مەن ئۇزاق يىل ئالتۇن سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلەش چۈشۈش ئەھۋالىنى 
كۈزەتتىم . يىقىندا قەرەللىك مال سودىسى بىلەن شوغۇللىنىش جەريانىدا  ( كۆكلەن ) تورىنىڭ باشقۇرغۇچىسى بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇش جەريانىدا ئالتۇننىڭ ئىشىش چۈشۈش قانۇنيەتلىرى توغرىسىدا ئاز - تولا ساۋاتقا ئىگە بولدۇم . 
ئالتۇن باھاسى نىمە ئۈچۈن ئىگىز-پەس بولىدۇ ؟   
ئالتۇن باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار نىمە ؟ مەن بۇ جەھەتتە خىلى ئىزدەندىم . 
ئۇيغۇر ئالتۇن تورى . نىيۇ يۇرك ئالتۇن بازىرى تورى ، شىنلاڭ تورى ، كۆكلەن بىز تورى قاتارلىق ئالتۇنغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم تورلاردىن  ئالتۇن باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنى ئزلەپ تاپتىم .  
ھەم ئۇزۇن يىللىق كۆز قاراش ۋە تەجىربەم بويىچە ئالتۇن باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنى تىپىپ چىقتىم . 
 
1. دوللارنىڭ يۆنىلىشى
ئامرىكا دوللىرىنىڭ يۆنىلىشى بىلەن ئالتۇن تەتۈر تاناسىپ ھالەتتە بولىدۇ . 
يەنى ، پۇل قىممىتى قانچە يۇقۇرى كۆتۈرۈلسە ئالتۇن باھاسى مۇقەررەر چۈشىدۇ  . پۇل قىممىتى چۈشۇپ پۇل پاخاللاشسا ئالتۇن ئاشىدۇ . 
2. سىياسى قالايمىقانچىلىق . دۆلەتلەر ئارا ياكى رايۇنلار ئوتتۇرسىدىكى ئۇرۇشلار   
بۇ ئامىل ئالتۇن باھاسىنى ئاشۇرۋىتىدىغان مۇھىم بىر ئامىل .  
3. نىفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈپ چۈشىشى . 
نىفىت بىلەن ئالتۇن باھاسى ئوڭ تاناسىپ بولۇپ نىفىت باھاسى ئۆسسە ئالتۇنمۇ ئىشىپ ماڭىدۇ .  
4. ھەر قايسى بانكىلاردىكى ئالتۇننىڭ زاپاس مىقدارى .  
مۇشۇ يىل 1- ئايدا ئامرىكا مەركىزى بانكىسى كۆپ مىقداردا بازارنى ئالتۇن بىلەن تەمىنلىدى . 
شۇنىڭ بىلەن ئالتۇن باھاسى زور دەرجىدە چۈشۈپ كەتتى .   
5. بانكىلارنىڭ پۇل ئۆسۈمىنى ئۆستۈرۈش- ئۆستۈرمەسلىكى. 
بانكا پۇل پاخاللىغىنىڭ ئالدىنى ئىلىش مەقسىدىدە ئۆسۈم ئۆستۈرگەندە ئالتۇن باھاسى ئازراق چۈشىدۇ   
6. جۇڭگۇ ، ھىندىستان ، روسىيە قاتارلىق ئۈچ چوڭ دۆلەتنىڭ ئالتۇنغا بولغان ئىھتىياجى . .
بۇ ئۈچ دۆلەتنىڭ ئالتۇنغا بولغان ئىھتىياجى (بولۇپمۇ ھىندىستاننىڭ ) بەك چوڭ بولۇپ بۇ ئامىلمۇ ئالتۇن باھاسىنىڭ   
ئىششىنى كەلتۈرۈپ چىقرىدۇ .
7. ئىقتىسادى كىرزىس .  
بۇ ئامىلمۇ ئالتۇن باھاسىنىڭ ئىشىپ چۈششىنى بەلگىلەيدىغان ئەڭ موھىم ئامىل 
مىنىڭ ھىس قىلشىمچە مۇشۇ 7 تۈرلۈك ئامىلدىن باشقىسى ئالتۇن باھاسىنىڭ ئىگىز- پەس بولۇشىغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ . 
ئالتۇنغا مەبلەغ سالغۇچىلار مۇشۇ 7 تۈلۈك ئامىلنى ئويلۇشۇپ مال سىتىۋالغاندا زىياندىن ساقلىنالايدۇ