جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 29-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى تۈنۈگۈن ئاشكارا يىغىن ئۆتكۈزۈپ، پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش يولىدا ئىزدىنىش ئىلتىماسىنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە قاراشلىق يېڭى ئەزالارنى قوبۇل قىلىش كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈشىگە سۇندى.
بۇ پەلەستىن 23-سېنتەبىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش ئىلتىماسىنى سۇنغاندىن بۇيان، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تۇنجى قېتىم بۇ مەسىلە توغرىسىدا ئۆتكۈزگەن ئاشكارا يىغىنى، شۇنداقلا خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئالاقىدار تەرتىپلىرى بويىچە پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا كىرىشى ئىلتىماسىغا قارتا قوللانغان تۇنجى قەدىمى. شۇ كۈندىكى يىغىن ئىنتايىن قىسقا بولۇپ، ئۇچ مىنۇت داۋاملاشتى.
پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا 15 دۆلەت ئىچىدە 9 دۆلەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى، دائىمىي ئەزا بەش دۆلەت قارشى تۇرمىدى، ئامېرىكا بۇندىن ئىلگىرى پەلەستىننىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ئەزالىق ئورنى ئۈستىدە ئىزدىنىشىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرگەن ئىدى.
قارىغاندا پەلەستىننىڭ ب د ت نىڭ رەسمىي ئەزاسى بولۇشىدىن ئۈمىد بار ئوخشايدۇ .
