| erpan.0998 | 
2011-10-03 14:51 | 
 
مەن ئۇزاق يىل ئالتۇن سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلەش چۈشۈش ئەھۋالىنى  كۈزەتتىم . يىقىندا قەرەللىك مال سودىسى بىلەن شوغۇللىنىش جەريانىدا  ( كۆكلەن ) تورىنىڭ باشقۇرغۇچىسى بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇش جەريانىدا ئالتۇننىڭ ئىشىش چۈشۈش قانۇنيەتلىرى توغرىسىدا ئاز - تولا ساۋاتقا ئىگە بولدۇم .  ئالتۇن باھاسى نىمە ئۈچۈن ئىگىز-پەس بولىدۇ ؟    ئالتۇن باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار نىمە ؟ مەن بۇ جەھەتتە خىلى ئىزدەندىم .  ئۇيغۇر ئالتۇن تورى . نىيۇ يۇرك ئالتۇن بازىرى تورى ، شىنلاڭ تورى ، كۆكلەن بىز تورى قاتارلىق ئالتۇنغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم تورلاردىن  ئالتۇن باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنى ئزلەپ تاپتىم .   ھەم ئۇزۇن يىللىق كۆز قاراش ۋە تەجىربەم بويىچە ئالتۇن باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنى تىپىپ چىقتىم .    1. دوللارنىڭ يۆنىلىشى ئامرىكا دوللىرىنىڭ يۆنىلىشى بىلەن ئالتۇن تەتۈر تاناسىپ ھالەتتە بولىدۇ .  يەنى ، پۇل قىممىتى قانچە يۇقۇرى كۆتۈرۈلسە ئالتۇن باھاسى مۇقەررەر چۈشىدۇ  . پۇل قىممىتى چۈشۇپ پۇل پاخاللاشسا ئالتۇن ئاشىدۇ .  2. سىياسى قالايمىقانچىلىق . دۆلەتلەر ئارا ياكى رايۇنلار ئوتتۇرسىدىكى ئۇرۇشلار    بۇ ئامىل ئالتۇن باھاسىنى ئاشۇرۋىتىدىغان مۇھىم بىر ئامىل .   3. نىفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈپ چۈشىشى .  نىفىت بىلەن ئالتۇن باھاسى ئوڭ تاناسىپ بولۇپ نىفىت باھاسى ئۆسسە ئالتۇنمۇ ئىشىپ ماڭىدۇ .   4. ھەر قايسى بانكىلاردىكى ئالتۇننىڭ زاپاس مىقدارى .   مۇشۇ يىل 1- ئايدا ئامرىكا مەركىزى بانكىسى كۆپ مىقداردا بازارنى ئالتۇن بىلەن تەمىنلىدى .  شۇنىڭ بىلەن ئالتۇن باھاسى زور دەرجىدە چۈشۈپ كەتتى .   
  5. بانكىلارنىڭ پۇل ئۆسۈمىنى ئۆستۈرۈش- ئۆستۈرمەسلىكى.  بانكا پۇل پاخاللىغىنىڭ ئالدىنى ئىلىش مەقسىدىدە ئۆسۈم ئۆستۈرگەندە ئالتۇن باھاسى ئازراق چۈشىدۇ    6. جۇڭگۇ ، ھىندىستان ، روسىيە قاتارلىق ئۈچ چوڭ دۆلەتنىڭ ئالتۇنغا بولغان ئىھتىياجى . . بۇ ئۈچ دۆلەتنىڭ ئالتۇنغا بولغان ئىھتىياجى (بولۇپمۇ ھىندىستاننىڭ ) بەك چوڭ بولۇپ بۇ ئامىلمۇ ئالتۇن باھاسىنىڭ    ئىششىنى كەلتۈرۈپ چىقرىدۇ . 7. ئىقتىسادى كىرزىس .   بۇ ئامىلمۇ ئالتۇن باھاسىنىڭ ئىشىپ چۈششىنى بەلگىلەيدىغان ئەڭ موھىم ئامىل 
  مىنىڭ ھىس قىلشىمچە مۇشۇ 7 تۈرلۈك ئامىلدىن باشقىسى ئالتۇن باھاسىنىڭ ئىگىز- پەس بولۇشىغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ .  ئالتۇنغا مەبلەغ سالغۇچىلار مۇشۇ 7 تۈلۈك ئامىلنى ئويلۇشۇپ مال سىتىۋالغاندا زىياندىن ساقلىنالايدۇ 
 
  | 
 
 
 |