باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 4345 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: تىزرەك ھەركەتلىنىڭ ....
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 9
ئومۇمىي يازما: 2094
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2094دانە
ئۆسۈش: 4810 %
مۇنبەر پۇلى: 24998 سوم
تۆھپىسى: 172 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-01-07
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-06 18:17

تىزرەك ھەركەتلىنىڭ ....

ئائىلە ۋە رامىزان

26830- نومۇرلۇق سوئال


سوئال:
مەن ئائىلە باشلىقى، رامىزان ئېيى كېلىۋاتىدۇ، رامىزان ئېيىدا ئائىلەمدىكى كىشىلەرنى تەربىيىلەش ۋە ئۇلارنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتلىك ئىشلىرىدا روزىنىڭ تەربىۋى ئەھمىيىتىدىن قانداق پايدىلىنىمەن، بۇ توغرىدا يوليورۇق بەرسەڭلار؟
جاۋاپ:
بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئاللاھغا خاستۇر.
مۇسۇلمان كىشىنىڭ  رامىزان ئېيىغا ئۇلىشىپ  بۇ ئايدا روزا تۇتۇپ، تەراۋىھ نامازلىرىنى ئوقۇشى بۇ ئاللاھنىڭ ئاتا قىلغان بۈيۈك نېمەتلىرىدىن، بۇ ئايدا قىلغان ياخشىلىق نەچچە ھەسسە ئارتۇق بولىدۇ، دەرىجىلەر يۇقىرى بولىدۇ، ئاللاھ دوزاخ ئەھلىدىن نۇرغۇنلىرىنى ئازات قىلىدۇ، مۇسۇلمان كىشى بۇ ئايدا ئۆزىگە ياخشىلىق بولىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا ئادەتلىنىشى، ئاللاھغا تائەت - ئىبادەت قىلىشقا ئالدىرىشى كېرەك، چۈنكى نۇرغۇن كىشىلەر كېسەللىك ياكى توغرا يول تاپالماسلىق ياكى بۇرۇن ۋاپات بولۇپ كېتىش سەۋەپتىن بۇ ياخشىلىقلاردىن مەھرۇم قالىدۇ.
مۇسۇلمان مۇشۇ مۇبارەك ئاينى غەنىمەت بىلىپ ياخشى ئىشلارغا ئالدىرىشى، ئائىلە - بالىلىرىنىڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلىشى، ئۇلارنى ياخشى ئىشلارغا رىغبەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلىقنى سۆيىدىغان روھ بىلەن تەربىيىلىشى كېرەك، چۈنكى پەرزەنت دېگەن ئاتا - ئانا نېمىگە ئادەتلەندۈرسە، قايسى كۆز قاراش بىلەن تەربىيىلىسە شۇنداق ئۆسۈپ يېتىلىدۇ. بىر شائىرنىڭ ئېيتقىنىدەك:  بىزنىڭ ئېچىمىزدىكى ياشلار  دادىسىنىڭ ئادەتلىرى بىلەن ئۆسۈپ يېتىلدى.
ئاتا- ئانىلار مۇشۇ بەرىكەتلىك كۈنلەرنى غەنىمەت بىلىپ، ئۆزى ۋە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ روھانى ۋە  ئەخلاقى تەرەپلىرىنى ساغلام كۆز قاراش بىلەن توغرىغا يېتەكلەشتە مۇھىم رول ئوينىشى كېرەك، بىز ئۇلارغا مۇنداق نەسىھەت قىلىمىز:
1-  بالىلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئىلىپ ئۇلارنى بۇ ئايدا تولۇق روزا تۇتۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشى كېرەك.
2-  پەرزەنتلەرگە روزا تۇتۇشنىڭ پەقەت بىركۈن يېمەك - ئىچمەكتىن توختاش ئەمەس بەلكى بۇنىڭ ماھىيىتىنىڭ ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بوي سۇنۇپ تەقۋالىقنى ھاسىل قىلىشنىڭ يولى ۋە بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خاتالىقلار كەچۈرۈم قىلىنىپ گۇناھلار مەغپىرەت قىلىنىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش كېرەك.
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە: بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنبەرگە چىقىپ ئۈچ قېتىم "ئامىن" دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: يا رەسۇلۇللاھ نېمە ئۈچۈن بۇنداق دەيلا؟ دەپ سورالغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: جىبرىل ئەلەيھىسالام ماڭا: "رامىزان ئېيىدا گۇناھى كەچۈرۈم قىلىنمىغان كىشىنى ئاللاھ خار قىلىۋەتسۇن!"،دېگەنتى، مەن "ئامىن" دېدىم، ئۇنىڭدىن كىيىن: ئاتا - ئانىسى ھايات ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ خىزمىتى قىلماي جەننەتكە كىرىشتىن مەھرۇم بولغان كىشىنى ئاللاھ خار قىلىۋەتسۇن!"، دېگەنتى، مەن "ئامىن" دېدىم، ئۇنىڭدىن كىيىن: سىنىڭ ئىسمىڭ تىلغا ئېلىنغاندا ساڭا دۇرۇت ئېيتمىغان كىشىنى ئاللاھ خار قىلىۋەتسۇن!"، دېگەنتى، مەن "ئامىن" دېدىم، دېدى. بۇ ھەدىسنى تىرمىزىي(3545)، ئەھمەد(7444)، ئىبنى ھىببان(908) ۋە جامىئۇل سەھىھ (3510) قاتارلىقلار رىۋايەت قىلغان.
3 - پەرزەنتلەرگە تاماق يېيىشنىڭ ئەدەپ - ئەھكاملىرىنى ئۈگۈتۈش، تاماقنى ئۆڭ قولى بىلەن ئۆزىنىڭ ئالدىدىن ئىلىپ يېيىشكە، ئىسراپ قىلماسلىققا، تاماق يېگەندە ئاۋاز چىقارماستىن يېيىشكە، ھەددىدىن زىيادە كۆپ يېيىشنىڭ بەدەنگە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈش كېرەك.
4- ئۇلارنى ئىپتار ۋاقتىدا دەستۇرخاندا ئۇزۇن ئولتۇرۇپ شام نامىزىغا جامائەتتىن كىيىن قالماسلىققا ئىلھاملاندۇرۇشى كېرەك.
5 -  ئۇلارغا كەمبەغەل - يوقسۇل كىشىلەرنىڭ ئاچلىقتىن ساقلانغىدەك بىرنەرسە تاپالمايدىغانلىقىنى ئەسلىتىش بىلەن بىرگە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان مۇھاجىرلار ۋە ئاللاھ يولىدا كۆرەش قىلىۋاتقانلارنىڭ ئەھۋالىنى ئەسلىتىش ، بۇ نېمەتلەر ئۈچۈن ئاللاھقا چەكسىز رەھمەت ئېيتىشنى تەۋسىيە قىلىش كېرەك.
6 - رامىزان مۇناسىۋىتى بىلەن يېقىن ئۇرۇق - تۇغقانلار جەم بولىدۇ، ئۇلار ئارىسىدا مېھرى - مۇھەببەت كۈچىيىدۇ، بۇ ئۇرۇق - تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىدىغان ياخشى پۇرسەت. شۇڭا ئۇرۇق-تۇغقانلارنى خالىس نىيەت بىلەن يوقلاشنى ئادەتلەندۈرۈش ۋە پەرزەنتلەرگە ئۈلگە بولۇش.
7- ئانىلارنىڭ تاماق تەييارلاش، دەستۇرخان سىلىش ۋە يىغىش ئىشلىرىغا ياردەملىشىش، يېيىش مۇمكىن بولىدىغان ئاشقان تاماقلارنى ئوبدان ساقلاپ قويۇپ، سەھەرلىك ياكى ئىپتارلىقتا يېۋىتىش ئارقىلىق ئىسراپچىلىقتىن ساقلىنىش.
8 - ئۇلارنى تاماقنى ئاز يەپ نامازنى جامائەت بىلەن مەسچىتتە ئوقۇشقا تەييارلىق قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.
9 -  كىچىدە سەھەرلىك تاماق يېگەندە ئاتا - ئانىلار ئۇلارغا بۇ تاماقنىڭ بەرىكىتى ئىنساننى روزا تۇتۇشقا چىدامچان قىلىدىغانلىقىنى ئەسلىتىش كېرەك.
10 -  بامدات نامىزىدىن ئىلگىرى  ۋىتىر نامىزىنى ئوقۇمىغانلارنىڭ ناماز ئوقۇشى، كېچىنىڭ ئاخىرىنى ناماز بىلەن تاماملاپ ھەر بىر كىشىنىڭ ئاللاھتىن خالىغان تىلەكلىرىنى تىلىشى ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىپ بېرىشى كېرەك.
11-  بامدات نامىزىنى جامائەت بىلەن ئوقۇشقا كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك، بىز نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ  كىچىدە قوپۇپ تاماقنى يەپلا ئۇخلاپ  بامدات نامىزىنى جامائەت بىلەن ئوقۇمايدىغانلىقىنى ئۇچراتتۇق، بۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلارغا ئائىلە باشلىقلىرى ياخشى كۆڭۈل بۆلۈپ، پەرزەنتلەرگە ئىجابىي ئۈلگە بولىشى لازىم.
12 -  رامزاننىڭ ئاخىرىدىكى ئون كۈندە "كېچىسى ئۇخلىماي ئائىلىدىكىلەرنى ئويغىتىپ  ئىبادەت قىلىش" پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ سۈننەتلىرىدىن بولۇپ، ئائىلە باشلىقلىرى بۇ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ ئاللاھ رازى بولىدىغان ئىشلارنى قىلىش ۋە ئائىلە - بالىلىرىنى ئويغىتىپ ئاللاھغا يېقىنلىشىدىغان ئەمەللەرنى قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.
13 - ئائىلىدىكى كىچىك بالىلارنىمۇ روزا تۇتۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ سەھەرلىك تاماق يېيىشكە قىزىقتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ روزا تۇتۇش ئەھۋالىغا قاراپ ھەر تۈرلۈك مۇكاپاتلارنى بېرىش ئارقىلىق رىغبىتىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
رەبىيئى بىنتى مۇئەۋۋەز رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاشۇرا كۈنى( مۇھەررەمنىڭ 10- كۈنى) ئەتتىگەندە  ئەنسارلار ئولتۇراقلاشقان كەنتلەرگە ئادەم ئەۋەتىپ« بۈگۈن روزا تۇتقانلار روزىسىنى داۋاملاشتۇرسۇن. روزا تۇتمىغانلار كۈننىڭ قالغان قىسمىدا بىرنەرسە يېمىسۇن» دېدى، بىز ۋە كىچىك بالىلارمۇ كۈننىڭ قالغان قىسمىدا روزا تۇتتۇق، بىز بالىلارنى مەسچىتكە ئىلىپ باراتتۇق، ئۇلار تاماق دەپ يىغلاپ قالسا ئۇلارغا ئويۇنچۇق تۇتقۇزۇپ قوياتتۇق، ئىپتار ۋاقتى بولغاندا تاماق بېرەتتۇق. بۇ ھەدىسنى بۇخارى( 1859)، مۇسلىم( 1136) رىۋايەت قىلغان.  ئىمام نەۋەۋىي مۇنداق دەيدۇ:  بۇ ھەدىستىن: كىچىك بالىلارغا روزا تۇتۇش پەرز بولمىسىمۇ لېكىن ئۇلارنى كىچىكىدىن تائەت - ئىبادەتكە ئادەتلەندۈرۈپ تەربىيىلەش كىرەكلىكىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى چۈشىنىۋالالايمىز.
قازى ئىياز ئۇرۋىدىن رىۋايەت قىلىنغان سۆزنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: " كىچىك بالىلار روزا تۇتۇشقا تاقىتى يەتكەن ۋاقىتتا ئۇلارغا روزا تۇتۇش پەرز بولىدۇ" دېگەن سۆز بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇ توغرا سۆز ئەمەس، بۇ سۆز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ« ئۈچ تۈرلۈك كىشىلەردىن قەلەم كۆتۈرۈلگەن: كىچىك بالىلار بالاغەتكە يەتكىچە » دېگەن سەھىھ ھەدىسىگە ئاساسەن رەت قىلىنىدۇ. ( ئاللاھ بىلگۈچى) " شەرھى مۇسلىم \8\ 14 بەت.
14 - ئاتا - ئانىلار ئۈچۈن شارائىت بولسا ئائىلىدىكىلەرنى ئىلىپ رامىزاندا مەككىگە بېرىپ ئۆمرە قىلىپ كەلسە، بۇ ئۇلار ئۈچۈن ۋە ئائىلىسى ئۈچۈن ياخشى، چۈنكى سەھىھ ھەدىستە:' رامىزاندا قىلغان ئۆمرىنىڭ ھەجگە ئوخشاش ساۋاپ بولىدىغانلىقى سۆزلەنگەن"، مۇمكىن بولسا قىستاڭچىلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن رامزاننىڭ ئەۋۋىلىدە بېرىش كېرەك.
15 - ئەرلەر ئاياللارنى  تەييارلاش قىيىن بولغان يىمەكلىك ۋە تائاملارنى تەييار قىلىشقا بۇيرىماسلىق كېرەك، كۆپچىلىك كىشىلەر بۇ ئايدا ھەر تۈرلۈك يېمەكلىكلەرنى تەييار قىلىپ ئىسراپچىلىق قىلىدۇ، تەقۋالىقنى ھاسىل قىلىشتىن ئىبارەت بولغان بۇ ئاينىڭ پەزىلىتىنى ۋە روزا تۇتۇشتىن بولغان ئالى ھېكمەتنى يوقۇتۇپ قويىدۇ.
16 -  رامىزان ئېيى قۇرئان كۆپ ئوقۇلىدىغان ئاي بولۇپ، بىز ھەر ئائىلىدىكىلەر بىر يەرگە يىغىلىپ  قۇرئان ئوقۇشقا، ئائىلە باشلىقلىرىنى ئۇلارغا قۇرئان ئوقۇشنى ئۈگۈتۈش ۋە ئايەتلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشكە تەۋسىيە قىلىمىز، شۇنىڭدەك بۇ ئايدا رامزاننىڭ ئەدەپ - ئەھكاملىرىنى بايان قىلىنغان كىتابلارنىمۇ ئوقۇشقا تەۋسىيە قىلىمىز، ئاللاھ تائالا  كۆپلىگەن ئالىملار ۋە ئېلىم ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن  بۇ مەزمۇندا كىتاپ يېزىشقا ئاسانلىق يارىتىپ بەردى.
17 -  پەرزەنتلەرنى خەيرى - ئېھسان قىلىش، خوشنىلار ۋە ئېھتىياجلىق كىشىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئىلىپ تۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دېگەن:" پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام كىشىلەر ئىچىدىكى ئەڭ سېخىي زات ئىدى، بولۇپمۇ رامىزاندا جىبرىل ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇچراشقاندا تېخىمۇ سېخىيلىشىپ كېتەتتى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جىبرىل ئەلەيھىسسالام بىلەن رامىزاندا ھەر كېچىسى ئۇچرىشىپ قۇرئاندىن دەرس ئوقۇشاتتى، جەزمەنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ جىبرىل ئەلەيھىسالام بىلەن ئۇچراشقان چاغدىكى سېخىيلىقى شامالدىنمۇ تېز ئىدى" . بۇخارى(6)، مۇسلىم(2308).
18 - ئاتا - ئانىلار  ئائىلىدىكىلەرنى ۋاقىتنى زايا قىلىپ كېچىنى چەكلەنگەن ئىشلار بىلەن بىھۇدە ئۆتكۈزۈشتىن توساش كېرەك، چۈنكى بۇ ئايدا ئىنسانلاردىن بولغان شەيتانلار باغلاقتىن بوشىنىپ چىقىپ  رامزاننىڭ كىچە - كۈندۈزلىرىدە روزا تۇتقۇچىلارنى پىسق - پۇجۇر ۋە يامان ئىشلارنى قىلىشقا ئۈندەيدۇ.
19 -  رامزاندىن ئىبارەت بۇ مۇبارەك ئايدا ئائىلىدىكىلەرنىڭ دۇنيادا ئاللاھغا تائەت - ئىبادەت قىلىپ، ئېلىم ئوقۇپ، روزا تۇتۇپ ۋە ناماز ئوقۇپ بىرلىكتە ئۆتۈشنىڭ  ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ ئەرشنىڭ ئاستىدا جەم بولۇپ جەننەتتە بىرلىكتە ياشاشتىن ئىبارەت بۈيۈك نېمەتكە ئېرىشىشنىڭ  نامايەندىسى ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىش كېرەك.
ئاللاھ توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلغۇچى ۋە باشلىغۇچىدۇر.
 (بۇ ئاينىڭ ئۇلۇغلىقى ۋە شەرىپى ھەممىگە مەلۇم، ئۇنداق بولغانىكەن، بىز بۇ ئاينى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى قازىنىدىغان ئاي قىلىپ بېكىتىشىمىز ۋە ئەھمىيەتلىك ئوتكۇزۇشىمىز ئۈچۈن پىلان تۈزۈشىمىز ئىنتايىن مۇھىم.ئاياللىرىمىزغىمۇ كۈندۈز ۋە كېچىدە ناماز ئادا قىلىش، قۇرئان كەرىمنى تاماملاش پۇرسەتلىرىنى يارىتىپ بېرىشىمىز لازىم. تۆۋەندە مەن سىلەرگە قۇرئاننى رامىزان ئىچىدە بىرقېتىم تاماملاشنىڭ ئەڭ ئاددى ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا قويىمەن، ئۇ بولسا سىز پەقەت ھەر نامازدىن كىيىن ئالتە مىنۇتلا ۋاقتىڭىزنى چىقارسىڭىز بولىدۇ.
سىز ھەر نامازدىن كىيىن تۆت بەت قۇرئان ئوقۇسىڭىز بۇنىڭ ئۈچۈن ئالتە مىنۇت ۋاقىت كېتىدۇ. بەش ۋاقىت نامازدا يىگىرمە بەت قۇرئان تىلاۋەت قىلالايسىز؛ دېمەك، بىركۇندە بىر پارە قۇرئاننى ئىشلىرىڭىزغا دەخلى يەتمىگەن ئاساستا تىلاۋەت قىلغان بولىسىز.شۇنداق داۋاملاشتۇرسىڭىز ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن ئوتتۇز كۈن رامىزاندا قۇرئان كەرىمنى پۈتۈن تاماملىيالايسىز. قېرىندىشىم! مۇۋەپپەق ئاللاھدىن ھىممەت سىزدىن قېنى رامزاننىڭ بىرىنچى كۈنىدىن تارتىپ بۇ كۆرسەتمە بىلەن رامىزانلىق ھاياتىڭىزنى باشلىۋېلىڭ. - مۇھەررىردىن-)

مەنبە : مۇئەللىم بىلوگى


[ بۇ يازمىنىتاھىر 2011-08-06 18:28قايتا تەھرىرلىدى ]
باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+1(era13) ئىسل يازما
  • ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
    دوستلىشىش
    تاھىربەگ
    تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
    دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 9
    ئومۇمىي يازما: 2094
    ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2094دانە
    ئۆسۈش: 4810 %
    مۇنبەر پۇلى: 24998 سوم
    تۆھپىسى: 172 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-06-06
    ئاخىرقى: 2012-01-07

    خانىم_قىزلارنىڭ رامىزاندىكى ئەڭ مۇھىم ئەمەللىرى

    ھەممىگە مەلۇمكى، رامىزان ئېيى پۈتۈن ئايلاردىن ئۇلۇغ ۋە قىممەتلىك بولغان بىر ئايدۇر. رامىزان ئېيىدا قىلىنغان ياخشى ئەمەللەرگە باشقا ۋاقىتلاردا قىلىنغان ياخشى ئەمەللەردىن ئەلۋەتتە كۆپ ساۋاب يېزىلىدىغانلىقىمۇ بىر ھەقىقەت. رامىزان ئېيى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن، خۇسۇسەن ئاياللار ئۈچۈن بىر مول ھوسۇل ۋاقتى بولۇپ، ئاياللار ئەگەر بۇ ئاينىڭ قەدرىنى بىلىپ، قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى ئادا قىلسا ئەرلەردىن ئىككى ھەسسە ئارتۇق ساۋاب قازىنىدۇ.
     بۇ مۇنداق: ئايال كىشىمۇ خۇددى ئەر كىشىگە ئوخشاشلا ئىسلام پەرزلىرىنى ۋە نەپلە ئىبادەتلەرنى ئادا قىلغاننىڭ سىرتىدا، ئېرى ۋە بالىلىرى ئۈچۈن ياخشى خىزمەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ تائەت - ئىبادەتلەرنى تولۇق ئادا قىلىشىغا شەرت شارائىت ھازىرلاپ بېرىدۇ. مۇندىن باشقا جامائەتنى ئىپتارغا چاقىرىش ئىشلىرىدا پەقەت ئايال كىشى كۈندۈزدە روزا تۇتۇقلۇق تۇرۇپ يالغۇز جاپالىق ئىشلەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن ساۋاب تاپىدۇ. ئايال كىشى ئائىلىدە ئائىلە ئەزالىرىنى غىزالاندۇرۇش ۋە كىيىم - كېچەكلىرىنى يۇيۇپ تازىلاش ئىشلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغانلىقى تەرەپتىنمۇ يەنە ساۋاب تاپىدۇ. رامىزان ئېيى يىلدا بىر قېتىملا كەلگىنى ئۈچۈن ناھايىتى تىز ئۆتۈپ كېتىدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، بۇ ئاينىڭ خەيراتلىرىدىن تولۇق مەنپەئەت ئالالىسىمۇ، يەنە كۆپلىگەن كىشىلەر ئەس ھوشىنى تېپىپ بولغىچە بۇ ئاي ئۆتۈپ كېتىدۇ. بۇ ئاينىڭ قەدرىنى بىلگەنلەر، پۇرسەتنى غەنىمەت بىلگەنلەر بۇ ئاينىڭ شاراپىتىدىن ھەۋز كەۋسەرلەرنى ئىچەلىگەندەك بولىدۇ، يەنە بىر رامىزان كەلسە ۋاقىتنى چىڭ تۇتسام ۋە بۇ ئايدىن تولۇق پايدىلانسام دەپ ئارزۇ قىلىدۇ. ئەمما نۇرغۇنلىرىنىڭ ئۆمرى ئىككىنچى رامزانغا يەتمەيدۇ. چۈنكى خۇددى قەدىمكىلەر ئېيتقاندەك « ئۆمۈر ئاتقان ئوق»تۇر. ئۇنى قايتۇرۇپ كەلگىلى بولمايدۇ. شۇڭا بۇ ئۆمۈر ئۆتۈپ كېتىشتىن بۇرۇن ۋاقىتتىن پايدىلىنىش كېرەك. رامزاندەك بىر يىلدا ئاران بىرلا قېتىم كېلىدىغان ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بەرمەسلىك كېرەك. ئەقىللىق ئاياللار قىلىدىغان ئىشلىرىنى پروگراممىلاشتۇرۇپ، بىر مىنۇت ۋاقىتنىمۇ بىكارغا ئۆتكۈزمەستىن تولۇق پايدىلىنىدۇ. تۆۋەندە ئايال مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا رامىزان ئېيىدا قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم ئىشلاردىن 20 ئىشنى تەۋسىيە قىلىمىز:
     1- رامىزان ئېيىدا قىلىدىغان پۈتۈن ئىبادەتلەر ۋە ئۆي ئىشلىرىنى پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ۋە مۇكاپاتىغا ئېرىشىش نىيىتى بىلەن قىلىش.
     2- بەش ۋاخ نامازنى ئۆز ۋاقتىدا تولۇق ئادا قىلىش.
     3- سۈننەت ۋە نەپلە ئەمەللىرىنى كۆپ قىلىش.
     4- سەدىقىنى كۆپ بېرىش، ئاجىز - ئۇرۇقلارغا ياردەم قىلىش، يېتىملارنىڭ بېشىنى سىلاش.
    5- قۇرئاننى كۆپ ئوقۇش. ئىمكان قەدەر رامىزان ئېيىدا قۇرئان كەرىمنى تامام قىلىش.
     6- ئىمكان قەدەر ئاخشاملىرى تاراۋىھ نامىزىغا چىقىپ، ئەرلەرنىڭ ئارقىسىدا ئايرىم سەپ تۈزۈپ بۇ ئۇلۇغ ئىبادەتكە ئىشتىراك قىلىش. 7- ۋەز - نەسىھەتلەرنى كۆپ ئاڭلاش.
    8- جامائەتنى، خوشنىلارنى ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلارنى ئىپتارلاتتۇرۇش .
     9- ئاتا - ئانىسىنى، قېيىن ئاتا - قېيىن ئانىسىنى ئالاھىدە ئىپتار قىلدۇرۇش ۋە ئۇلارنى يوقلاپ تۇرۇش، خىزمەتلىرىنى قىلىش ۋە دۇئالىرىنى ئېلىش. 10
    -ئېرىنىڭ ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ خىزمىتىنى ياخشى قىلىش، ئۇلارنى ئىپتار ۋە سۇھۇرلاردا ياخشى غىزالاندۇرۇش.
     11-غەيۋەت، شىكايەت، گەپ توشۇش، يالغان سۆزلەش، باشقىلارنى رەنجىتىش قاتارلىق ئىشلاردىن ۋە پۈتۈن ناچار ئەخلاقلاردىن يىراق تۇرۇش.
     12-ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ بۇ ئايدا تېخىمۇ كۆپ ياخشىلىقلارنى قىلىپ كۆپ ساۋاب تېپىشقا تىرىشىش.
    13-تېلېۋىزور كۆرۈش بىلەن ۋە پايدىسىز سۆھبەتلەر بىلەن ۋاقىتنى ئىسراپ قىلماسلىق. كۆپ ئۇخلاپ ۋاقىتنى ئۆتكۈزمەسلىك.
    14-ئىسلامىي گۈزەل ئەخلاققا توغرا كەلمەيدىغان ئادەتلىرى بولسا بۇ ئايدا شۇلارنى تۈزىتىش ۋە ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىشقا تىرىشىش. چۈنكى بۇ ئاي تەربىيە ئېلىش ۋە ياخشى ئادەتلەرنى يېتىلدۈرۈش ئېيىدۇر
    . 15-بوش ۋاقىتلىرىنى قۇرئان ئوقۇش ۋە دىنى كىتابلارنى ئوقۇپ بىلىم ئېلىش بىلەن تولدۇرۇش. چۈنكى رامىزان ئېيى قۇرئان كەرىم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن چۈشۈشكە باشلىغان بىر مۇبارەك ئاي. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ رامىزان ئېيىدا ئىبادەتلەرنى ئەڭ كۆپ قىلاتتى، سەدىقىنى ئەڭ كۆپ بېرەتتى.
     16-رامزاندا ھەددىدىن ئارتۇق كۆپ يېمەسلىك ۋە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش ئىشلىرىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش. چۈنكى كۆپ يېيىش ئادەمنى ئىبادەتلەردىن ھورۇنلاشتۇرۇپ قويىدۇ. مۇندىن باشقا كۆپ يېيىشنىڭ تەن ساقلىقىنى ساقلاشقا زىيىنى بولىدۇ. شۇڭا رامىزان ئېيىدا ئاز يەپ، ھوشيار تۇرۇش لازىم.
     17-رامىزان كېچىلىرىدە دۇئانى كۆپ قىلىش، كېچىنىڭ ئاخىرقى دۇئا ئىجابەت بولىدىغان ۋاقىتنى قولدىن بەرمەسلىك.
     18-رامىزان ئېيىنى پۈتۈن گۈزەل ئەخلاقلار بىلەن ئەخلاقلىنىش ۋە يامان ئادەتلەرنى تاشلاش پۇرسىتى دەپ تونۇپ، بۇ ئايدا ھاياتلىق ئىشلىرىنى توغرا رەتكە سېلىشنى ئۆگىنىش.
     19-رامزاننىڭ ئاخىرقى كۈنىدە يېتىم - يېسىرلارنىڭ يۈزلىرىنى كۈلدۈرۈش ئۈچۈن فىتىر سەدىقىسىنى تولۇق ۋە زىيادىسى بىلەن ئادا قىلىش.
     20- روزى ھېيت كۈنىدە ئاۋۋال ئاتا - ئانىلارنى، ئاندىن تۇغقانلارنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىنى شاد قىلىش، كەمبەغەللەرگە خەير - ئېھسان قىلىپ ئۇلارنى خوش قىلىش.
    يۇقىرىقىلارنى تولۇق ئورۇنلىغان ئايال كىشى ئەرلەردىن چوقۇم ئىككى ھەسسە ئارتۇق ساۋابقا ئېرىشىدۇ. ئىسلام تارىخىدىكى ئۈلگىلىك ئاياللار شۇنداق قىلاتتى. رامىزان ئېيىدىن تولۇق پايدىلىنىش ئۈچۈن قوللىرىدىن كەلگەننى قىلاتتى. بىزمۇ ئەشۇ ئۈلگىلىك مۇسۇلمان ئاياللارنى ئۆزلىرىمىزگە ئۈلگە قىلىپ، رامىزان ئېيىدىن تولۇق پايدىلىنىش ۋە مەنىۋى مول ھوسۇلغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىشلىشىمىز لازىم. جانابى ئاللاھ تائالادىن ھەممىمىزگە ھىدايەت تىلەيمەن ۋە بۇ ئۇلۇغ ئايدا كۆپلىگەن ساۋابلىق ئىشلارنى قىلىپ، ئاخىرەتلىكىمىز ئۈچۈن ئوزۇق توپلىشىمىزغا مۇيەسسەر قىلىشىنى سورايمەن. ئاللاھ تائالادىن پۈتۈن ئىسلام ئۇممىتىنى بۇ ئۇلۇغ ئاينىڭ شاراپىتىدىن بەھرىمەن قىلىشىنى تىلەيمەن.
    ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
    دوستلىشىش
    مۇھاجىر
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7954
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 56
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە56دانە
    ئۆسۈش: 0 %
    مۇنبەر پۇلى: 570 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-06-19
    ئاخىرقى: 2011-12-16
    2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-06 18:49

    ئاللا رەخمەت قىلسۇن قېرىندىشىم بەك ياخشى يېزىپسىس
    all praise to allah , the lord of the worlds
    دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1232
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 1369
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1369دانە
    ئۆسۈش: 330 %
    مۇنبەر پۇلى: 14530 سوم
    تۆھپىسى: 1 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-08-27
    ئاخىرقى: 2012-01-05
    3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-06 20:04

    ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە: بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنبەرگە چىقىپ ئۈچ قېتىم "ئامىن" دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن: يا رەسۇلۇللاھ نېمە ئۈچۈن بۇنداق دەيلا؟ دەپ سورالغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: جىبرىل ئەلەيھىسالام ماڭا: "رامىزان ئېيىدا گۇناھى كەچۈرۈم قىلىنمىغان كىشىنى ئاللاھ خار قىلىۋەتسۇن!"،دېگەنتى، مەن "ئامىن" دېدىم، ئۇنىڭدىن كىيىن: ئاتا - ئانىسى ھايات ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ خىزمىتى قىلماي جەننەتكە كىرىشتىن مەھرۇم بولغان كىشىنى ئاللاھ خار قىلىۋەتسۇن!"، دېگەنتى، مەن "ئامىن" دېدىم، ئۇنىڭدىن كىيىن: سىنىڭ ئىسمىڭ تىلغا ئېلىنغاندا ساڭا دۇرۇت ئېيتمىغان كىشىنى ئاللاھ خار قىلىۋەتسۇن!"، دېگەنتى، مەن "ئامىن" دېدىم، دېدى. بۇ ھەدىسنى تىرمىزىي(3545)، ئەھمەد(7444)، ئىبنى ھىببان(908) ۋە جامىئۇل سەھىھ (3510) قاتارلىقلار رىۋايەت قىلغان.


    ئاگاھ بولۇڭلار ،، پەيغەمبەرلەر دۇئاسى شەكسىز ئىجابەت ،،، يازماڭغا رەھمەت ،،،  
    باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+1(era13) ئىسل يازما
  • دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2851
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 509
    ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە509دانە
    ئۆسۈش: 120 %
    مۇنبەر پۇلى: 5337 سوم
    تۆھپىسى: 1 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-10-10
    ئاخىرقى: 2011-10-20
    4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-07 00:48

    مەن ساقىلۋالاي
    دوستلىشىش
    دېدار
    اﷲقا تەقۋادار بول، ھەمىشە ئەسلەپ تۇرغىن!چۇنكى ئ& ..
    دەرىجە: رەسمىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7815
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 108
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە108دانە
    ئۆسۈش: 80 %
    مۇنبەر پۇلى: 1160 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-06-10
    ئاخىرقى: 2012-01-03
    5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-08 00:34

        
    ئوۋچىنىڭ مىلتىقى بولسا ، تۇلكىنىڭ خۇداسى يوقمىكەن .
    دوستلىشىش
    نەزىرە
    دەرىجە: رەسمىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7503
    جىنسى : ئايال (قىزچاق)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 241
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە241دانە
    ئۆسۈش: 300 %
    مۇنبەر پۇلى: 2649 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-05-21
    ئاخىرقى: 2012-01-06
    6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-08 01:49

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!  شۇنداق ياخشى تېما يوللاپسىز رەھمەت سىزگە، ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن!!!

    ھەممىمىز بۇ ئۇلۇغ رامىزان ئېينى ياخشى ئۆتكۈزەيلى!!!
    ھايا ئىمان جۈملىسىدىندۇر
    allaga siginip xaytanlarning yamanlikidin pana tilayman
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8313
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 54
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە54دانە
    ئۆسۈش: 0 %
    مۇنبەر پۇلى: 570 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-07-26
    ئاخىرقى: 2011-11-25
    7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-08 18:31

    ئاللا سزگە كۆپ ئەجىر ئاتا قىلسۇن.........................
    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ۋە مەدھىلەشلەرئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئۇلۇغ ئاللاغا خاستۇر
    دوستلىشىش
    تەپەككۇر
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8513
    جىنسى : يوشۇرۇن
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 6
    ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە6دانە
    ئۆسۈش: 150 %
    مۇنبەر پۇلى: 190 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-08-09
    ئاخىرقى: 2011-08-10
    8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-09 10:11

    دوستلىشىش
    ئۇيغۇرقىزى
    بۇ دۇنيادا چۈشنىش ئەڭ قىيىن بولغان نەرسە ئادەمدۇ ..
    دەرىجە: يېڭى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7833
    جىنسى : ئايال (قىزچاق)
    نادىر تېمىسى: 0
    ئومۇمىي يازما: 65
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە65دانە
    ئۆسۈش: 0 %
    مۇنبەر پۇلى: 660 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2011-06-11
    ئاخىرقى: 2011-08-09
    9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-09 19:32

    ئاللاھ ئىلمىڭىزنى زىيادە قىلسۇن.