سۆيۈملۈك تاتارلار ......
بىز ئۇيغۇرلارغا ئۇلاردىن ئاز نەپ يۇقمىغان ،،،، شىنجاڭدىكى ئەڭ بۇرۇنقى مەكتەپنى ئەنە شۇ
تاتارلار ئاچقان ،،،شىنجاڭدىكى ئەڭ بۇرۇنقى بانكىنىمۇ تاتار سودىگەرلىرى بارلىققا كەلتۈرگەن !
شۇنداق دىيىشكە بۇلىدىكى شىنجاڭنىڭ ،جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ نادانلىق ئىسكەنجىسىدىن
قۇتۇلۇشىدا تاتارلار زور رول ئوينىغان .....بىز تاكى يېقىنقى مەزگىللەرگىچە پەخىرلىنىپ تۇرۇپ
تىلغا ئالىدىغان ئالىملىرىمىز ياكى تونۇلغان ئەدەپلىرىمىزنىڭ تەرجىمىالىغا قارايدىغان بولساق
ھەمىشە غۇلجا تاتار مەكتىپىدە ئوقىغان دىگەندەك قۇرلارنى ئۇچرىتىمىز ،،،،
ئانا يۇرت قاتارلىق تارىخى رومانلاردا تاتارلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئىدىيە ئاڭ
جەھەتتە ئاز ياردەملەرنى قىلمىغانلىقىنى كۆرۈشكە بۇلىدۇ ،،،،، ...
سەبىخەنىڭ ئاپىسى ،بىر ئۇيغۇر يىگىتىنى دەپ روسىيەدىن شىنجاڭغا كېلىپ ئۇيغۇر بالىرىلىغا
ئوقۇتقۇچىلىق قىلغانمۇ تاتار ،.،،،،روسىيە قازاندا بۇرھان شەھىدىنىڭ ساۋادىنى چىقارغانمۇ
تاتار ،،،،لۇتپۇللا مۇتەللىپ تۇنجى قېتىم بۇسۇغىسىدىن ئاتلىغان باشلانغۇچ مەكتەپنى
ئاچقانمۇ تاتار ،...تۆمۈر خەلىپىە جىڭ شۇرۇننىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ ئۈرۈمچىگە
كەلگەندە ئۇنىڭغا يول كۆرستىپ قۇمۇلغا كېتىش تەكلىپىنى بەرگەن ھەيدەر
ئەپەندىمۇ تاتار .....ئۈرۈمچى دۆڭكۆۋرۈكتىكى نوغاي مەسچىتى (ياڭخاڭ مەسچىتى )نى
سالغانمۇ تاتار ،،،،،،،،يۇرتىمىزدا نۇپۇسى ئاز بولسىمۇ لېكىن تولىمۇ ساز بىر مىللەت .....
ئوتتتۇرا ئاسىىيادا مەدەنىيەت جەھەتتە ئەڭ بۇرۇن ئويغانغان مىللەت ،....
ياشىسۇن ،ئاينىسۇن ،گۈللەنسۇن ،تېىخمۇ قۇدىرەت تاپسۇن تاتارلار !!!!!!!!!!
[ بۇ يازمىنىxahruh 2011-10-06 16:03قايتا تەھرىرلىدى ]