بۈگۈنكى ئۈچ ھەدىس
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇھەقتە مۇنداق دېگەن: » كىمكى روزىدارلىقى ئېسىدە يوق ھالدا بىرنەرسە يەپ قويسا ياكى ئىچىپ قويسا روزىسىنى بۇزمىسۇن، ھەقىقەتەن ئۇ، ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان رىزىقتۇر «(تىرمىزى رىۋايىتى).
يەنە بىر ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: « بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ،- يا رەسۇلەللا! مەن روزىدار تۇرۇپ، ئېسىمدە يوق ھالدا يەپ- ئىچىپ قويدۇم،- دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: – ئاللاھ تائالا سېنى غىزالاندۇرۇپتۇ، ۋە سۇغۇرۇپتۇ- دەپ جاۋاب بەردى » (ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى).
ئەبۇ داۋۇد ۋە ئەھمەدساھابىلاردىن مۇنۇ ھەدىسىنى رىۋايەت قىلغان :« پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ روزا كۈندۈزىدە، ھاۋانىڭ ئىسسىقلىقى ياكى ئۇسسۇزلۇق سەۋەبىدىن بېشىغا سۇ تۆكۈۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئىدۇق» (ئەبۇ داۋۇد ۋە ئەھمەدرىۋايىتى) |