بۇ مەزمۇن 9قەۋەتتىكى !adiyat نىڭ 2011-08-18 13:55 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
بۇ يىل 31 ياشقا كىردىم .مەنمۇ بۇرۇن گۇناھلارغا پاتقان، چۈشكۈنلەشكەن. ئەھمىيەتلىك ياشاش ئۈچۈن قىممىغان خىياللىرىم قالمىدى. لىكىن قولامدىن بىرەر چوڭ ئىش كىلىشگە كۆزۈم يەتمىگەنسىرى ياشىغىممۇ كەلمىدى.23 يىشىمدا ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ قۇرئاننى ئوقودۇم ، شۇنچىلىك قوقتۇم. زىمىندا شۇنچە بۇزغۇنچىلىق قىلسام مىنى يەرگە يۇتقۇزۋەتمىگەن رەببىمدىن شۇنچە ئۇيالدىم. پۈتۈن جەمئىيەتتە ئۇچارمەن بوپ كەتكەن مەن شۇنداق سورۇنلاردا ئولتۇرسام يۈرۈگۈم سىقىلىپ ھىلى بىر ئىش بوپ كىتىدىغاندەك بوپ قالدىغان ، كەيپىياتىمنى ئازادە تۇتاممايدىغان بوپ قالدىم. ئۇياققا قارىسام قىنىمغا سىڭىپ كەتكەن خۇي بۇياققا قارىسام ئۆزەم ئىپادىلەپ بىرەلمەيدىغان قوقونۇش، ئىچىم سىقىلىپ ساراڭ بولاي دىدىم . ئورۇقلاپ بىر تىرە بىر ئۇستىخان بوپ قالدىم. ناماز باشلىدىم . سورۇنلاردىن ، دوستلاردىن پۈتۈنلەي قول ئۈزدۈم ، كەينىمدىن مىنى <ساراڭ بوپ قاپتۇ >دىدى. تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشىم ئۇلارنىڭ ئىدىيەسىدىن ئۆتمىدى. ئىتقادىم ئۈچۈن تۆلىگەن بەدىلىمنىڭ ھوزۇرىنى باغانچە ھىس قىلدىم . رەببىمگە چەكسىز ھەمدىلەر بولسۇن . رەببىم ماڭا ئىماننى ئىلتىپات قىلدى . گۇناھلاردىن قول ئۈزگەن قەلبىمگە موھەببەتنى سالدى. نەپسىمنى ھەر ۋاقىت رەببىمگە
تاپشۇرمەن . ئاللاھدىن بۇ دۇنيادىن پاكىز كىتىشىمنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن .
تەڭتۈشلىرىمگە ، قىرىنداشلىرىمغا بەخىت تىلەيمەن.