يەنە بىر قاتتىق مۇنازىرىلىشىپ باقايلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، قېرىندىشىنى ئويلايدىغان تەڭ، مۇنبەرلەرنىڭ ئېسىلىدۇر ئەڭ، كۆكسى- قارنى ھەممىدىن بەك كەڭ بولغان كەڭساي مۇنبىرىدىكى ئەزالار! ئۆتۈپ كەتكەن روزا ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! ئاللاھ كېيىنكى ھېيتلىرىمىزنى تېخىمۇ ياخشى قىلىپ بەرسۇن!
ئەمدى مەخسەتكە كەلسەك، مەن بۇنىڭدىن تەخمىنەن بىر يىل ئىلگىرى مۇشۇ مۇنبەردە «قاتتىق بىر مۇنازىرىلىشىپ باقايلى» دەپ بىر تېما يوللىغانىدىم. ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئۇ مۇنازىرە ھەقىقەتەن ئېسىل بىر مۇنازىرە بولغانىدى. ئۇ ئىشلارغا مانا ئەمدىلىكتە بىر يىل بولاي دەپ قاپتۇ. بۇ جەرياندا مۇنبىرىمىزنىڭ ئەزالىرى خېلىلا كۆپەيدى.
شۇ سەۋەبتىن، مۇنبەرداشلار بىلەن يەنە بىر قېتىملىق مۇنازىرە پائالىيتى ئېلىپ بارماقچىمەن. بۇ قېتىمقى مۇنازىرە مەزمۇنى سەل ئالاھىدە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئاۋۋال بىر ھىكايە ئېيتىمەن، ئاندىن شۇ ھىكايىنى تەھلىل قىلىمىز.
بۇ مۇنازىرە تېمىسىنى ئوقۇپ بەكلا ئاددىي چۈشىنىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن، ئەمما، ئەگەر بۇ مۇنازىرىگە قاتناشسىڭىز مۇنازىرە ئاخىرىدا ئۆزىڭىز ئويلاپ باقمىغان ئېسىل نەتىجىگە ئېرىشىسىز، شۇڭا ھەر بىرىڭىزنىڭ مۇنازىرىگە ئاۋاز قوشۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئۇنداقتا تۆۋەندىكى ھېكايىگە قۇلاق سېلىڭ:
1- مۇنازىرە تېمىسى:
مەلۇم يۇرتتا بىر پادىشاھ بولغانىكەن. دۆلىتى ئىنتايىن پاراۋان، باي ئىكەن. شۇ يۇرتتا بىر ئەر -خوتۇن بولۇپ، نېمە سەۋەبدۇركى، ئۇلار پادىشاھقا ئۆكتە قوپقانلىقى ئۈچۈن ئېرىنىڭ كاللىسى ئېلىنىپتۇ. خوتۇنىغا رەھىم قىلىپ ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا بۇيرۇلۇپتۇ. بۇ چاغدا ھېلىقى ئايال ھامىلىدار ئىكەن. زىندانغا كىرگەندىن كېيىن ھېلىقى بالىنى يەڭگىپتۇ.
دەل شۇ مەزگىللەردە پادىشاھمۇ بىر شاھزادىگە دادا بوپتۇ. پادىشاھ ئوغلىنى كىچىكىدىن تارتىپلا ئىنتايىن پەپىلەپ بېقىپتۇ. شاھ ئاتىسى ئوغلىنى ئىنتايىن ئەتىۋارلايدىكەن، ئوغلىنىڭ ئازراق جاپا چېكىپ قېلىشىنىمۇ خالىمىغاچقا، ھىچ قانداق ئەمگەك قىلغۇزمايدىكەن شۇ سەۋەبتىن، شاھزادە ئىنتايىن ئەركىن- ئازادە توققۇزى تەل چوڭ بوپتۇ.
ھېلىقى ئايالنىڭ بالىسى بولسا زىندان ئىچىدە ئىنتايىن ئېغىر مۇشاقەتلەر ئىچىدە چوڭ بوپتۇ. 20 ياشقا كىرگۈچە بىرەر قېتىممۇ كەڭ زىمىننى كۆرۈپ باقماپتۇ. يۇرۇقلۇققا تولىمۇ ئىنتىزار بوپتۇ. لىكىن ئۇ دۇنيانىڭ قانچىلىك كەڭرى ئىكەنلىكىنى قىلچىلىكمۇ چۈشۈنمەيدىكەن. سىتتىكى يۇرۇقلۇقنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدىكەن.
شۇ مەزگىللەردە پادىشاھ ۋەسىيەت قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرمەي تۇيۇقسىز ۋاپات بولۇپ كېتىپتۇ. دۆلەت باش ۋەزىرنىڭ قولىغا قاپتۇ.
ۋەزىرنىڭ كاللىسىغا ئالاھىدە بىر خىيال كەپتۇ:
ئۇ ھېلىقى بالىنى زىنداندىن ئېلىپ چىقىپ ئوردا ھاجەتخانىسىنى تازىلاش خىزمىتىگە ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ ۋە ئاز تولا مائاش بېرىدىغان بوپتۇ.
كىچىكىدىن تارتىپ ھىچقانداق جاپا مۇشەققەت تارتماي چوڭ بولغان ھېلىقى شاھزادىنى بولسا ئوردىدىن يىراق بولغان بىر جايدىكى ئېتىزلىققا ئىشلىگىلى دېھقانچىلىق قىلغىلى ئاپىرىۋېتىپتۇ ۋە ئۇنىڭغا خېلى كۆپ يەر بۆلۈپ بېرىپتۇ.
ئەمدى مۇنازىرە قىلىدىغان يەرگە كەلدۇق:
ھېلىقى قۇل چوڭ كىچىك تەرەتنىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە قىلىدىغان قاراڭغۇ زىنداندىن قۇتۇلۇپ، باي غوجاملارنىڭ ھاجەتخانىسىنى تازىلىغاندا قانداق كەيپىياتتا بولىدۇ، بۇ خىزمەتكە رازى بولامدۇ يوق؟ نېمە ئۈچۈن؟
ھېلىقى شاھزادە نېمىنى تەلەپ قىلسا شۇنىڭغا ئىگە بولىدىغان باي- باياشات تۇرمۇشىدىن ئايرىلىپ، يىراق سەھرادا كەتمەن چېپىپ ئۆز قورسىقىنى ئۆزى باقىدىغان بۇ مۇھىتقا رازى بولامدۇ-يوق؟ نېمە ئۈچۈن؟ بۇ ھىكايىنىڭ نەتىجىسى چىققاندا يەنە بىر ھىكايىگە يۆتكىلىمىز.
ئۇنداقتا مۇنازىرە
باش لان سۇن!!![ بۇ يازمىنىoylinish 2011-09-10 23:13قايتا تەھرىرلىد ]