查看完整版本: [-- پاكىستان قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى . --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> خەلىقئارا خەۋەرلىرى -> پاكىستان قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى . [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

gayrat828 2011-10-01 19:13
[attachment=12747]
سەئۇدى ئەرەبىستان، كېلەر سەيشەنبە كۈنى دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشىدىكى مائارىپ مىنىسىتىرلەر ئىلمىي تەتقىقات يىغىنىغا ساھىپخانلىق قىلىدۇ. دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ ئۇيۇشتۇرىشىدىكى، ئىسلام دۇنياسى مائارىپ مىنىستىرلىرىنىڭ پەۋقۇلئاددە ئىلمىي تەتقىقات يىغىنى سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ئابدۇللاھ ئىبنى ئابدۇلئەزىزنىڭ ئالاھىدە كۆڭۈل بولىشى بىلەن كېلەر سەيشەنبە كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستان پايتەختى رىياد شەھىرىدە ئېچىلىدۇ. سەئۇدى ئەرەرىستان مائارىپ مىنىستىرى دوكتور خالىد ئىبنى مۇھەممەدىل ئەنقەرىي، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاي، دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەردىكى ھەر قايسى ئۇنۋېرستىتلارنىڭ، شۇنداقلا بىر قىسىم مائارىپ مېىنسىتىرلىكى قارمىقىدىكى ئورگانلارنىڭ تەرەققىياتىغا ئالاھىدە ھەسسە قوشىدىغانلىقىنى، ھەمدە شۇ ماۋزۇدا مۇزاكىرىلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈدى. قورۇلتاي ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، كېڭەشكە ئەزا دۆلەتلەردىكى ھەرقايسى ئۇنۋېرستىتلار ئۆز ئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش، ئۆز ئارا ئوقۇتقۇچى ۋە ئۇقۇغۇچى ئالماشتۇرۇش ئىشلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن. دوكتور ئەنقەرى يەنە 41 ئىسلام دۆلىتىنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئېچىلىدىغان بۇ قورۇلتاينىڭ كۆزلىگەن نىشاننى روياپقا چىقىرىشى ئۈچۈن دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ ئىمكاننىڭ بېرىچە كۈچ چىقىرۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
[attachment=12748]
ش ئا ئە ت قوشۇنلىرى پاكىستاننىڭ بىر قىسىم رايونلىرىنى بومباردىمان قىلغاندىن كېيىن، پاكىستان قوشۇنلىرى ش ئا ئەت قوشۇنلىرىغا قايتارما زەربە بەردى. پاكىستان مەسئۇللىرى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو) قوشۇنلىرى كىچىك تىپتىكى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن پاكىستاننىڭ ئافغانىستان چېگرىسىغا جايلاشقان ۋەزىرىستان قەبىلە رايونىنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى، ھەمدە پاكىستان قوشۇنلىرىنىڭ ئۇلارغا قايتارما زەربە بەرگەنلىرىنى ئېيتتى. پاكىستاندا يەرلىك تىلدا چىقىدىغان ئېكىسپىرىس گېزىتىنىڭ، ۋەزىرىستان يەرلىك ھۆكۈمىتىدىن ئىككى نەپەر مەسئۇلنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، شىمالى ئاتلانتىك ئەھد تەشكىلاتىنىڭ كىچىك تىپتىكى ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرى، ۋەزىرىستاننىڭ غولامخان بازىسىغا 12 دانە باشقورىلىدىغان بومبا تاشلىغاندىن كېيىن. پاكىستان قوشۇنلىرى ئۇلارغا قارىتىپ 15 قېتىم زەمبىرەك ئاتقان. شۇنىڭ بىلەن شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قوشۇنلىرى ئافغانىستان تەرەپكە قاراپ قېچىپ كەتكەن. يەنە پاكىستاندا چىقىدىغان جەڭ گېزىتىنىڭ، نەخمەيداندىن كۆرگۈچىلەدىن ئالغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قوشۇنلىرى ئافغانىستان تەرەپكە قاچقاندىن، ئۇزۇن ئۆتمەيلا، شىمالىي ئاتلاتنىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرى نەچچە ھەسسە كۆپىيىپ ۋەزىرىىستان ئاسمىنىنى قويۇق تۈتەك قاپلىغان. شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قوشۇنلىرى بىلەن پاكىستان قوشۇنلىرى ئوتتۇرىسىدىكى بۇ تۇقۇنۇش، پاكىستاننىڭ ھەربى ۋە سىياسى رەھبەرلىرى، ھەر قانداق بىر كۈچنىڭ پاكىستاننىڭ زېمىنى ياكى ھاۋا بوشلىقىغا خالىغانچە كىرىشىگە قەتئى يول قويمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىنلا يىرىكلىشىكە باشلىغان.
[attachment=12749]
ئىسرائىلىيە تاجاۋۇزچى قوشۇنلىرى غەززىگە يەنە يېڭىدىن ھۇجۇم قىلدى. ئىسرائىلىيە تاجاۋۇزچى قوشۇنلىرىنىڭ بۈگۈن تاڭ سەھەردە، قاسسام تەشكىلاتى قارمىقىدىكى بىر ئەسكەر تەربىيلەش ئورنىنى نىشانلاپ غەززىگە يەنە يېڭىدىن ھۇجۇم قىلغانلىقى ئېلان قىلىندى. يەرلىك ئاخبارات ۋاستلىرى دۈشمەن ئىسرائىلىينىڭ تاجاۋۇزچى قوشۇنلىرىنىڭ بۈگۈن تاڭ سەھەردە غەززى رايونىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان مەغازى ھەربى لاگىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىنى ئىككى قېتىم ھاۋادىن بومباردىمان قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئەمما بۇ قېتىمقى ھەرىكەتتە قانچىلىك ئۆلۈم - يېتىم ياكى ماددى زىيان كۆرۈلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىدى. بىراق ئەتراپتىكى كىچىك بالىلار ۋە ئاياللار قاتتىق ئالاقزادە بولۇپ كەتكەن.

[attachment=12749]

روسىيە بىلەن شىمالى كورىىيە 6 تەرەپ بىرلەشمە سۆھبىتىنىڭ يەنە ئەسلىگە كېلىشى ھەققىدە سۆھبەتلەشتى.
روسىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەندەرى دېينسوف، شىمالى كورىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كېم گې گۋاڭ ۋە مىللىي ئالى كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن ھەيئەت رەئىسى، شىمالى كورىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ئىككىنچى قول مۇئاۋىنى كۇڭ سۇڭ ئۇن مۇشۇ 9 - ئاينىڭ 28 – كۈنىدىن 30 – كۈنىگىچە، كورىيىنىڭ ئاتوم مەسىلىسى ھەققىدىكى 6 تەرەپ سۆھبىتىنىڭ يەنە يېڭىدىن ئەسلىگە كېلىشى توغرىسىدا مەخسۇس سۆھبەت ئۆتكۈزدى. روسىيە تاشقى ئىشلار مىنستىرى 8 – ئاينىڭ 24 – كۈنى روسىيە – شىمالى كورىيە ئىككى تەرەپ ئۇچراشقاندىن بىرى ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىىملەرنى كۈچكە ئىگە قىلىش ھەققىدە مۇزاكىرەلەشكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. شۇنداقلار ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ھەر ساھە ھەمكارلىق ئالاقىسىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇش توغرىسىدا مۇزاكىرىلەشكەنلىكى ھەمدە شىمالى شەرقى ئاسىيانىڭ ۋەزىيىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇشتا ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشنڭ مۇھىملىقىنى ئېيتتى.

س ج...................

samanyoli 2011-10-01 19:28
پاكىستانلىقلار ئازراق غۇرۇرىغا ئاپتۇ دە بۇ قېتىم،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،يارىماس داشقاللار،،،،،،

520ahsa 2011-10-01 20:24
پاكستانى ئامىركا بېسۋالسا دەيمەن .چۈنكى مەن  بۇ دۆلەتكە ئۆش! چۈنكى ھاكميەتنى يەڭگۈشسىلە بەك ياخشى بۇلاتى|!   

uyghur 2011-10-01 20:45
بۇرۇنراق شۇنداق قىلىدىغان ئىشتى ئەسلى...

oylinish 2011-10-01 20:52
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى 520ahsa نىڭ 2011-10-01 20:24 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
پاكستانى ئامىركا بېسۋالسا دەيمەن .چۈنكى مەن  بۇ دۆلەتكە ئۆش! چۈنكى ھاكميەتنى يەڭگۈشسىلە بەك ياخشى بۇلاتى|!   

ئامرىكا -ئىراق ئۇرۇشى مەزگىلىدە بىر مۇخبىر بىر ئىراقلىق ئايالدىن سادامنى قوللامسىز ياكى  بوشنىمۇ  دەپ سورىغان چاغدا ئۇ ئايال مۇنداق جاۋاب بەرگەن:
- ساددام بىزگە يىگىرمە نەچچە يىلدىن بېرى ئىنتايىن كۆپ زۇلۇم قىلدى، ئۇ بىر مۇستەبىت، ئۇنى ئىنتايىن يامان كۆرىمەن.  ئەمما، بۇ ئۇرۇشتا ساددامنىڭ غەلبە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

oguzhan 2011-10-01 22:57
مۇرتەتلەرگە ئەمدى نىمە بولغاندۇ.

nida0998 2011-10-01 23:11
  


پاكستانى ئامىركا بېسۋالسا دەيمەن .چۈنكى مەن  بۇ دۆلەتكە ئۆش! چۈنكى ھاكميەتنى يەڭگۈشسىلە بەك ياخشى بۇلاتى|!    



بۇ قانداق گەپ ..................

natsist 2011-10-01 23:58
پاكىستان زادى نىمىش قىلماقچىدۇ

newruz 2011-10-02 00:49
ساددام بىزگە يىگىرمە نەچچە يىلدىن بېرى ئىنتايىن كۆپ زۇلۇم قىلدى، ئۇ بىر مۇستەبىت، ئۇنى ئىنتايىن يامان كۆرىمەن.  ئەمما، بۇ ئۇرۇشتا ساددامنىڭ غەلبە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

مانا بۇ ياخشى ئىنكاس! مۇسۇلمانلار قېرىندىشىنىڭ ئولۇمىنى تاماشا قىلمايدۇ، غەيۋىتىنى قىلمايدۇ. دۇئا قىلىدۇ ياردەم قىلىدۇ!

mezxepsiz 2011-10-02 10:52
、ئۇرۇشقاق ئامېرىكىلىكلار ،نەگە بارسا ئۇرۇشۇپلا يۈرگەن
بىچارە ئوباما ئاخرى روھى كېسەل بولۇپ قالىدىغان بولدى

520ahsa 2011-10-02 15:59
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 6قەۋەتتىكى nida0998 نىڭ 2011-10-01 23:11 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
  


پاكستانى ئامىركا بېسۋالسا دەيمەن .چۈنكى مەن  بۇ دۆلەتكە ئۆش! چۈنكى ھاكميەتنى يەڭگۈشسىلە بەك ياخشى بۇلاتى|!    

.......

بۇ ھىشقانداق گەپ ئەمەس .مەن پەقەت سىلەرنىڭ ئىنكاسىڭلارنى كۆرۈپ باقاي دىگەن .مەنمۇ مۇسۇلمان  قېرنداشلارغا زۇلۇم بۇلىشنى خالمايمەن  . پاكستان ھۆكىمتنىڭ خاتا سىياستى بۇلۇپمۇ بەزى مۇسۇلمان مىللەتلەرگە قىلغان يامان  ئەسكى ئىشلىرنى ئويلىسام. كۈچۈم يەتسە ئۈزۈملا بىر تەرەپ قىلۋەتسەم،  مەينەت. پاسكىنا؛ ئېغىزى يۇمۇلامىكىن دەيمەن .لىكن ئادەملەرنىڭمۇ ياخشىسى بار يامىنىنمۇ بار .مەن بۇ خاتالىقنق پاكستان خەلىقگە يۈكلىمەي .ھۆكمەتكىلا ئارتىشىم كېرەك .مەن باشتىكى ئىنكاسنى يازغاندا سەل ئۆزەمى تۇتىۋالالماي قاپتىمەن .كەچۈرۈڭلار !

agah 2011-10-02 16:31
ئامىرىكىنىڭ بۇندىن كېيىن قىلىدىغان ئۇرۇشلىرى ئىسرائىلىيەگە ۋاكالىتەن قىلدىغان دىنى ئۇرۇش .
مۇشۇنداق تارىخى شارائىتتا ئوبامادەك ئىسلامدىن مۇناپىققا ئۆزگەرگەن نېگىرنىڭ چىقىشى ۋەزىيەتكە
ئۇيغۇن .11-سىنتەبىردىن كېين ب د ت ۋە ئامىرىكا ئۆزى تىكلىگەن ئاتالمىش دېموكىراتىيەنى دەسسەپ
چەيلىدى .ئەمدى ئامىرىكا ئازراق ئارام ئېلىشى ھەمدە ئوبرازىنى تىكلىشى كىرەك .ۋەزىيەت تەقەززاسىدا
ئامىرىكا كۈچ ئىشلىتىشنى ئاز قىلىپ ئىسلام دۇنياسىدىن تاللانغان مۇناپىق ئوباما ئارقىلىق ھىلە مىكىر
ۋە پىتنە پاسات ئارقىلىق ئوتتۇرا شەرىق ۋەزىيىتىنى ئۆزىگە پايدىلىق قىلىشى كىرەك .ھەمدە كەلگۈسىدىكى
زور ئۇرۇشلار ئۈچۈن ئىقتىساد ۋە سىياسىي مۇھىت ھازىرلىشى كىرەك .
ئوباما ئىسلامنى چۈشىنىدۇ .شۇڭا  ئىسلامغا زەربە بىرىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان .
قان ۋە ياشقا تولغان يېڭى جاھان ئۇرۇشلىرىنىڭ شەپىلىرى كېلىۋاتىدۇ .
ھامىنى ئوتتۇرا شەرىق ۋە جەنوبىي دېڭىزنى يېڭى جاھان ئۇرىشىنىڭ ئوق دورىىلىرى قاپلايدۇ .
پاكىستان ھۆكىمىتى بىر پىچكىگە ئايلىنىپ بولدى .يارلانغان توشقانمۇ جان ئاچچىغىدا چىشلەيدۇ .
ئاللاھ ئۇيغۇر قەۋمىنى يەمچۇك بولۇشتىن ساقلىسۇن ئامىن .

جەڭچى 2011-10-02 21:48
ئاللاھ ئىگمىز    بۇ رەزىل ئەبلەخ لەرنىڭ  نىيتىگە يەتكۈزمىگەي.

ئىزباسار 2011-10-02 22:12
تۈمۈر خەلىفىنىمۇ ياڭ جۇڭجاڭ ئۆز سۆزىگە كۆندۇرەلمەي ئىسلام دەۋاسى قىلىدىغان بىر تۇڭگان ئارقىلىق تۈمۈر خەلىفىنى كىڭىشىشكە قايىل قىلغان. ئۇ تۇڭگان مۇسۇلمانلىق دەۋاسى قىلىپ تۇرۇپ تۈمۈر خەلىفىنى ياڭجۇڭجاڭغا تۇتۇپ ئۇرۇمچىگە ئەكىلىپ بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۈرۈمگە كەلگەن تۇمۇر خەلىفە ئازراق ۋاقىتتىن كىيىن ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىنى بىلىپ قۇمۇلغا تاغدىكى سەپداشلىرىنىڭ يېنىغا كىتىشنى ئويلاپ يۇرۋاتقاندا ئۆزىنىڭ تۇڭچىسىنىڭ خاينلىق قىلىشى بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.
مانا بۇنىڭدىن كۇرۋېلىشقا بۇلىدۇكى غەيرى دىندىكى دۈشمەندىن ئۆز دىندىكى دۈشمەن نەچچە ھەسسە خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلۋالغىلى بۇلىدۇ....
ئامىركا ياڭجۇڭجاڭ بولسا پاكىستان تۈمۈر خەلىپىنى ئالدىغان تۇڭگان (ماشىفۇ غۇ دەيمەن ئىسمى ئىنىق ئىسىمدە يوق) بولدى...

ansariy 2011-10-03 00:21
ئاگاھ گەپنىڭ نېقىنى قىلىۋىتىپتۇ مانا .

muslima32 2011-10-03 15:23
يائاللاھ مۇشۇ دۇنيادىكى مۆئمىن مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنى ھەر جاي ھەر-يەرلەردە بولسۇن ئامان -ئىسەن قىلغايلا،شۇ قار نىيەت كۇپپارلارنىڭ ھىلى-مىكىرلىرنى ئەمەلگە ئاشۇرمىغايلا،شۇ ئىسلام ئۈچۈن كۈرەش قىلۋاتقان شۇمۇجاھىدلىرىمىزگە ھەر ۋاقىىت غەلبە ۋە ئۈستۈنلۈك ئاتا قىلغايلا،ئامىن.................................................................


查看完整版本: [-- پاكىستان قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى . --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.061810 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us