بۇ سوئالنى قۇرئان كەرىمگە سورايدىغان بولساق، «تۇرالمايدۇ» دەيدۇ. ئىلىم ئىزدىگۈچى ھەقلىق رەۋىشتە «نەدە شۇنداق دەيدۇ؟» دەپ سورايدۇ.
يۇقىرىدىكى سوئالنىڭ جاۋابىنى ئېلىش ئۈچۈن ئەڭ ياخشىسى بەلەد سۈرىسىنى ئوقۇش لازىم. ئاللاھ تەئەلا ئۇ سۈرىدە دەيدۇكى:
« بۇ شەھەر – مەككە- بىلەن قەسەمكى- ئى مۇھەممەد!- سەن بۇ شەھەردەدۇرسەن. ئاتا ۋە پەرزەنتى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، بىز ئىنساننى ھەقىقەتەن جاپا - مۇشەققەت ئىچىدە ياراتتۇق. ئۇ ئۆزىگە ھېچ كىشىنىڭ كۈچى يەتمەيدۇ دەپ ئويلامدۇ؟ ئۇ: «كۆپ مال سەرپ قىلدىم» دەيدۇ. ئۇ ئۆزىنى ھېچ كىشى كۆرمىدى دەپ ئويلامدۇ؟ ئىنسان ئۈچۈن ئىككى كۆز، بىر تىل، ئىككى كالپۇك ياراتمىدۇقمۇ؟ ئۇنىڭغا ياخشى يول بىلەن يامان يولنى كۆرسەتمىدۇقمۇ؟ ئۇ داۋان ئاشمىدى. داۋان ئېشىشىنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسەن؟ ئۇ قۇل ئازاد قىلىشتۇر، ياكى ئاچارچىلىق كۈنىدە تۇغقانچىلىقى بولغان يېتىمگە ياكى توپىدا ياتقان مىسكىنگە تاماق بېرىشتۇر. ئاندىن كېيىن ئىمان ئېيتقانلاردىن، ئۆزئارا سەۋر قىلىشقا تەۋسىيە قىلىشقانلاردىن، ئۆزئارا مەرھەمەت قىلىشقا تەۋسىيە قىلىشقانلاردىن بولۇشتۇر.» (بەلەد سۈرىسى، 90/1-17-ئايەتلەر)
ئىشنىڭ ئەڭ مۇھىم يېرى 17- ئايەتنىڭ بېشىدىكى «ئاندىن كېيىن» مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان «سۈممە» باغلىغۇچىسىدۇر.
مال – مۈلۈك ۋە كۈچ بىلەن ئېزىپ قايمۇقۇپ قالغان ئىنسانغا بېرىلگەن نېمەتلەر تىلغا ئېلىنغاندىن كېيىن، ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنى تاللاش ئەركىنلىكىنى توغرا رەۋىشتە قوللىنىشنىڭ بىر بەدىلى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلىدۇ. بۇ بەدەل ئىنساننى ئەركىنلىكىگە ئىگە قىلىش، يوقسۇلنى تويغۇزۇش، يېتىمگە ئۆي- ماكان، تۇرالغۇسىزلارغا تۇرالغۇ ھازىرلاشقا ئوخشاش ئىجتىمائىي ۋەزىپىلەر بىلەن سۈپەتلىنىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى قۇرئان كەرىمنىڭ «سالىھات – ئىسلاھ قىلغۇچى ئىشلار» كاتېگورىيىسى ئىچىگە كىرىدۇ. ناماز ۋە زاكاتقا ئوخشاش «ھەسەنات» تىن ھېسابلىنىدىغان ئەمەللەر بولسا، كىشىنىڭ شەخسى ۋەزىپىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر.
يۇقىرىدىكىلەرنى بىلدۈرگەندىن كېيىنلا «ئاندىن كېيىن، ئىمان ئېيتقانلاردىن بولۇش...» شەكلىدە بىر ئايەت كېلىدۇ.
مانا بۇ يەردە زېھنىمىزغا تۆۋەندىكىدەك سوئاللار ھۇجۇم قىلىدۇ: بىر ئىنساننى ئەركىنلىكىگە ئىگە قىلىش، يوقسۇلنىڭ قورسىقىنى تۇيغۇزۇش ، يېتىم – يېسىرلارنىڭ بېشىنى سىلاش، ئۆيسىز – يۇرتسىزغا ياردەم قىلىش... ئىماندىن بۇرۇن كېلەمدۇ؟ باشقا بىر ئىپادە بىلەن ئىمان بولماستىن يۇقىرىدىكىلەرنىڭ پايدىسى بولامدۇ؟
«سۈممە» باغلىغۇچىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك لۇغەتلەردىكى تالاش – تارتىشلار مانا مۇشۇ نۇقتىدىن ئېتىبارەن باشلىنىدۇ. ئاخىرقى سوئالغا «شۇنداق» دەپ جاۋاب بېرىلىشى دىتىغا ياقمىغان بولۇشى ئېھتىماللىقتۇركى، ئەندەلۇسلۇق كاتتا تەپسىرشۇناس ئەبۇ ھەييان «زاماندىن كېيىنلىك دېگەن مەنىنى بىلدۈرمەيدۇ» دەپ ئىزاھات بەرگەن. رازى بولسا، بۇ ئىزاھاتنى تەپسىيلىيراق قىلىپ پۈتۈن مەسىلە «ئاندىن كېيىن» مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان «سۈممە» باغلىغۇچىسىنى، لۇغەتلىرىمىزگە سىڭىپ كەتكەن كالامغا ئالاقىدار مۇلاھىزىلەرگە مۇناسىپ ھالغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر» دېگەن.
ئىماننىڭ، سالىھ ئەمەلنىڭ زېمىنى ئىكەنلىكىدە شۈبھە يوق. لېكىن قۇرئان كەرىمنىڭ بۇ يەردە «سۈممە» باغلىغۇچىسىنى قوللىنىشىدىمۇ بىر ئىنچىكىلىك، بىر خىل چوڭقۇرلۇق، قىسقىسى ئىنتايىن خۇسۇسىي بىر ئۇرغۇ يوقمىدۇ؟
«يوق» دېسەك ۋە بۇ باغلىغۇچىىنى ئەسلى مەنىسىدىن ئاسانلىق بىلەن چىقىرىپ ئەسلىدە بولمىغان مەنىلەرنى ئويلاپ چىقارساق، ئۇ ۋاقتىدا تىلنىڭ ھەقىقىقىتىدىن قانداق خاتىرجەم بولالايمىز؟ بۇنىڭدىن خاتىرجەم بولالمىساق، يەنە نېمىدىن خاتىرجەم بولالايمىز؟ ئارىمىزدا قانداق گەپلىشىپ، قانداق ئالاقىلىشەلەيمىز؟ بۇ يەردە «لەۋزىچىلەر» بىلەن «مەنىچىلەر» دىن ئىبارەت بولغان تىلشۇناسلار ئارىسىدىكى قەدىمى ئىختىلاپنى ئىسىمىزگە ئېلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.
«باغلىغۇچىلار، بولۇپمۇ ھەرپىجەرلەر بىر – بىرلىرىنىڭ ئورنىدا قوللىنىلىدۇ» دەيدىغانلارنىڭ قوللىغۇچىلىرىدىن بىرى، ئەلمۇغنىينىڭ يازغۇچىسى ئىبنى ھىشام (8.ئەسىر)دۇر. بۇ قاراشنى توغرا دەپ قارايدىغان بولساق، «نېمە قويسىڭىز بولىۋېرىدۇ» پىكرىگە بېرىش ئىنتايىن ئاسان بولىدۇ.
ئەبۇ ئەلى ئەلفارىسي مەكتىپىنىڭ شاگىرتلىرىدىن ۋە «مەنىچى» تىلشۇناسلاردىن بولغان ئەبۇ ھىلال ئەلئەسكەرىي، يۇقىرىدىكى قاراشقا ئېتىراز بىلدۈرگەن ئاساستا دۇرۇستەۋەيھنىڭ مۇنۇ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرىدۇ: «بۇ، تىلنىڭ ھەقىقىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، تىلدىكى ھېكمەتنى يوقىتىشتىن ئىبارەتتۇر؛ شۇنداقلا بۇ ئەقىل بىلەن قىياسقا پۈتۈنلەي زىتتۇر.» (ئەلفۇرۇق)
«باغلىغۇچىلارنى بىر – بىرىنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ» دەيدىغان كۆز قاراش، قۇرئان كەرىمدە «زىيادە» باغلىغۇچىلار بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان كۆزقاراش بىلەن ئوخشاشتۇر. ۋە ھالەنكى قۇرئان كەرىمدە زىيادە يوقتۇر. ئېيتايلۇق، نەفىينىڭ خەۋىرىنىڭ بېشىدا كەلگەن «ب»لەر زىيادە ئەمەستۇر. ئەكسىچە قۇرئان كەرىمنىڭ ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبىنىڭ بىر پارچىسى شۇكى، بولۇشسىزلانغان پىئىل، ھەرىكەتكە دائىر ئىمكانىيەت ۋە ۋەياكى ئېھتىمال يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
بەلەد سۈرىسى 17- ئايەتتىكى «سۈممە» باغلىغۇچىسى، بىر تەرەپتىن ۋىجدان بولماستىن ئىماننىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن، ئىماننىڭ ۋىجداندىن كېيىن بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئايەتلەر بىر مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا بەقەرە سۈرىسى 2- ئايەتتىكى «بۇ قۇرئان، تەقۋادارلار ئۈچۈن ھىدايەتتۇر» دېگەن ئايەتنىڭ ئېنىقلىمىسىدۇر. يەنى بۇ ئايەت، «ھىدايەتتىن بۇرۇن بولىدىغان تەقۋا نېمە بولۇشى مۇمكىن؟» دېگۈچىلەرگە، «مانا بۇ!» دەۋاتقاندەك قىلىدۇ. ھىدايەتتىن بۇرۇنقى تەقۋا، مەسئۇلىيەتچانلىق ئەخلاقىدۇر. قانداقكى مائۇن سۈرىسىدە، ئەخلاقى مەسئۇلىيەتلىرىنى ئورۇندىمىغان بىر ۋىجدانسىزغا قۇرئان كەرىمنىڭ ئاگاھلاندۇرىشىغا ئوخشاش: «بۇنداق بولىدىغان بولسا، بۇنداق ئىبادەت قىلغۇچىلارنىڭ ھالىغا ۋاي!» (مائۇن، 107/4). بۇنىڭغا بىر يەردە پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا: «سەن بۇندىن بۇرۇن كىتابنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، ئىماننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىڭ» دېگەن قۇرئان كەرىمنىڭ، ئۇ پەيغەمبەرنى باشقا بىر يەردە «سەن ئۈستۈن ئەخلاق ئىگىسىدۇرسەن» سۆزى بىلەن تەرىپلىشىنىمۇ قوشۇش لازىم.
يۇقىرىدىكى ئىزاھاتلاردىن كېيىن بەلەد سۈرىسىنىڭ ئاخىرقى 3 ئايىتىنى ئوقۇساق بولىدۇ: « ئەنە شۇلار ئەمەل دەپتىرى ئوڭدىن بېرىلىدىغانلاردۇر. بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار بەتبەختلەردۇر. ئۇلارغا ھەر تەرىپى ئىتىۋېتىلگەن بىر دوزاخ باردۇر.» (بەلەد سۈرىسى، 90/18-20)
دېمەككى «ئىمان»نىڭ مەقسىتى، ۋىجدان «قەسىمىگە» سادىقلىقتۇر، خۇلاسە قىلپ ئېيتقاندا قۇرئان كەرىمگە ئاساسەن، ۋىجدان بولماستىن ئىمان مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ. چۈنكى ئىماننىڭ ئىنسانلارغا ئۆگىتىدىغىنى يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا ۋىجدانلىق بولۇشتىن ئىبارەتتۇر. ۋىجداننىڭ لۇغەت مەنىسى :«كىشىنىڭ ئۆز ھەرىكىتى ، قىلمىشى ، يۈرۈش- تۇرۇشى ھەققىدە جەمئىيەت ۋە خەلق ئالدىدىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى»دۇر. (يۇلغۇن تور لۇغىتىدىن) دېمەككى ئىماننىڭ ئىنسانغا ئۆگىتىدىغىنى، يۇقىرىدىكى مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسىدىن باشقا ياراتقۇچىسى ئاللاھ ئالدىدىكى مەسئۇلىيەتلىرىدۇر. بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن بۇلارنىڭ يىغىندىسى ۋىجداندۇر. چۈنكى بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئاللاھنى ئىنكار قىلغان كىشىنىڭ ۋىجدانلىق ئىكەنلىكى ھەققىدە سۆز قىلىش مۇمكىن ئەمەستۇر. ئۇنداقتا مۇسۇلمان دېمەك، ۋىجدانلىق ئىنسان دېمەكتۇر. ئەمما بۇنداق دېسەك، تەبىئى ھالدا ئەتراپىمىزدا ئۆزىنى «مۇسۇلمان» دەيدىغان ۋىجدانسىزلار كۆپقۇ! دېيىلىشى مۇمكىن. ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان جاۋاب شۇكى، توغرا، ئەتراپىمىزدا ۋىجدانسىز غەيرى مۇسلىملەر كۆپىيىپ كەتكىنىدەك، ۋىجدانسىز «مۇسۇلمان»لارمۇ ئاز ئەمەستۇر. دېمەككى، بىزنىڭ مۇسۇلمانلىقىمىزدا بىر مەسىلە بار، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا بىز ھەقىقى مەنىدە مۇئمىن – مۇسۇلمان بولالماپتىمىز دېگەن گەپ. ئەھۋال شۇنداق بولغانىكەن، ھەر بىر مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ ئىمانىنى، مۇسۇلمانلىقىنى سوراققا تارتىپ، مۇسۇلمان دەپ تۇرۇپ ئىسلام دىنىغا زىت بولغان سۆز ۋە قىلىقلىرىنى قۇرئان كەرىمگە ۋە ئەخلاقى قۇرئان كەرىم بولغان پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ماسلاشتۇرۇشقا تىرىشىشىدىن باشقا يول يوقتۇر. ھەر بىر مۇسۇلمان شۇنداق قىلسا، ۋىجدانلىق مۇسۇلمانلاردىن مەيدانغا كەلگەن ئائىلىلەر، ۋىجدانلىق مۇسۇلمان ئائىلىلەردىن تەشكىل تاپقان بىر جەمىيەت مەيدانغا كېلىدۇ ۋە ئۇ جەمىيەتتە ئاللاھ تەئەلانىڭ كىتابى تەدبىقلىنىدىغان بولغاچقا، ئىنسانلار ھەم دۇنيادا ھەمدە ئاخىرەتتە بەخىت – سائادەتكە ئېرىشىدۇ. ئۇنداق قىلمايدىكەنمىز، ئىسمى «مۇسۇلمان» ياكى «ئىنسان» ۋىجدانسىزلار جەمىيەتكە ھاكىم بولۇپ، جەمىيەتنىڭ ئەخلاقىدىن تارتىپ پۈتۈن ئىشلىرى شۇلار تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنىدىغان بولغاچقا ئىنسانلار ھەر ئىككى دۇنيادا بەخىتسىزلىككە مەھكۇم بولىدۇ. چۈنكى بىز ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتمەيدىكەنمىز، ئەھۋالىمىز ئۆزلىكىدىن ئۆزگىرىپ قالمايدۇ. ئاللاھ تەئەلا مۇنداق دەيدۇ: «... ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە اﷲ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ...» (رەئىد سۈرىسى، 13/11) ھەقىقەت
|