بىر كۈنى يارىڭىز سىزگە بىر قاپ سوۋغا قىلسا ، قاپنى ئېچىپ قاچا - قۇچا ئىكەنلىكىنى كۆرسىڭىز ، قانداق قاچا - قۇچا بولۇشىنى خالايسىز ؟
A قەھۋە قاچىسى بىلەن تەخسە
B پىۋا ئىستاكانى بىلەن ئەينەك تەخسە
C چىنە بىلەن ياغاچ تەخسە
D بىر يۈرۈش تەخسە
A نى تاللىغان بولسىڭىز بىر - بىرىڭلارنى چۈشىنىش دەرىجەڭلار 99% ئىكەن . سىلەر قىزغىن شۇنداقلا ئۆز- ئارا چۈشىنىشىدىكەنسىلەر ، بەزىدە ھەتتا سۆزلىشىش بىھاجەتكەن ، كىچىككىنەھەرىكەتتىنلا قارشى تەرەپنىڭ نىمە ئويلاۋاتقىنىنى بىلەلەيدىكەنسىلەر . ئەگەر قەچۋە قاچىسى بىلەن تەخسىنىڭ ئاق رەڭدە بولۇشىنى ئويلىغان بولسىڭىز ، بىر - بىرىڭلاردىن سىر يوشۇرمايدىغانلىقىڭلارنى ئىپادىلەيدۇ .
B تاللىغان بولسىڭىز ، ئۆز-ئارا چۈشىنىش دەرىجەڭلار 25% ئىكەن . ئاراڭلاردا پىكىر ئالماشتۇرۇش كەمچىل ، بەزىدە قارشى تەرەپنىڭمۇ نىمە ئويلاۋاتقىنىنىمۇ بىلەلمەيدىكەنسىلەر ، كېلىشەلمەي ئۇرۇشۇپمۇ قالىدىكەنسىلەر . ئىلگىرى ئايرىلىپ كېتىشنى ئويلىشىپسىز ، ئەگەرباشقا ياخشى نامزات بولسا ئىككىلەنمەي ئايرىلىپ كېتىدىكەنسىز .
C تاللىغان بولسىڭىز ، ئۆز- ئارا چۈشىنىش دەرىجەڭلار 70% ئىكەن . مۇناسىۋېتىڭلارنىڭ تېخىمۇ قۇيۇق بولىشىنى ، كۈندە بىللە يۈرۈشنى ئويلايدىكەنسىز ، لېكىن بەك يېقىنلىشىپ كەتسەڭلار ، باشقا ئىشىلانى ئۇنتۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن .
D تاللىغان بولسىڭىز ، ئۆز- ئارا چۈشىنىش دەرىجەڭلار 10% ئىكەن . ئەگەر قىزلار بۇنى تاللىغان بولسا ، باشقىلار بىلەن مۇھەببەتلىشىپ كۆرۈش ئىستىكىنىڭ بارلىقىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن . ئەگەر يىگىتلەر بۇنى تاللىغان بولسا ، ئاللىقاچان باشقا بىرىنى تاللىغانلىقىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن ، بىر - بىرىڭلاردىن كۆڭلۈڭلار قالغان بولسا ، زورىغا بىللە ئۆتسەڭلار ياخشى بولمايدۇ .
شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى