قارشىنى ئىنكار قىلمايدۇ. شۇنداقلا بىر مەزھەبكە ئىسىلىپ كىتىپ بارغان كىشى يەنە بىر مەزھەبكە ئىسىلغان كىشىنى ئىنكار قىلمايدۇ. مۇجتەھىدنى ئىنكار قىلىش دۆتلۈكتۇر .
كەڭچىلرەك بولۇشقا ياردەم بىرىدىغان يەنە بىر ئىش, ئۇ بولسىمۈ باشقا مەزھەبنىڭ كۆز قاراشلىرىنى, دەلىللىرىنى كۆرۈپ چىقىش ۋە باشقىلارغا ئۆزرە قويۇشتۇر .
ئىختىلاپ ھىڭىغا بەك چۈشۈرۋىتىدىغان، ئىتتىپاقلىقنىڭ پەيدا بولۇشىغا توسالغۇ بولىدىغان ئامىل: ئۇممەتنىڭ چوڭ مەسىلىلىرى ۋە غەملىرى بىلەن مەشغۇل بولماي كىچىك مەسىلىلەردە باشقىلار بىلەن ئىختىلاپ جىدەل- ماجرا قىلىشتۇر. ئورتاق ئاقىۋەت ۋە ئورتاق غەم بىرلەشتۈرىدىغان ئەڭ موھىم ئامىلدۇر .
پىقھىنىڭ ياكى ئەقىدىنىڭ جەۋھىرىدىن بولمىغان، نەتىجە چىقىشىدىن ئۈمىد بولمىغان سىرىتقى (يەنى مۇھىم بولمىغان)مەسىلىرى ئۈستىدە جىدەل دىڭىزىغا غەرق بولۇپ ئۇممەتنىڭ جىددى مۈشكۈللىرىنى تاشلاپ قويۇپ، خاپىلىق ۋە دەرىت ئەلەملىرىنى ئۇنۇتۇش بۈگۈنكى ئۇممتىمزگە قىلىنغان خىيانەتتۇر.
بىرلىكنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغان يەنە بىر ئامىل, بىرلىككە كىلەلىگەن مەسىلىدە قول تۇتۇشۇپ بىردەك مىڭىش لازىم. پىقھى مەسىللىرىدە ئىلمى ئىزدىنىش ئىلىپ بارسا، بۇنى ئىختىساس ئىگىللىرى بىر تەرەپ قىلسا بۇ ياخشى ئىش بولىدۇ. ئىختىلاپ قىلىش غايىمىزگە ئايلىنىپ قالسا مۇسىبەت مانا مۇشۇ يەرىدىن كىلىدۇ ۋە كۇچىمىزنى پارچىلاپ تاشلايدۇ. ئىمام شاپئىنىڭ قائدىىسنى بايان قىلىپ ئۆتۈشكە توغرا كىلىدۇ، ئۇ مۇنداق دىگەنىدى:“مەن بىر كىشى بىلەن مۇنازىرلىشىپ قالسام, ئۇنىڭ ئاغزىدىن ھىكمەتلىك سۆزلەرنىڭ چىقىشىنى ئاللاھدىن تىلەيمەن“ .
مۇمكىن قەدەر سۈننەتتە بايان قىلىنغان نەرسىنىڭ ئەڭ ئەۋزىلىنى قىلساق ياخشى بولىدۇ. لىكىن بىر مەسىلىنىڭ جايىزلىق تەرىپى بىلەن ئەۋزەللىك تەرىپى بولسا، ئىككىلىسى توغرا بولغاندىكىن قايسىنى قىلسا مەيلى, ئەۋزەل تەرىپىنى قىلسا ياخشىدۇر. لىكىن بىرسىنى قىلغىنى يەنە بىرسىنى قىلغىنىنى ئەيپلىمەسلىكى لازىم. مۇستەھەب، جائىز، ئەۋزەل مەسىلىلەرگە جازا مۇناسىۋەتلىك ئەمەس. قىلسا ساۋاب بار, قىلمىسا گۇنا يوق. بۇنداق مەسىلىلەرىدە تالىشىپ ئولتۇرۇش ئەخمەقىلقتۇر. گۇناھ بولمىغان ئىش بىلەن باشقىلارنى ئەيىپلەيدىغانغا نىمە ھەققىمىز بار؟ ھىسابنى ئۇ بىرىدۇ. بىز پەقەت چىرايىلىق ئارىنى تەسىرگە ئۇچراتمىغان ئاساستا نەسىھەت قىلىپ قويساق بولىدۇ خالاس.
ئۇممەتنىڭ مۈشكۈلىسى ۋە قىينچىلىقى ئايەتنى تەۋىل قىلىشتا، {الرچمن ىلۈ الىرش استوۈ} تەرجىمىسى{ ئاللاھ ئاسمانغا ئۆرلىدى ياكى ئىگەللىدى}دىگەن ئايەتنى تالىشىشتا ياكى نامازدا بىسمىللانى ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن دىيىشتە، نامازدا سۈرە پاتىھەدىن كىيىن“ئامىن“دىگەن ئاۋازىنى ئۈنلۈك كۆتۈرۈش ياكى كۆتۈرمەسلىكتە, قىزلار بىشىغا ھىجاب(يۈزىدىن باشقا, گەدىنى ۋە بويىنى بىلەن قوشۇپ بىشىنى تولۇق يۆگەيدىغان ياغلىق) سالغاندىن كىيىن نىقاپ (كۆزىنىڭ ئاستىن تەرپىگە ياكى بۇرنىنىڭ ئاستىغا تارتىلدىغان لاتا) تارتش ياكى يۈزىنى ئوچۇق قويۇشتا ۋە ئاياللارنىڭ قولىغا پەلەي سىلىش ياكى سالماسلىقىدا ئەمەس .
مۈشكۈل باشقىچىراق، باشقا يەردە. ئۇ بولسىمۇ ئەقىدىنىڭ ئاجىزلىقى، شەرىئەتنىڭ دىن دۈشمەنلەر تەرىپىدىن بىكار قىلىۋىتىلىشى، نامازنىڭ زايا بولۇپ كىتىشى، شەھۋەتنىڭ كۈچىيىپ كىتىشى, پاھىشىنىڭ تاراپ كىتىشى، ئەخلاقنىڭ ۋەيران بولۇشى، ئەقىلنىڭ بىكار بولۇپ كىتىشى، مىڭىنىڭ دىن دۈشمەنلىرى ئىشلىتىۋاتقان مەدەنىيەت ۋە ئىدىيە ھۇجۇملار سەۋەبىدىن يۇيۇلۇپ كىتىشى، مۇسۇلمان قىنىنىڭ ئەرزان باھادا تۆكىلىشى، پىكرنىڭ توڭلاپ قىلىشى، ئىرادىنىڭ بوشاپ كىتىشى، ئەركىنلىكنىڭ بوغۇلىشى، مەسئۇلىيەتنىڭ ئۇنتۇلىشى ۋە شەخسىيەتچىلىكنىڭ تاراپ كىتىشىدە كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ.
بىز بىرلىككە كىلەلەيدىغان نۇرغۇن مەسىلىلەر بار نىمە ئۈچۈن بۈ مەسىلىلەردە بىرلىشەلمەيمىز؟ نىمە ئۈچۈن بىر بىرىمزنى كەچۈرەلمەيمىز؟مۇھىم بولمىغان ئىختىلاپنى نىمە ئۈچۈن ئۇنتالمايىمز؟ بىرلىككە كىلەلەيدىغان مەسىلىلەر ئاز ئەمەس. بۇ مەسىلىلەرنى رىئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن كۆپ كۇچ چىقىرىش كىرەك. كۈچنى باشقا يەرگە ئشىلتىۋەتسەك بۇ يەرگە نىمە ئشىلىتىمىز؟ ئىختىلاپى مەسلىلەردە كەڭچىل بولايلى، قارنى كۆكسىمىز كەڭرى بولسۇن، باشقىلارنىڭ پىكىرىنى ھۆرمەتلەيلى.باشقىلارنىڭ پىكرى بىلەن ئىچىمىز سىقىلمىسۇن. بىزنىڭ دىگىنىمزلا توغرا بولۇپ, باشقىلارنىڭ دىگىنى پۈتۈن خاتا بولىدىغان مۇنداق ئىش يوق. بىزدىكى ئىنساپ قىنى؟ دىنىمزغا بولغان ساداقەتمەنلىك قىنى؟ قىرىندشىمىزنىڭ ھەققى قىنى؟..
بىر مەسىلىدە بىر قانچە خىل توغىرلىق بولىشى مۇمكىن، ياكى توغىرلىق بىر خىللا بولامدۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس .
ئىختىلاپ قىلىشنىڭ ئەخلاقلىرى :
ئىختىلاپ بولغاندا بىزدە ئىخلاس, ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن ساداقەتمەنلىك بولىشى لازىم. شەخىسلەرگە ياكى مەزھەبلەرگە مۇتىئەسسىپلىك قىلماسلىق, باشقا كىشلەرگە يامان كۆز قاراشتا بولماسلىق, توغرا قاراشتا بولۇش, قارا كۆزئەينەك بىلەن قارىماسلىق، باشقىلارغا تەنە قىلىشتىن، ئازار بىرىشتىن، دىلىنى جاراھەتلەندۈرۈشتن يىراق بولۇش، جىدەل – ماجراغا ئورۇن بەرمەسلىك ۋە ئىختىلاپنى ياخشى ئۇسۇل بىلەن داۋاملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت .
ئىسلام ئاۋازى تور بىتى
2005- 6- 7 مىلادىيە
1426- رەبىئۇل ئاخەر- 30 ھىجرىيە