يالغانچى قان تىپلىرىنىڭ تىزىلىشى
ئەڭ يالغانچىلار o قان تىپىدىكىلەر بولۇپ ، o قان تىپىدىكىلەر يالغانچىلىققا ئادەتلەنگەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يالغانچىلىقى شۇنداق ئاسان چېنىپ قالىدىكەن ؛ B قان تىپىدىكىلەر يالغانچىلىقىنى ھەرگىز ئېتراپ قىلمايدىكەن ؛ AB قان تېپىدىكىلەر ئادەتتە يالغان گەپ قىلمايدىكەن ، يالغان گەپ قىلسا ئاسانلىقچە بايقىغىلى بولمايدىكەن ؛ A قان تىپىدىكىلەر يالغانچىلىقنى ئۈگىنىپمۇ ئۈگىنىپ بولالمايدىكەن .
كۆڭۈل قويۇپ ئىش قىلىدىغان قان تىپىدىكىلەرنىڭ تېزىلىشى
كۆڭۈل قويۇپ ئىش قىلىدىغان قان تىپىدىكىلەرنىڭ بىرىنچىسى B قان تىپىدىكىلەر بولۇپ ،
ئۇلار زېھنى كۈچىنى يىغىشتا تەبىئىي ئىقتىدارلىق ئىكەن ، شۇڭا شۇڭا ئىش قىلغاندا ناھايىتى كۆڭۈل قويۇپ قىلىدىكەن ؛ o قان تىپلىقلاردا باشقا بىرخىل تەبىئىي تالانت بولسىمۇ
، تېرىشىپ كۆڭۈل قويغان قىياپەتكە كىرىۋالىدىكەن ؛ A قان تىپىدىكىلەرنىڭ ئالدىغا بىرەر ئىش كەلگەندە ، ئاندىن شۇ ئىش توغرىلىق باش قاتۇرىدىكەن ؛ AB قان تېپىدىكىلەر ئۆزىگە
شۇنداق كۆڭۈل قويۇپ ئىش قىلغاندەك تۇيۇلسىمۇ ، لېكىن باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ، يەنىلا
چېچىلاڭغۇ ئىكەن .
يۈزى قېلىن قان تىپىدىكىلەرنىڭ تېزىلىشى
B قان تىپىدىكىلەر تۇغۇلىشىدىنلا يۈزى قېلىن بولىدىكەن ؛ AB قان تېپىدىكىلەرنىڭ يۈزى
بىر ئاز قېلىن كېلىدىكەن ؛ A قان تىپىدىكىلەر ئادەتتە يۈزى قېلىنلىقىنى پەقەتلا
قاملاشتۇرالمايدىكەن ؛ يۈزى قېلىن بولۇشقا ئەڭ تىرىشىدىغانلار o قان تىپىدىكىلەر ئىكەن
مەخپىيەتلىكنى دېيىشكە ئامراق قان تىپىدىكىلەر
o قان تىپىدىكىلەرنىڭ ئىچىدە گەپ ياتمايدىغان بولۇپ ، ئۇلار باشقىلارنىڭ مەخپىيەتلىگىنى
بىلمەسلىكىدىن ئەنسىرەيدىكەن ؛ B قان تىپىدىكىلەر ئادەتتە ئىنتايىن ئۇچۇق - يورۇق
كېلىدىكەن ؛ A قان تىپىدىكىلەر بىلەن بىللە بولغان ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ، ئۇلار بارلىق
مەخپىيەتلىكىنى ئېيتىپ بېرىدىكەن ؛ AB قان تېپىدىكىلەرھېچقانداق مەخپىي ئىش
قىلمىغاچقا ، ئۇلارنىڭ تىلغا ئالغۇدەك مەخپىيەتلىكى بولمايدىكەن .
شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى