بۇرۇن مەكتەپتىن كەلسەملا ئۆيدىكىلەرنىڭ بىرىنچى بولۇپ دەيدىغىنى ناماز ئوقىۋال ياكى ناماز ئوقۇپ بولدۇڭمۇ،ھازىر بۇيەردە ئۇنى قىلىۋال بۇنى قىلىۋال دەيدىغان ئادەم يوق.شۇڭا بەزىدە ئىماننىڭ تەمىنى مۇشۇ يەردە تېتىدىم دەپ ئويلىساممۇ،بىراق يەنە بەزىدە ئىمانىمنىڭ ئاجىزلاۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ قالىمەن.
بۇرۇن ھېچبولمىسا ئاكا-ھەدىلىرىمنىڭ دىنىمىز توغرىسىدا قىلغان سۆھبەتلىرىنى،ئۆيدىكىلەرنىڭ مۇنازىرىلىرىنى ئاڭلايتتىم،ئاغىنىلىرىم بىلەن،بەزى مەزمۇنلاردا مۇنازىرىلىشىپ كىرىشىپلا كېتەتتۇق.بىراق ھازىر بۇ كۈنلەر ئەسلىمىگە ئايلانغىلى خېلى ۋاقىت بولۇپ كەتتى.
بۇرۇن دىنىڭ قايسى دېسە قوقماي ئىسلام دىيەلەيتتىم،بىراق ھازىر پارتىيىگە كىرىمەن ،كېيىن پايدىسى كۆپ دەپ،دىنىي ئېتىقاد دىگەن يەر ئاق قالىدىغان بولدى.
بۇرۇن نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇشقا ئەھمىيەت بېرەتتىم،نامازنىڭ ۋاقتى قەيەردە كىرسە شۇ يەردىلا خالىي جاينى تېپىپ،نامازنى ئوقىۋالاتتىم،بىراق ھازىر خەقنىڭ بىر نەرسە دىيىشلىرىدىن قورقىدىغان،قاراشلىرىدىن ئەيمىنىدىغان بولۇپ،نامازغا سۇسلىق قىلىدىغان بولدۇم.
بۇرۇن ھاراق سورۇنىغا بارمايدىغان،ئۇنداق سورۇننى خىيالمۇ قىلمايتتىم،بىراق مۇھىت شۇنداق ئىكەن،بۇ يەردە ھەممىسى ئىچىدىكەن دەپ ئىچمىسەممۇ بارىدىغان بولدۇم،ئادەم ئادەم بىلەن ئادەم دىگەن بىر جۈملە سۆز مېنى بويسۇندۇردى.
بۇرۇن شەھەرگە كىرسەممۇ تۈزۈك تاماق يىمەيتتىم.ھېچبولمىسا ئۆزۈم ئىشەنچ قىلغان يەرگە كىرەتتىم،بىراق ھازىر بۇ يەردە شارائىت يوق دەپلا ئانچە-مۇنچە خېتىگە قاراپلا يەيدىغان ئەھۋاللار كۆپەيدى.مۇسۇلمانچە دەپ خېتى بولسىلا يەيدىغان بولدۇم.
بۇرۇن يېزىلىق قىزلار شۇنداق ئېسىل بىلىنەتتى.پەقەت قىزلارنىڭ ئېسىلى يېزىدىن چىقىدۇ دەپلا بىلەتتىم،بىراق ھازىر ئۇلار مەتو،تومپاي بىلىنىدىغان بولدى.
بۇرۇن ياغلىق ئارتمايدىغان قىزلار كۆزۈمگە جىندەكلا كۆرىنەتتى،بىراق ھازىر چاچلىرىنى بوياپ،ئۆزلىرىنى ياساپ يۈرمىگەن قىزلارسىز سورۇن سورۇن بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم.
مەندە ھازىر مەسجىدكە بارغاندا ئانچە-مۇنچە دىللىرىمنى خاتىرجەم قىلىدىغان،بىراق باشقا يەردە ئۆز كۈچىنى كۆرسىتەلمەيدىغان كىچىككىنە ئىماندىن،مۇنبەرلەردە ئاھ مىللىتىم دەپ تېما-ئىنكاس يازغاندا قوزغىلىپ قالىدىغان،سورۇنلاردا ئولتۇرغاندا نەلەرگىدۇ كېتىدىغان غۇرۇردىن،قىزلار،مىللەتنىڭ ئانىلىرى توغرۇلۇق گەپ بولغاندا قايناپ-تاشىدىغان،بىزگە ئۇنداق قىزلار كېرەك،بىز مۇنداق قوغدىشىمىز كېرەك دىگۈزەلەيدىغان،بىراق رەڭلىك سورۇن دىسە ئاللىقاياقلارغىدۇ يوقاپ كېتىدىغان مەسئۇلىيەتتىن باشقا ھېچنىمە قالماپتۇ.
ئۆزۈمنىڭ غەپلەتتە ياشاۋاتقىنىمنى ئېنىق بىلىپ تۇرساممۇ،كۆز ئالدىمدىكى يالتىراپ تۇرغان رەڭگارەڭ دۇنيا،قىزىپ كەتكەن ئويۇن-تاماشىلار،ئەتراپىمدىكى ئۆزىنى مەنمۇ مۇسۇلمان دەپ جار سېلىۋاتقان،بىراق مۇسۇلمانغا ئوخشىمىغان كىشلەرنىڭ ئويناپ كۈلۈپ ياشاشلىرى مېنى غەپلەتتە ياشاشقا ئۈندىمەكتە،مېنىڭ قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا پىلىلداپ تۇرغان ئاشۇ كىچىككىنە ئىمانىمنى يوقىتىشقا ھەدەپ ئۇرۇنماقتا.مېنىڭ مۇشۇ كىچىككىنە ئىمانىم ئۆزۈمنى بۇ غەپلەتتىن تاتىپ چىقىشقا ھەقىقەتەن ئاجىزلىق قىلماقتا.
مەنبە:xxx
2011.10.25