ئۇيۇشۇشنىڭ نىگىزلىك ھەركەت مىزانى
ئادىيات
مىللەتنى تەشكىل قىلىدىغان ئەزالارنىڭ ئۆزىنىڭ ۋە قىرىنداشلىرىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى بۇ مىللەت ئىچىدە ئىجدىمائى مۇقۇملۇقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بۇ مىللەت زىھنىيىتىنى ھۈرلۈك بىلەن تەمىن ئىتىدۇ.ئەكسىنچە بولغاندا بۇرۇختۇم كەيپىيات ئىچىدە بىچارىلىككە مۇپتىلا بولۇپ ھايات ئىشتىياق ئەمەس مەجبۇريەتكە ئايلىنىدۇ.
ئۇنداقتا بىز ئۇيغۇرلارنىڭ جانىجان مەنپەئەتى نىمە؟
ئۇيغۇرلا ئىسلامنىڭ ئالدى كەينىدە نامراتلىققا چىدىدى، مۇسىبەتلەرگە چىدىدى ، چۈشكۈنلىشىپ كەتمىدى. .
تارىخى بايانلاردا ئىسلامنىڭ ئالدىدىكى ئۇيغۇرلانىڭ بىر خۇداغا ئىتقاد قىلدىغانلىقى، ئەخلاق مىللىتى ئىكەنلىكى ئىسلامنىڭ ئۆزىدىكى ئەقىدە قاراشلارنى كۈچلەندۈردىغانلىقى سەۋەپتىن ئاكتىپ پوزىتسىيە تۇتقانىقى سۆزلىنىدۇ . شۇ سەۋەپتىن ئۇيغۇرلانىڭ جانى جان مەنپەئەتى ئەخلاق ، ئۇيغۇردىكى ئاساسى تىما ئەخلاق ؛ باشقا بارلىق ئىھتىياجلارمۇشۇ ئاساسى تىمىنى قوغداشنىڭ زۆرۈرىيەتلىرى ھىساپلىنىدۇ.
ئۇنداقتا ئەخلاقىمىزغا خىرىس قىپ تۇرغان ئوبىكتىپ مەسىلىلەر نىمە؟
مەن بۇيەردە ھازىرقى ۋاقىتتا مۇھىم دەپ قارىغان كونكىرىتنى ئۈچ نەرسىنى ئوتتۇرغا قويىمەن ؛
ھاراق. كىشىلەر ئارسىدا ھۆرمەت ۋە غورۇرنى يوقىتىدۇ.
زىنا . كىشىلەر ئارسىدا قىرىنداشلىق مىھرى موھەببەتنى ، ئىشەنچنى يوقىتىدۇ . مىللەتنىڭ ئىززىتىنى
دەپسەندە قىلىدۇ .
قىمار.كىشلەر ئارسىدا قىزىل كۆزلۈك ،ھورۇنلۇق ، رەھىمسىزلىق ۋە قوقونچاقلىقنى ئەۋج ئالدۇردۇ.
بۇ ئۈچىدىن قول ئۈزۈش بولسا مىللەتنىڭ ئەزالارغا قويغان تەخىرسىز تەلىۋى ھىساپلىنىدۇ.
ھىچ ئىش قىممىسىمۇ بۇئىشلاردىن قول ئۈزۈش مىللەتكە قوشقان تۆھپە ھىساپلانسا ،داۋاملاشتۇرۇش مىللەتنىڭ ئۇلىنى كولاش ھىساپلىنىدۇ .
نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا بۇ ئۈچىدىن تامامەن قول ئۈزگەن كىشىلەرنى بولۇپمۇ ياشلارنى
مىللىتىمىز ئىچىدىكى ئىسىل پاكىز كىشىلەر ، ھەقىقى مىللەت سۆيەرلەر دىسەك ئاشۇرۋەتكەنلىك بولمايدۇ.
مەنبە : رىئاللىق
[ بۇ يازمىنى!adiyat 2011-08-17 22:44قايتا تەھرىرلىدى ]