sadir |
2011-10-03 20:38 |
نوغايلار قىرىمدىن ئاستىراخانغىچە ، داخىستاندىن ئۇرال دەريا بويلىرىغىچە بولغان جايلاردا ياشىغۇچى تۈركىي خەلق. نوغاي دىگەن بۇ ئىسىم نوغاي خاندانلىقىدىن كەلگەن بولۇپ ، نوغاي خاندانلىقى ، 14- يۈز يىللارنىڭ ئاخىرى ئالتۇن ئورادا خانلىقىنىڭ يىمىرىلىشىدىن كىيىن بارلىققا كەلگەن . 13-15 -يۈز يىللارىندا ئالتۇن ئوردا يىمىرىلگەندىن كىيىن ، شىمالىي كاۋكازىيەنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسىمىدىكى ئاستىراخان خانلىقى ۋە غەربىي شىمال قىسىمىدىكى قىرىم خانلىقى ئارىسىدىكى رايوندا ياشىدى. 1556-يىللارىندا ئاستىراخان خانلىقى يىمىرىلگەندىن كىيىن ، بۇ تۇپراقلار روسىيە تەۋەلىكىگە ئۆتتى ۋە نوغايلار روسىيە تەۋەسىدىكى ستاۋروپول چىگرا رايونىدا ياشىدى . 16-17 -يۈز يىللارىندا نوغايلارنىڭ توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونى بولمىغان . شىمالىي كاۋكازىيەنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىدا ياشىغان ۋە قىرىم خانلىقىنىڭ يۇرتداشلىرى بولغان نوغايلار 1783- يىللارىندا روسلار تەرىپىدىن قىرىم خانلىقىدىكى يۇرتداشلىرى بىلەن بىللە قىرغىن قىلىندى ۋە سۈرگۈن قىلىندى . نوغايلار 1426- يىللاردا Edige ئوغلى Nurettin تەرىپىدىن ئەمىرلىك قۇرغان بولۇپ ، 150 يىلغا يېقىن دۆلەت بولغان. 1563 -يىللاردا روسلار تەرپىدىن ئىشغال قىلىنغان ۋە Ulu Nogaylar, Kiçi Nogaylar ve Altı oğul Nogayları دىن ئىبارەت ئۈچ پارچىگە پارچىلىۋېتىلگەن . داخىستان تاتارلىرى بولسا نوغايلار تاتارلارنىڭ بىر تەركىبى قىسىمى دىيىشىدۇ . قازاقلار بولسا نوغايلار قازاقلارنىڭ بىر تەركىبى قىسىمى دىيىشىدۇ . نوغايلارنىڭ ئۆزى بولسا ئالدى بىلەن تۈرك - ئاندىن نوغاي - ئارقىدىن تاتار كىلىپ چىقاردى دىيىشىدۇ . تاتار بىلەن نوغاي خۇددى ئۆزبېك بىلەن ئۇيغۇرغا ئوخشاش نوغاي تىلى بولسا ئالتاي تىللىرى سېستىمىسى تۈركىي تىللار ئائىلىسى غەربىي تۈرك تىل تارمىقى ،قىپچاق تىل گۇرۇپپىسىغا تەۋە . ئورتاق تىل گۇرۇپپىسىغا تەۋەلەردىن قازاق تىلى ، قاراقالپاق تىلى ، تاتار تىلى بار . نوغايلار 1928- يىللاردىن ئىلگىرى ئەرەب ئېلىپبەلىك يېزىق قوللانغان ، 1928-يىلدىن كىيىن سىلاۋىيان كىرىل يېزىقىنى قوللانغان ۋە 1936- يىلى ئېلىپبە ئۆزگەرتىشى كىرگۈزگەن. تار نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا نوغايلارنىڭ نوپۇسى 250 مىڭ ئەتىراپىدا بولۇپ ، ئاساسلىقى تۈركىيە ، داخىستان ، ئۇكرائىنا (كېلمىيا) قاتارلىق رايونلاردا بىر قەدەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ، تۈركىمەنىستان ، ئۆزبېكىستان ، قازاقىستان قاتارلىق رايونلاردا ئاز ساندا نوغايلار بار . كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا (يەنى نوغايلارنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز قارشى بويىچە ، تۈرك- نوغاي -تاتار ...يەنى تاتارلار نوغايلارنىڭ بىر بۆلىكى بويىچە بولغاندا) نوغايلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى بىر مىليون ئەتىراپىدا ، . ئاستىراخان تاتارلىرى ، كاۋكاز تاتارلىرى ، سىبىرىيە تاتارلىرى ، قازاقلارنىڭ ئوتتۇرا يۈز بۆلىكىنىڭ Kongırat قوڭغىرات قەبىلىسى ، قىرغىزلارنىڭ Ön-Kolئۆن كول بۆلىكىنىڭ Çirikچىرىك قەبىلىسى قاتارلىقلارنى قوشۇپ نوغاي ھېسابلايدۇ . نوغايلارنىڭ بۇ قەبىلىسى نوغاي خان دۆلىتىنىڭ Satıbaldı, Tokas、Şahan شاخان ، توكاس ، ساتىبالدى دىن ئىبارەت ئۈچ نوغاي قەبىلىسىدىن كەلگەن . نوغايلار بولسا ئاق نوغاي ، قارا نوغاي ، ئاستىراخان نوغايلىرى ، achikulak nogay ئاچىقۇلاق نوغايدىن ئىبارەت تۆت چوڭ قەبىلىگە ۋە نوغايباق Nogaybaksدەپ بىر كىچىك قەبىلىگە ئايرىلغان . (قەبىلە = بۆلەك) نوپۇسى بىرقەدەر كۆپ بولغان Bujak, Edisan, Jambulak, Edishkul بۇ نوغاي قەبىلىلىرى مەڭگىتلەرنى تەشكىل قىلىدۇ . مەڭگىت ئۇرۇقىنىڭ ئىسمى نوغاي ئىسمى بىلەن ئوخشاش قوللىنىلىدۇ. ئاق نوغايلار روسىيە فىدىراتسىيەسى ، قاراچاي -چېركەس ئاپتونوم رىسپۇبىلكىسىغا جايلاشقان بولۇپ Kuban nogays ياكى ئاق نوغاي دەپ ئاتىلىدۇ . ئاق نوغاي تىل شىۋىسى ئەتىراپىدىكى قاراچاي ، بالقار ، چېركەسلەرنىڭ تىل تەسىرىگە ئۇچىرىغان . Nogaybaks بولسا داغىستان ، باشقىرتىستان ۋە ئۇرال رايونىدا ياشايدىغان بولۇپ ، تىل شىۋىسىدىن تاتار تىلغا مايىل . Nogaybaks بولسا نوغايلار ئىچىدىكى بىردىنبىر ئىسلام دىنغا ئېتقاد قىلمايدىغانلاردىندۇر . شۇڭا ئۇلار Казак كازاك دەپمۇ ئاتىلىدۇ . (بىز بۇرۇنلاردا روس تىلۋىزىيە فىلىملىرىدە كۆرگەن كازاك ئاتلىق ئەسكەرلىرى دەل ئاشۇ نوغاي تۈركلىرىنىڭ بىر بۆلىكىدۈر) . Astrakhan Nogays ئاستىراخان نوغايلىرى روسىيە فىدىراتسىيەسى تەۋەسىدىكى ۋولگا دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى ئاستىراخاندا ياشايدۇ . ئۇلار ئۆز ئىچىدىن تۆت قەبىلىگە ئايرىلغان . Kundura (Karakash --Karaagash)、Kundrovets、Utar-Alabugaty、Yurt (Kara üyli)。 Utar-Alabugaty قەبىلىسى بولسا روسىيە فىدىراتسىيەسى قالمۇق رىسپۇبىلىكىسىدا ياشايدۇ ، باشقىلىرى ئاستىراخاندا ياشايدۇ . Yurtsقەبىلىلىرى تىل شىۋىسىدە قازان تاتارلىرىنىڭ تىل شىۋە تەسىرىى چوڭ. Qara (Kara) Nogays قارا نوغايلار شەرقى نوغاي دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ ، نوغايلارنىڭ ئەڭ چوڭ قەبىلىسى ، قارا نوغايلار بولسا داغىستاننىڭ Khasavyurt رايونىدا ياشايدۇ . قارا نوغايلارنىڭ يەنە Nayman、Terik、Ming、katay、Khasav-Yurt、Baba-Yurt دىن ئىبارەت قەبىلىلىرى بار . بۇندىن باشقا يەنە قارا نوغايلار قومۇقلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىغان بولۇپ ، kumyk Nogays قۇمۇق-نوغايلار the Aksay (Yakhsay)、Kostek、and Tarki (Targu), دىن ئىبارەت ئۈچ قەبىلىگە بۆلۈنگەن . Achikulak Nogays ئاچىقۇلاق نوغايلار روسىيە فىدىراتسىيەسىنىڭ Stavropolskiy Kray سىتاۋروپولسكىي چىگرا رايونىنىڭ ئاچىقۇلاق رايونىدا ياشايدۇ . ئاچىقۇلاق نوغايلار Jemboyluk(Jambulak)、Yedisan(Edisan)、Yedishkul(Edishkul、Cedişkul、Jedishkul دىن ئىبارەت ئۈچ قەبىلىگە ئايرىلغان . Jambulak،Yedisan قەبىلىسى يەنە مەڭگىت ، قوڭغىرات، قىپچاق ،ئۇيسۇن ، قازانقۇلاق ، بۈركىت، قىتاي دىن ئىبارەت كىچىك قەبىلىلەرگە ئايرىلغان . Beshtav-Kum Nogays بەشتاۋ-قۇم نوغايلىرى ئوخشاشلا سىتاۋروپولىسكىي رايونىدا ياشايدىغان بولۇپ ، بەشتاۋ ، قۇم ، قارا مۇرزادىن ئىبارەت ئۈچ قەبىلىگە ئايرىلغان . Crimean Nogays كرىمان نوغايلىرى ئۇكرائىنانىڭ كرىمان رىسپۇبىلىكىسدا كرىمان تاتارلىرى بىلەن ئارلىشىپ ياشايدىغان بولۇپ ، Crimean、Cedişkul、Jemboyluk دىن ئىبارەت ئۈچ قەبىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . 2000- يىللاردىن كىيىن ياۋروپادا ساقلىنىۋاتقان تىللارنى تەكشۈرگەندە ، نوغاي تىلىنىڭ ئىشلىتىش ئادەم سانى 65000 بولغان . بۇ كىشلەر بولسا شۇ يىللاردا غازى ئانتەپ ئۇنۋېرسىتىتى تەرىپىدىن كۈتىۋېلىنغان نوغايلاردۇر
|
|