بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى lady-uyghur نىڭ 2011-08-07 15:24 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ھەر ئىنسان مەيلى قىز ياكى ئوغۇل بولسۇن،،ئۆز ھايات يولىنى تاللاش ھوقۇقى بولىدۇ،،،،تۇرمۇشتا ئاللاھ ئىنساننى ئۇ قىز يولۇققاندىنمۇ ئېغىر قىيىنچىلىقلار بىلەن سىناپمۇ قويىدۇ،،،ئىپپەت قارىشى ئېنىق بولمىغان قىزلار ھامىنى شۇنداق زىيان تارتىدۇ،،بۇنى ھېچكىمدىن ئەمەس پەقەت ئۆزىدىنلا كۆرۈش كېرەك،.،،ئاشۇ قىزدا ئاتا-ئانىسىغا ئۆزىنىڭ ئاغرىپ قېلىش دەخلىسى بىلەن ئاشۇنداق ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچۇرغانلىقىنى چىرايلىق چۈشەندۈرۈپ ئىمتىھاننى قايتىدىن بېرىپ دېپلۇم ئېلىش بىلەن مۇئەللىمى ئىشخانىغا چاقىرىپ گۇناھقا چاقىرسا تەڭ پوققا تېيىلىشنى تارازىغا سېلىپ دەڭسەپ پايدا- زىياننى ئۆلچەپ باققۇدەك ئەقىل بولمىغاندىكى ئۇ قىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنىكى تۇرمۇش يولىدا يەنە قانداق ئەۋرەز ئورەكلىرىدا مىچىلداپ قىلىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى پەرەز قىلماي تۇرالمايمىز،،،،
ئادەم قىيىنچىلققا يولۇققاندا ئاللاھ ئاتا قىلغان ئەقىل بىلەن بىر ئىش قىلمىغاندا ئەنە شۇنداق ئۆمۈرلۈك پۇشايمانغا قالىدۇ،،،، ئۆزىنىڭ قەدرىنى ئۆزى جايلاپ قىلالمىغان كىشى باشقىلارنىمۇ ھەم قەدىرلىيەلمەيدۇ،،،بۇ نوقۇل ئىپپەت مەسىلسىلا ئەمەس ،،بۇ ھەم كىشىلىك كۆز قاراش ۋە پوزىيتسىيە مەسىلىسى،،،،خاتالىقنى ئۆزى سادىر قىلىپ يەنە باشقىلاردىن ئاغىرنىپ يۈرۈيدىغان قىزلار پەقەت گۆدەكلەرچە پىكىر قىلىدىغان ۋە ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولمايدىغان مەسئۇليەتسىز نادانلاردۇر،،،،
قايسى يىلى قانۇنچىلىق گېزىتىدە ئوقۇغان بىر ۋەقەنى ئورتاقلاشماقچىمەن،،،،،بىر بەدنىيەت بىر قىزنىڭ زورلاپ ئىپپىتىگە تەگمەكچى بولغاندا ئىپپىتىنى جېنىدىن ئارتۇق كۆرگەن ئۇ قىز 4-قەۋەتتىىكى شۇ ئۆينىڭ دېرىزىسىدىن ئۆزىنى تاشلىغان،،،،،،،بۇنداق بولارىنى خىيالىغمۇ كەلتۈرمىگەن ئۇ بەدنىيەت قورقۇپ كەتكىنىدىن پەسكە چۈشۈپ نىمجان ياتقان قىزنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلغان،،،
دېپلوم نېمە؟؟؟شېرىن جان نېمە ؟؟؟؟قالغىنى ئىنسان ئۆزىگە ئامانەت!!!!!