مەن ئۇزاق يىل ئالتۇن سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلەش چۈشۈش ئەھۋالىنى
كۈزەتتىم . يىقىندا قەرەللىك مال سودىسى بىلەن شوغۇللىنىش جەريانىدا ( كۆكلەن ) تورىنىڭ باشقۇرغۇچىسى بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇش جەريانىدا ئالتۇننىڭ ئىشىش چۈشۈش قانۇنيەتلىرى توغرىسىدا ئاز - تولا ساۋاتقا ئىگە بولدۇم .
ئالتۇن باھاسى نىمە ئۈچۈن ئىگىز-پەس بولىدۇ ؟
ئالتۇن باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار نىمە ؟ مەن بۇ جەھەتتە خىلى ئىزدەندىم .
ئۇيغۇر ئالتۇن تورى . نىيۇ يۇرك ئالتۇن بازىرى تورى ، شىنلاڭ تورى ، كۆكلەن بىز تورى قاتارلىق ئالتۇنغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم تورلاردىن ئالتۇن باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنى ئزلەپ تاپتىم .
ھەم ئۇزۇن يىللىق كۆز قاراش ۋە تەجىربەم بويىچە ئالتۇن باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنى تىپىپ چىقتىم .
1. دوللارنىڭ يۆنىلىشى
ئامرىكا دوللىرىنىڭ يۆنىلىشى بىلەن ئالتۇن تەتۈر تاناسىپ ھالەتتە بولىدۇ .
يەنى ، پۇل قىممىتى قانچە يۇقۇرى كۆتۈرۈلسە ئالتۇن باھاسى مۇقەررەر چۈشىدۇ . پۇل قىممىتى چۈشۇپ پۇل پاخاللاشسا ئالتۇن ئاشىدۇ .
2. سىياسى قالايمىقانچىلىق . دۆلەتلەر ئارا ياكى رايۇنلار ئوتتۇرسىدىكى ئۇرۇشلار
بۇ ئامىل ئالتۇن باھاسىنى ئاشۇرۋىتىدىغان مۇھىم بىر ئامىل .
3. نىفىت باھاسىنىڭ ئۆسۈپ چۈشىشى .
نىفىت بىلەن ئالتۇن باھاسى ئوڭ تاناسىپ بولۇپ نىفىت باھاسى ئۆسسە ئالتۇنمۇ ئىشىپ ماڭىدۇ .
4. ھەر قايسى بانكىلاردىكى ئالتۇننىڭ زاپاس مىقدارى .
مۇشۇ يىل 1- ئايدا ئامرىكا مەركىزى بانكىسى كۆپ مىقداردا بازارنى ئالتۇن بىلەن تەمىنلىدى .
شۇنىڭ بىلەن ئالتۇن باھاسى زور دەرجىدە چۈشۈپ كەتتى .
5. بانكىلارنىڭ پۇل ئۆسۈمىنى ئۆستۈرۈش- ئۆستۈرمەسلىكى.
بانكا پۇل پاخاللىغىنىڭ ئالدىنى ئىلىش مەقسىدىدە ئۆسۈم ئۆستۈرگەندە ئالتۇن باھاسى ئازراق چۈشىدۇ
6. جۇڭگۇ ، ھىندىستان ، روسىيە قاتارلىق ئۈچ چوڭ دۆلەتنىڭ ئالتۇنغا بولغان ئىھتىياجى . .
بۇ ئۈچ دۆلەتنىڭ ئالتۇنغا بولغان ئىھتىياجى (بولۇپمۇ ھىندىستاننىڭ ) بەك چوڭ بولۇپ بۇ ئامىلمۇ ئالتۇن باھاسىنىڭ
ئىششىنى كەلتۈرۈپ چىقرىدۇ .
7. ئىقتىسادى كىرزىس .
بۇ ئامىلمۇ ئالتۇن باھاسىنىڭ ئىشىپ چۈششىنى بەلگىلەيدىغان ئەڭ موھىم ئامىل
مىنىڭ ھىس قىلشىمچە مۇشۇ 7 تۈرلۈك ئامىلدىن باشقىسى ئالتۇن باھاسىنىڭ ئىگىز- پەس بولۇشىغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ .
ئالتۇنغا مەبلەغ سالغۇچىلار مۇشۇ 7 تۈلۈك ئامىلنى ئويلۇشۇپ مال سىتىۋالغاندا زىياندىن ساقلىنالايدۇ