سەئۇدى ئەرەبىستان، كېلەر سەيشەنبە كۈنى دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدىكى مائارىپ مىنىسىتىرلەر ئىلمىي تەتقىقات يىغىنىغا ساھىپخانلىق قىلىدۇ. دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ ئۇيۇشتۇرىشىدىكى، ئىسلام دۇنياسى مائارىپ مىنىستىرلىرىنىڭ پەۋقۇلئاددە ئىلمىي تەتقىقات يىغىنى سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ئابدۇللاھ ئىبنى ئابدۇلئەزىزنىڭ ئالاھىدە كۆڭۈل بولىشى بىلەن كېلەر سەيشەنبە كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستان پايتەختى رىياد شەھىرىدە ئېچىلىدۇ. سەئۇدى ئەرەرىستان مائارىپ مىنىستىرى دوكتور خالىد ئىبنى مۇھەممەدىل ئەنقەرىي، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاي، دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەردىكى ھەر قايسى ئۇنۋېرستىتلارنىڭ، شۇنداقلا بىر قىسىم مائارىپ مېىنسىتىرلىكى قارمىقىدىكى ئورگانلارنىڭ تەرەققىياتىغا ئالاھىدە ھەسسە قوشىدىغانلىقىنى، ھەمدە شۇ ماۋزۇدا مۇزاكىرىلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈدى. قورۇلتاي ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، كېڭەشكە ئەزا دۆلەتلەردىكى ھەرقايسى ئۇنۋېرستىتلار ئۆز ئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش، ئۆز ئارا ئوقۇتقۇچى ۋە ئۇقۇغۇچى ئالماشتۇرۇش ئىشلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن. دوكتور ئەنقەرى يەنە 41 ئىسلام دۆلىتىنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئېچىلىدىغان بۇ قورۇلتاينىڭ كۆزلىگەن نىشاننى روياپقا چىقىرىشى ئۈچۈن دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ ئىمكاننىڭ بېرىچە كۈچ چىقىرۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
ش ئا ئە ت قوشۇنلىرى پاكىستاننىڭ بىر قىسىم رايونلىرىنى بومباردىمان قىلغاندىن كېيىن، پاكىستان قوشۇنلىرى ش ئا ئەت قوشۇنلىرىغا قايتارما زەربە بەردى. پاكىستان مەسئۇللىرى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو) قوشۇنلىرى كىچىك تىپتىكى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن پاكىستاننىڭ ئافغانىستان چېگرىسىغا جايلاشقان ۋەزىرىستان قەبىلە رايونىنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى، ھەمدە پاكىستان قوشۇنلىرىنىڭ ئۇلارغا قايتارما زەربە بەرگەنلىرىنى ئېيتتى. پاكىستاندا يەرلىك تىلدا چىقىدىغان ئېكىسپىرىس گېزىتىنىڭ، ۋەزىرىستان يەرلىك ھۆكۈمىتىدىن ئىككى نەپەر مەسئۇلنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، شىمالى ئاتلانتىك ئەھد تەشكىلاتىنىڭ كىچىك تىپتىكى ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرى، ۋەزىرىستاننىڭ غولامخان بازىسىغا 12 دانە باشقورىلىدىغان بومبا تاشلىغاندىن كېيىن. پاكىستان قوشۇنلىرى ئۇلارغا قارىتىپ 15 قېتىم زەمبىرەك ئاتقان. شۇنىڭ بىلەن شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قوشۇنلىرى ئافغانىستان تەرەپكە قاراپ قېچىپ كەتكەن. يەنە پاكىستاندا چىقىدىغان جەڭ گېزىتىنىڭ، نەخمەيداندىن كۆرگۈچىلەدىن ئالغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قوشۇنلىرى ئافغانىستان تەرەپكە قاچقاندىن، ئۇزۇن ئۆتمەيلا، شىمالىي ئاتلاتنىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرى نەچچە ھەسسە كۆپىيىپ ۋەزىرىىستان ئاسمىنىنى قويۇق تۈتەك قاپلىغان. شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قوشۇنلىرى بىلەن پاكىستان قوشۇنلىرى ئوتتۇرىسىدىكى بۇ تۇقۇنۇش، پاكىستاننىڭ ھەربى ۋە سىياسى رەھبەرلىرى، ھەر قانداق بىر كۈچنىڭ پاكىستاننىڭ زېمىنى ياكى ھاۋا بوشلىقىغا خالىغانچە كىرىشىگە قەتئى يول قويمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىنلا يىرىكلىشىكە باشلىغان.
ئىسرائىلىيە تاجاۋۇزچى قوشۇنلىرى غەززىگە يەنە يېڭىدىن ھۇجۇم قىلدى. ئىسرائىلىيە تاجاۋۇزچى قوشۇنلىرىنىڭ بۈگۈن تاڭ سەھەردە، قاسسام تەشكىلاتى قارمىقىدىكى بىر ئەسكەر تەربىيلەش ئورنىنى نىشانلاپ غەززىگە يەنە يېڭىدىن ھۇجۇم قىلغانلىقى ئېلان قىلىندى. يەرلىك ئاخبارات ۋاستلىرى دۈشمەن ئىسرائىلىينىڭ تاجاۋۇزچى قوشۇنلىرىنىڭ بۈگۈن تاڭ سەھەردە غەززى رايونىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان مەغازى ھەربى لاگىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىنى ئىككى قېتىم ھاۋادىن بومباردىمان قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئەمما بۇ قېتىمقى ھەرىكەتتە قانچىلىك ئۆلۈم - يېتىم ياكى ماددى زىيان كۆرۈلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىدى. بىراق ئەتراپتىكى كىچىك بالىلار ۋە ئاياللار قاتتىق ئالاقزادە بولۇپ كەتكەن.
روسىيە بىلەن شىمالى كورىىيە 6 تەرەپ بىرلەشمە سۆھبىتىنىڭ يەنە ئەسلىگە كېلىشى ھەققىدە سۆھبەتلەشتى.
روسىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەندەرى دېينسوف، شىمالى كورىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كېم گې گۋاڭ ۋە مىللىي ئالى كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن ھەيئەت رەئىسى، شىمالى كورىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ئىككىنچى قول مۇئاۋىنى كۇڭ سۇڭ ئۇن مۇشۇ 9 - ئاينىڭ 28 – كۈنىدىن 30 – كۈنىگىچە، كورىيىنىڭ ئاتوم مەسىلىسى ھەققىدىكى 6 تەرەپ سۆھبىتىنىڭ يەنە يېڭىدىن ئەسلىگە كېلىشى توغرىسىدا مەخسۇس سۆھبەت ئۆتكۈزدى. روسىيە تاشقى ئىشلار مىنستىرى 8 – ئاينىڭ 24 – كۈنى روسىيە – شىمالى كورىيە ئىككى تەرەپ ئۇچراشقاندىن بىرى ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىىملەرنى كۈچكە ئىگە قىلىش ھەققىدە مۇزاكىرەلەشكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. شۇنداقلار ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ھەر ساھە ھەمكارلىق ئالاقىسىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇش توغرىسىدا مۇزاكىرىلەشكەنلىكى ھەمدە شىمالى شەرقى ئاسىيانىڭ ۋەزىيىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇشتا ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشنڭ مۇھىملىقىنى ئېيتتى.
س ج...................