查看完整版本: [-- دۆلىتىمىز يەھۇدىيلار مەھەللىسى پىلانىغا قارىشى تۇردى --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> خەلىقئارا خەۋەرلىرى -> دۆلىتىمىز يەھۇدىيلار مەھەللىسى پىلانىغا قارىشى تۇردى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

gayrat828 2011-09-29 15:15

[attachment=12690]
دۆلەت تەرەققىيات ئىسلاھات كومېتىتى بۈگۈن دېھقانلارنىڭ يەر تېرىش ئاكتىپچانلىقىنى قوغداپ ،ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى ئىىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ، 2012- يىلى ئىشلەپچىقىرىلغان ئاق بۇغداي قىزىل بۇغداي ۋە ئارلاش بۇغداينىڭ ئەڭ تۆۋەن سېتىۋىلىش باھاسىنى ئۆستۈرۈشنى يەنى ھەر 50 كىلوگىرامنىڭ باھاسنى 102 يۈۋەنگە ئۆستۈرۈشنى قارار قىلغان .
[attachment=12690]
دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز بۈگۈن جۇڭگو تەرەپ ئىسرائىلىيەنىڭ شەرىقى يىرۇسالىمدا يەھودىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش نوقتىسى كېڭەيتىش پىلانىنى تەستىقلىغانلىقىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى . ئىسرائىلىيە ئىىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن شەرىقى يىرۇسالىمدا 1100 يۈرۈش يەھۇدىلار ئولتۇراق جاينى قۇرۇش پىلانىنى تەستىقلىغان .
. [attachment=12690]
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلقىمىزنىڭ باياناتچىسى 28-مىزان ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال -ياراق سېتىپ بېرىشىدىن كېلى چىىققان ئېغىر زىيان تۈپەيلىدىن جۇڭگو ئارمىيەسى بىلەن ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ يۇقۇرى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ پىلان ئىچىدىكى قىسمەن بېرىش-كېلىشىنى ، بىرلەشمە مانۋېر ئۆتكۈزۈشى ۋە چوڭ تۈردىكى پائالىيەتلىرى چوقۇم تەسىرگە ئۇچىرايدىغانلىقىنى بىلدۈردى .
. [attachment=12690]
شاڭخەيدىكى مىترۇ قوغلىشىپ مېڭىش ھادىسسىنى دەسلەپكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى . شۇ كۈنى ئۈسكىنىلەردىن تۇيۇقسىز توك كەتكەنلىكتىن ،تىرانسىپورت سىگىنالى ئۈزۈلۈپ قالغان . مىترونى ئادەم كۈچى بىلەن باشقۇرۇش جەريانىدا مۇناسىۋەتلىك خادىملار ئالاقىدار باشقۇرۇش بەلگىلىمىرلىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلمىغانلىقتىن بۇ ۋەقە كېلىپ چىققان .
. [attachment=12689]
قەشقەرنىڭ ئەڭ قىممەت باھالىق بىر دولان قويىنىڭ باھاسى 14 مىلىيۇن يۈۋەنگە چىقتى .


ئۆركەش 2011-09-29 15:20
      شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ تېلىگراممىسىغا ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە « ئېروسالىم رايونلۇق پىلان كومېتىتى» 27-سېنتەبىر شەرقىي ئېروسالىمنىڭ جېلو رايونىغا 1100 يۈرۈش يېڭى يەھۇدىي ئولتۇراق ئۆيلىرىنى سېلىشنى تەستىقلىغان.
         رايونلۇق پىلان كومېتىتى ئىسرائىلىيە ئىچكى كابېنتىغا تەۋە بولۇپ، ئىچكى كابېنتنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا،ئەگەر ئاممىنىڭ يېڭىدىن يەھۇدىي مەھەللىسى قۇرۇش پىلانىغا قارىتا پىكرى بولسا 60 كۈن ئىچىدە قارشى پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويسا بولىدىكەن.
         ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ باياناتى ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق مۇساپىسىدىكى ئىسرائىلىيە-پەلەستىن سۆھبىتىنىڭ نازۇك مەزگىلىگە توغرا كەپ قالدى. نەچچە كۈن بۇرۇن، پەلەستىن مىللىي ھوقۇقلۇق ئورگىنىنىڭ رەئىسى مەھمۇد.ئابباس ب د ت نىڭ باش كاتىبى بان كىمونغا ب د ت غا ئەزا بولۇش توغرىسىدا ئەمدىلا ئىلتىماس سۇنغانىدى.
        بىر قىسىم تەھلىلچىلەرنىڭ باھا بېرىشىچە، ئەمەلىيەتتە ئىسرائىلىيە 27-چېسلا ئېلان قىلغان يېڭى مەھەللە قۇرۇش پىلانى پەلەستىن تەرەپنىڭ پوزىتسىيىسىنى خېلى قاتتىق چېكىپ، ئىككى تەرەپ سۆھبىتىنى قىيىنلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.
         ئامېرىكا گوۋۇيۈەنىنىڭ باياناتچىسى ۋېكتورىيە.نيۇلەند 27-چېسلا مۇنداق دەپ بىلدۈردى: ئامېرىكا ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ شۇ كۈنى شەرقىي يېرۇسالېمدا يېڭى مەھەللە قۇرۇش پىلانىنى تەستىقلىغانلىقىغا قارىتا « چوڭقۇر ئۈمىدسىزلەنگەن»لىكىنى بىلدۈرىدۇ، مەزكۇر قىلمىش ئىسرائىلىيە-پەلەستىن ئىككى تەرەپنىڭ بىۋاسىتە سۆھبىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۆرسىتىلگەن تىرىشچانلىقلارغا قارىتا «ئەكس تەسىر» كۆرسىتىدۇ.

مەنبە - نۇر تورى

tuprakbag 2011-09-29 15:46
ئاۋۇ قوي ئاقسۇدىكى بىر  قاراباشنىڭ قويى دەۋاتقان.....يەنە مۇشۇ خەقنىڭ قولىدىكى قوي قىممەت بولىدىكەن يا!

yaxauyhur 2011-09-29 17:01
مايانغا قايلىسلا غوجام  مالغا قايلاپ ئالدىغان نەرسەئۇ .    

mollamat 2011-09-29 17:05
قەشقەرلىككە ئۆچ ئوخشىمامسىز بۇردەر؟  ماۋۇ خەق دەپ كېتىپسىزغۇ؟...........
ئاقسۇدا تۇرۇپ مەن ئۇنداق قوي كۆرۈپ باقماپتىمەن...

dulbarqin310 2011-09-29 17:08
ئەجەپ قىممەت قويكىنا ئۇ ھە!

oylinish 2011-09-29 22:51
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى mollamat نىڭ 2011-09-29 17:05 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
قەشقەرلىككە ئۆچ ئوخشىمامسىز بۇردەر؟  ماۋۇ خەق دەپ كېتىپسىزغۇ؟...........
ئاقسۇدا تۇرۇپ مەن ئۇنداق قوي كۆرۈپ باقماپتىمەن...

چۈشەنمەپسىز بۇرادەر!
قارا باشنىڭ قويىكەن دىگەندەك قىلىۋاتقان،  دېگەن گەپنى ئاڭلىمىدىڭىزما؟  قارا باش  كىم؟

شابان 2011-09-30 16:01
ھەي

ئۆركەش 2011-09-30 16:22
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 29-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى تۈنۈگۈن ئاشكارا يىغىن ئۆتكۈزۈپ، پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش يولىدا ئىزدىنىش ئىلتىماسىنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە قاراشلىق يېڭى ئەزالارنى قوبۇل قىلىش كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈشىگە سۇندى.

بۇ پەلەستىن 23-سېنتەبىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش ئىلتىماسىنى سۇنغاندىن بۇيان، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تۇنجى قېتىم بۇ مەسىلە توغرىسىدا ئۆتكۈزگەن ئاشكارا يىغىنى، شۇنداقلا خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئالاقىدار تەرتىپلىرى بويىچە پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا كىرىشى ئىلتىماسىغا قارتا قوللانغان تۇنجى قەدىمى. شۇ كۈندىكى يىغىن ئىنتايىن قىسقا بولۇپ، ئۇچ مىنۇت داۋاملاشتى.

پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا 15 دۆلەت ئىچىدە 9 دۆلەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى، دائىمىي ئەزا بەش دۆلەت قارشى تۇرمىدى، ئامېرىكا بۇندىن ئىلگىرى پەلەستىننىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ئەزالىق ئورنى ئۈستىدە ئىزدىنىشىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرگەن ئىدى.

قارىغاندا پەلەستىننىڭ ب د ت نىڭ رەسمىي ئەزاسى بولۇشىدىن ئۈمىد بار ئوخشايدۇ .

بىسمارك 2011-09-30 19:56
دۆلىتىمىز پەلەستىننىڭ ب دت غا ئەزا بوپ كىرىشىنى قوللىدى. پەلەستىن تەرەپمۇ دۆلىتىمىزگە بىر جوڭگۇ سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى!

kuwruk 2011-09-30 20:38
[quote]بۇ مەزمۇن 9قەۋەتتىكى بىسمارك نىڭ 2011-09-30 19:56 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
دۆلىتىمىز پەلەستىننىڭ ب دت غا ئەزا بوپ كىرىشىنى قوللىدى. پەلەستىن تەرەپمۇ دۆلىتىمىزگە بىر جوڭگۇ سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى! ...............
---ئەلۋەتتە شۇنداق بۇلىدىدە ،،مەنپىئەت بىرنچى ،،دۇسلوق ئىككىنچى دىگەننى ئاڭلىغانما؟؟؟

كۈرەش 2011-10-01 08:28
ھەي قىرىندىشىم !
ئۆزباش بىلەن قاراباشنى تىخى بىلمەمسىز؟

520ahsa 2011-10-01 13:07
پايدا مەنپەت بىرنچى .
! ھىچكىم بەكەغا ئىش قىلمايدۇ ھازىر.


查看完整版本: [-- دۆلىتىمىز يەھۇدىيلار مەھەللىسى پىلانىغا قارىشى تۇردى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.068808 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us