ماقۇل، تەقسىر، مەن چۈشەنچە بېرەي:
« قىززىق» دېگەن سۆزمۇ توغرا، «قىزىق» دېگەن سۆزمۇ توغرا.
سىز تېلىۋوزۇرنى ئېچىپ، «قىززىق نۇقتا ھەققىدە سۆھبەت» فىلىمىنى كۆرۈپ بېقىڭ، « قىزىق» دەمدىكىن ياكى «قىززىق» دەمدىكىن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن جايلاردا « قىززىق» دەپ قوللىنىدۇ.
«زىمىندىن» دېگەن سۆزنى مەن يازمىغان، ئۇنى ئەسلى شېئىرنىڭ ئاپتورى شۇنداق يېزىپتىكەن، مەن شۇ بويىچە كۆچۈرۈپ كېلىپ مۇشائىرە قىلدىم.
«رىزىق» دېگەن سۆز خاتا، «رىزق» دېگەن سۆز توغرا.
ئالدىنقى كۇبلىتتا بۇغۇم سانىنى توغرا كەلتۈرۈش ۋە ئوقۇشقا قولايلىق بولۇش ئۈچۈن «رىزىق» دەپ ئالغان. «رىزق» دەپ ئالساممۇ، بەرىبىر نۇرغۇن ئادەم ئۇ خەتنى «رىزىق» دەپ ئوقۇۋالاتتى.
ئۇيغۇرچە ئىمتىھان سوئاللىرىدا «يۇقارقى» دەپ ئېلىنىدىغان ئەھۋاللار ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدۇ.
ئىرپان سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئوكيانۇس لۇغىتىنى چۈشۈرۈش تور بېتىدە «يۇقارقى» دەپ ئېلىنغان.
تولۇق ئوتتۇرىنىڭ ئەدەبىيات كىتابىدىمۇ «يۇقارقى» دېگەن سۆز كۆپ ئۇچرايدۇ.
ئاۋۇ ئىككى مىسرانى چۈشەنمەپسىز، مەن چۈشەندۈرۈپ قوياي:
توڭگۇز، ئىت قاتارلىق نىجىس مەخلۇقلارنى دىنىمدىن ھارام دەپ بېكىتكەنلىكى ئۈچۈن(دىنىم تەرىپىدىن ھارام، دەپ بېكىتىلگەنلىكى ئۈچۈن) ، ئۇنداق نىجىس نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىدىن يىراق تۇرىمەن.
ئەمدى چۈشىنىشلىك بولدىمۇ؟
«خسلەتتىن» دېگەن سۆزنى مەن يازمىغان. ئۇنى «ئەينەك» ناملىق تورداش مۇشائىرە كەلتۈرۈپ شۇنداق يېزىپتىكەن، مەن شۇ پېتى كۆچۈرۈپ قويغان.
ئىزباسارغا ئېيتقان مەسىلە بىلەن يۇقارقى كۇبلىتتىكى مەسىلە ئوخشىمايدۇ. ئىزباسار قاپىيەنىڭ شەكلىنى ئالماش قاپىيەگە ئۆزگەرتىۋېتىپتىكەن.
ئەمما يۇقىرىدىكى سىز ئېيتقان شېئىردا قاپىيە ماس كەلمىگەن ئەھۋال يوق، ئاچ قاپىيە تۈرىگە چۈشىدۇ. قاپىيە دېگەن ئاساسلىقى ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشى ئەمەس، بەلكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشى. ئەڭ ئاخىرقى ئىككى سوزۇق تاۋۇشى ئوخشاش چىققان.
بەك ئۇششاق ئىشلارغا ئېسىلىۋېلىشقىلى تۇردۇق، بۇنداق ئىشلارنىڭ ئورنىغا ئاشۇ شېئىرغا كەلتۈرۈپ بىر كۇبلىت شېئىر يازساق ياكى جىم تۇرساق ئەۋزەل ئىدى.
[ بۇ يازمىنىoylinish 2011-10-03 17:15قايتا تەھرىرلىد ]