ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ:« بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئولتۇراتتۇق، بىر ئادەم كېلىپ، – يا رەسۇلەللا! مەن ھالاك بولدۇم- دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن: – سېنى نېمە ھالاك قىلدى؟- دەپ سورىۋىدى، بۇ ئادەم :- مەن روزىدار تۇرۇپ ئايالىمغا يېقىنچىلىق قىلىپ قويدۇم- دەپ جاۋاب بەردى، بۇ ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا:- بىر قۇل ئازات قىلالامسەن؟ -دەپ سوئال قويدى، ھېلقى ئادەم،- ياق- دەپ جاۋاب بەردى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە ئۇنىڭدىن،- ئىككى ئاي ئارقا- ئارقىدىن روزا تۇتالامسەن- دەپ سورىدى، ئۇ ئادەم- ياق – دەپ جاۋاب بەردى، يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن،- 60 پېقىرغا تائام بېرەلەمسەن- دەپ سورىۋىدى بۇ ئادەم- ياق-دېدى، بۇ ئارىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھېچ نەرسە دېمەي تۇرىۋىدى، ئۇنىڭغا بىر تاغار خورما كەلتۈرۈلدى، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :- سۇئال سورىغان كىم؟-دەپ نىدا قىلىۋىدى، ھېلىقى ئادەم- مەن يارەسۇلەللا- دەپ ئورنىدىن تۇردى، بۇۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا،- بۇنى ئال ۋە سەدەقە قىلۋەت- دېدى، ھېلقى ئادەم- يارەسۇلەللا! بۇنى مەندىنمۇ پېقر بىرسىگە سەدەقە قىلامدىمەن؟ ئاللاھ تائالانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى،مەدىنىدە مېنىڭ ئائىلەمدىنمۇ پېقىر ئائىلە يوق- دىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئادەمنىڭ سۆزىگە كۈلۈپ كەتتى، ھەتتا چىشلىرى كۆرۈنۈپ قالدى، ئاندىن – بولدى، بۇنى ئېلىپ كېتىپ ئائىلەڭگە سەدەقە قىل- دېدى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام»(بۇخارى رىۋايىتى