ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم . ئالدى بىلەن مەزكۇر سۈرىنىڭ تەرجىمىسىىدىكى بىر خاتالىقنى ئەسكەرتىمەن.تىمىدا « بىز ئىنساننى ھەقىقەتەن جاپا - مۇشەققەت ئىچىدە ياراتتۇق» دەپ تەرجىمە قىلىنغان. بۇنداق تەرجىمە قىلغاندا بىز ئىنساننى تەستە ياراتتۇق دىگەن خاتا مەزمۇن چىقىپ قالىدۇ. شۇڭا ئەسلى ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە« بىز ئىنساننى ھەقىقەتەن جاپا - مۇشەققەت ئىچىدە قىلىپ ياراتتۇق» دەپ يېزىلغان.يەنى ئىنسان دۇنيادا جاپا-مۇشەققەت تارتىپ ياشايدۇ،جەننەتتىكىدەك ھەممە نەرسە تەخ ئەمەس دىمەكچى. تىما يوللىغۇچىنىڭ بۇنى تۈزىتىپ قويۇشىنى سورايمەن.
مەن بۇ تىمىنى ئىلگىرىمۇ مەرىفەت مۇنبىرىدە كۆرگەن ئىدىم..خاتالاشمىسام بۇ تىمىنى يوللىغۇچى بۇ تىمىنى ئۆزى يازغان ئەمەس.شۇڭا بۇ تىمىنىڭ كىلىش مەنبەسىنى ئىزاھلاپ قويغان بولسا تىما يوللاش ئەخلاقىغا رىئايە قىلغان بولاتتى.
بىلىشىمچە بۇ تىمىنى يازغۇچى« ھەقىقەت» ئىلگىرى مۇشۇ مۇنبەردىن قوغلانغان ئويغۇنۇشنىڭ ئۆزى ياكى گۇماشتىسىنىڭ بىرسى.
ئۇ يەنىلا بۇرۇنقىدەك ئىلىمسىز تۇرۇپ تەتۈر تەشۋىقات قىلىدىغان خۇيىنى تاشلىماپتۇ.
تىمىنى ئوقۇغان ھەر بىر كىشى بۇ تىمىدىكى غەيرى تەشۋىقاتنى ھىس قىلالىسىمۇ لىكىن ئاپتورنىڭ سۈرە بەلەدنى دەلىل قىلىپ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ سۈرىدىكى ئاندىن كىيىن مەنىسىدە كىلىدىغان «سۇممە» سۆزىنىڭ ئەھمىيىتىنى تۈزۈك ئىزدىنىپ باقمايلا يازغان خاتا چۈشەنچىسىگە ئالدىنىپ كىتىدۇ –دە نىمە دەپ رەددىيە بىرىشنى بىلەلمەي قالىدۇ. مەنمۇ بۇرۇن مۇشۇنداق ئەھۋالغا ئۇچرىغان بولغاچقا دەل ۋاقتىدا رەددىيە بىرىشكە ئۈلگۈرەلمىگەن ئىدىم.كىيىن ئۇتىمىنى كۆرمىدىم. ئەمدى كەڭساي مۇنبىرىگە يوللىنىپتۇ. ئەمما ھىچكىم بۇ ھەقتە ئىنكاس يازماپتۇ.مەرىفەت مۇنبىرىدىمۇ ھىچكىم بۇنىڭغا رەددىيە يازمىغان ئىدى. شۇڭا بۇ ھەقتە ئويلىغانلىرىمنى يېزىۋاتىمەن. ئەڭ ئاۋال ئاپتورنىڭ ئايەت كەرىمەدىكى قۇل ئازات قىلىش،ئاچارچىلىقتا يىتىم-يىسىر،مىسكىنلەرگە تاماق بىرىشنى ۋىجدان دەپ ئاتىۋالغانلىقىنىڭ ئاساسى يوق بولۇپ ئاپتورنىڭ ئىزاھاتى بويىچىمۇ ۋىجدان دىگەن نوقۇل ھالدا قۇل ئازات قىلىش،ۋە تاماق بىرىشلا ئەمەس.بەلكى ئۇ بۇنىڭدىنمۇ كەڭ دائىرىلىك مەزمۇنغا ئىگە.(ۋىجدان توغرىسىدا سۆزلىسەك ئىنكاس ئۇزۇراپ كىتىپ مەقسەت ئالمىشىپ كىتىدىكەن) . ئاپتور دىگەندەك بولىدىغان بولسا نۇرغۇن ساھابىلارمۇ داۋاندىن ئاشالمىغان ئىمانى بىجىرىم بولالمىغان بولىدۇ.چۈنكى
رەسۇلۇللانىڭ ساھابىلىرىدىن نۇرغۇنلىرىنىڭ قۇللىرى بولغان . ھەممىسىنىمۇ ئازات قىلىۋەتمىگەن. رەسۇلۇللادىن كىيىنمۇ ساھابىلار قۇل سودىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ ماڭغان. قۇرئان كەرىم چۈشۈرۈلگەن رەسۇلۇللامۇ ھىچقايسى ساھابىسىنى قۇللىرىڭنى ئازات قىلىۋەتمىسەڭ ئىمانىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ دىمىگەن.ھالبۇكى رەسۇلۇللا قۇرئاننى ھەممىدىن بەك چۈشىنىدىغان كىشى ئىدى.ھەتتا رەسۇلۇللا ئۆزىنىڭ ھەدىسىدە قاچقۇن قۇلنىڭ نامىزىنىڭ قوبۇل بولمايدىغانلىقىنى دەپ بەرگەن.دىمەك قۇل مۇسۇلمان بولغان تەقدىردىمۇ ئۇنى ئازات قىلىۋىتىش ئىماننىڭ شەرتى ئەمەس. شۇڭا كىسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى بۇ ئايەتنىڭ مەنىسى ئاپتور چۈشەندۈرگەندەك ئەمەس.ئىككىنچىدىن ناۋادا ئاپتورنىڭ چۈشەنگىنىدەك بولغاندىمۇ بۇ ئايەتلەر ھەرگىزمۇ ۋىجدان بولمىسا ئىماننىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىمەيدۇ بەلكى دەل ئەكسىچە ئىمان بولمىسا ئاتالمىش ۋىجداننىڭ ئەھمىيىتى يوقلىقىنى ئىپادە قىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن
ئاۋال« ئاندىن كىيىن » (سۇممە )دىگەن سۆز ئۈستىدە توختىلايلى.
ئىبنى ھىشامنىڭ «باغلىغۇچىلار، بولۇپمۇ ھەرپىجەرلەر بىر – بىرلىرىنىڭ ئورنىدا قوللىنىلىدۇ» دىگەن گىپى ھەقىقەتەن ئاساسسىز گەپ بولۇپ بۇنداق دىيىش نۇرغۇن خاتا ھۆكۈملەرنىڭ مەيدانغا چىقىشىغا سەۋەپ بولىدۇ .ھەم ھىچقانداق مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ.
شۇڭا ئەبۇ ھىلال ئەسكەرىينىڭ «بۇنداق دىيىش، تىلنىڭ ھەقىقىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، تىلدىكى ھېكمەتنى يوقىتىشتىن ئىبارەتتۇر؛ شۇنداقلا بۇ- ئەقىل بىلەن قىياسقا پۈتۈنلەي زىتتۇر »دىگەن گىپى توغرا. ئايەتنى تەبىئى تۇيغۇمىز بىلەن ئوقۇپ باقساق «ئاندىن كىيىن»دىگەن سۆزنىڭ مۇھىم بىر مەقسەت ئۈچۈن ئىنتايىن جايىدا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلەلەيمىز.
ئاندىن كىيىن(سۇممە) دىگەن سۆز ئەرەبچىدىمۇ،ئۇيغۇرچىدىمۇ ئوخشاشلا زاماندىن كىيىنلىكنى بىلدۈرىدۇ.مەسىلەن.ئۈرۈمچىگە باردىم.ئاندىن كىيىن سانجىغا چىقتىم دىگەندەك.
بەزىدە مەلۇم مەقسەتلەر ئۈچۈن تىلدا كىيىنلىكنىمۇ يەنى ئەمدى دەيدىغان گەپ دىگەننىمۇ بىلدۈرىدۇ.مەسىلەن.بۇ بالا بەك ئىسىل بالا.دادىسىمۇ ئىسىل ئادەم ئىدى.ئاندىن كىيىن بوۋىسىمۇ ئىسىل ئادەم ئىدى.دىگەندەك.
بۇ يەردىكى ئاندىن كىيىن دىگەن سۆز بوۋىسىنىڭ نەۋرىسىدىنمۇ كىيىن تۇغۇلغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. يەنە بەزىدە كىيىنكى سۆزنىڭ ئالدىنقى سۆزدىنمۇ مۇھىملىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈنمۇ
ئىشلىتىلىدۇ .
.مەسىلەن.چىگرادىن چىقىش ئۈچۈن فاسفوررت ئېلىش كىرەك،ئاندىن تامغا باستۇرۇش كىرەك دىگەندەك.
مۇشۇ بويىچە ئايەتنى قىسقارتىپ سېلىشتۇرساق مۇنداق نەتىجە چىقىدۇ.
داۋان ئېشىش ئۈچۈن===ۋىجدانلىق بولۇش كىرەك=====ئاندىن ئىمانلىق بولۇش كىرەك.
چىگرادىن چىقىش ئۈچۈن===فاسفورت ئېلىش كىرەك.==== ئاندىن تامغا باستۇرۇش كىرەك.
بۇ ئىككى جۈملە دەلمۇ دەل ئوخشايدۇ. ئاتالمىش ۋىجدان فاسفورتنىڭ ئورنىدا بولسا ئىمان ئۇنىڭ تامغىسى.ئەگەر ئىمان بولمىسا ئۇنداق ۋىجدان تامغىسى يوق فاسفورتقا ئوخشاپ قالىدۇ دىگەن مەزمۇننى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئىمان سۆزى كىيىن كەلتۈرۈلگەن.بۇنىڭدىن ئاپتور يازغاندەك ئەمەس بەلكى دەل ئەكسىچە ئىمان بولمىسا ۋىجداننىڭ پايدىسى يوق دىگەن مەزمۇن چىقىدۇ.چۈنكى ۋىجدان دىگەننىڭ مۇقىم بىر بەلگىلىمىسى يوق نەرسە بولۇپ ئۇ ئىتىقادنىڭ ،مىللەتنىڭ ،ئۆرپ –ئادەتنىڭ ،رايوننىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.شۇڭا ئۇنى ئىمان تۇتۇپ ھەم تىزگىنلەپ تۇرمىسا قىممىتى يوق نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.
ئەگەر ئىمان ھەممىدىن مۇھىم بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى بالدۇر دىيىش كىرەك دىسەك ئۇچاغدا ئايەت مۇنداق كىلىدۇ.
داۋان ئېشىش ئۈچۈن=== ئىمانلىق بولۇش كىرەك=====ئاندىن ۋىجدانلىق بولۇش كىرەك.
ناۋادا ئايەت بۇ شەكىلدە ئىماننى ئاۋال تىلغا ئالغان بولسا ئۇنداقتا بۇ ئايەتنىڭ مەزمۇنى ئىمان بولسىمۇ ئاتالمىش ۋىجدان بولمىسا يەنە بولمايدۇ دىگەن مەزمۇن چىقىپ قالاتتى..ھالبۇكى ئاپتور بۇ يەردىكى قۇل ئازات قىلىش ۋە مىسكىنلەرگە تاماق بىرىشنى ۋىجدان دەپ چۈشەندۈرگەن.بۇنداق بولغاندا قۇل ئازات قىلمىغان ۋە مىسكىنلەرگە تاماق بەرمىگەن كىشىلەرنىڭ ئىمانى ئىمان بولالمايدۇ دىگەن نەتىجە چىقىدۇ.ئەمما ئايەت بۇنداق دىمەكچى ئەمەس..چۈنكى قۇل ئازات قىلىش ۋە تاماق بىرىش ئىماننىڭ شەرتى ئەمەس . ئىمانلىق كىشىلەرنىڭ ئىسىل پەزىلەتلىرىدىن بىرسى. بولمىسا رەسۇلۇللا ئىمان ئېيتقىلى كەلگەن كىشىلەرنى ئاۋال قۇللىرىنى ئازات قىلىشقا بۇيرۇپ ئاندىن ئۇلارغا ئىماننى ئۈگەتكەن بولاتتى. شۇڭا كۆزىمىزنى بۇ ئايەتتىكى ئىمان سۆزىنى كىيىن كەلتۈرگەنلىكىگىلا تىكىۋالساق ئاپتوردەك خاتا چۈشەنچىگە كىلىپ قالىمىز. يەنىمۇ چوڭقۇرراق مۇلاھىزە قىلغىنىمىزدا بۇ ئايەتتە قۇرئان كەرىمنىڭ تەڭداشسىز بەدىئىلىكى ۋە مىسلىسىز ئىپادىلەش ئۇسلۇبى نامايان بولىدۇ. ئالايلى. اللە تەئالا بۇ ئايەتتە ئىمان سۆزىنى كۆرۈنۈشتە كىيىن كەلتۈرۈپ قويغان بىلەن ئەمىلىيەتتە ئىماننى ئىنتايىن ئۇستىلىق بىلەن ھەممىدىن ئاۋال سۆزلىگەن. بۇنى بىلىش ئۈچۈن ئايەتنىڭ ئەرەبچە تىكىستىنى ئوقۇپ باقايلى. داۋان ئېشىشىنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسەن؟
ئۇ- قۇل ئازاد قىلىشتۇر،
ياكى ئاچارچىلىق كۈنىدە تۇغقانچىلىقى بولغان يېتىمگە ياكى توپىدا ياتقان مىسكىنگە تاماق بېرىشتۇر. دىققەت قىلساق اللە تەئالا داۋان ئېشىشنىڭ شەرتىنى سۆزلىگەندە قۇل ئازات قىلىش بىلەن تاماق بىرىشنى ئىسىم (مەسدەر) شەكلىدە سۆزلىگەن. گىرامماتىكا بىلىدىغانلارغا ئېنىقكى ئىسىمدا زامان ئۇقۇمى بولمايدۇ. ئەمما داۋان ئېشىشنىڭ ئۈچىنچى شەرتى بولغان ئىماننى سۆزلىگەندە ئۆتكەن زامان پىئىلى (مازى) شەكلىدە سۆزلىگەن. دىمەك داۋان ئاشقان كىشى قۇل ئازات قىلىشتىن بۇرۇنلا ئىمان ئېيتىپ بولغان بولىدۇ.شۇڭا بۇ ئايەت مۇنداق تەرجىمە قىلىنسا تېخىمۇ ئوچۇق بولىدۇ.
داۋان ئېشىشىنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسەن؟
ئۇ- قۇل ئازاد قىلىشتۇر،
ياكى ئاچارچىلىق كۈنىدە تۇغقانچىلىقى بولغان يېتىمگە ياكى توپىدا ياتقان مىسكىنگە تاماق بېرىشتۇر. ئاندىن كىيىن(دەيدىغان گەپ) ئىمان ئېيتقانلاردىن ....بولۇپ بولغان بولسا (داۋان ئاشالىغان بولىدۇ)....
دىمەك بۇ يەردىكى ئاندىن كىيىن (سۇممە)دىگەن سۆز زاماندىن كىيىنلىكنى ئەمەس ئۆزىدىن كىيىنكى سۆزنىڭ تېخىمۇ مۇھىملىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن كەلگەن بولىدۇ. .بۇنى سۆزلەشتىكى كىيىنلىك دەپ ئاتىلىدۇ. ناۋادا ئىماننى كىيىن تىلغا ئالسىمۇ يۇقارقىدەك ئىتايىن يۇقۇرى بەدىئى ماھارەت بىلەن قۇل ئازات قىلىشنىڭ ئالدىغا ئۆتكۈزۈۋەتمەي ئاشكارا ھالدا ئاۋال تىلغا ئالغان بولسا ئاپتور چۈشەنگەندەك خاتا مەزمۇنلارنى ئۇقتۇرۇپ قالغان بولاتتى.مانا بۇ - قۇرئان كەرىمنىڭ مۆجىزە ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىدىغان بىر ئىسپات .قۇرئان كەرىمنىڭ مۇشۇنداق مۆجىزىلىك بەدىئى ئىپادىلەش كۈچىنى تەرجىمىسىنىلا ئوقۇيالايدىغان كىشىلەر بىلىپ يىتەلمەيدۇ.
بۇنىڭدىن مەلۇمكى قۇرئان كەرىم « قۇل ئازات قىلغان ۋە ئاچارچىلىقتا مىسكىنلەرگە تاماق بەرگەن كىشىمۇ ئىمانلىق بولمىسا داۋاندىن ئۆتەلمىگەن بولىدۇ.. » دىمەكچى.چۈنكى بىر قۇل دىگەن ئاز بولغاندا ھازىرقى بىرمىليون بىلەن تەڭ بولۇپ بۇنداق نۇرغۇن پۇلدىن كىچىپ مەرتلىك قىلالىغان كىشى ۋە ياكى خەلق قەھەتچىلىككە ئۇچرىغاندا قىممەت باھادا ساتالايدىغان ئاشلىقلىرىنى نەفسىدىن كىچىپ تۇققانلىرىغا،يات نامراتلارغا ساخاۋەت قىلالىغان كىشى ئۆزىنى ناھايىتى چوڭ بىلىپ كىتىشى مۇمكىن.خەلقمۇ ئۇنى ناھايىتى ئىسىل ئادەم دەپ بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرۈشى مۇمكىن.لىكىن ئاشۇنداق ھۆرمەتكە سازاۋەر ،مەرت ئادەممۇ ئىمانلىق بولمىسا ئۇنىڭ قىلغان ئالەمشۇمۇل خەير-ساخاۋەتلىرى ئۇنىڭغا ئەسقاتمايدۇ.يەنە بىر ئايەتتە اللە تەئالا «بىز ئۇ(كافىر)لارنىڭ قىلغان ياخشى ئىشلىرىنى چاڭ-توزانغا ئايلاندۇرۇۋىتىمىز» دىگەن.دىمەك ئىمانى يوق كىشى ھەرقانچە يەر شارىدىكى پۈتكۈل ئادەملەرنى ئايروپىلانغا چىقىرىپ ئۇچۇرۇۋەتكەن تەقدىردىمۇ قىلچىلىك ساۋاپ ئالالمايدۇ.ناۋادا بەلەد سۈرىسىدە ئىمان سۆزى ئاۋال تىلغا ئېلىنغان بولسا ئۇچاغدا بۇنداق مول مەزمۇنلار ئىپادىلەنمەيلا قالماي ئەكسىچە خاتا چۈشەنچىلەرنى بىرىپ قوياتتى..
ئەمدى ئاپتورنىڭ بۇ ئايەتلەر بىر مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا بەقەرە سۈرىسى 2- ئايەتتىكى «بۇ قۇرئان، تەقۋادارلار ئۈچۈن ھىدايەتتۇر» دېگەن ئايەتنىڭ ئېنىقلىمىسىدۇر. يەنى بۇ ئايەت، «ھىدايەتتىن بۇرۇن بولىدىغان تەقۋا نېمە بولۇشى مۇمكىن؟» دېگۈچىلەرگە، «مانا بۇ!» دەۋاتقاندەك قىلىدۇ.
بۇ سۆزلەردىمۇ ئاپتورنىڭ تەقۋادارلىق بىلەن ھىدايەتنى چۈشەنمەيدىغانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ. ئۇ قۇل ئازات قىلىشنى تەقۋادارلىق دەپ چۈشىنىۋالغان.ھىدايەتتىن بۇرۇنقى ئادەم ئىمانسىز ئادەم بولۇپ ئۇنىڭ قۇل ئازات قىلىشى تەقۋادارلىق (اللەدىن قورقۇش) ئەمەس بەلكى نام –شۆھرەت ۋە ياكى باشقا شەخسى غەرەزلەر ئۈچۈن بولىدۇ.ئەگەر ئۇ بۇئىشلارنى تەقۋادارلىق (اللەدىن قورقۇش) سەۋەبىدىن قىلغان بولسا ئۇنى مۇئمىن يەنى ھىدايەت تېپىپ بولغان دەيتتۇق.
ئەمىلىيەتتە بۇ ئايەتتىكى تەقۋادارلار دىيىلگەن كىشىلەر ئىمانلىق كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ. ھىدايەت دىگەن يىتەكچىلىك قىلىش ،يول كۆرسىتىش دىگەن مەنىدە.شۇڭا قۇرئان كەرىمدە بەزى يەردە «بۇ قۇرئان ھەممە كىشىلەر ئۈچۈن ھىدايەتتۇر(يىتەكچىدۇر) »دەپ سۆزلىنىدۇ.دىمەك ئۇ- كافىرلار ئۈچۈنمۇ يىتەكچىدۇر.ئۇلارغا ئىمان –ئىسلامنى ئۈگىتىدۇ. بۇنى ئومۇمى ھىدايەت دەيمىز.
يەنە بەزىدە تەقۋادارلار (اللەدىن قورقىدىغان مۇسۇلمانلار )ئۈچۈن ھىدايەتتۇر (يىتەكچىدۇر) دەپ سۈپەتلىنىدۇ.يەنى ئۇلارغا ئىمانىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرىدىغان،روھىنى تېخىمۇ تازىلايدىغان ئەمەللەرنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ دىگەن بولىدۇ.بۇنى خۇسۇسى(ئالاھىدە ) ھىدايەت دەيمىز. مەسىلەن بىر كىشى تۇغقىنىنىڭ ئۆيىگە قايسى يول بىلەن ماڭسا بارىدىغانلىقىنى سورىسا ئۇنىڭغا يولنى كۆرسىتىپ قويساق بۇنى ئومۇمى يىتەكچىلىك دەيمىز.ئەگەر ئۇ كىشى بىز دىگەن يولغا كىرگەندىن كىيىن ئۆزى ئىزدىگەن تۇققىنىنىڭ ئۆيىنى تاپالماي قالسا ئۇنىڭ قولىدىن تۇتۇپ تۇققىنىنىڭ ئۆيىگىچە باشلاپ قويىمىز . بۇنى خۇسۇسى (ئالاھىدە ) يىتەكچىلىك دەيمىز.ئەگەر ئۇكىشى بىزنىڭ بىرىنچى قېتىملىق ئومۇمى يىتەكچىلىكىمىزنى قوبۇل قىلماي سەن نىمە بىلەتتىڭ؟ ئۆزەم بىلىمەن دىگەندەك قىلىپ ئۆزى بىلگەنچە ماڭغان بولسا تۇققىنىنىڭ ئۆيىنى تاپالمىغان تەقدىردىمۇ ئۇنداق كىشىنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇققىنىنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويىدىغان ئادەم چىقمايدۇ. (قۇرئان كەرىمدىكى «اللە كافىر قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ» دىگەن ئايەتلەر مۇشۇنى كۆزدە تۇتىدۇ.) قۇرئان كەرىمدىكى ئىككى خىل ھىدايەت دەل مۇشۇ مىسالغا ئوخشايدۇ.خۇسۇسى ھىدايەت ئومۇمى ھىدايەتنى قوبۇل قىلغانلارغا نىسىپ بولىدۇ. ئومۇمى ھىدايەتنى قوبۇل قىلمىغانلارنى تەقۋادارلار دەپ ئاتىغىلى بولمايدۇ.بۇنداق دىگەنلىك خۇددى قۇل ئازات قىلغان كافىرلارنىمۇ تەقۋادارلار دەپ ئاتىغاندەك ئىش بولۇپ قالىدۇ.ئەقلى بار ئادەم بۇنداق گەپنى قىلمايدۇ.