查看完整版本: [-- يارىڭىزنى چۈشىنەمسىز ؟ --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> خانىم - قىزلار -> يارىڭىزنى چۈشىنەمسىز ؟ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

كوكتالالىق 2011-08-24 18:11
بىر كۈنى يارىڭىز سىزگە بىر قاپ سوۋغا قىلسا ، قاپنى ئېچىپ قاچا - قۇچا ئىكەنلىكىنى كۆرسىڭىز ، قانداق قاچا - قۇچا بولۇشىنى خالايسىز ؟


A  قەھۋە قاچىسى بىلەن تەخسە       
B پىۋا ئىستاكانى بىلەن ئەينەك تەخسە   
C  چىنە بىلەن ياغاچ تەخسە    
D   بىر يۈرۈش تەخسە 


 A نى تاللىغان بولسىڭىز بىر - بىرىڭلارنى چۈشىنىش دەرىجەڭلار 99% ئىكەن . سىلەر قىزغىن شۇنداقلا ئۆز- ئارا چۈشىنىشىدىكەنسىلەر ، بەزىدە ھەتتا سۆزلىشىش بىھاجەتكەن ، كىچىككىنەھەرىكەتتىنلا قارشى تەرەپنىڭ نىمە ئويلاۋاتقىنىنى بىلەلەيدىكەنسىلەر . ئەگەر قەچۋە قاچىسى بىلەن تەخسىنىڭ ئاق رەڭدە بولۇشىنى ئويلىغان بولسىڭىز ، بىر - بىرىڭلاردىن سىر يوشۇرمايدىغانلىقىڭلارنى ئىپادىلەيدۇ .

B تاللىغان بولسىڭىز ، ئۆز-ئارا چۈشىنىش دەرىجەڭلار 25% ئىكەن . ئاراڭلاردا پىكىر ئالماشتۇرۇش كەمچىل ، بەزىدە قارشى تەرەپنىڭمۇ نىمە ئويلاۋاتقىنىنىمۇ بىلەلمەيدىكەنسىلەر ، كېلىشەلمەي ئۇرۇشۇپمۇ قالىدىكەنسىلەر . ئىلگىرى ئايرىلىپ كېتىشنى ئويلىشىپسىز ، ئەگەرباشقا ياخشى نامزات بولسا ئىككىلەنمەي ئايرىلىپ كېتىدىكەنسىز .

C تاللىغان بولسىڭىز ، ئۆز- ئارا چۈشىنىش دەرىجەڭلار 70% ئىكەن . مۇناسىۋېتىڭلارنىڭ تېخىمۇ قۇيۇق بولىشىنى ، كۈندە بىللە يۈرۈشنى ئويلايدىكەنسىز ، لېكىن بەك يېقىنلىشىپ كەتسەڭلار ، باشقا ئىشىلانى ئۇنتۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن .


D  تاللىغان بولسىڭىز ، ئۆز- ئارا چۈشىنىش دەرىجەڭلار 10% ئىكەن . ئەگەر قىزلار بۇنى تاللىغان بولسا ، باشقىلار بىلەن مۇھەببەتلىشىپ كۆرۈش ئىستىكىنىڭ بارلىقىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن . ئەگەر يىگىتلەر بۇنى تاللىغان بولسا ، ئاللىقاچان باشقا بىرىنى تاللىغانلىقىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن ، بىر - بىرىڭلاردىن كۆڭلۈڭلار قالغان بولسا ، زورىغا بىللە ئۆتسەڭلار ياخشى بولمايدۇ .



    شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى

nazim 2011-08-26 12:07
شۇنداقمۇ؟ ئۇ دايىم سىز مىنى چۈشەنمەيسىز دەيدۇ...ئەمما بۇنى تاللىسام چۈشۈنۈش دەرىجەم 99% ئىكەن...ئۇنىڭغا بىر كۆرسىتىپ قويايچۇ بۇ تېمىنى....


查看完整版本: [-- يارىڭىزنى چۈشىنەمسىز ؟ --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.064455 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us