ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
بۇ ياخشى بىر مۇنازىرە تىمىسى بوپتۇ.
مىنىڭچە بۇ يەردە ئەڭ ئاۋال ئۇ بۇ شەرت، شارائىت، تەربىيەلەرنى ئويلىنىشنىڭ ھاجىتى يوق.
شاھزادە دەررۇ زادىلا قوبۇل قىلالمايدۇ، قۇل بولسا دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ، مەيلى ئانىسى ئۇنى زىندانداندا ۋىجدان ، ئادىميلىك جەھەتتە قانچىلىك تەربىلىگەن بولسۇن، بۇ ھەقىقەت . يەنى بۇ ئىنساننىڭ ماھىيەتلىك خارەكتىرلىرىنىڭ بىرى .
قەپەس ئىچىدىكى قۇش قانچىلىك كۆندۈرۈلگەن بولسۇن ، يىگىنى ، ئىچكىنى نىمە بولسۇن ئەڭ ئاۋال قەپەسدىن ئازاد بولۇشنىلا ئويلايدۇ سىرتىغا مەڭگۈ تەلپىنىدۇ ،ئۇ يەردە پەرۋاز قىلماقنىلا خىيال قىلىدۇ.خىيالى ئۇنىڭدىن باشقىسىغا ئۆتمەيدۇ.
ئىنساننىڭ بۇ ماھىيىتىنى بىلىپ يەتكەن تارىختىن بۇيان ئادالەتلىك ھۆكۈمرانلاردىن باشقا بارلىق سىياسىئون، ھۆكۈمرانلار دەل ئاۋۇ ۋەزىرنىڭ يولىنى تۇتۇپ كەلگەن ، بۇ خىل ھاكىميەت باشقۇرۇش يولى ھازىرمۇ قىلچە ناتونۇش ئەمەس، بەلكى ئومۇميۈزلۈكتۇر.
ئەمدى بۇلارنىڭ بىرنەچچە يىلدىن كىيىنكى كەيپىياتىغا ، ئەھۋالىغا كەلسەك ، بۇ تىمىدىنمۇ چوڭ ھەم ئېھتىماللىقلىرى كۆپ بولغان بىر مۇنازىرە چىقىدۇ ، شۇڭا بۇنى ئايرىم مۇنازىرە قىلسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.
[ بۇ يازمىنىشەھىدە432 2011-09-11 00:29قايتا تەھرىرلى ]