باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1437 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: جۇمە نامىزىدىكى جەۋھەرلەر
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2481
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 82
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە82دانە
ئۆسۈش: 330 %
مۇنبەر پۇلى: 1052 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-29
ئاخىرقى: 2011-12-22
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-24 17:42

جۇمە نامىزىدىكى جەۋھەرلەر

ئەسكەرتىش: بۇ يازما general تەرىپىدىن مەمىلكەت خەۋەرلىرى بۇ رايونغا يۆتكەلدى(2011-10-24)
  مەن جۇمە نامىزىنىڭ خۇتبىلىرىدە ئاڭلىغان ئەھمىيەتلىك كۆرسەتمە ۋە بەلگىلىمىلەرنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنىنى تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇشنى توغرا تاپتىپ،بەلكىم بۇ ھەدىس ۋە ئايەتلەر سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزغا تەسىر كۆرسەتسە ئەجەپ ئەمەس.
1.بەخت دېگەن نىمە؟
جاۋاب:بەخت دېگەن ئىمان(ئىشەنچتىن ئىبارات)،ئۇ ھەرگىزمۇ بايلىق ياكى ھوقۇق ۋە باشقىسى ئەمەس.ئاللاغا ھەقىقى ئىشەنگەن كىشىلا خاتىرجەملىككە بەخت تۇيغۇسىغا ئېرىشەلەيدۇ. بايلىقنى  قوغلاشقا كىشىنىڭ كۆڭلى دەككە-دۈككە ئىچىدىلا بولىدۇ،ئۇ كىشىدە كۆڭۇل ئارامى بولمايدۇ.

2.جەننەت ۋە دوۋزاق سىلەرگە ئايىقىڭلارنىڭ بوقۇچىدىنمۇ يېقىن.
ئىككى مۇسۇلمان سەپەر داۋامىدا بۇتپەرەسلەرنىڭ يۇرتىدىن ئۆتۈشكە توغرا كەپتۇ،بۇ چاغدا بۇتپەرەسلەر دەپتۇكى :سىلەر بىزنىڭ بۇتلىرىمىزغا يېقىنچىلىق قىلساڭلار ئاندىن بۇ جايدىن ئۆتكۈزىمىز دەپتۇ. مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ يېنىدا ھىچقانداق نەرسىنىڭ يوقلىقىنى بۇتلارغا يېقىنچىلىق قىلىشقا ئامالسىزلىقىنى ئېيتقاندا ،بۇتپەرەسلەر بىرەر چىۋىننى تۇتۇپ بولسىمۇ بۇتلىرىغا يېقىنچىلىق قىلىشنى ئېيتىپتۇ،مۇسۇلمانلاردىن بىرى چىۋىننى تۇتۇپ بۇتقا سوۋغا قىلىپ بۇ جايدى ئۆتۈپتۇ.لېكىن دوزىقى بولۇپتۇ.يەنە بىر مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ بىر ئاللادىن باشقىغا يېقىنچىلىق قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتىپتىكەن ،ئۆلتۈرىلىپتۇ لېكىن جەننىتى بولۇپتۇ.
تەھلىل شۇكى:بىز تۇرمۇشتا چىۋىن ئۆلتۈرۈپ بۇتقا يېقىنچىلىق قىلىشتەك ئىشلەرگە قانچىلىك يولۇقتۇق؟!

3.ئەڭ ياخشىڭلار مېنىڭ دەۋرىمدە ياشىغانلىرىڭلار، ئاندىن قالسا ساھابى-كېرەملەرنىڭ دەۋرىدە ياشىغانلىرىڭلار
..................شۇنداق بىر كىشىلەر مەيدانغا كېلۇدۇكى:ئۇلار ئېغىزىدا دېگىنىنى ئەمىلىيەتتە قىلمايدۇ. يەنى ئاللانىڭ قانۇنىنى ۋە ئاللانىڭ ئەلچىسىنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى ئېغىزىدا سۆزلەيدۇ ئەمىلىيەتتە شۇ بويىچە ئىش قىلمايدۇ.

4.بۇ دۇنيادىكى ئازاب ئاللاھنىڭ بىرلىك بارلىقىنى ئىنكار قىلىش ئەمەس بەلكى ئاللاغا شىرىك كەلتۈرۈش.

5.دىندا ئوتتۇرىھال يول تۇتۇڭلار. يەنى دىندا بەلگىلەنگەن ئەمەللەرنى ۋە ئىشلارنى ئاشۇرۇۋېتىشمۇ، كېمەيتىۋېتىشمۇ ئوخشاشلا خاتا. دەل ئۆزىنى تۇتۇش توغرا.

6.دىنىي مەسىلىگە ھۆكۈم قىلغاندا كىتاب ئاساسىدا ھۆكۈم قىلىڭلار، ناۋادا كىتابتىن كۆرمىگەن بولساڭلار ئەڭ ياخشىسى مەن كۆرمىدىم دەڭلار. ئۇنداق بولمايدىكەن بەك چوڭ خاتالاشقان بولىسىلەر.
7.يالغان مۇسۇلماننىڭ ھۆكمى نىمە؟
يالغان مۇسۇلمان مەسچىتكە كىرسە ئەڭ تەقۋادار كىشىگە ئايلىنىدۇ،مەسچىتتىن چىقسا بارلىق يامان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىدۇ.

8.تىلەكنىڭ ئىجابەت بولۇشىغا تىلەككە لايىق ھەرىكەت بولۇشى كېرەك. يەنى يىمەك-ئىچمەك، كىيىم- كېچەك پاكىز بولۇشى، نىيەت توغرا بولۇشى. ئاللاغا ھەقىقى يۈزلەنگەن بولۇشى كېرەك.  مۇشۇ ئاساستا تىرىشىپ مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەمگەك قىلىشى ئىزدىنىشى لازىمدۇر.

9.ھەممە نىيەتكە باغلىق،يەنى قىلغان ئەمەل ۋە ياخشى ئىشلىرىڭىز پەقەت ئاللانىڭ رازىلىقى ئۈچۈنلا بولۇشى كېرەك ،ئۇنداق بولماي مال-دۇنيا ياكى ئەمەل......ئۈچۈن بولسا سىزنىڭ قىلغان ئەمەللىرىڭىزنىڭ ھىچقانداق پايدىسى يوق(ئاللانىڭ دەرگاھىدا).
ئاللانىڭ ئەلچىسىنىڭ زامانىدا ،ئاللانىڭ ئەلچىسى مۇھەممەتنىڭ ئەڭ ياراملىق باتۇرلىرىدىن بىرى سەكراتقاچۈشۈپ قالىدۇ،بۇ چاغدا ھەمرالىرى بۇ قېرىندىشىغا«بىر ئاللادىن باشقا ھىچ ئىلاھ يوق» (ئەرەپچە لائىلاھە ئىللالاھۇ) دىگۇزەلمەيدۇ،يەنى بۇ باتۇر تەقۋادارنىڭ تىلى تۇتۇلۇپ قالىدۇ.بۇ ئىش ئاللانىڭ ئەلچىسىگە مەلۇم قىلىنغاندا ،ئاللانىڭ ئەلچىسى ھەيران بولۇپ بۇ نىمە سەۋەپتىندۇر ؟!دەپ ئويلۇنۇپ قالىدۇ ھەمدۇ بۇ باتۇرنىڭ ئانىسىنى چاقىرتىپ كېلىپ سىز ئوغلۇڭىزدىن رازىمۇ؟دەپ سورىغاندا:
ئانا:مەن ئوغلۇمدىن رازى ئەمەس،چۇنكى ئۇ ئايالىنى مەندىن ئۈستۈن كۆردى،مەن بۇ ئىشقا چىدىماي ئۇنىڭ ئويىدىن كۆچۇپ كەتكەن .
ئاللانىڭ ئەلچىسى:ئۇنداقتا ئوتۇن توپلاپ  بۇ ئانىسى رازى بولمىغان بالىنى كۆيدۇرۇڭلار ئۇ ئانىسىنىڭ رازىلىقىنى ئالمىغاننىڭ جازاسىنى بۇ دۇنيادىلا  تارتسۇن دىگىنىدە.
ئانا:ئۇنداق قىلماڭلار !مەن ئوغلۇمدىن رازى !
دەپ رازىلىق بەرمەك ھامان،ھېلىقى تەقۋادار باتۇر«بىر ئاللادىن باشقا ھىچ ئىلاھ يوق»دەپ زىۋانغا كېلىدۇ.
يەكۇن شۇكى:ئانىنىڭ رازىلىقىنى ئالمىغان پەرزەت جەننەت يۈزى كۆرمەيدۇ.

10.قېرىنداشلىقنى ئۈزۈپ قويغان كىشى جەننەت يۈزى كۆرمەيدۇ.

11.ئۆلۇپ كەتكەن ئاتا ئانىغا نىمە تېگىدۇ؟
ئاللانىڭ ئەلچىسى بۇ سۇئالغا مۇنداق جاۋاپ بەرگەن
1،ئۈزۈلۇپ قالغان قېرىنداشلىقنى ئۇلىساڭ شۇنىڭ ياخشىلىقى(ساۋابى) تېگىدۇ.
2،ئاتا -ئانا قىلغان ياخشى ئىشلارنى داۋاملاشتۇرساڭ شۇنىڭ ياخشىلىقى تېگىدۇ.
3،ئاتا-ئاناڭ قىلماقچى بولۇپ قۇربى يەتمىگەن ياخشى ئىشلارنى قىلساڭ شۇنىڭ ياىشىلىقى تېگىدۇ.
4،ئاتا-ئاناڭغا ئاتاپ تىلەك(دۇئا) تىللىسەڭ شۇنىڭ ياخشىلىقى تېگىدۇ.

12،ئۆلگەندى كېيىنمۇ داۋاملىق ياخشىلىقى بولۇدىغان ئىشلار قايسى؟
1.ئىلىم ئۈگىتىش
2.ياخشى پەرزەت تەربىيىلەش
3.سەدىقە (ئاجىز-ئورۇقلارنىڭ ھەققى) بېرىش

13.تىلىكى ئىجاۋەت بولۇدىغان كىشىلەر كىم؟
1.روزا تۇتقان كىشىنىڭ ئېغىز ئېچىشتىن بۇرۇن قىلغان تىلىكى ئىجاۋەت بولىدۇ.
2.زۇلۇمغا يولۇققان كىشىنىڭ تىلىكى ئىجاۋەت بولىدۇ.
3.مەككە-مەدىنىنى تاۋاپ قىلغان كىشىنىڭ بەيتۇل مۇققەددەسنىڭ ئالدىدا قىلغان تىلىكى ئىجاۋەت بولىدۇ

14.غەيۋەت قىلىش ئادەم گۆشى يىگەن بىلەن باراۋەر،چېقىمچىلىق قىلىش قېرىندىشىنىڭ گۆشىنى يىگەن بىلەن ئوخشاش.
ئاللانىڭ ئەلچىسىنىڭ ھەمرالىرىدىن بىرى «رابىيەنىڭ بويى پاكار» دىۋىدى.
ئاللانىڭ ئەلچىسى ئۇ كىشىگە:سەن چىشىڭنى كولىۋەتكىن دىدى.
ئۇ كىشى :مەن گۆش يىمىگەن تۇرسام دىۋىدى.
ئاللانىڭ ئەلچىسى:بايا رابىيەنىڭ بويى پاكار دىدىڭغۇ(غەيۋەت قىلدىڭغۇ دىمەكچى).

بىرى ئاللانىڭ ئەلچىسىدىن سورىدى:مەن دىگەن ئىش قېرىندىشىمدا راستىنلا بار بولسىمۇ بۇ ئىشنى دىگىنىم غەيۋەت بولامدۇ؟
ئاللانىڭ ئەلچىسى:ناۋادا سەن دىگەن ئىش قېرىندىشىڭدا بار بولسا ،بۇ ئىشنى دىيىش غەيۋەتكە كىرىدۇ، يوق ئىشنى دىگەن بولساڭ ئۇ قېرىندىشىڭغا تۆھمەت قىلغان بولىسەن.
15.جەننەتنىڭ باغلىرى دىگەن نىمە؟
ئىلمى سورۇنلار(بىلىم ئۈگىتىدىغان،مۇلاھىزە قىلىش ئارقىلىق توغرىلىقنى ئىزدەيدىغان سورۇنلار)،مەسىلەن ئاللانىڭ ئۆيى(مىچىت) ۋە بىلىملىك كىشىلەرنىڭ يىتەكچىلىكىدىكى بىلىم ئالماشتۇرۇش مەقسەت قىلغان سورۇنلار.

16.بىرلىككە كېلەلمىگەن مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟
بىرلىككە كېلەلمىگەن مەسىلىلەرنى ئاللانىڭ قانۇنى(قۇر'ئان كېرىم)غا ۋە ئاللانىڭ ئەلچىسى مۇھەممەتنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە(ھەدىس) مۇراجەت قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلىش كېرەك

    بىزدىكى دەل-تالاشنىڭ تۇگىمەسلىكى دەل بىزنىڭ ئاللانىڭ قانۇنىنى ۋە ئاللانىڭ ئەلچىسىنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ھۇرمەت قىلماسلىقتىن بولۇۋاتىدۇ،ناۋادا بىز دەل-تالاش قىلىشقان مەسىلىلەرنى كىتاۋى ئاساسىمىزغا ئاساسەن چۈشەنسەك،بىر تەرەپ قىلساق بىزدىكى دەل-تالاشنىڭ يىلتىزى قۇرۇغان بولاتتى.
  مىڭ ئەپسۇس! نۇرغۇن مۇسۇلمانلار تا ھازىرغىچە ئاللانىڭ قانۇنى بولغان قۇر'ئان كېرىمنىڭ ئۇيغۇرغىسىنى تولۇق ئوقۇپ چىقمىدى،ھەدىسلەرنى تولۇق كۆرمىدى، شۇڭا بىزدىكى دەل-تالاش بىلگەنلەر بىلەن بىلمىگەنلەر ئوتتۇرىسىدا يەنى ئۆلۇكلەر بىلەن تىرىكلەر ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىگە ئايلاندى.  دىمەكچى ئۆلۇكلەر قاتارىدا بولماي دىسىڭىز تېزدىن ئاللانىڭ قانۇنى بولغان قۇرئان كېرىمنى ۋە ھەدىسلەرنى تولۇق كۆرۇڭ(ھەدىس دىگەندە ئاساسلىق سەھۇل بۇخارا ۋە ياىشىلار باغچىسىدۇر ،بۇ ئىككى كىتاپتىڭ مەزمۇنىمۇ ئاساسەن ئوخشاپ كېتىدۇ).

17.سەپنىڭ تۇزلىكى دىلنىڭ بىرلىكىدۇر
سەپلىرىڭلارنى  خۇددى ئوقيانىڭ ئوقىدەك تۇز قىلىڭلار،نامازدا مۇررەڭلەرنى مۇررىلەرگە پۇتىڭلارنى پۇتۇڭلارغا تەككۈزۈپ تۇرۇڭلار.سەپنىڭ تۈز بولۇشى دىللارنىڭ بىردەكلىكىدۇر،سەپتە ئاراڭلار بوش قالسا  ئاللا سىلەرگە تەپرىقىچىلىك(بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى پىتنە بولسا كېرەك) سېلىپ قويىدۇ.
ئالدىنقى سەپنى تولدۇرۇپ بولۇپ كەينىدىكى سەپتە تۇرۇڭلار،كىمكى ئالدىنقى سەپتىكى بوش ئورۇندا تۇرماي كەينىدىكى سەپتە تۇرسا ،ئۇ كىشى ئاللانىڭ رەھمىتىدىن قاچقان بولىدۇ.......
18.مۇسۇلمان بىلەن كاپىرنىڭ پەرقى
مۇسۇلمان بىلەن كاپىرنىڭ پەرقى نامازدۇر.سەۋەپلىك ياكى ھورۇنلۇق تۇپەيلى ناماز ئۆتۇيەلمىگەن كىشى  بۇنىڭ سىرتىدا يەنى كاپىر سانالمايدۇ.
19.ئاللانىڭ ئۆيىنى(مىچىت) ئاۋاتلاشتۇرغان كىشى بەختكە ئېرىشىدۇ.
ئاللانىڭ ئۆيىنى(مىچىت) ئاۋاتلاشتۇرغان كىشى (يەنى تازىلىغان ،رىمۇت قىلغان ،پۇل-مال بەرگەن......) نىڭ ئائىلىسى بۇ دۇنيادا ۋە ئۇ دۇنيادا بەختكە ئېرىشىدۇ.
ئاللانىڭ ئەلچىسىنىڭ زامانىدا مىچىتنى تازىلايدىغان بىر نېگىر ئايال ۋاپات بولىدۇ،بۇ كىشىنى ساھابىلەر نامىزىنى چۇشۇرۇپ ئۇزۇتۇپ قويۇدۇ،بىر نەچچە كۇندىن كېيىن ئاللانىڭ ئەلچىسى بۇ ئايالنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى ئاڭلايدۇ ھەمدە خاپىلايدۇ،شۇنداقلا ساھابىلىرىنى ئەگەشتۇرۇپ ھېلىقى ئايالنىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىدا بۇ ئايالنىڭ مىيىت نامىزىنى چۇشىرىدۇ(كېلىش مەنبە ئۇرۇمچى خاڭچىڭ مىچىتىنىڭ ئىمامى سۆزلىگەن)
20.ئاۋال كىمگە ياخشىلىق قىلىش كېرەك؟
ئاللانىڭ ئەلچىسى مۇھەممەت بۇ سۇئالنى سورۇغۇچىغا «ئاناڭ»غا دەپ جاۋاپ بەرگەن.
--ئاندىن كېيىنچۇ؟
--«ئاناڭغا».
--ئاندىن كېيىنچۇ؟
--«ئاناڭغا».
--ئاندىن كېيىنچۇ؟
--«ئاتانغا»
21.شېۋىقادىر كېچىسى تېلەكنىڭ ئىجاۋەت بولۇشىنىڭ مۇھىم بىر شەرتى نىمە؟
شېۋىقادىر كېچىسى مۇسۇلمانلارنىڭ تېلىكى ئىجاۋەت بولۇدۇ دەپ بىلىمىز،بۇ تىلەكنىڭ ئىجاۋەت بولۇشىنىڭ ئالدىنقى مۇھىم شەرتى:قېرىنداشچىلىقىمىز ئۇزۇلۇپ قالمىغان بولۇشى كېرەك.
22.يالغانچىلار جەننەت يۈزى كۆرمەيدۇ
ئاللانىڭ ئەلچىسى مۇنداق دىگەن«يالغان سۆزلىگەن كىشى جەننەت يۈزى كۆرەلمەيدۇ»
يالغانچىلىق-چېقىمچىلىق،ساتقىنلىق قاتارلىق بارلىق نارچار ئىللەتلەرنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.

بىرى ئاللانىڭ ئەلچىسىدىن سورىدى:مۇسۇلماننىڭ ئوغرىلىق قىلىشى مۇمكىنمۇ؟
--مۇمكىن
--زىنا قىلىشى مۇمكىنمۇ؟
--مۇمكىن.
--يالغان سۆز قىلىشى مۇمكىنمۇ؟
--مۇمكىن ئەمەس.

23.ئىككى ئېغىزنى ھارامدىن ساقلىغان كىشى جەننىتى بولىدۇ
ئاللانىڭ ئەلچىسى مۇنداق دىگەن:مەن كاپالەت بېرىمەنكى«ئېغىزىنى ۋە ئەۋرىتىنى ھارامدىن ساقلىغان كىشى جەننىتى بولىدۇ»

24.ھەسەت قىلىش خۇددى ئوت ئوتۇننى كويدۇرۇپ تۇگەتكەندەك ياخشى ئەمەللىرىڭلارنى خورۇتۇدۇ.

25.ئىككى دۇنيالىق قېرىنداش
قېرىنداشلار ئىككى تۇرلۇكتۇر،بىرى قانداشلىق يۇزىسىدىن شەكىللەنگەن قېرىنداشلىق بۇ بۇ دۇنيادىكىلا قېرىنداشلىقتۇر.
يەنە بىرى بولسا ئاللاغا بولغان ئورتاق ئىشەنچ يۈزىسىدىن شەكىللەنگەن دىننى قېرىنداشلىق، بۇ ئىككى ئالەملىك قېرىنداشلىقتۇر.

26.باشقىلارغا پايدىلىق،ئۇلارنى خوشال قىلىدىغان گەپ بولسا قىل ،بولمىسا جىم تۇرغىنىڭ ياخشىڭ
مەنبە:12تاغ مۇنبىرى




دوستلىشىش
ئۆزئۇيغۇر
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8994
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 78
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە78دانە
ئۆسۈش: 50 %
مۇنبەر پۇلى: 820 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-18
ئاخىرقى: 2011-12-21

ئاللاھ  سىزدىن رازى بولسۇن .
شۇنچە ئېسىل تېمىا ھىچكىمنى جەلپ قىلالمىغانمۇ نىمە، بىرەرسىمۇ كىرىپ قويماپتۇ.
يولۋاس ئىزىدىن قايتماس ، يىگىت سۆزىدىن يانماس !!!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8912
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 20
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە20دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 190 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-10
ئاخىرقى: 2011-12-06
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-24 22:45

رەھمەت قېرىندىشىم !   ئاللاھ سىزگە كۆپ ئەجىر ئاتا قىلغاي !
مۇنداق قارىسام بۇ ئىمامنىڭ بەزى سۆزلىرى سەل غەيرى بىلىنىۋاتىدۇ. مەسىلەن : 6-تۈرلۈك سۆز ، يەنە 18-تۈردىكى ھۇرۇنلۇق تۈپەيلى ئوقۇيالماسلىقى كاپىر ئەمەس دېگىنى نېمىسى ئەمدى ؟ ياكىدە كاپىر ئەمەس ،مۇناپىق دەپ ئايرىماقچىمۇ يا ؟
بەگزات
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2481
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 82
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە82دانە
ئۆسۈش: 330 %
مۇنبەر پۇلى: 1052 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-29
ئاخىرقى: 2011-12-22
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-25 11:26

سالام بەگزات:
6-دىكى سۆز :بىزنى قۇرئانغا بوي سۇنۇشقا يىتەكلەيدۇ.مەسىلىلەرگە قۇر'ئان بويىچە  ھۆكۇم قىلمىغان كىشىنىڭ كاپىر ئىكەنلىكى قۇر'ئاندا ئېنىق كۆرسۇتىلگەن.
18-تۇردىكىسى بولسا قەستەن  يەنى ئۆز خائىشى بويىچە نامازنى تەرىك ئەتكەن(ئۆتىمىگەن ) كىشى كاپىردۇر.نامازنى ئۆتەش خىيالى ئارزۇسى بار لېكىن ھورۇنلۇق ياكى سەۋەپلىك ئۆتەلمىگەن كىشى كاپىر سانالمايدۇ(دەرىجىسى تۆۋەنرەك مۇسۇلمان سانىلىدۇ دىسەك بولىدۇ)
شۈكرى.اللە
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6386
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1092
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1092دانە
ئۆسۈش: 1070 %
مۇنبەر پۇلى: 11712 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-05
ئاخىرقى: 2012-01-06
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-25 12:31

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم جاپا چىكىپسىز
اللە خالىسا بۇ ئۈممەت ئۆزى يوقاتقان ئىززەتنى ئۆزى قايتۇرىۋالىدۇ
دوستلىشىش
ئامېنە
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8958
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 16
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە16دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 160 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-14
ئاخىرقى: 2012-01-06
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-26 10:23

ئاللا رەخمەت قىلسۇن،بەك ياخشى تېمىكەن!
كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم،سۇ بولايمۇ يىلتىزمۇ؟؟؟؟
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8737
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 67
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە67دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 670 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-26
ئاخىرقى: 2012-01-06
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-31 15:54

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ،ياخشىتېما يوللاپسىز.
balgun
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2481
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 82
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە82دانە
ئۆسۈش: 330 %
مۇنبەر پۇلى: 1052 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-29
ئاخىرقى: 2011-12-22
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-14 12:06

27.مۇسۇلمانلارنىڭ غايىسى:نامىزىم،قۇربانلىقىم،ھاياتىم ۋە ماماتىم ئاللا ئۇچۇن دىيىشتىن ئىبارەت.
28.نەس-دوزاقنىڭ ئوتىغا ئوخشايدۇكى،ناۋادا ئىشەنچ(ئەرەپچە ئىمان دەيدۇ) ئۇنى كونتۇرۇل قىلىپ تۇرمىسا  ئىنسان ئۆزىنى دوزاقتا كۆرگەن بولاتتى.
29.ئاللانىڭ ئەلچىسى مۇنداق دىگەن:شۇنداق بىر زامانلار كېلىدۇكى:مىچىتلەر ناھايىتى چىرايلىق بېزىلىدۇ،لېكىن بۇ مىچىتلەردە بەركەت بولمايدۇ،ئىسلامنىڭ ئىسمىلا قالىدۇ،قۇر'ئاننىڭ سۇرىتىلا قالىدۇ،ناچار ئۆلىمالار مەيدانغا كېلىدۇ(يەنى ھەقنى سۆزلىمەيدىغان،سۆزلىسىمۇ ئەمەل قىلمايدىغان ئۆلىمالار مەيدانغا كېلىدۇ)،پىتنە ئۆلىمالاردىن باشلاپ تارقىلىپ ئۆلىمالارغا قايتىدۇ.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2481
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 82
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە82دانە
ئۆسۈش: 330 %
مۇنبەر پۇلى: 1052 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-29
ئاخىرقى: 2011-12-22
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-28 11:07

30.ئاللانىڭ ئەلچىسىنىڭ دەرىجىسىنىڭ ئۈستۇن بولۇشىدىكى سەۋەپ؟
بىر خەلق مەلۇم بىر كىشى سەۋەبىدىن توغرا يولغا ماڭسا،بۇ خەلق قىلغان بارلىق ياخشىلىقلارنىڭ ئەجىرى شۇ خەلقنىڭ ھېساۋىغا  يېزىلىپلا  قالماي ،بۇ خەلقنى توغرا يولغا باشلىغان ئاشۇ كىشىنىڭ ھېساۋىغا ئوخشاش يېزىلىپ تۇرىدۇ.شۇڭا بىزنى ئاللانىڭ توغرا يولىغا باشلىغان كىشىگە بىزنىڭ قىلغان ئەمەللىرىمىزنىڭ ياخشىلىقى ئوخشاش يېزىلىپ تۇرىدۇ.
كىمكى بىر خەلقنى خاتا يولغا باشلىسا بۇ خاتا يولدا ماڭغانلارنىڭ گۇناسى ،خەلقنى خاتا يولغا باشلىغان شۇ  كىشىگە ئوخشاش يېزىلىپ تۇرىدۇ.
31.نەزىر ئىسلامدا يوق ئىش.
گەدەندىن ساقىت ،دىمىسەك بولمايدۇ،نەزىر ئىسلامدا يوق ئىش.نەزىر قىلما دىسە ئۇنىمايسىلەر،شۇڭا نەزىرنى قانچە ئاددى قىلساڭلار شۇنچە ياخشى.
32.نامازنىڭ قوبۇل بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسى
قۇرئاندا «ناماز سىلەرنىڭ ياماز ئىشلىرىڭلارغا توساق بولىدۇ»دىيىلگەن. بۇ بەلگىلىمىنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسلانغاندا .بىزنىڭ ئۆتىگەن نامىزىمىزنىڭ قوبۇل بولغانلىقىنى،نامازدىن كېيىن ئۆزىمىزنى يامان ئىشلاردىن تارتقان ياكى تارتمىغانلىقىمىزدىن بىلىۋالالايمىز،يەنى بىز بارلىق يامان ئىشلاردىن چەكلەنگەن بولساق بۇ دەل بىزنىڭ ئۆتۇگەن نامىزىمىزنىڭ قوبۇل بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
33.ئاللاغا ھەقىقى ئىشەنگەن(ئىماندا چىڭ تۇرغان) كىشىنىڭ ئىپادىسى
ئاللاغا ھەقىقى ئىشەنگەن كىشى-ھەقىقەتتە چىڭ تۇرىدۇ(پايدا-مەنپەت ئۈچۈن ئاللانىڭ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلمايدۇ)،پەقەت ئاللادىنلا قورقۇدۇ،ئاللادىنلا رىزىق تەلەپ قىلىدۇ،يالغانچىلىق قىلمايدۇ،گۇزەل ئەخلاقلىق بولىدۇ،كەلگۇسىدىن غەم قىلمايدۇ،ئۆتكەنگە پۇشايمان قىلمايدۇ،بارلىق ئىشلارنىڭ ئاللانىڭ باشقۇرىشىدا بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.
34.مۆمىنلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئۆز ئەمگىگىگە تايىنىپ ياشىغانلىرىدۇر.
نەزەر سالىدىغان بولساق ئاللانىڭ ئەلچىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزى ئەمگەك قىلىپ تۇرمۇشىنى قامدىغان.
all praise to allah , the lord of the worlds
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1232
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1369
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1369دانە
ئۆسۈش: 330 %
مۇنبەر پۇلى: 14530 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-27
ئاخىرقى: 2012-01-05
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-28 17:28

.ئاللانىڭ ئەلچىسى مۇنداق دىگەن:شۇنداق بىر زامانلار كېلىدۇكى:مىچىتلەر ناھايىتى چىرايلىق بېزىلىدۇ،لېكىن بۇ مىچىتلەردە بەركەت بولمايدۇ،ئىسلامنىڭ ئىسمىلا قالىدۇ،قۇر'ئاننىڭ سۇرىتىلا قالىدۇ،ناچار ئۆلىمالار مەيدانغا كېلىدۇ

بىزنىڭ دىيارنى دەۋاتقاندەكلا بىلىنىپ كەتتى ،،،