سەنئەت ساھەسىدىكى ئۆزىنىڭ ئۇتۇقلىرى بىلەن خەلقىمىزنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى دەپ نام ئالغان ئارتىسىمىز ئابدۇللا ئابدۇرىھىم ۋە سەنئەت بېغىدىكى يىگانە ۋە گىگانىت چولپان دەپ نام ئالغان ئارتىسىمىز زاھىر بورھان 1969-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى تۇغۇلغان ئىكەن . بەزىلەر ئۇلارنىڭ ئۆزگىچە ئۇسلۇپتىكى ناخشىلىرىدىن زوق ئالسا بەزىلەر ئۇلارنىڭ ئادىمىيلىكى ، ھاياتقا بولغان كۆز قاراشلىرى ۋە تۇرمۇشقا بولغان پۇزىتسىيىسىدىن زوق ئىزدەيدۇ .
دىمەكچىمەن، مەيلى چولپان ۋە ياكى شائىر ھەتتاكى جەمىيئەتنىڭ قايسى بىر ساھەسىدە ئۇتۇق قازېنىپ خەلقىمىزگە تونۇلغان ھەربىر قىرىندىشىمىزنىڭ ئۆزىنىڭ كەسپىدىلا ئەمەس ، تۇرمۇشتىكى گەپ_سۆز ، ئىش-ھەركەت ۋە كىشىلىك پەلسەپىىسىدىمۇ خەلقىمىز زوقلانغۇدەك توغرا ، ئۈلگۈلۈك يولنى تاللىشى مۇھىم دەپ قارايمەن . چۈنكى_____ ئۇلارنىڭ ھەربىر ئىش ھەركىتى جەمىيتىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىلىرىمىزگە تەسىر كۆرسىتىدۇ ۋە ھەتتاكى ئەينەك بولۇپ قالىدۇ .
بۇ ئىككەيلەننىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش يۈزىسى بىلەن ۋە ياكى يۇقۇرقى شېئىر ئارقىلىق بىزنىڭ قەلبىمىز غىدىقلانسا ، ھاياتتىكى تاللىشىمىز ، تۇرمۇشقا بولغان پۇزىتسىيىمىزدە مۇكەممەللىككە بۇرۇلۇش بولسا شۇ ئەڭ چوڭ نەتىجە .
[ بۇ يازمىنىrewayat713 2011-10-03 13:53قايتا تەھرىرل ]