تەكلىماكان ئوتتەك بىر ماكان ،
بېسىپ ئۆتكەن ئىزلىرىڭ باردۇر،
شاھىىدى سەن تالاي ئۆتمۈشنىڭ ،
تىلىڭ بولسا سۆزلىگۈڭ باردۇر ......
ھەمراھ بولدۇڭ ئۇيغۇرغا سادىق ،
قىسقا بولدى سەن بىلەن ئارلىق ،
ئۆتتى ئۆمرۈڭ شۇنداق جاپالىق
ئۇيغۇررۇمنىڭ ھەمراسى ئېشەك !
ئەنجان يولى ،ئەركەشتام يولى ،
باياۋاندا دەشىت چۆللەردە ،
سىنى مىندى بوۋام بىر ئۆمۈر ،
ئەجدادىمنىڭ قانىتى ئېشەك .....
دىكا دىككاڭ زورىخان مومام ،
موللازەيدىن ،نەسىردىن بوۋام ،
مىنىپ كەلگەن ئەسىرلەر بۇيى ،
خۇمار كۆزلۈك، مۇلايىم ئېشەك !
يۈدۈپ كەلدىڭ ئۇيغۇرنى شۇنداق ،
ھەج يولىدا،تۇرمۇش يولىدا ،
سەن بولمىساڭ ئەشۇ چاغلاردا
نەدىكەن ئۇ بىزگە ھاجىلق ،
مومام بارسا تۈگمەنگە قاچان ،
ئېغرىنى سەن قىلدىڭ يىنىك،
ئۇيغۇر ئۈچۈن يارالغاندەكلا ،
ئوماق ئېشەك، سۈيۈملۈك ئېشەك !
ئېشەك دىگەننى مانداق ماختايمىز ئەسلى ...
