查看完整版本: [-- كۆرگۈم يوق --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> شېئىر روبايىلار -> كۆرگۈم يوق [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

تاش 2011-10-04 13:08
كۆرگۈم يوق
ھىيلە-مىكىر ئىشلەتكەن يارەنلەرنى كۆرگۈم يوق،
تىلى تاتلىق،پەيلى شۇم،ئادەملەرنى كۆرگۈم يوق.
كۆرگۈم يوقلار قاتناشقان مول زىياپەت-كاتتا توي،
نەغمە-مەشرەپ ھەتتاكى ئايەملەرنى كۆرگۈم يوق.
خەلقىم بەرگەن ھوقۇقنى ئۆز نەپسىگە ئىشلىتىپ،
ئەل-ئاۋامنى قاقشاتقان نامەردلەرنى كۆرگۈم يوق.
ئاجىزلارغا ھۆرپىيىپ،چوڭاملارغا پۈكلىنىپ،
تاپقان ھوزۇر-پاراغەت،راھەتلەرنى كۆرگۈم يوق.
مەمەدانلىق،كاززاپلىق،شەكىلۋازلىق-رەڭۋازلىق،
شەيتانلىقتىن ئېرىشكەن،ئامەتلەرنى كۆرگۈم يوق.
كىم كۈلمەيدۇ ئات تۇرۇپ،تۈلكە ئۇتسا بەيگىدە،
نەيرەڭلەردىن نەپ ئالغان،ناكەسلەرنى كۆرگۈم يوق.
ساختىپەزلەر-مەككارلار،يۇرتقا چۈشكەم مىتىدۇر،
بۇ ئۆمرۈمدە مۇشۇنداق ئاپەتلەرنى كۆرگۈم يوق.
ئاپتور:ئابدۇۋەلى راخمان (ھەققانىي)

جەڭچى 2011-10-04 18:41
ئىسىل .....تىما ئىگسىگە رەھمەت.

baxmaltak 2011-10-06 19:49
يارايسىز ،بەك ئىسىلكەن.رەخمەت.

مىرئادىل314 2011-10-09 20:52
بەك ئىسىلكەن.رەخمەت.


查看完整版本: [-- كۆرگۈم يوق --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.086394 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us