باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 4559 قېتىم كۆرۈلدى
«12345»Pages: 1/6     Go
تېما: ئېشەكنى ماختاش ھەققىدە
سەھرانى سۆيىمەن!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5001
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1018
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1018دانە
ئۆسۈش: 2360 %
مۇنبەر پۇلى: 7298 سوم
تۆھپىسى: 2 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-19
ئاخىرقى: 2012-03-28
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-09 22:28

ئېشەكنى ماختاش ھەققىدە

بۇ مېنىڭ بىر پارچە ماقالەمدىكى يالقۇن ئەپەندىنىڭ ئېشەك توغرىسىدا يازغانلىرىغا قارىتا يازغانلىرىم ئىدى .ئوقۇپ باققايسىلەر.ئەسلى ئىنكاس شەكلىدە يوللىغان. كۆپرەك پىكىر چۈشۈشنى ئويلاپ تېما شەكلىدە يوللاپ قويدىم. كەچۈرگەيسىلەر.

بىز ماۋزۇنى چوڭ قويىۋالغانلىقىمىز ئۈچۈن <<زەئىپ روھ ۋە زەئىپ مۇھەببەت>>كە بولغان قارىشىمىزنى مۇشۇ يەردە توختۇتۇپ يالقۇن روزى ئاكىنىڭ <<ھوشۇر قارىغا ئوچۇق خەت>>ىگە قارايمىز.تەنقىدچى بۇ <<خەت>> نىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئېشەكلىرىگە بولغان كۈچلۈك مۇھەببىتىنى ئىپادىلەپ، ئېشەكنىڭ ئەجدادلىرىمىزغا قىلغان ماددى ياردەملىرىنى يەنى ئېتىز ئىشلىرىغا، ئۇيان-بۇيانغا بېرىش ئىشلىرىغا قىلغان ياردىمىنى كۆككە كۆتۈرگەن .  <<مۇساپىرنىڭ يۇرتىنى ۋە يۇرتداشلىرىنى سېغىنىشىنى ئۆزگىچە قىممىتى يوق،تولىمۇ ئادەتتىكى ھېسىيات>>دەپ چۈشىنەلىگەن يالقۇن روزى ئاكا ھازىرقىدەك ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش ۋاستىللىرى ۋە قاتناش ۋاستىلىرى بولمىغان ئەھۋالدا ئېشەكنى ئىشقا سالالىغانلىقىمىزنى ئادەتتىكى ئىش قاتارىدا چۈشىنەلمىگەن .گەرچە ئۆز ئوبزورىدا ئېشەكنىڭ بىزگە يارىتىپ بەرگەن  قىممىتىنى مەدھىيلەش ئارقىلىق ھوشۇر قارىنىڭ ئېشەك مىنىپ ئېكرانغا چىققىنىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن بولسىمۇ،ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان21-ئەسىردە،كەسكىن رىقابەت موھىتىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئىلگىرىكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ پىيادە ۋە ئېشەكلىك قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى يەتكۈزۈش بىلەن بىرگە تارتقان جاپالىرىنىمۇ يەتكۈزۈپ، ھازىرقىدەك ياخشى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ،رىقابەتكە قارشى تۇرۇش ئېڭىنى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە مەدەت ۋە رىغبەت بەرمەي<<ئۇيغۇرلار ئېشەك ئۈستىدىكى مىللەت>>دەپ شۇئار توۋلاپ،ئۆزى <<شىكايەتچى>>دەپ تىلغا ئالغان ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ:
<<باشقىلار پويىز،پاراخۇتتا قىلۇر سەيلىلەر،
بىزگە كەلسە بىر قوتۇر ئېشەك مىنىش ئاسان ئەمەس>>
دېيىش ئارقىلىق دەۋرداش ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنىڭ ئېشەك مىنگىنىدىن پەخىرلەنمەي، ئەكسىچە،زاماننىڭ،تەرەققىياتنىڭ،باشقىلارنىڭ ئارقىدا قېلىۋاتقانلىقىدىن قاقشىغانلىقىنى بىلمەسكە سېلىۋالغان. مېنىڭچە، بىزنىڭ تەرەققىياتىمىزنىڭ ئاستا بولۇپ قېلىشىدىكى،مىللىي ئەدەبىياتىمىزنىڭ دېگەندەك تەرەققى قىلماسلىقىدىكى  سەۋەب21  -  ئەسىردىمۇ زىيالىيدىن تارتىپ ئاۋامغىچە ھەممىمىزنىڭ <<ئېشەك ئۈستىدىن  چۈشمەي،سوكۇلداپ قېلىۋاتقانلىقىمىزدا بولسا كېرەك>>.
بىز يالقۇن روزى ئاكىنىڭ ئۆسمۈرلەردە قىممەت قارىشى يېتۈلدۈرمەكچى بولۇپ سورىغان<<بىزگە ئېشەك مۇھىممۇ،بېكخاممۇ؟>>دېگەن سۇئالىنى بىمەنە سۇئال دەپ قارايمىز.چۈنكى،ئېشەكنىڭ بىزگە بەرگەن ياردىمى ماددى ياردەم كاتىگورىيىسىگە تەۋە،بېكخامنىڭ بىزگە بەرگەن ياردىمى مەنىۋى ياردەم كاتىگورىيىسىگە تەۋە. گەرچە بېكخام ئۇيغۇرلارغا ئېشەكچىلىك ماددى ياردەم قىلالمىغان بولسىمۇ، قېرىغىنىغا باقماي ئەنگىلىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىپ،ئەنگىلىيە كوماندىسىنى يېڭىغان ئەجدادلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان بىزگە ۋە ئەمدىلا تەرەققى قىلىۋاتقان شىنجاڭ پۇتبولچىلىرىغا بەرگەن ئىستىتىك زوقىغا ۋە مەنىۋى ياردىمىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ.چۈنكى،چەتئەل يازغۇچىلىرىنىڭ يازمىللىرى بىزنىڭ يازغۇچىلارغا قانداق ياردەم بېرىۋاتقان بولسا،چەتئەل پۇتبولچىلىرىمۇ بىزنىڭ پۇتبولچىلارغا شۇنداق ياردەم بېرىدۇ.بۇ سۇئالغا بېرىلگەن جاۋاب ئارقىلىق چەتئەل چولپانلىرىغا چوقۇنۇش پىسخىكىسىغا ياندىن ھوجۇم قىلىشنى،ئېشەكنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى، ئېشەكنى ئۇلۇغلاشنى،مۇنداقچە ئېيىتقاندا،ھوشۇر قارىنىڭ ئېشەك مىنىپ ئېكرانغا چىققىنىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشنى ئويلىغان يالقۇن روزى ئاكا ئۆزى ئېشەك بىلەن سېلىشتۇرۇۋاتقان بېكخامدىن ئىبارەت دۇنياۋى چولپاننىڭ يالقۇن روزى ئاكىنىڭ نەزەرىدە ئېشەك ئۇيغۇرغا قانچىلىك دەرىجىدە مۇھىم بولسا ئۆزمىللىتىگە،دۆلىتىگە شۇنچىلىك مۇھىملىقىنى ئويلىمىغان.ئادەمنى ئاساس قىلىش تەكىتلىنىۋاتقان 21-ئەسىردىمۇ ئىشەكنىڭ مۇھىملىقىنى ئىسپاتلايمەن دەپ باشقىلارنىڭ كىشىلىك ئىززىتىگەچېقىلغان،باشقىلارنىڭ كىشىلىك ئابرويىغا ھۆرمەت قىلمىغان.مېنىڭ نەزەرىمدە مانا مۇشۇنداق ئۆزىنىڭ نەرسىسىنى ئۇلۇغلاش، كۆتۈرۈش ئۈچۈن باشقىلارنى ھۆرمەتلىمەيدىغان،ئۇلارنىڭ نام-شۆھرەت ھۇقۇقىغا سەۋەپسىز ھۇجۇم قىلىدىغان روھ ۋە مۇھەببەت ھەقىقىي<<زەئىپ روھ زەئىپ مۇھەببەت>>.
1.يولۋاس يولۋاسنى يېمەيدۇ،پەقەت ئادەملا ئادەم بىلەن ئۆزىنى سەمرىتىدۇ. _تاگور
2.ئۆزىنى ئىپادىلىيەلمىگەن كىشى قۇل دېمەكتۇر._ئا.مۇھەممەتئىمىن
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1227
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 87
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە87دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 950 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-27
ئاخىرقى: 2012-03-21

يالقۇن ئەپەندىمنىڭ  « ئىشەك مۇھىم »  دىگىنىنى سىمۋوللۇق ئوخشۇتۇش دەپ چۈشەنسىڭىز بولىدۇ .
بۇ دەل سىزدەكلەرگە قارىتىلىپ يىزىلغان ماقالە بولۇپ    (((  21-ئەسىردىمۇ ئىشەكنىڭ مۇھىملىقىنى ئىسپاتلايمەن دەپ باشقىلارنىڭ كىشىلىك ئىززىتىگەچېقىلغان،باشقىلارنىڭ كىشىلىك ئابرويىغا ھۆرمەت قىلمىغان.مېنىڭ نەزەرىمدە مانا مۇشۇنداق ئۆزىنىڭ نەرسىسىنى ئۇلۇغلاش، كۆتۈرۈش ئۈچۈن باشقىلارنى ھۆرمەتلىمەيدىغان،ئۇلارنىڭ نام-شۆھرەت ھۇقۇقىغا  .........)))
سىزنى ئۇيغۇر دىگەن مىللەتنى تونۇمايدىغان  بىكخامنىڭ نام شۆھرىتىنى قوغدايمەن دەپ مۇنبەر ئارا  تەشۋىق قىلىشىڭزنىڭ
بىكخامغىىمۇ قىلچىلىك پايدىسى يوق  . ئاددىيسى ماڭىمۇ ئاتالمىش بىكخام ، شارۇلخان ، بوجالار ، ۋىتاس .....لارنىڭ ماڭا
لازىملىق « ئىشەك » چىلىك پايدىسى يوق .
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 10
ئومۇمىي يازما: 2354
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2354دانە
ئۆسۈش: 5240 %
مۇنبەر پۇلى: 29026 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-03-30
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-09 23:21

پەرھات تۇرسۇننىڭ گەپلردىن ئىلھام ئېلىپ يازدىڭىزمۇ نىم بۇنى .  بىر چاغلاردا دىيارىمدا يالقۇن روزى  VS پەرھات تۇرسۇن جىڭى چىققاندا پەرھات تۇرسۇن ئەپەندى بىلەن خېلى كۆپ پىكىرلىشىپ باققان چ چ  دا . شۇ چاغدا ئۇ يۇقارقىغا ئوخشاش گەپلەرنى قىلغانتى.
شۇ چاغلار بەك قىززىغان ئىدى ، ئىسىڭلاردا بارمىكىن تورداشلار .   مىنىڭ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچۇم پەرھات تۇرسۇن تەرەپدارى ئىدى. مۇئەللىم شۇ مەزگىللەردە  دەرىس سۆزلەۋىتىپ تۇيۇقسىزلا پەرھات تۇرسۇننىڭ گىپىنى چىقىرىپ ئۇنى ماختاپ كۆككە كۆتۈردى. گەپلىرىنى ئاڭلىسام ساپلا دىيارىمدا بولىۋاتقان مۇنازىرلەر ، باشقىلارنىڭ پەرھات تۇرسۇننى ماختاپ يازغان ئىنكاسلىرىنى سۆزلەۋاتىدۇ. مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ يالقۇن روزى تەرەپدارلىرىنىڭ پەرھات تۇرسۇننى تەنقىتلەپ دىگەنلىرىنى، ئۇنىڭغا قويغان نۇرغۇن سۇئاللىرىنى مۇئەللىمگە ئېقىتماي تېمىتماي دەپ بەرسەم ھەيران قالغان ئىدى سەنمۇ كۆرۋىتىپسەن ھە جىدەلنى دەپ.
كىيىن مۇئەللىم ئىككىمىز كۆپ مۇنازىرلىشىپ كەتتۇق ، ھىچ قايسىمىز بىر بىرمىزگە قايىل بولمىدۇق. ئاخىرى مۇئەللىم چىدىماي ماۋسۇملۇق ئىمتىھاندا 55نومۇر قويۇپ قويۇپتىكەن. شۇنداق ياخشى بەرگەن بولمىسا .  شۇ چاغلار ئىسىمگە كەپ قالدى دىسە  
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6271
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 63
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە63دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 630 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-26
ئاخىرقى: 2012-01-25
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-09 23:23

2 يىلنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىنى خېلى «جانلاندۇرىۋەتكەن» كونا گەپلەرنى ئەمدى بولسىمۇ سۆرەپ چىقمىغان بولسىڭىز ياخشى بولاركەن، ئېشەكنىڭ خەلقىمىزگە ئېلىپ كېلىۋاتقان پايدىسىمۇ راسىت، ھازىرغا قەدەر خەلقىمىز (بولۇپمۇ جەنۇپ تەرەپلەردە) تېخى ئىشەكتىن قۇتۇلۇپ بولغىنى يوق،    بېكخامنىڭ خەلقىمىزگە ماددى جەھەتتە ئېشەكچىلىك پايدا يەتكۈزمىگىنىمۇ راسىت، ئەمما بېكخامنىڭ ئۆز دۆلىتىگە خەلقىگە شۇنچىلىك مۇھىملىقىمۇ راست.
     بۇ تېمىنىڭ يەنە ئورۇنسىز كۆڭۈلسىزلىك چىقىشقا سەۋەپچى بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ قالدىم.
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9014
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 135
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە135دانە
ئۆسۈش: 290 %
مۇنبەر پۇلى: 1557 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-09-20
ئاخىرقى: 2012-03-23
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-10 00:08

بىر ئېشەكنى دەپ دوسلار ئارا ئازارلىشىپ قالغىم يوق،  بولىدى گەپ قىلمىدىم !!!!!!  
[ بۇ يازمىنىaxik4587 2011-10-10 10:36قايتا تەھرىرلىد ]
دۇنيادىكى ئەڭ باغرى يۇمشاق مىللەت ۋە مۇھەببەت نەپرتى ئېنق بولمغان مىللەت؟
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3083
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 104
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە104دانە
ئۆسۈش: 670 %
مۇنبەر پۇلى: 1083 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-19
ئاخىرقى: 2012-03-06
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-10 00:18

ئەسسالامۇئەلەيكۇم «تاش» ئەپەندى!

  ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىننىڭ مۇنۇ روبائىيسىغا قۇلاق سېلىڭ:

ئېغىز ھەركىمدە ھەر تۈرلۈك باھا ھەر دىتتا ھەر خىلدا،
جاھان ھادىسلىرى قاينام، ئەمەس تەڭ شولى ھەر دىلدا.
تەپەككۇر تەختىدە سۇلتان زەكىيلەر ئەقلى ھېكمەتكىم،
پەقەت تىلسىمنى يەشمەكلىك كارامەت زېھنى قابىلدا.

   سىز يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ «ئېشەك موھىممۇ، بېكخاممۇ ؟» دېگەن سۆزىنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى مەھمۇد كاشغەرى بوۋىمىزنىڭ «تۈركى تىللار دىۋانى»دىكى مۇنۇ بايانلىرى ئارقىلىق ھەل قىلىۋېلىشىڭىزغا شەكسىز ئىشىنىمەن:
   «ماڭا بىر كاپىر ئۇيغۇر ھوجۇم قىلىپ كەلدى، مەن ئۇنى ئۆلتۈردۈم؛ قۇش، بۆرىلەرگە يەم بولسۇن دەپ، ئۇنى پارچە- پارچە قىلىۋەتتىم.» (تات- بەزى تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ تىلىدا <مۇسۇلمان بولمىغان ئۇيغۇرلار) دېگەن مەنىدىكى سۆز) ( «تۈركى تىللار دىۋانى» 1- قىسىم، 51-بەت)
  «...تات (ئىسلامنى قوبۇل قىلمىغان ئۇيغۇر)نىڭ كۆزىگە ئۇر...» («تۈركى تىللار دىۋانى» 2-قىسىم، 409-بەت).

  يۇقاردىكىلەردىن سىز بېكخامدىن ئېشەكنىڭ موھىملىقىنى بىلىۋالدىڭىزمۇ ؟
  ئەگەر چۈشەنمىگەن بولسىڭىز يەنە بىرقانچە تارىخى مىساللارنى ئېلىپ بېرىشىم مۇمكىن...
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3083
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 104
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە104دانە
ئۆسۈش: 670 %
مۇنبەر پۇلى: 1083 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-19
ئاخىرقى: 2012-03-06
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-10 00:48

  ھاي! ھاي «ئاشىق» ئەپەندى!

   شەخسى كۆز قارىشىڭىزنى يازسىڭىز يېزىڭكى، قاراشلىرىڭىز باشقىلارنىڭ قاراشلىردىن پايدىلانغان ئاساستا بولسۇن. «ئىنكاسنى خالىغانچە يېزىۋېرىمەن قانداق ؟» دېسىڭىزمۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئىختىيارى... ھەرھالدا مەسىلىلەرگە ئادىل ھەققانى باھا بەرگىنىمىز ياخشىراق.  باشقىلارغا قارا- قويۇق ئەگەشمەيلى.
   يالقۇن روزى بىزدىن «ئېشەك موھىممۇ، بېكخاممۇ» دېگەن سۇئالنى سورىدى. ئەگەر بىرسى بېكخامدىن « ئاشىق ئەپەندى موھىممۇ، پۇتبۇلمۇ ؟»دەپ سوراپ قالسا، بېكخام چوقۇم مېنىڭ «ئاشىق» ئەپەندى بىلەن نېمە كارىم، ماڭا «پۇتبۇل موھىم»دەپ جاۋاپ بەرگەن بولاتتى...
  يالقۇن روزى ھەرھالدا بېكخام بىلەن ئېشەك(جانلىق نەرسە)نى سېلىشتۇرۇپتۇ. ئەمما، «ئاشىق» ئەپەندى بىلەن «پۇتبول»(نەرسە)نى سېلىشتۇرسا بېكخام قايسىسىنى تاللىدى ؟
  
   ئاللاھ ھەممىمىزنى تەقۋىدار قىلغاي
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4555
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2080
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2080دانە
ئۆسۈش: 5440 %
مۇنبەر پۇلى: 15629 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-08
ئاخىرقى: 2012-03-29
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-10 01:02

axik4587؛يازمىسىغا

تىما ئېگسىگە..
ناھيتى توغرا ئۇرۇنلۇق گەپ قىلىىپسىز .


گەپنىڭ پوسكالسى ئېشەك بىلەن بېكخامنى سېلشتۇرغان ئادەمىنىڭ ئۈزى ئېشەك.......

بۇ ئككسنى سېلشتۇرۇشنىڭ ھچقانداق ئەھميتى يوق!!!!
بىز ئاجايىپ خەق كەنمىز  ئۆزمىزنىڭ شەخسى كۆز قارىشغا زىت بوسلا چەتكە قاقىدىكەنمىز ، ئەرەپلەرنى تۈرۈكلەرنى ماختاپ كېتدكەنمىز  لىكىن ئۇلارنىڭمۇ بىزگە ئېشەكچىلىك پايدىسى تەگمىگنغۇ!!!  



                                                                           ئاجايىپ ياخشى ئىددىيە ...........نەمۇنە   بولۇشقا تىگىشلىك ..........
ھاياتىڭىزدا مۇشۇ ئىددىيە بىلەن ماڭسىڭىز ...........بۇرادەر  كۆپ...كۆپ ياخشىلىقلارغا يولۇقۇسىز ......
شۇ چاغدا مۇشۇ ئىنكاسىڭىزنى ئەسلەپ قويۇڭ............!!!
              
                            
دوستلىشىش
ئىزباسار
ئىتىپاقسىزلىق ئىسلامىيەتنىڭ مەغلۇبىيتى
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8724
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 419
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە419دانە
ئۆسۈش: 810 %
مۇنبەر پۇلى: 4665 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-24
ئاخىرقى: 2012-03-29
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-10 01:10

مانا بىزدىكى ماددىغا ھەددىدىن زىيادە بىرلىپ كىتىشىمىزنىڭ ھۇسۇلى 4،قەۋەتتىكى تورداشتەك كىشىلەرنىڭ كۆپىيىپ كىتىشى.......
ئىنسان ئۆزىنىڭ ئىنسانغا خاس خىسلىتى بىلەن ئىنسان. ئەگەر يۇقارقى تورداش دىگەندەك «ئەرەپلەرنى تۈرۈكلەرنى ماختاپ كېتدكەنمىز  لىكىن ئۇلارنىڭمۇ بىزگە ئېشەكچىلىك پايدىسى تەگمىگنغۇ» سۆزلەرنى مەركىزى نۇقتا قىلىپ ياشىساق بىزنىڭ ھايۋاندىن نىمە پەرقىمىز؟؟؟
ئاللاھتىن قورقمىساڭ خالىغىنىڭنى قىل....
all praise to allah , the lord of the worlds
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1232
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1340
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1340دانە
ئۆسۈش: 360 %
مۇنبەر پۇلى: 15240 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-27
ئاخىرقى: 2012-03-28
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-10-10 11:06

بىر دىھقان ئۇچۇن ئىشەكنىڭ ئوزى تۇنىمايدىغان جاھاننىڭ بىر بۇلۇڭىدىكى ئادەمدىن  مۇھىم بولىشى تەبىي نورمال ئىش ،،
ئەمما بىر توپ ھەۋەسكارىغا بېرىپ ئىشەك بىكھامدىن مۇھىم دىسىڭىز سىزگە كۇلۇپلا قويىدۇ خالاس ،، بىز قاچانغىچە ئوزىمىزنىڭ كوز قارشىنى بىر پۇتۇن ئۇيغۇرغا مىسال قىلىپ تۇرۇپ سوزلەيدىغاندىمىز ،،  ئۇيغۇرغا ئىشەك مۇھىممۇ بىكھاممۇ؟؟ ،، دىھقانغا ئىشەك مۇھىم ،، ئەمما ھەممىسىگە ئەمەس ،، مەسىلەن ماڭا بىكھام مۇھىم ئەمەس ، لىكىن ئىشەككە قارىغاندا ئۇنىڭ ئوڭ پۇتىغا ، تەپكەن ئىختىيارى توپلىرىغا ھازىرغىچە ھەۋەس قىلىمەن ،، بوپمۇ 2002 يىلى دۇنيا پۇتپول مۇسابىقىسىغا تاللاش مۇسابىقىسىدا گىرىتسىيە بىلەن 2دە 2 كى تەڭلىشىپ قېلىپ شاللىنىپ كىتىش خەۋپى بولغاندا ، ئەڭ ئاخىرقى بىر مىنوتتا ئىختىيارى توپتىن بىر ئۇرۇپ پۇتپۇل ساھەسىنى زىل زىلگە سالغان ،،، كىسىپ ئىيتىقىلى بولىدۇكى ئۇ ھازىرغىچە چىققان ئەڭ ئىسىل ئوڭ كىرايلارنىڭ بىرى ،،،  بۇنى ئۇمۇملىققا كوتۇرۋالماڭلار ، خالىغانلار ئىشەكنى مۇھىم بىلىڭلار ، خالىغىنىمىز ئىشەكتىن دىنسىز بولسىمۇ ئىنساننى پەرىقلىق كورەيلى