ياش ئۆلىمانى ئۇنچە ئەيىپلاش كېرەك ئەمەس. چۈنكى داستىخانغا دەسسەش تاماق يەتكۈزۈش ئۈچۈن زۆرۈرەت جەھەتتىن بولغان. بەزىدە تويغا ئوخشاش چوڭراق مۇناسىۋەتلەردە داستىخان بىر قوللۇق رەتلىك سېلىنىشى ئۈچۈن ساھىبخان ئورۇنلاشتۇرغان مەخسۇس شەرانداز كىشىلەر تاماق قويىدۇ. سۇنۇپ بەرگەن تەقدىردە رەتلىك بولماي قېلىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەتتە جەنۇبتا داستىخان بەك كەڭرى بولغاچقا داستىخاننىڭ مېھمان ئالدىدىكى تاماق قويىدىغان يېرىگە ئەمەس ئوتتۇرىدىكى بىكار قالىدىغان جايغا دەسسەيدۇ. شۇڭا تاماق چۈشۈپ كەتسە مەينەت بولۇپ كېتىدىغان ئىش يوق.
قانداقلا بولمىسۇن بۇ ئۆرپ-ئادەتكە باغلىق ئىش. دىن كۆرسەتمىسى يوق. قەشقەردىكى ئادىتىمىز بولسا تويغا ئوخشاش چوڭ داسقانلارغا دەسسەۋېرىش. شەھەر ئىچىدىمۇ شۇنداق.
لېكىن بۇ يەردە قېرىنداشلار دىققەت قىلمىغان بىر ئىش بار: سورۇندا دەسسەۋەرسىلە دېگەن كىشى ھۆرمەتكە سازارە ئەھلى ئىلىم ئىكەن. بۇنداق ئېنىق چەكلىنىدۇ، دېگىلى بولمايدىغان بىر ئىشتا سورۇننىڭ كەيپىياتىنى بۇزۇپ تالاش-تارتىش پەيدا قىلىپ ئەھلى ئىلىمنىڭ گېپىنىڭ بېلىگە تېپىش ئەدەبكە ئۇيغۇنمۇ؟ بەلكى دەسسەۋىرىڭ دېگەن گەپ بەك توغرا گەپ بولماسلىقى مۇمكىن. بىراق بىر ئەھلى ئىلىم دەسسەۋەرسىلە دېيىشىگە بىرى قوپۇپ دەسسىمىسىلە دېيىش ئەدەپسىزلىككە يېقىن.