كۆرگۈم يوق
ھىيلە-مىكىر ئىشلەتكەن يارەنلەرنى كۆرگۈم يوق،
تىلى تاتلىق،پەيلى شۇم،ئادەملەرنى كۆرگۈم يوق.
كۆرگۈم يوقلار قاتناشقان مول زىياپەت-كاتتا توي،
نەغمە-مەشرەپ ھەتتاكى ئايەملەرنى كۆرگۈم يوق.
خەلقىم بەرگەن ھوقۇقنى ئۆز نەپسىگە ئىشلىتىپ،
ئەل-ئاۋامنى قاقشاتقان نامەردلەرنى كۆرگۈم يوق.
ئاجىزلارغا ھۆرپىيىپ،چوڭاملارغا پۈكلىنىپ،
تاپقان ھوزۇر-پاراغەت،راھەتلەرنى كۆرگۈم يوق.
مەمەدانلىق،كاززاپلىق،شەكىلۋازلىق-رەڭۋازلىق،
شەيتانلىقتىن ئېرىشكەن،ئامەتلەرنى كۆرگۈم يوق.
كىم كۈلمەيدۇ ئات تۇرۇپ،تۈلكە ئۇتسا بەيگىدە،
نەيرەڭلەردىن نەپ ئالغان،ناكەسلەرنى كۆرگۈم يوق.
ساختىپەزلەر-مەككارلار،يۇرتقا چۈشكەم مىتىدۇر،
بۇ ئۆمرۈمدە مۇشۇنداق ئاپەتلەرنى كۆرگۈم يوق.
ئاپتور:ئابدۇۋەلى راخمان (ھەققانىي)