查看完整版本: [-- ئابدۇللا ئابدۇرىھىم بىلەن زاھىر بورھان تۇغۇلغان كۈنىگە مۇبارەك --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> داڭلىق شەخسلەر -> ئابدۇللا ئابدۇرىھىم بىلەن زاھىر بورھان تۇغۇلغان كۈنىگە مۇبارەك [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

rewayat713 2011-10-01 22:55
[attachment=12750]


        سەنئەت ساھەسىدىكى ئۆزىنىڭ ئۇتۇقلىرى بىلەن خەلقىمىزنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى دەپ نام ئالغان ئارتىسىمىز ئابدۇللا ئابدۇرىھىم ۋە سەنئەت بېغىدىكى يىگانە ۋە گىگانىت چولپان دەپ نام ئالغان ئارتىسىمىز زاھىر بورھان 1969-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى تۇغۇلغان ئىكەن . بەزىلەر ئۇلارنىڭ ئۆزگىچە ئۇسلۇپتىكى ناخشىلىرىدىن زوق ئالسا بەزىلەر ئۇلارنىڭ ئادىمىيلىكى ، ھاياتقا بولغان كۆز قاراشلىرى ۋە تۇرمۇشقا بولغان پۇزىتسىيىسىدىن زوق ئىزدەيدۇ .
        دىمەكچىمەن، مەيلى چولپان ۋە ياكى شائىر ھەتتاكى جەمىيئەتنىڭ قايسى بىر ساھەسىدە ئۇتۇق قازېنىپ خەلقىمىزگە تونۇلغان ھەربىر قىرىندىشىمىزنىڭ ئۆزىنىڭ كەسپىدىلا ئەمەس ، تۇرمۇشتىكى گەپ_سۆز ، ئىش-ھەركەت ۋە كىشىلىك پەلسەپىىسىدىمۇ خەلقىمىز زوقلانغۇدەك توغرا ، ئۈلگۈلۈك يولنى تاللىشى مۇھىم دەپ قارايمەن . چۈنكى_____ ئۇلارنىڭ ھەربىر ئىش ھەركىتى جەمىيتىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىلىرىمىزگە تەسىر كۆرسىتىدۇ ۋە ھەتتاكى ئەينەك بولۇپ قالىدۇ .
         بۇ ئىككەيلەننىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش يۈزىسى بىلەن ۋە ياكى يۇقۇرقى شېئىر ئارقىلىق بىزنىڭ قەلبىمىز غىدىقلانسا ، ھاياتتىكى تاللىشىمىز ، تۇرمۇشقا بولغان پۇزىتسىيىمىزدە مۇكەممەللىككە  بۇرۇلۇش بولسا شۇ ئەڭ چوڭ نەتىجە .

بابۇرشاھ 2011-10-02 11:52
بۇ ئىككى ئەزىزلەرگە تېخىمۇ زور ئۇتۇق تىلەيمەن، ئۆزلۈك ئەكىس ئەتكەن ناخشىلىرىغا تەشنامىز !

amanxa 2011-10-02 12:28
تىما ئىگىسىگە رەھمەت سىنا تورىدىكى بىلوگىڭىزدا ھەقىقەتەن بەك ئىسىل سۈرەتلەر بار ئىكەن، رەھمەت سىزگە..
مەن مۇنبەردىكىلەرگە رەسىمدىكى بىلوگ ئادىرىسقا كىرىپ ، شۇ بىلوگدىكى رەسىملەرنى تەپسىلى كۆرۈپ چىقىشىڭلارنى قەتئىى تەۋسىيە قىلىمەن!

hotanoglani 2011-10-02 13:31
زاھىر بۇرھانىڭ تېگى بىزنىڭ خوتەن قارقاشلقكەن

kuwruk 2011-10-02 14:36
قاچان ئىكەن تۇغۇلغان كۇنى ،،خەلقىمزنىڭ خۇش ئاۋازلىق بۇلبۇللىرى مەڭگۇ سايرىسۇن!!!!!!!!!!

520ahsa 2011-10-02 16:01
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى hotanoglani نىڭ 2011-10-02 13:31 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
زاھىر بۇرھانىڭ تېگى بىزنىڭ خوتەن قارقاشلقكەن

ياق ئۇنداق ئەمەس .ئۇ شىنجاڭلىق ! ئۆزى بىر ناخشا كىچلكىدە شۇنداق دىگەن .

samanyoli 2011-10-02 16:05
نىمە ئىش قىلىدىغان ئادەملەر بۇ،،،،،،،،،،،،،،،،سەنئەتچىلەرما،،،،،،،،،،،،،،،،،   

007ئەركەك 2011-10-02 22:23

زايربوھان بلەن  ئابدۇللا بركۇندە تۇ غۇلۇلۇپ تكەنمۇ،،،،،،،،،ئېنق چۇشەن دۈرمەمسز.....قايسى كۇندە،،،


rewayat713 2011-10-02 22:37
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى بابۇرشاھ نىڭ 2011-10-02 11:52 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
بۇ ئىككى ئەزىزلەرگە تېخىمۇ زور ئۇتۇق تىلەيمەن، ئۆزلۈك ئەكىس ئەتكەن ناخشىلىرىغا تەشنامىز !


دۇرۇس ، بۇ ئىككەيلەننىڭ كەسىپتە  ئۆزگىچە ئۇسلۇبى بار . بولۇپمۇ زاھىر بورھان ، ئۇنى چۈشەنگەنلەر زاھىر بورھان سەنئەت بېغىدىكى يىگانە ۋە گىگانىت چولپان دىيىشىدۇ .

rewayat713 2011-10-02 22:41
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى amanxa نىڭ 2011-10-02 12:28 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
تىما ئىگىسىگە رەھمەت سىنا تورىدىكى بىلوگىڭىزدا ھەقىقەتەن بەك ئىسىل سۈرەتلەر بار ئىكەن، رەھمەت سىزگە..

 
سىزگىمۇ رەھمەت ،  تىخىمۇ كۆپ قىرىنداشلىرىمىز ئورتاق بەھىرلىنىپ بىر روھىي ئوزۇققا ئىرىشەلىسە ئەڭ نەتىجىلىك ئىش بولاتتى مەن ئۈچۇن .

amanxa 2011-10-02 22:50
مەن رەسىملەردىن بىرنى كۆچۈرۈپ ئەكىلىپ چاپلاپ قويغانىدىم، بىرى ئۆچۈرۈپتۇ، ھەممە ياشلار بىرلىكتە ماڭغان رەسىمكەن، بوينىغا ......ئىسىپچۇ؟

amanxa 2011-10-02 22:53
زاھىر بورھانغا شىنجاڭ ناخشا چولپىنى دىگەن نام ئەڭ ماس كىلىدۇ ئەسلى، تىرىك تاشۋاي دىسەكمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ، ئۇنىڭ ۋاپاسىز ياردىگەن ناخشىسىنى 15ياش ۋاقتىدا يىزىپتىكەن، بۇلۇتلار ئاراسىدا دىگەن ناخشىسىمۇ بار. ئۇنىڭ ناخشىلىرىدىن بىر-ئىككسىمۇ خەلىق ناخشىسى بوپ كەتتى ھازىر.

rewayat713 2011-10-02 23:02
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى hotanoglani نىڭ 2011-10-02 13:31 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
زاھىر بۇرھانىڭ تېگى بىزنىڭ خوتەن قارقاشلقكەن


بىرىلگەن ماتىرىياللاردا زاھىر بورھان ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان دىيىلگەن . دادىسى بورھان ناسىرى كومپىزىتور ، بوۋىسى ناسىر توختى جامائەت ئەربابى ، داموللا كىشى ئىكەنتۇق . يىغىپ ئىيىتساق ، خۇددى ahsa520 ئىيىتقاندەك تىگى شىنجاڭلىق ! دۇرۇس ، ئۆزىمۇ ئەينى يىلى ناخشا كىچىلىكىدە بۇ نۇقتىدا توختىلىپ ئۆتكەن .

tuprakbag 2011-10-02 23:25
ئاۋازى ساز ناخشىچىلار قىرائەتنىمۇ پەيزى قىلىدىغاندۇ ھە قاچان....

rewayat713 2011-10-02 23:35
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 7قەۋەتتىكى 007ئەركەك نىڭ 2011-10-02 22:23 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
زايربوھان بلەن  ئابدۇللا بركۇندە تۇ غۇلۇلۇپ تكەنمۇ،،،،،،،،،ئېنق چۇشەن دۈرمەمسز.....قايسى كۇندە،،،


1969يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى ئابدۇللا مارالبىشىدا ، زاھىر بورھان ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان ئىكەن .

rewayat713 2011-10-02 23:41
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 6قەۋەتتىكى samanyoli نىڭ 2011-10-02 16:05 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
نىمە ئىش قىلىدىغان ئادەملەر بۇ،،،،،،،،،،،،،،،،سەنئەتچىلەرما،،،،،،،،،،،،،،،،،   


سەنئەتكە ھىرىسمەن بولۇپ كىيىن خەلىق غىمىدە دەرتمەن بولغانلار .....

muslima32 2011-10-03 02:09
ئۇ بىلوگقا قانداق كىرىدۇ مەن ھەجەپ بىلەلمىدىمغۇ بەك كۆرگۈم بار ئىدى.

3=1+1 2011-10-03 02:25
زاھىر بورھاننىڭ بۇرۇنقى بىر ناخشىسى بولدىغان ئسىمى ئىنىق ئىسىمدا يوق

مەزمۇنى: <<ئەسلىمىزمۇ بىر ،ۋەسلىمىزمۇ بىر ،<نىشانىمىز بىر ،يولىمىز بىر > <<جان قىرىندا ش !! جان قىرىنداش>> دىگەندەك مەزمۇندا ئىدى بۇ ناخشا بار بولسا يوللاپ قويغان بولساڭلار !! ياكى ئادىرسىنى يوللاپ قويساڭلار!!

rewayat713 2011-10-03 04:48
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 16قەۋەتتىكى muslima32 نىڭ 2011-10-03 02:09 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئۇ بىلوگقا قانداق كىرىدۇ مەن ھەجەپ بىلەلمىدىمغۇ بەك كۆرگۈم بار ئىدى.


http://blog.sina.com.cn/pasian

بىناۋا 2011-10-03 05:22
مانا يەنە بىر تولۇقلىما:
تەمبۇر شاھى --مەرھۇم نۇرمۇھەممەت تۇرسۇنمۇ 1957-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى غۇلجىدا تۇغۇلغان.يەنى،
بۇ ئىككى سەنئەتكارغا ئوخشاش كۈندە تۇغۇلغان.

tamkin 2011-10-03 08:30
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 13قەۋەتتىكى tuprakbag نىڭ 2011-10-02 23:25 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئاۋازى ساز ناخشىچىلار قىرائەتنىمۇ پەيزى قىلىدىغاندۇ ھە قاچان....

ئابدۇللاھ  ئابدۇرەھىم قىرائەتنى شۇنداق چىرايلىق قىلىدۇ دەپ ئاڭلىغان ئىدىم . بولسا  كەڭسايغا تەكلىپ قىلىپ، قىرائىتىنى ئاڭلاپ باقساق بولۇپتىكەن .

ئىزباسار 2011-10-03 08:31
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 14قەۋەتتىكى rewayat713 نىڭ 2011-10-02 23:35 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :


1696 يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى ئابدۇللا مارالبىشىدا ، زاھىر بورھان ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان ئىكەن .



ۋوي تۇغۇلغان يىلىدىن قارغاندا بۇ ئىككەيلەننىڭ ئۈلىدىغان ۋاقتى كىلىپ ئۇتۇپ بۇپتۇغۇ...............
بۇ پىشقەدەملەر 315 ياشقا كىرىپتۇ ئەمەسمۇ  قېرغاندا ناخشا توۋلايمەن دىمەي ئۆتكۈزگەن ئۆمرىگە پۇشايمان قىلىپ تەۋبە قىلسا بولمامدىغاندۇ. تېخى ئۇزىنى قىيامەتنىڭ قامچىسى دەۋاپتۇ زاھىر بۇرھان....


كىشىلەرنىڭ ئەڭ ناچىرى ئۆمرى ئۇزۇن بولغان قىلغان ئەمەللىرى زالالەت ئۇستىدە بولغانلىرىدۇر.

muhtarbay 2011-10-03 08:54
زاھىر بۇرھاننىڭ نەرىنى ياخشى كورىدىغاندۇ بۇلار،گەپنىمۇ نورمال قىلالمايدىغان ئادەمنىڭ ناخشىسىدىن قانداق ھوزۇرلىنىدىكىنا

amanxa 2011-10-03 09:48
سىز ئۇنىڭ ناخشىلىرىنى، ئىجاد قىلغان مۇزىكىلرىنى ئاڭلاپ باقسىڭىز ئاندىن بىلەتتىڭىز مۇختەرباي

amanxa 2011-10-03 09:51
بولسا تىما يوللىغۇچىنىڭ بىلوگىغا كىرىپ كۆرۈپ چىقىڭ، كىملەر باركىن؟ بىلوگ ئادىرسى ئىككى ئارتىسىمىزنىڭ سۈرىتىدە بار ئىكەن، كۆچۈرۈپ يىزىڭ، مەن سىزگە تەۋسىيە قىلدىم چوقۇم كۆرۈڭ!!! مەن ئۇ بىلوگدىن كۆچۈرۈپ ئەكەلگەن رەسىمدىن بىرنى بىرسى يۇيۋىتپتۇ..

baxkidin 2011-10-03 10:11
قالدۇرغان ئادرىستا ھىچنىمە چىقمايدىغۇ بالىلار!

hotanoglani 2011-10-03 12:07
ئابدۇللامنىمۇ سۈرۈشتۈرۈپ كەلسە بىزنىڭ خوتەن قارقاشلىقمىكىن دەيمەن

rewayat713 2011-10-03 13:16
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 19قەۋەتتىكى بىناۋا نىڭ 2011-10-03 05:22 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مانا يەنە بىر تولۇقلىما:
تەمبۇر شاھى --مەرھۇم نۇرمۇھەممەت تۇرسۇنمۇ 1957-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى غۇلجىدا تۇغۇلغان.يەنى،
بۇ ئىككى سەنئەتكارغا ئوخشاش كۈندە تۇغۇلغان.


ئاپىرىن  !  ئەسلەپ ئۆتكىنىمىز يامان ئەمەس  ~~

rewayat713 2011-10-03 13:23
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 22قەۋەتتىكى muhtarbay نىڭ 2011-10-03 08:54 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
زاھىر بۇرھاننىڭ نەرىنى ياخشى كورىدىغاندۇ بۇلار،گەپنىمۇ نورمال قىلالمايدىغان ئادەمنىڭ ناخشىسىدىن قانداق ھوزۇرلىنىدىكىنا


ماۋۇ گەپ ھەقىقەتەنمۇ لايىقىدا چىقمىدى بۇرادەر ، ھەتتا ئۇ گاچا بولسۇن ، مەن ۋە نۇرغۇنلىغان ئۇنىڭ قەلبىنى چۈشىنىدىغان قىرىنداشلىرىمىز ئۇنىڭ ناخشىسىنىلا ئەمەس بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئادىمىيلىكى ، ئىنسانىي قىممەت قارىشىدىن ئوزۇق ئالىمىز . ئابدۇللا ناخشىنى ئىسىل ئوقۇغان بىلەن ئۇنىڭمۇ بىز لايىق كۆرمىگەن تىرەپلىرى بار ......

maniwer2010 2011-10-03 13:37
سەنئەتتە كۆڭۈلنى ئاچماققۇ ئوبدان ،سەنئەتكار تىللانسا بولمامدۇيامان ،،،،


查看完整版本: [-- ئابدۇللا ئابدۇرىھىم بىلەن زاھىر بورھان تۇغۇلغان كۈنىگە مۇبارەك --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.061528 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us