باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 3198 قېتىم كۆرۈلدى
«1234»Pages: 1/4     Go
تېما: موللامدا پەتىۋا تولا !!!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9301
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 5
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە5دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 70 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-10-18
ئاخىرقى: 2011-10-21
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-19 15:17

موللامدا پەتىۋا تولا !!!

قايسى كۈنى بىر دوستۇمنىڭ دادىسى ئۆلۈپ كىتىپتىكەن . بىر موللامدىن ؛ -دادام ئۆلۈپ كەتكەنتى . نەزىر قىلاي دىگەنتىم . باشقا مەسچىتتىكى ئىمام نەزىر قىلىش توغرا ئەمەس . شۇ نەزىرگە ئىشلەتكەن ئىقتىساتنى بىرەر ساۋاپلىق ئىشقا ئىشلەتسىڭىز ئەڭ كاتتا ساۋاپ دەيدۇ  سىلچە قانداق قىلسام بولار ؟ دەپ سوراپتۇ .
بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئۇ موللام ؛ دادىسى ئۆلۈپ كەتسە نەزىرە قىلماسلىق دەيدىغان پەتىۋا قايسى كىتاپتا باركەن ؟ بېر پۇتۇن ئادەم ۋاپات بولسا كۈمۈپ كۇيۇپلا بولدى قىلسا قانداق بولىدۇ ؟؟؟ ئۇ ياكى چامغۇر بولمىسا ؟؟؟؟دەپ قايناپ كىتىپتۇ .
شۇڭا بۇ دوستۇمنىڭ بىشى قىيىپ ئۇنىڭ گىپىنى ئاڭلىسا ئۇنىڭ گىپى توغرىدەك بۇنىڭ گىپىنى ئاڭلىسا بۇنىڭ گىپى توغرىدەك بىلىنىپ مىنىڭ قىشىمغا كەپتۇ .
مەن ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ كۈلۈپ قۇيۇپ ؛-سىزچە قايسى موللامنىڭ گىپى توغرىدەك تۇرىدۇ ؟؟دەپ ئۆزىدىن قايتىلاپ سورېدىم .
ئۇ --مەنمۇ گاڭگىراپلا قالدىم  دىدى . مەن ؛--قاراڭ سىز 30 ياشتېن ئاشقان ئادەم . ھايات يولىنى چۈشنىسىز . قانداق قىلسا توغرا قانداق قىلسا خاتا بولىدىغانلىقىنى چۈشەنگەچكە توي قىلىپ بالىلىق بولۇپ ھايات يولىنى داۋام ئىتىۋاتىسىز .
شۇڭا مۇشۇنداق ئاددى ئىشنىمۇ ئۇلاردىن سوراپ ئولتۇرۇش ھاجەتسىز دەپ قارايمەن . بۇنىڭغا ئۆزىڭىزمۇ توغرا جاۋاپ تاپالايسىز  دىدىم .
ئۇ ئويلۇنۇپ تۇرمايلا ؛-مىنىڭچىمۇ نەزىر قىلماي شۇ پۇلنى قىيىنچىلقى بارلارغا ئاتىسام ئەڭ توغرا قىلغان بولىمەن .دىدى.
--مانا ئەمەسمۇ دىدىم خۇشال بولۇپ ؛--موللامدا پەتىۋا تولا . بىز ئۆزىمىزنىڭ چىن ئىنسانى ۋىجدانىمىزغا مۇخالىپ بولمىسلا ئۆزىمىز توغرا دەپ قارىغان يولنى تاللىساك بولۇۋېرېدۇ . دىدىم . ئۇ يىگىت ماڭا رەخمەت ئىيتىپ چىقىپ كەتتى .
مەن ئويلاپ قالدىم .--
مەن تىجارەت ئۈچۈن خىلى كۆپ ئەرەپ دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان ھاجىلار بىلەن ھەمسۆھبەت بولدۇم . ئەرەپ دۆلەتلىرىدە سودا قىلدىغانلار ئاساسلىقى تور تىجارىتىنى ئاساس قىلدىكەن . ئاساسلىغى توردا ئالتۇن ، كۈمۈش ، نىفىت سودىسى قىلىدىكەن .
لىكىن بىزدىچۇ ؟؟؟ بىر ئىشنى قىلاي دىسە پەتىۋاچىلارنىڭ ئىگىز-پەس گەپلىرىنىڭ توللىقىدىن ئادەم يۇرەك كىسلى بولۇپ قالىدۇ .
  مىسالغا ئالساق: سەئۇدى ئەربىستاننىڭ شاھزادىسى ئابدۇللا  تور سودىسى ئالتۇن  ( يايچىك سودىسى ) قىلىش ئارقىلىق 20 مىليارتتىن ئارتۇق مەبلەغكە ئىگە بولۇپ دۇنيادىكى بايلار ئىچىدە 13- ئورۇندا تۇرىدۇ .  
بۇ پەتېۋالار بىزدىلا بارمىدۇ ؟؟؟؟ ئۇنداق ئەمەس ئىسلام دۇنياسېدا ئەزەلدىن پىكىر بىرلىكى بولۇپ باقمىغان .
ئۆز--ئارا دىنى ئىختىلاپلار  ، مەزھەبلەر ئوتتۇرسىدىكى جەڭگە -جىدەللەرنىڭ ھازىرغىچەھيىغى بىسىققىنى يوق .
مەن دىننى ھەر جەھەتتىن تولۇق چۇشنىمەن دەپ قارايمەن . چۈنكى مەن دىنى مەكتەپتىلا ئوقىغان .
ئۇنداق قۇرۇق پەتىۋا بىلەن ئوزىمىزنى ئۆزىمىز چۈشۈپ قويماي ، ئۆزىمىزنىڭ ئىنسانى پەزىلتىگە ،ۋىجدان تارازىسىغا سىلىپ كۆرۈپ توغرا يولدا ماڭساق بولمامدۇ  دەيمەن .
18-ئۆكتەبىر دۇنيا ئاشلىق كۈنى مۇناسېۋېتې بېلەن دۇنيادىكى ئىشلار پىروگىراممىسىدا مۇنداق بىر خەۋەر كۇرسېتېلدى . ئۇنىڭدا سومالى ۋە ئافرىقا دۆلەتلېرېدىكى ئاچارچېلىق سۆزلىنىپ ،بۇ دۆلەتلەردە ھەر 6 سىكنۇتتا بىر بالا ئوزۇقلۇق يىتىشمەسلىكتىن ئۆلۈپ كىتىدىكەن .

بىز ئارتۇقچە پەتىۋا بىلەن ئۆزىمىزنى ئالداپ يۇرمەي ئزىمىز توغرا دەپ قارىغان يولدا مىڭىۋېرەيلى .چۇنكى موللامدا پەتىۋا تولا !!!
دوستلىشىش
maslakdax
سەھەر تۇرغانلار كەچتە خاتىرجەم.
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1430
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 365
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە365دانە
ئۆسۈش: 740 %
مۇنبەر پۇلى: 4201 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-02
ئاخىرقى: 2012-03-29

ئۆزىمىز توغرا دەپ قارىغان يولدا  مېڭىۋېرەيلى ئەمەس،توغرىنى تېپىشقا ئىزدىنەيلى.ئوغرىمۇ ئۆزىنىڭكىنى توغرا دەيدۇ.
بويۇم ئىدى ئوقتەك،كۆڭلۈم ئىدى يا،
كۆڭلۈمنى ئوق قىلغۇچە بويۇم بولدى يا.
i love islam
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 785
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 375
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە375دانە
ئۆسۈش: 3840 %
مۇنبەر پۇلى: 6444 سوم
تۆھپىسى: 6 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-07-31
ئاخىرقى: 2012-03-29
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-19 16:04

ئۇنداق پەتىۋا بەرگەنلەرنى موللا دىمەيمىز . ئازغۇنلار دەيمەن .
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 10
ئومۇمىي يازما: 2452
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2452دانە
ئۆسۈش: 5240 %
مۇنبەر پۇلى: 28916 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-03-29
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-19 16:11

سىز دىننى بەك چولتا چۈشىنۋاپسىز تورداش . دىنى تولۇق چۈشەنسىڭىز  سەئۇدىي ئەرەبىستان قىپتىغۇ، بىزمۇ قىلساق بولىدىغۇ دىمەيتىڭىز.
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8511
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 22
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە22دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 242 سوم
تۆھپىسى: 3 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-08
ئاخىرقى: 2012-02-14
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-19 16:16

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!ياخشى تېما يوللاپسىز.
مەنمۇ نۇرغۇن مەسىلىلەردە قانداق قىلىشىمنى بىلەلمەي قالغان ئىدىم،ھەممىدىن توغرىسىنى بىلگۈچى ئاللاھ.شۇنداقتىمۇ بەزى مەسىلىلەرنى بىلىدىغانلاردىن سوراشقا توغرا كېلىدىكەن،سورىماقچى بولغىنىم:قىزلار مەھرەمسىز سەپەر قىلماسلىقى كېرەككەن،بىلىم ئۈگۈنۈش ئۈچۈن بولسىمۇ بولمايدىكەن.مىنىڭ ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش ئارزۇيۇم بار ئىدى،قانداق قىلىشىنى بىلمىدىم.
يەنە قايسى كۈنى توردىن <نامازنىڭ نېيىتىنى ئېغىزدا ئېيتىش بىدئەت>دەپ كۆردۈم،ھەم نامازنى نەدىن قانداق باشلاپ ئوقۇش ھەققىدە ياردەم سوراپ جاۋاپقا ئېرىشەلمىدىم.بىلسىڭىز بىلىمىڭىزنى ئايىمىغايسىز!
ئاللاھ بىر،ئىسلام ھەق
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8737
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 67
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە67دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 670 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-26
ئاخىرقى: 2012-01-26
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-19 16:19

ئۆزىمىز توغرا دەپ قارىغان يولدا  مېڭىۋېرەيلى ئەمەس،توغرىنى تېپىشقا ئىزدىنەيلى.ئوغرىمۇ ئۆزىنىڭكىنى توغرا دەيدۇ.

شۇنداق ،ئۆزىمىز توغرا  دەپ قارىغان يولدا ئەمەس ،توغرا يولنى تېپىپ ماڭايلى ، بۇنداق مەسىللەر ھازىرقى زاماندا ھەر بىرىمىزگە روبىرو كېلىۋاتىدۇ ، بەزىدە  ئۆرپ ئادەتكە تاقالغان ،بەزىدە مۇسۇلماندارچىلىققا .
balgun
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4904
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 229
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە229دانە
ئۆسۈش: 520 %
مۇنبەر پۇلى: 2690 سوم
تۆھپىسى: 4 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-16
ئاخىرقى: 2012-03-28
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-19 16:20

سىز دىننى بەك چولتا چۈشىنۋاپسىز تورداش . دىنى تولۇق چۈشەنسىڭىز  سەئۇدىي ئەرەبىستان قىپتىغۇ، بىزمۇ قىلساق بولىدىغۇ دىمەيتىڭىز.
كۈلىۋەر دۈشمەنلىرىم!
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1636
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 836
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە836دانە
ئۆسۈش: 1400 %
مۇنبەر پۇلى: 9463 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-08
ئاخىرقى: 2012-03-28
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-19 16:47

4-قەۋەت (xerinbulak) نىڭ يازمىسىغا

1.
قىز-خانىملارنىڭ ئىلىم تەلەپ قىلىش ئۈچۈن

مەھرەمسىز سەپەر قىلىشى

82392- نومۇرلۇق سوئال

سوئال:

ئىسلامدا ئايال كىشىنىڭ ئىلىم تەلەپ قىلىش ئۈچۈن مەھرەمسىز سەپەر قىلىشىنىڭ ھۆكمى نېمە؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

جاۋاب :

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر.



قىز-خانىملارنىڭ مەھرەمسىز سەپەر قىلىشىنىڭ چەكلىنىدىغانلىقى ئوچۇق دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلانغانلىقى ھەممىگە مەلۇم. بۇ شەرىئەتنىڭ كامىللىقى ۋە كاتتىلىقى جۈملىسىدىن بولۇپ، ئىسلام دىنى ئاياللارنىڭ ئابرۇيىنى ساقلاش، ھىمايە قىلىش، ھۆرمەت قىلىش، كۆڭۈل بۆلۈش، ئۆزى سەۋەبلىك ياكى باشقىلار تەرىپىدىن كىلىدىغان بارلىق پىتنىلەردىن مۇھاپىزەت قىلىش ۋە ساقلاشنى چىقىش قىلغان ئاساستا بۇ پرىنسىپنى يولغا قويغان .



ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئايال كىشى مەھرەمسىز سەپەر قىلمىسۇن، مەھرەمسىز ئاياللارنىڭ يېنىغا يات ئەرلەر كىرمىسۇن دېگەندە، ساھابىلاردىن بىرى ئورنىدىن تۇرۇپ: يا رەسۇلۇللاھ! مەن ئەسكەرلەر بىلەن پالانى-پالانى ئۇرۇشقا چېقىشقا تىزىملاتقان ئىدىم، ئايالىم ھەجگە چىقماقچى ئىدى دەيدۇ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: سەن ئايالىڭ بىلەن بىرگە ھەجگە بارغىن دەيدۇ». [بۇخارىيدا 1729- ھەدىستە، مۇسلىمدا2391-ھەدىستە رىۋايەت قىلىنغان].

شۇنىڭغا ئاساسەن ئايال كىشىنىڭ ئىلىم تەلەپ قىلىش ئۈچۈن بولسىمۇ مەھرەمسىز سەپەر قىلىشى توغرا ئەمەس . ئىلىمنى ئاللاھ ئاسان قىلغان تۈرلۈك شەكىللەر بىلەن ئىگەللىشى لازىم. ھازىر بىلىم ئىگەللەيمەن دېگەن كىشى ھەرتۈرلۈك ۋاسىتىلەردىن بىمالال پايدىلىنالىشى مۇمكىن. مىسالغا ئالساق: توردىن پايدىلىنىش، ياكى تور ئارقىلىق ئوقۇش سېستىملىرىدىن پايدىلىنىش، ئەتراپىدىكى ئىلىم ئىگىلىرىدىن تەلىم ئىلىش قاتارلىقلار ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىپ تۇرۇپ بىلىم ئالغاندىن ياخشى ئەلۋەتتە.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتىدىن: قىز-خانىملارنىڭ تىببى ئىلىم ئۆگىنىشكە چىقىشى ۋاجىپ ياكى جايىز بولغان تەقدىردىمۇ تۆۋەندىكىدەك ئىشلاردىن ساقلىنالمايدۇ:

ئا-ئەرلەر بىلەن ئارىلىشىش: كېسەل ئەرلەر، ئوقۇتقۇچىلار ۋە قاتناش ۋاستىلىرىدىكى يات كىشىلەر.

ب- يېقىن دۆلەتلەرگە ئايروپىلان بىلەن سەپەر قىلىش، بۇنىڭغا ئۈچ كۈن ئەمەس پەقەت بىر قانچە سائەت ۋاقىت كېتىدۇ.

ج- تىببى بىلىم ئىلىش ئۈچۈن يۇقىرىقىدەك ئەھۋال ئاستىدا مەھرەمسىز يالغۇز ئاياللار ئارىسىدا تۇرۇشقا ئوخشىغان ئىشلاردىن خالى بولالمايدۇ؟ قانداق قىلىشى كېرەك دەپ سورالغاندا، مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ:

جاۋاب :

1- تىببى ئىلىم ئىلىش ئۈچۈن چىققاندا تەلىم-تەربىيە ياكى باشقا تەرەپلەردە ئەرلەر بىلەن ئارىلىشىش ئىشلىرى سادىر بولىدىكەن بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا جايىز بولمايدۇ، چۈنكى ئايالنىڭ ئىززەت-ئابرۇيىنى ساقلاش پەرز ئەين، تىببى بىلىم ئىلىش پەرز كۇپايە ھېسابلىنىدۇ. ھەر ۋاقىت پەرز ئەيىن پەرز كۇپايىدىن يۇقىرى بولىدۇ . ئەمما ئەركەك كېسەللەر، ئوقۇتقۇچىلار بىلەن سۆزلىشىش چەكلەنمەيدۇ . لېكىن ئاياللار يات ئەركەكلەر بىلەن سۆزلەشكەندە غىلجىڭلىق ۋە ئەركىلەشتىن قەتئى ساقلىنىشى لازىم، چۈنكى ئۇنداق بولمىغاندا بەزى ئەخلاقسىز كىشىلەر تۈرلۈك يامان خىياللاردا بولىشى مۇمكىن. بۇ ھۆكۈم پەقەت تىببى ساھەدىكىلەرگە خاس بولماستىن بەلكى بارلىق ئاياللارغا ئورتاقتۇر.

2-تىببى بىلىم ئىلىش ياكى تەلىم بېرىش، كېسەل داۋالىتىش جەريانىدا مەھرەم بىلەن بىرگە بولىدىكەن بۇ ياخشى، ئەمما مەھرەم بولمايدىكەن گەرچە ئايروپىلان بىلەن سەپەر قىلسىمۇ توغرا بولمايدۇ . چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئايال كىشى مەھرەمسىز سەپەر قىلمىسۇن» دېگەن. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس]. يۇقىرىدا ئاياللارنىڭ يۈز-ئابرۇيىنى ساقلاش تىببى بىلىم ئىلىش ياكى ئۆگىتىشتىن يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى مەلۇم بولدى.

3- قىز-خانىملارنىڭ دوختۇرلۇق كەسپىنى ئىگەللەش ياكى ئۆگىتىش، ئاياللارنى داۋالاش ئۈچۈن ئۆزى يالغۇز ئىشەنچىلىك ئاياللار بىلەن بىرگە تۇرسا جايىز بولىدۇ . ئەمما يولدىشى ياكى مەھرىمى يوق، يالغۇزلۇقتا پىتنىگە چۈشۈپ قىلىشتىن ئەنسىرىسە يالغۇز تۇرۇشى جايىز ئەمەس. ئەمما ئەرلەرنى داۋالاش زۆرۈر بولۇپ قالسا (يەنى ئەر دوختۇرلار بولمىغان ھالدا) كىسەل بىلەن يالغۇز قالمىغان ئاساستا داۋالاش ئىلىپ بارسا بولىدۇ.

(سەئۇدى ئەرەبىستان ئىلمى تەتقىقات دىنى پەتىۋا تەشۋىقات كومىتېتى 12\178-بەت).

ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر. شەيخنىڭ سۆزى بۇ يەردە تۈگىدى.

پەتىۋاغا ئىلاۋە:

(دېمەك؛ قېرىنداشلار! بۇ شەرىئەتنىڭ كۆرسەتمىسى، بىز قوبۇل قىلايلى ياكى قىلمايلى ھەقىقەت ئۆزگەرمەيدۇ. بۇ پەتىۋانى ئىلان قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر قىزلىرى ئۇنىۋېرسىتېتىلاردا ئوقۇمىسۇن دېگەنلىك ئەمەس، ئەمما ئۇيغۇر قىز-خانىملىرىمىزنى پەقەت دۇنيالىقنىلا كۆزلىمەستىن ئاخىرەتنى ئاساسلىق نىشان قىلىپ ھايات كەچۈرۈشىنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا، جەمئىيىتىمىزدە يۈز بېرىۋاتقان مەسىلىلەرگە دىنىمىزنىڭ قانداق قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر. شەرىئەت ھۆكمىگە ئەمەل قىلىش ياكى قىلماسلىق مەسىلىسى شۇ كىشىنىڭ ئاللاھ بىلەن بولغان ئالاقىسى ۋە دىنى چۈشەنچىسى، مىللەتنىڭ چىقىش يولىنى ساغلام يۆلىنىش بىلەن تاللىشى ياكى يۈزەكى قارىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

قىز-خانىملىرىمىز قايسى كەسىپتە تەلىم-تەربىيە بىلەن شۇغۇللىنىشىدىن قەتئى نەزەر، ھەممىسىنىڭ نىيىتى ئىگىلىك تىكلەش ۋە مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت گۈزەل نىشانلار بىلەن ئوقۇۋاتقانلىقىدا گەپ يوق، ئەمما بىلىم ئىلىش ۋە تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنى ئۆتەش جەريانىدا سەپەر ئۇستىدە يۈز بېرىدىغان ئىشلار ۋە ناچار ئىنسانلارنىڭ ئەخلاقسىزلىقلىرى، خىزمەت ۋە ئۆگىنىش جەريانىدا مەمۇرىي كادىرلار ياكى ئۇستازلارنىڭ خىزمەتداش ۋ ە ئۆز قىز ئوقۇغۇچىلىرىغا كەسپى ئەخلاقتىن يىراق ھالدا سالاھىيەتلىرىگە تايىنىپ بىچارە- ئەقىلسىز دىلى يۇمشاق، ناتاۋان قىزلارنىڭ ئىززەت – ئابرۇيى بىلەن ئوينىشىدىغان شەخسىيەتچى ئادىمى شەيتانلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ يەنىلا ئىسلامىي پرىنسىپ بىلەن ئەخلاقلىنىشى تەقەززا قىلىنىدۇ.

بەزىلەر ئۇنداقتا قىزلىرىمىز تەلىم-تەربىيە كۆرمەمدۇ؟ بىلىمسىز قالامدۇ؟ دېيىشى مۇمكىن، ئەكسىچە ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئىسلام دىنىمىز بىرىنچى بولۇپ بىلىم ئىلىش ۋە بىلىپ ئەمەل قىلىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. قىزلىرىمىز يۇقىرى سەۋىيىلىك بىلىم يۇرتلىرىدا تەربىيىلىنىشى كېرەك، لېكىن ئىمان-ئەقىدىسى، ئىززەت ئابرۇيى، مىللى ئۆرپ-ئادىتىگە ئوخشاش ساقلاپ قىلىشقا تىگىشلىك بولغان مۇھىم ئامىللارغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىشى ئىنتايىن مۇھىم.

دىنىمىزدا قىز-ئوغۇل ئارىلىشىپ بىلىم ئىلىشىنى چەكلىگەن بولسا، قىزلار ئايرىم تەربىيىلىنىدىغان بىلىم يۇرتلىرىدا تەربىيىلىنىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ. بەزىلەر بۇنداق شارائىت بىزدە بولمىسا قانداق قىلىمىز دېيىشى مۇمكىن؟، شارائىت ئۆزلىكىدىن يېتىلمەيدۇ، ئۈجمە پىش، ئاغزىمغا چۈش دەپ ئولتۇرۇش دىنىمىزدا چەكلىنىدۇ . باشقا دۆلەتلەردىكى شۇنىڭغا ئوخشىغان شارائىتلار ئۆزلىكىدىن بارلىققا كېلىپ قالغان ئەمەس، شۇ ئوقۇش شارائىتىنى سىلەرگە ئوخشاش بىلىم-مەرىپەتكە قىزىقىدىغان، مىللەتكە چىقىش يولى ئىزدەشنى نىشان قىلغان، قەلبىدە ئىمان نۇرى چاقنايدىغان، خاسلىققا ئىنتىلىدىغان، مىللەتنىڭ كېلىچىكى دەپ قارىلىدىغان قىز-خانىملار كۈندىلىك تۇرمۇشىنى ئاللاھنىڭ دىنىغا توغرىلاپ، ئاللاھ رازىلىقىنى بىرىنچى ئورۇندا قويۇپ، شەيتانى ھاۋايى-ھەۋەسنىڭ كەينىگە كىرمەستىن ئۆز ئىززەت ئابرۇيى بىلەن ئەقىدىسىدە مۇستەھكەم تۇرغانلىق سەۋەبى ئاللاھ تائالا ئۇلارغا ياردەمچى بولدى. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى ئاللاھتىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ . ئاللاھ ئۇنىڭغا ئويلىمىغان يەردىن رىزىق بېرىدۇ، كىمكى ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا كۇپايە قىلىدۇ،» [سۈرە تالاق 2-ئايەت].

ئاللاھ تائالا قىز-خانىملىرىمىزغا ھىدايەت ئاتا قىلىپ، قەلبلىرىدە ئىمان نۇرىنى پارلاتسۇن!. ئۇلارغا ئىپپەت-ھايا ئاتا قىلسۇن. ئامىن!
2. رەسۇلۇللەنىڭ نامازنى باشلىشىمۇ تەكبىر بىلەن ئاخىرلاشتۇرىشىمۇ تەكبىر بىلەن بولغان.
سىلەرگە ئىشىنىمەن ، چۈنكى سىلەر قېرىنداشلىرىم ،
سىلەرنى سۆيىمەن ، چۈنكى سىلەر ۋەتەنداشلىرىم.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8511
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 22
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە22دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 242 سوم
تۆھپىسى: 3 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-08
ئاخىرقى: 2012-02-14
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-19 17:20

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم!
ئاللاھ بىلىمىڭىزنى تېخىمۇ زىيادە قىلسۇن!مەن قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدىم.سىزگە كۆپ رەھمەت!
ئاللاھ بىر،ئىسلام ھەق
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9301
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 5
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە5دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 70 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-10-18
ئاخىرقى: 2011-10-21
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-19 17:43

يەنە پەتىۋا باشلاندى توۋا ~!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!