查看完整版本: [-- قان تىپى تەھلىللىرى --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> خانىم - قىزلار -> قان تىپى تەھلىللىرى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

كوكتالالىق 2011-08-24 18:06
يالغانچى قان تىپلىرىنىڭ تىزىلىشى
ئەڭ يالغانچىلار o قان تىپىدىكىلەر بولۇپ ، o قان تىپىدىكىلەر يالغانچىلىققا ئادەتلەنگەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يالغانچىلىقى شۇنداق ئاسان چېنىپ قالىدىكەن ؛ B قان تىپىدىكىلەر يالغانچىلىقىنى ھەرگىز ئېتراپ قىلمايدىكەن ؛ AB قان تېپىدىكىلەر ئادەتتە يالغان گەپ قىلمايدىكەن ، يالغان گەپ قىلسا ئاسانلىقچە بايقىغىلى بولمايدىكەن ؛ A قان تىپىدىكىلەر يالغانچىلىقنى ئۈگىنىپمۇ ئۈگىنىپ بولالمايدىكەن .
 
كۆڭۈل قويۇپ ئىش قىلىدىغان قان تىپىدىكىلەرنىڭ تېزىلىشى

كۆڭۈل قويۇپ ئىش قىلىدىغان قان تىپىدىكىلەرنىڭ بىرىنچىسى B قان تىپىدىكىلەر بولۇپ ،
ئۇلار زېھنى كۈچىنى يىغىشتا تەبىئىي ئىقتىدارلىق ئىكەن ، شۇڭا شۇڭا ئىش قىلغاندا ناھايىتى كۆڭۈل قويۇپ قىلىدىكەن ؛  o قان تىپلىقلاردا باشقا بىرخىل تەبىئىي تالانت بولسىمۇ
، تېرىشىپ كۆڭۈل قويغان قىياپەتكە كىرىۋالىدىكەن ؛ A قان تىپىدىكىلەرنىڭ ئالدىغا بىرەر ئىش كەلگەندە ، ئاندىن شۇ ئىش توغرىلىق باش قاتۇرىدىكەن ؛ AB قان تېپىدىكىلەر ئۆزىگە
شۇنداق كۆڭۈل قويۇپ ئىش قىلغاندەك تۇيۇلسىمۇ ، لېكىن باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ، يەنىلا
چېچىلاڭغۇ ئىكەن .
 
يۈزى قېلىن قان تىپىدىكىلەرنىڭ تېزىلىشى

B قان تىپىدىكىلەر تۇغۇلىشىدىنلا يۈزى قېلىن بولىدىكەن ؛ AB قان تېپىدىكىلەرنىڭ يۈزى
بىر ئاز قېلىن كېلىدىكەن ؛  A قان تىپىدىكىلەر ئادەتتە يۈزى قېلىنلىقىنى پەقەتلا
قاملاشتۇرالمايدىكەن ؛ يۈزى قېلىن بولۇشقا ئەڭ تىرىشىدىغانلار o قان تىپىدىكىلەر ئىكەن
 
مەخپىيەتلىكنى دېيىشكە ئامراق قان تىپىدىكىلەر

o قان تىپىدىكىلەرنىڭ ئىچىدە گەپ ياتمايدىغان بولۇپ ، ئۇلار باشقىلارنىڭ مەخپىيەتلىگىنى
بىلمەسلىكىدىن ئەنسىرەيدىكەن ؛ B قان تىپىدىكىلەر ئادەتتە ئىنتايىن ئۇچۇق - يورۇق
كېلىدىكەن ؛ A قان تىپىدىكىلەر بىلەن بىللە بولغان ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ، ئۇلار بارلىق
مەخپىيەتلىكىنى ئېيتىپ بېرىدىكەن ؛ AB قان تېپىدىكىلەرھېچقانداق مەخپىي ئىش
قىلمىغاچقا ، ئۇلارنىڭ تىلغا ئالغۇدەك مەخپىيەتلىكى بولمايدىكەن .



                            شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى

ubul330 2011-08-28 19:41
ئو قان تىپلىقلار ئامىرىكاىدا چىق، ب قان تىپلىقلار جۇڭگودا چىق. ئا قان تىپلىقلار ياپۇنىيەدە چىق،


查看完整版本: [-- قان تىپى تەھلىللىرى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.041974 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us