باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2615 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: جۇمە نامىزىدىكى جەۋھەرلەر
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2481
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 90
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە90دانە
ئۆسۈش: 330 %
مۇنبەر پۇلى: 1132 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-29
ئاخىرقى: 2012-03-07
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-24 17:42

جۇمە نامىزىدىكى جەۋھەرلەر

ئەسكەرتىش: بۇ يازما general تەرىپىدىن مەمىلكەت خەۋەرلىرى بۇ رايونغا يۆتكەلدى(2011-10-24)
  مەن جۇمە نامىزىنىڭ خۇتبىلىرىدە ئاڭلىغان ئەھمىيەتلىك كۆرسەتمە ۋە بەلگىلىمىلەرنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنىنى تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇشنى توغرا تاپتىپ،بەلكىم بۇ ھەدىس ۋە ئايەتلەر سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزغا تەسىر كۆرسەتسە ئەجەپ ئەمەس.
1.بەخت دېگەن نىمە؟
جاۋاب:بەخت دېگەن ئىمان(ئىشەنچتىن ئىبارات)،ئۇ ھەرگىزمۇ بايلىق ياكى ھوقۇق ۋە باشقىسى ئەمەس.ئاللاغا ھەقىقى ئىشەنگەن كىشىلا خاتىرجەملىككە بەخت تۇيغۇسىغا ئېرىشەلەيدۇ. بايلىقنى  قوغلاشقا كىشىنىڭ كۆڭلى دەككە-دۈككە ئىچىدىلا بولىدۇ،ئۇ كىشىدە كۆڭۇل ئارامى بولمايدۇ.

2.جەننەت ۋە دوۋزاق سىلەرگە ئايىقىڭلارنىڭ بوقۇچىدىنمۇ يېقىن.
ئىككى مۇسۇلمان سەپەر داۋامىدا بۇتپەرەسلەرنىڭ يۇرتىدىن ئۆتۈشكە توغرا كەپتۇ،بۇ چاغدا بۇتپەرەسلەر دەپتۇكى :سىلەر بىزنىڭ بۇتلىرىمىزغا يېقىنچىلىق قىلساڭلار ئاندىن بۇ جايدىن ئۆتكۈزىمىز دەپتۇ. مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ يېنىدا ھىچقانداق نەرسىنىڭ يوقلىقىنى بۇتلارغا يېقىنچىلىق قىلىشقا ئامالسىزلىقىنى ئېيتقاندا ،بۇتپەرەسلەر بىرەر چىۋىننى تۇتۇپ بولسىمۇ بۇتلىرىغا يېقىنچىلىق قىلىشنى ئېيتىپتۇ،مۇسۇلمانلاردىن بىرى چىۋىننى تۇتۇپ بۇتقا سوۋغا قىلىپ بۇ جايدى ئۆتۈپتۇ.لېكىن دوزىقى بولۇپتۇ.يەنە بىر مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ بىر ئاللادىن باشقىغا يېقىنچىلىق قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتىپتىكەن ،ئۆلتۈرىلىپتۇ لېكىن جەننىتى بولۇپتۇ.
تەھلىل شۇكى:بىز تۇرمۇشتا چىۋىن ئۆلتۈرۈپ بۇتقا يېقىنچىلىق قىلىشتەك ئىشلەرگە قانچىلىك يولۇقتۇق؟!

3.ئەڭ ياخشىڭلار مېنىڭ دەۋرىمدە ياشىغانلىرىڭلار، ئاندىن قالسا ساھابى-كېرەملەرنىڭ دەۋرىدە ياشىغانلىرىڭلار
..................شۇنداق بىر كىشىلەر مەيدانغا كېلۇدۇكى:ئۇلار ئېغىزىدا دېگىنىنى ئەمىلىيەتتە قىلمايدۇ. يەنى ئاللانىڭ قانۇنىنى ۋە ئاللانىڭ ئەلچىسىنىڭ كۆرسەتمىلىرىنى ئېغىزىدا سۆزلەيدۇ ئەمىلىيەتتە شۇ بويىچە ئىش قىلمايدۇ.

4.بۇ دۇنيادىكى ئازاب ئاللاھنىڭ بىرلىك بارلىقىنى ئىنكار قىلىش ئەمەس بەلكى ئاللاغا شىرىك كەلتۈرۈش.

5.دىندا ئوتتۇرىھال يول تۇتۇڭلار. يەنى دىندا بەلگىلەنگەن ئەمەللەرنى ۋە ئىشلارنى ئاشۇرۇۋېتىشمۇ، كېمەيتىۋېتىشمۇ ئوخشاشلا خاتا. دەل ئۆزىنى تۇتۇش توغرا.

6.دىنىي مەسىلىگە ھۆكۈم قىلغاندا كىتاب ئاساسىدا ھۆكۈم قىلىڭلار، ناۋادا كىتابتىن كۆرمىگەن بولساڭلار ئەڭ ياخشىسى مەن كۆرمىدىم دەڭلار. ئۇنداق بولمايدىكەن بەك چوڭ خاتالاشقان بولىسىلەر.
7.يالغان مۇسۇلماننىڭ ھۆكمى نىمە؟
يالغان مۇسۇلمان مەسچىتكە كىرسە ئەڭ تەقۋادار كىشىگە ئايلىنىدۇ،مەسچىتتىن چىقسا بارلىق يامان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىدۇ.

8.تىلەكنىڭ ئىجابەت بولۇشىغا تىلەككە لايىق ھەرىكەت بولۇشى كېرەك. يەنى يىمەك-ئىچمەك، كىيىم- كېچەك پاكىز بولۇشى، نىيەت توغرا بولۇشى. ئاللاغا ھەقىقى يۈزلەنگەن بولۇشى كېرەك.  مۇشۇ ئاساستا تىرىشىپ مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەمگەك قىلىشى ئىزدىنىشى لازىمدۇر.

9.ھەممە نىيەتكە باغلىق،يەنى قىلغان ئەمەل ۋە ياخشى ئىشلىرىڭىز پەقەت ئاللانىڭ رازىلىقى ئۈچۈنلا بولۇشى كېرەك ،ئۇنداق بولماي مال-دۇنيا ياكى ئەمەل......ئۈچۈن بولسا سىزنىڭ قىلغان ئەمەللىرىڭىزنىڭ ھىچقانداق پايدىسى يوق(ئاللانىڭ دەرگاھىدا).
ئاللانىڭ ئەلچىسىنىڭ زامانىدا ،ئاللانىڭ ئەلچىسى مۇھەممەتنىڭ ئەڭ ياراملىق باتۇرلىرىدىن بىرى سەكراتقاچۈشۈپ قالىدۇ،بۇ چاغدا ھەمرالىرى بۇ قېرىندىشىغا«بىر ئاللادىن باشقا ھىچ ئىلاھ يوق» (ئەرەپچە لائىلاھە ئىللالاھۇ) دىگۇزەلمەيدۇ،يەنى بۇ باتۇر تەقۋادارنىڭ تىلى تۇتۇلۇپ قالىدۇ.بۇ ئىش ئاللانىڭ ئەلچىسىگە مەلۇم قىلىنغاندا ،ئاللانىڭ ئەلچىسى ھەيران بولۇپ بۇ نىمە سەۋەپتىندۇر ؟!دەپ ئويلۇنۇپ قالىدۇ ھەمدۇ بۇ باتۇرنىڭ ئانىسىنى چاقىرتىپ كېلىپ سىز ئوغلۇڭىزدىن رازىمۇ؟دەپ سورىغاندا:
ئانا:مەن ئوغلۇمدىن رازى ئەمەس،چۇنكى ئۇ ئايالىنى مەندىن ئۈستۈن كۆردى،مەن بۇ ئىشقا چىدىماي ئۇنىڭ ئويىدىن كۆچۇپ كەتكەن .
ئاللانىڭ ئەلچىسى:ئۇنداقتا ئوتۇن توپلاپ  بۇ ئانىسى رازى بولمىغان بالىنى كۆيدۇرۇڭلار ئۇ ئانىسىنىڭ رازىلىقىنى ئالمىغاننىڭ جازاسىنى بۇ دۇنيادىلا  تارتسۇن دىگىنىدە.
ئانا:ئۇنداق قىلماڭلار !مەن ئوغلۇمدىن رازى !
دەپ رازىلىق بەرمەك ھامان،ھېلىقى تەقۋادار باتۇر«بىر ئاللادىن باشقا ھىچ ئىلاھ يوق»دەپ زىۋانغا كېلىدۇ.
يەكۇن شۇكى:ئانىنىڭ رازىلىقىنى ئالمىغان پەرزەت جەننەت يۈزى كۆرمەيدۇ.

10.قېرىنداشلىقنى ئۈزۈپ قويغان كىشى جەننەت يۈزى كۆرمەيدۇ.

11.ئۆلۇپ كەتكەن ئاتا ئانىغا نىمە تېگىدۇ؟
ئاللانىڭ ئەلچىسى بۇ سۇئالغا مۇنداق جاۋاپ بەرگەن
1،ئۈزۈلۇپ قالغان قېرىنداشلىقنى ئۇلىساڭ شۇنىڭ ياخشىلىقى(ساۋابى) تېگىدۇ.
2،ئاتا -ئانا قىلغان ياخشى ئىشلارنى داۋاملاشتۇرساڭ شۇنىڭ ياخشىلىقى تېگىدۇ.
3،ئاتا-ئاناڭ قىلماقچى بولۇپ قۇربى يەتمىگەن ياخشى ئىشلارنى قىلساڭ شۇنىڭ ياىشىلىقى تېگىدۇ.
4،ئاتا-ئاناڭغا ئاتاپ تىلەك(دۇئا) تىللىسەڭ شۇنىڭ ياخشىلىقى تېگىدۇ.

12،ئۆلگەندى كېيىنمۇ داۋاملىق ياخشىلىقى بولۇدىغان ئىشلار قايسى؟
1.ئىلىم ئۈگىتىش
2.ياخشى پەرزەت تەربىيىلەش
3.سەدىقە (ئاجىز-ئورۇقلارنىڭ ھەققى) بېرىش

13.تىلىكى ئىجاۋەت بولۇدىغان كىشىلەر كىم؟
1.روزا تۇتقان كىشىنىڭ ئېغىز ئېچىشتىن بۇرۇن قىلغان تىلىكى ئىجاۋەت بولىدۇ.
2.زۇلۇمغا يولۇققان كىشىنىڭ تىلىكى ئىجاۋەت بولىدۇ.
3.مەككە-مەدىنىنى تاۋاپ قىلغان كىشىنىڭ بەيتۇل مۇققەددەسنىڭ ئالدىدا قىلغان تىلىكى ئىجاۋەت بولىدۇ

14.غەيۋەت قىلىش ئادەم گۆشى يىگەن بىلەن باراۋەر،چېقىمچىلىق قىلىش قېرىندىشىنىڭ گۆشىنى يىگەن بىلەن ئوخشاش.
ئاللانىڭ ئەلچىسىنىڭ ھەمرالىرىدىن بىرى «رابىيەنىڭ بويى پاكار» دىۋىدى.
ئاللانىڭ ئەلچىسى ئۇ كىشىگە:سەن چىشىڭنى كولىۋەتكىن دىدى.
ئۇ كىشى :مەن گۆش يىمىگەن تۇرسام دىۋىدى.
ئاللانىڭ ئەلچىسى:بايا رابىيەنىڭ بويى پاكار دىدىڭغۇ(غەيۋەت قىلدىڭغۇ دىمەكچى).

بىرى ئاللانىڭ ئەلچىسىدىن سورىدى:مەن دىگەن ئىش قېرىندىشىمدا راستىنلا بار بولسىمۇ بۇ ئىشنى دىگىنىم غەيۋەت بولامدۇ؟
ئاللانىڭ ئەلچىسى:ناۋادا سەن دىگەن ئىش قېرىندىشىڭدا بار بولسا ،بۇ ئىشنى دىيىش غەيۋەتكە كىرىدۇ، يوق ئىشنى دىگەن بولساڭ ئۇ قېرىندىشىڭغا تۆھمەت قىلغان بولىسەن.
15.جەننەتنىڭ باغلىرى دىگەن نىمە؟
ئىلمى سورۇنلار(بىلىم ئۈگىتىدىغان،مۇلاھىزە قىلىش ئارقىلىق توغرىلىقنى ئىزدەيدىغان سورۇنلار)،مەسىلەن ئاللانىڭ ئۆيى(مىچىت) ۋە بىلىملىك كىشىلەرنىڭ يىتەكچىلىكىدىكى بىلىم ئالماشتۇرۇش مەقسەت قىلغان سورۇنلار.

16.بىرلىككە كېلەلمىگەن مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟
بىرلىككە كېلەلمىگەن مەسىلىلەرنى ئاللانىڭ قانۇنى(قۇر'ئان كېرىم)غا ۋە ئاللانىڭ ئەلچىسى مۇھەممەتنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە(ھەدىس) مۇراجەت قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلىش كېرەك

    بىزدىكى دەل-تالاشنىڭ تۇگىمەسلىكى دەل بىزنىڭ ئاللانىڭ قانۇنىنى ۋە ئاللانىڭ ئەلچىسىنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ھۇرمەت قىلماسلىقتىن بولۇۋاتىدۇ،ناۋادا بىز دەل-تالاش قىلىشقان مەسىلىلەرنى كىتاۋى ئاساسىمىزغا ئاساسەن چۈشەنسەك،بىر تەرەپ قىلساق بىزدىكى دەل-تالاشنىڭ يىلتىزى قۇرۇغان بولاتتى.
  مىڭ ئەپسۇس! نۇرغۇن مۇسۇلمانلار تا ھازىرغىچە ئاللانىڭ قانۇنى بولغان قۇر'ئان كېرىمنىڭ ئۇيغۇرغىسىنى تولۇق ئوقۇپ چىقمىدى،ھەدىسلەرنى تولۇق كۆرمىدى، شۇڭا بىزدىكى دەل-تالاش بىلگەنلەر بىلەن بىلمىگەنلەر ئوتتۇرىسىدا يەنى ئۆلۇكلەر بىلەن تىرىكلەر ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىگە ئايلاندى.  دىمەكچى ئۆلۇكلەر قاتارىدا بولماي دىسىڭىز تېزدىن ئاللانىڭ قانۇنى بولغان قۇرئان كېرىمنى ۋە ھەدىسلەرنى تولۇق كۆرۇڭ(ھەدىس دىگەندە ئاساسلىق سەھۇل بۇخارا ۋە ياىشىلار باغچىسىدۇر ،بۇ ئىككى كىتاپتىڭ مەزمۇنىمۇ ئاساسەن ئوخشاپ كېتىدۇ).

17.سەپنىڭ تۇزلىكى دىلنىڭ بىرلىكىدۇر
سەپلىرىڭلارنى  خۇددى ئوقيانىڭ ئوقىدەك تۇز قىلىڭلار،نامازدا مۇررەڭلەرنى مۇررىلەرگە پۇتىڭلارنى پۇتۇڭلارغا تەككۈزۈپ تۇرۇڭلار.سەپنىڭ تۈز بولۇشى دىللارنىڭ بىردەكلىكىدۇر،سەپتە ئاراڭلار بوش قالسا  ئاللا سىلەرگە تەپرىقىچىلىك(بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى پىتنە بولسا كېرەك) سېلىپ قويىدۇ.
ئالدىنقى سەپنى تولدۇرۇپ بولۇپ كەينىدىكى سەپتە تۇرۇڭلار،كىمكى ئالدىنقى سەپتىكى بوش ئورۇندا تۇرماي كەينىدىكى سەپتە تۇرسا ،ئۇ كىشى ئاللانىڭ رەھمىتىدىن قاچقان بولىدۇ.......
18.مۇسۇلمان بىلەن كاپىرنىڭ پەرقى
مۇسۇلمان بىلەن كاپىرنىڭ پەرقى نامازدۇر.سەۋەپلىك ياكى ھورۇنلۇق تۇپەيلى ناماز ئۆتۇيەلمىگەن كىشى  بۇنىڭ سىرتىدا يەنى كاپىر سانالمايدۇ.
19.ئاللانىڭ ئۆيىنى(مىچىت) ئاۋاتلاشتۇرغان كىشى بەختكە ئېرىشىدۇ.
ئاللانىڭ ئۆيىنى(مىچىت) ئاۋاتلاشتۇرغان كىشى (يەنى تازىلىغان ،رىمۇت قىلغان ،پۇل-مال بەرگەن......) نىڭ ئائىلىسى بۇ دۇنيادا ۋە ئۇ دۇنيادا بەختكە ئېرىشىدۇ.
ئاللانىڭ ئەلچىسىنىڭ زامانىدا مىچىتنى تازىلايدىغان بىر نېگىر ئايال ۋاپات بولىدۇ،بۇ كىشىنى ساھابىلەر نامىزىنى چۇشۇرۇپ ئۇزۇتۇپ قويۇدۇ،بىر نەچچە كۇندىن كېيىن ئاللانىڭ ئەلچىسى بۇ ئايالنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى ئاڭلايدۇ ھەمدە خاپىلايدۇ،شۇنداقلا ساھابىلىرىنى ئەگەشتۇرۇپ ھېلىقى ئايالنىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىدا بۇ ئايالنىڭ مىيىت نامىزىنى چۇشىرىدۇ(كېلىش مەنبە ئۇرۇمچى خاڭچىڭ مىچىتىنىڭ ئىمامى سۆزلىگەن)
20.ئاۋال كىمگە ياخشىلىق قىلىش كېرەك؟
ئاللانىڭ ئەلچىسى مۇھەممەت بۇ سۇئالنى سورۇغۇچىغا «ئاناڭ»غا دەپ جاۋاپ بەرگەن.
--ئاندىن كېيىنچۇ؟
--«ئاناڭغا».
--ئاندىن كېيىنچۇ؟
--«ئاناڭغا».
--ئاندىن كېيىنچۇ؟
--«ئاتانغا»
21.شېۋىقادىر كېچىسى تېلەكنىڭ ئىجاۋەت بولۇشىنىڭ مۇھىم بىر شەرتى نىمە؟
شېۋىقادىر كېچىسى مۇسۇلمانلارنىڭ تېلىكى ئىجاۋەت بولۇدۇ دەپ بىلىمىز،بۇ تىلەكنىڭ ئىجاۋەت بولۇشىنىڭ ئالدىنقى مۇھىم شەرتى:قېرىنداشچىلىقىمىز ئۇزۇلۇپ قالمىغان بولۇشى كېرەك.
22.يالغانچىلار جەننەت يۈزى كۆرمەيدۇ
ئاللانىڭ ئەلچىسى مۇنداق دىگەن«يالغان سۆزلىگەن كىشى جەننەت يۈزى كۆرەلمەيدۇ»
يالغانچىلىق-چېقىمچىلىق،ساتقىنلىق قاتارلىق بارلىق نارچار ئىللەتلەرنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.

بىرى ئاللانىڭ ئەلچىسىدىن سورىدى:مۇسۇلماننىڭ ئوغرىلىق قىلىشى مۇمكىنمۇ؟
--مۇمكىن
--زىنا قىلىشى مۇمكىنمۇ؟
--مۇمكىن.
--يالغان سۆز قىلىشى مۇمكىنمۇ؟
--مۇمكىن ئەمەس.

23.ئىككى ئېغىزنى ھارامدىن ساقلىغان كىشى جەننىتى بولىدۇ
ئاللانىڭ ئەلچىسى مۇنداق دىگەن:مەن كاپالەت بېرىمەنكى«ئېغىزىنى ۋە ئەۋرىتىنى ھارامدىن ساقلىغان كىشى جەننىتى بولىدۇ»

24.ھەسەت قىلىش خۇددى ئوت ئوتۇننى كويدۇرۇپ تۇگەتكەندەك ياخشى ئەمەللىرىڭلارنى خورۇتۇدۇ.

25.ئىككى دۇنيالىق قېرىنداش
قېرىنداشلار ئىككى تۇرلۇكتۇر،بىرى قانداشلىق يۇزىسىدىن شەكىللەنگەن قېرىنداشلىق بۇ بۇ دۇنيادىكىلا قېرىنداشلىقتۇر.
يەنە بىرى بولسا ئاللاغا بولغان ئورتاق ئىشەنچ يۈزىسىدىن شەكىللەنگەن دىننى قېرىنداشلىق، بۇ ئىككى ئالەملىك قېرىنداشلىقتۇر.

26.باشقىلارغا پايدىلىق،ئۇلارنى خوشال قىلىدىغان گەپ بولسا قىل ،بولمىسا جىم تۇرغىنىڭ ياخشىڭ
مەنبە:12تاغ مۇنبىرى




دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8737
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 67
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە67دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 670 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-26
ئاخىرقى: 2012-01-26
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-10-31 15:54

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ،ياخشىتېما يوللاپسىز.
balgun