باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 5912 قېتىم كۆرۈلدى
«1234»Pages: 1/4     Go
تېما: ئارمانلىقلارنىڭ سەركىسى  -رادىل ئابلا
دوستلىشىش
مەنزىلگە
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8227
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 27
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە27دانە
ئۆسۈش: 150 %
مۇنبەر پۇلى: 320 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-20
ئاخىرقى: 2011-11-01
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-30 01:54

ئارمانلىقلارنىڭ سەركىسى  -رادىل ئابلا

  
      ئارمانلىقلارنىڭ سەركىسى
      13 يىل ئىچىدە ئاددىي فىلىم ئىشلەش مەركىزىدىن دۇنياغا يۈزلەنگەن شىنجاڭ << ئارمان >> كەسپىي چەكلىك شىركىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈش ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس. شۇڭا بىز بۇ شىركەتنى بارلىققا كەلتۈرۈش جەريانىدا قان  -تەر تۆكۈپ باشلامچىلىق رول ئوينىغان رادىل ئابلانى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالماي تۇرالمايمىز.

      شىنجاڭ <<ئارمان>> كەسپىي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى تۆھپىكار ياش كارخانىچى رادىل ئابلا 1990  -يىلى شاڭخەي شەرقىي جۇڭگو پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى بىئولوگىيە فاكۇلتېتىنىڭ ئوزۇقلۇقشۇناسلىق كەسپىنى پۈتتۈرۈپ، باكلاۋىرلىق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئۇ مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە كومىتېتىنىڭ پەن تەتقىقات ئورنىغا تەقسىم قىلىنىپ تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ شۇ چاغدا ئىشتىن سىرتقى ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇپ، ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئالغان، 2004  -يىلى شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىدا خەلقئ.ارالىق كارخانا باشقۇرۇش كەسپىدە ئوقۇپ، سودا  -سانائەت ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئالغان. رادىل ئابلا ھازىر مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، مەملىكەتلىك ياش كارخانىچىلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، مەملىكەتلىك يەككە ئەمگەكچىلەر، خۇسۇسىي كارخانىچىلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، مەملىكەتلىك شەرەپلىك ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا  -سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ياش كارخانىچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق يەككە ئەمگەكچىلەر، خۇسۇسىي كارخانىچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئ.اۋىن باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا  -سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇسۇلمانچە يېمەكلىكلەر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەرەپلىك ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ << ئارمان >> كەسپىي چەكلىك شىركىتى پەن  -تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەۋاتىدۇ. 2003  -يىلى ئۇ يەنە شەرەپلىك ھالدا  ئاپتونوم رايونلۇق 10  -نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋە ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلاندى.
      رادىل ئابلا پەقەت بىر ئىگىلىك تىكلىگۈچى ۋە تۆھپىكار كارخانىچى بولۇپلا قالماي، ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈش يولىدا توختىماي ئىزدىنىۋاتقان، قان -تەر تۆكىۋاتقان تۆھپىكار پەن   -تېخنىكا خادىمى. ئۇنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىمۇ كىشىنى سۆيۈندۈرىدۇ. ئۇ، 2001  -يىلى 5  -ئايدا تەكلىپكە بىنائەن بېيجىڭدا ئېچىلغان 21  -ئەسىر خەلقئارا تېببىي پەنلەر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئۆز تەتقىقاتىنىڭ مېۋىسى بولغان ئىلمىي ماقالىسىنى ئوقۇپ، يىغىن تەشكىلىي كومىتېتى تەسىس قىلغان ئەڭ ئالىي مۇكاپات << ئىنسانىيەتنىڭ ساغلاملىق ئىشلىرىغا تۆھپە قوشۇش مۇكاپاتى >> غا ئېرىشتى. ھەمدە ب د ت تىنچلىق فوند جەمئىيىتى خەلقئاراغا ئېچىۋېتىلگەن تېببىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوزۇقشۇناسلىق پەنلىرى دوكتورى ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. رادىل ئابلا ھازىرغىچە ئىلگىرى  -كېيىن بولۇپ ئىتتىپاق مەركىزى كومىتېتى تەرىپىدىن << مەملىكەتلىك ياشلارنىڭ پەن  -تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇكاپاتى >> غا، جۇڭگو پۇقراۋىي پەن -تېخنىكا كارخانىچىلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن << جۇڭگودىكى مۇنەۋۋەر پۇقراۋىي پەن  -تېخنىكا كارخانىچى >> دېگەن نامغا، ئاپتونوم رايون بويىچە ئەمگەك نەمۇنىچىسى دېگەن نامغا، << شىنجاڭدىكى ياشلارنىڭ ئون چوڭ پەن  -تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مۇكاپاتى >> غا ئېرىشتى. ئۇ يەنە ئاپتونوم رايون بويىچە << مۇنەۋۋەر ياش كارخانىچى >>، ئاپتونوم رايون بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىدىكى ئىلغار شەخس، 5  -نۆۋەتلىك شىنجاڭدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئون ياشنىڭ بىرى، ئاپتونوم رايون بويىچە كۆزگە كۆرۈنگەن ياشلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش باشلامچىسى دېگەن شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشتى. ئۇ يەنە ئاپتونوم رايون بويىچە پەن  -تېخنىكا تەرەققىيات مۇكاپاتىغا، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى تەرىپىدىن كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئىشلىرىغا تۆھپە قوشۇش مۇكاپاتىغا، ئاپتونوم رايونلۇق پەن  -تېخنىكا نازارىتى تەرىپىدىن << مۇنەۋۋەر پۇقراۋىي پەن  -تېخنىكا كارخانىچى >> دېگەن نامغا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن <<ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەمگەك نەمۇنىچىسى >>، << ئۈرۈمچى شەھىرى بويىچە جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم ئىشلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر قۇرغۇچىسى >> دېگەن نامغا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىتتىپاق كومىتېتى تەرىپىدىن << ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ياش خەير  -ساخاۋەت ئەلچىسى >> دېگەن نامغا ئېرىشتى.
      رادىل ئابلا ھالال ئەجىر ۋە توختىماي ئىزدىنىش روھى ئارقىلىق ئېرىشكەن شان  -شەرەپلىرىنى ھەقىقەتەن ساناپ بولالمايمىز. ئۇ بۇنداق شان  -شەرەپلەر ئالدىدا مەڭدەپ قالمىدى. ئۇ شىجائەت چوققىسىغا چىققانسېرى تېخىمۇ يىراققا نەزەر تاشلاپ، تېخىمۇ گۈزەل مەنزىلگە قاراپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلىدى. ئۇ باسقان ھەربىر قەدەمدىن تېخىمۇ پۇراقلىق، تېخىمۇ گۈزەل ئارمان گۈللىرى پورەكلىدى. ئۇ، مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كارخانىچىلار بىلەن كۆپ قېتىم ھەم سۆھبەتتە بولدى. ئۇلار بىلەن ئۆزئارا تەجرىبە ئالماشتۇردى. ئۇلارنىڭ يېڭىلىقلىرىدىن مەدەت ۋە ئىلھام ئالدى. يېقىنقى يىللاردىن بېرى رادىل ئابلا شىنجاڭدىن، مەملىكەتتىن ھالقىپ خەلقئاراغا يۈزلىنىپ ئۆزىنى تاكاممۇللاشتۇردى ھەمدە شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت كارخانىچىلىرىنىڭ يېڭىچە ئوبرازىنى نامايەن قىلدى. 2000  -يىلىدىن كېيىن ئۇ، تۈرلۈك ئۆمەكلەر تەركىبىدە ئاۋىستىرالىيە، يېڭى زىنلاندىيە، سىنگاپور، تايلاند، گېرمانىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە، ئاۋىستىرىيە، نورۋىگىيە، بىلگىيە، گوللاندىيە، تۈركىيە، كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە زىيارەت ۋە ئېكىسكۇرسىيىدە بولدى. ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆز قىلىپ ۋە ئىلمىي ماقالە ئوقۇپ چەت ئەل مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى. 2004  -يىلى 12  -ئ.ايدا << ئارمان >> شىركىتىنىڭ خەلقئارالىق سودا چەكلىك شىركىتى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىكىدە ئېچىلغان ئوتتۇرا ئاسىيا سودا يەرمەنكىسىگە قاتناشتى ۋە << ئارمان دۇبەي خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى >> نى قۇردى.
      ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، رادىل ئابلا 2006  -يىلى 12  -ئايدا مەملىكەت بويىچە جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم ئىشلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر قۇرغۇچىسى شەرىپىگە ئېرىشىپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى جياچىڭلىن قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ قوبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولدى. ئۇ شۇ يىلى يەنە مەملىكەت بويىچە EMBA دا ئوقۇغان ئون مەشھۇر شەخىسنىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى.
      رادىل ئابلا شىنجاڭ << ئارمان >> كەسپىي چەكلىك شىركىتىدىكى ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، خۇيزۇ، ئۆزبېك، تاتار قاتارلىق مىللەتلەردىن تەركىب تاپقان ئىشچى  -خىزمەتچىلەرنى زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى ئورتاق ئارمان، ئورتاق نىشان ئۈچۈن ئالغا بېسىشقا يېتەكلەپ، ئارمان شىركىتىنى ھەر مىللەت ئىشچى  -خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىللىق ۋە ئىناق ئائىلىسىگە ئايلاندۇردى.
http://www.arman.com.cn/UY/UY/Bs_CoProfile.asp?Action=Ceo
دوستلىشىش
ئۇيغۇر145
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8369
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە2دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 20 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-30
ئاخىرقى: 2011-08-01

ما تېمىغا ئىنكاس يىزىش ئۈچۈن تىزىملىتىپ بىر مۇنچە ئىنكاس يازغان ئىدىم.ئىشخانىدا تۇيۇقسىز مۇھىم ئىشىم چىقىپ قالغانلىقى ئۈچۈن ھەممىنى ئۆچۈرۋىتىپ ئىنكاسىمنى كىيىنگە قويدۇم...
كەڭ تور پۇقرالىرى بىلەن ئارمان شىركىتى ئۇيغۇر تور بەتچىلىكى ، ئۇيغۇر تور تىخىنىكىسى ئۈچۈن زادى قانچىلىك تۆھپە قوشتى،ئارمان شىركىتىنى توردا داڭلاپ يۈرگىدەك ئۇ خەق قايسى ئۇيغۇر تور بىتىگە(تور تاقىلىشتىن ئىلگىرىكى شەبنەمدىكى ئىلانىدىن باشقا ) ئىلان بىرىپ تور بەت قۇرغۇچىلارغا ئازراق بولسىمۇ ئېقتىسادى كىرىم يارىتىپ بىرەلىدى... دىگەن تېمىدا مۇنازىرە ئىلىپ باقساق دىگەن ئۈمىد تە مەن..

مىنىڭ پىكىرىمچە ئارمان شىركىتى ئۇيغۇر ئۈچۈن پەقەتلا ئىسمى بار،جىسمى يوق قۇرۇق جازىدىن باشقا بىر نىمە ئەمەس.
ئامانشاھ
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1939
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1424
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1424دانە
ئۆسۈش: 1770 %
مۇنبەر پۇلى: 16184 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-15
ئاخىرقى: 2012-03-31
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-30 11:39

مەنمۇ ئارقىسىدىكى كىتابلارغا دىققەت قىلىپ قالدىم، ئۇيغۇرچە ئەمەسكەن.
پەخىرلىنىمەن ئۇيغۇر بولۇپ تۆرەلگىنىمدىن،
ھەم  مۇسۇلمان ئەۋلادى بولغانلىغىمدىن.
دوستلىشىش
تۇپراق0999
قۇشۇلما پىتنىخۇرغا بارمايىقىن،ئۇنىڭكىم تىلىدىن ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7376
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 72
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە72دانە
ئۆسۈش: 120 %
مۇنبەر پۇلى: 830 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-13
ئاخىرقى: 2012-03-22
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-30 12:10

ھەي كۆرەلمەسلىك -پىتنەخۇرلىق  بىزدىكى بۇخۇي قاچانمۇ تۇگەر  .  ئىقتىدارڭىز بولسا سېزمۇ سىناپ كورۇڭ  تۇزۇكرەك بىرەر دۇككاننى ئوڭشاپ ماڭغۇزالمايسز  خەق قىلغاننى كۆرەلمەيمىز  ئەگەر رادىل كامنىڭ ئۇرنىدا باشقا ئاكاملار ئاشقان بولسا شۇلگەيلىرمىزنى ئىقتىپ قالار بولغىيدۇق ،ئۇنداق قىلمايلى ئەزىز قىرىندىشىم . كەچۇرۇڭلار ئەزىز قىرىنداشلىرىم قاتتىق  تەككەن
يەرلىرى بولسا ئەپو قىلاسىلەر،،،،،،،ھەي -----------كۆرەلمەسلىك--------ھەي------ھەسەتخۇرلۇق
بىزنى ئاخرى قۇرۇت -قۇڭغۇزلارغىمۇ  قۇل قىلدىغان ئۇخشايدۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
ئىللەت تۇزەلمىگۇچە-----مىللەت تۇزەلمەس، دەپ توغرا دەپتىكەن
ئۆلومگە بىر داۋا  ئىزلەپ  جاھاندىن ئۆتتى  كۆپ  دانا،
دوستلىشىش
تۇپراق0999
قۇشۇلما پىتنىخۇرغا بارمايىقىن،ئۇنىڭكىم تىلىدىن ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7376
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 72
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە72دانە
ئۆسۈش: 120 %
مۇنبەر پۇلى: 830 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-13
ئاخىرقى: 2012-03-22
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-30 12:16

Re:ئارمانلىقلارنىڭ سەركىسى  -رادىل ئابلا

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى amanxa نىڭ 2011-07-30 11:39 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مەنمۇ ئارقىسىدىكى كىتابلارغا دىققەت قىلىپ قالدىم، ئۇيغۇرچە ئەمەسكەن.

ھازىر باللىرمىزمۇ  ئۇيدە ئاتا-ئانلىرى بىلەن خەنزۇچە پاراڭلىشۋاتقان تۇرسا  بىزنىڭ ئاناتىلمىز يوينىنى قىسىپ قالماقتىن باشقا نەئامال .....قوشتىل مائارپى بىزنى ئەۋلاتلىرمىزنى خەنزۇۋان قىلىپ تەربىلەپ ماڭماقتا ،بارا-بارا بىزنىڭ ئىسىل ئەن ئەنلىرمىزمۇ ..
قوشتىل بىلەن ماڭماي قاندق قىلدۇ  .......
ئۆلومگە بىر داۋا  ئىزلەپ  جاھاندىن ئۆتتى  كۆپ  دانا،
ھايات -كۆرەش،پۇرسەت،نەتىجە دىمەكتۇر.
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 191
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 858
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە858دانە
ئۆسۈش: 2702 %
مۇنبەر پۇلى: 8962 سوم
تۆھپىسى: 5 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-03-31
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-30 12:22

          ئۇيغۇر 145-نومۇرلۇق يولداش، سىز دەپ بېقىڭە سىزمۇ بىر تور پۇقراسىغۇ، سىز  ئۇيغۇر تور بەتچىلىكىگە قانداق تۆھپىلەرنى  قوشۇۋاتىسىز، ياكى سىز بىرەر شىركەتنى قۇرغان، ئىشسىزلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان، ئىنساننىڭ ئەڭ تۆۋەن، ئەڭ ئىپتىدائىي ئىھتىياجى بولغان قورساق بېقىش غېمىدىن خالاس قىلىۋاتقان ساخاۋەت ئىگىسىمۇ، يە؟  سىز تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈپ، باشقىلاردىن قۇسۇر تاپمىسىڭىز كۆڭلىڭىز تىنچ تۇرمامدۇ، قانداق؟
         سىزگە سەمىمىيلىك بىلەن دەپ قوياي قېرىندىشىم: ھازىرقى جاھان غەيۋەت قىلىدىغان دەۋر ئەمەس، بىزگە ئەمەلىي ئىش قىلىدىغانلار لازىم، خەققە 1 -تيىن چاغلىق ياردەم، ياخشلىق قىلسىڭىز مانا بۇ سىزنىڭ تۆھپىڭىز، بۇنى ھەر بىر مۇسۇلمان پەرزەنتى چۈشىنىپ يېتەلەيدۇ، ھەم << ياخشى سۆز ئۆزى بىر ساۋاپ >> دىگەن ئەقىدە بىلەن خەققە دىل ئازارى قىلمايدۇ.
          چاقىرىق : خەلقئاراغا تونۇشلۇق مىللىي كارخانىمىز ئارمان، ئىخلاس، ئامىنە قاتارلىق داڭلىق شىركەتلەر ئۈستىدە قىلىنغان پىتنە -پاساتلارغا قۇلاق سالمايلى قېرىنداشلار.......
  
پۇرسەت سىزنى كۈتۈپ تۇرمايدۇ، لىكىن پۇرسەت سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدا پەرۋانىدەك چۆرگۈلەپ تۇرىدۇ، گەپ سىزنىڭ بايقشىڭىزدا. تىرىشچانلىق، سەمىمىيلىك، ئىشەنچ سىزگە بايلىق ئاتا قىلىدۇ. كۈنىڭىز مەنىلىك، ئەھمىەتلىك،خوشال ئۆتىدۇ.
دوستلىشىش
تۇپراق0999
قۇشۇلما پىتنىخۇرغا بارمايىقىن،ئۇنىڭكىم تىلىدىن ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7376
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 72
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە72دانە
ئۆسۈش: 120 %
مۇنبەر پۇلى: 830 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-13
ئاخىرقى: 2012-03-22
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-30 12:30

Re:ئارمانلىقلارنىڭ سەركىسى  -رادىل ئابلا

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى almiliq نىڭ 2011-07-30 12:22 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
          ئۇيغۇر 145-نومۇرلۇق يولداش، سىز دەپ بېقىڭە سىزمۇ بىر تور پۇقراسىغۇ، سىز  ئۇيغۇر تور بەتچىلىكىگە قانداق تۆھپىلەرنى  قوشۇۋاتىسىز، ياكى سىز بىرەر شىركەتنى قۇرغان، ئىشسىزلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان، ئىنساننىڭ ئەڭ تۆۋەن، ئەڭ ئىپتىدائىي ئىھتىياجى بولغان قورساق بېقىش غېمىدىن خالاس قىلىۋاتقان ساخاۋەت ئىگىسىمۇ، يە؟  سىز تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈپ، باشقىلاردىن قۇسۇر تاپمىسىڭىز كۆڭلىڭىز تىنچ تۇرمامدۇ، قانداق؟
         سىزگە سەمىمىيلىك بىلەن دەپ قوياي قېرىندىشىم: ھازىرقى جاھان غەيۋەت قىلىدىغان دەۋر ئەمەس، بىزگە ئەمەلىي ئىش قىلىدىغانلار لازىم، خەققە 1 -تيىن چاغلىق ياردەم، ياخشلىق قىلسىڭىز مانا بۇ سىزنىڭ تۆھپىڭىز، بۇنى ھەر بىر مۇسۇلمان پەرزەنتى چۈشىنىپ يېتەلەيدۇ، ھەم << ياخشى سۆز ئۆزى بىر ساۋاپ >> دىگەن ئەقىدە بىلەن خەققە دىل ئازارى قىلمايدۇ.
          چاقىرىق : خەلقئاراغا تونۇشلۇق مىللىي كارخانىمىز ئارمان، ئىخلاس، ئامىنە قاتارلىق داڭلىق شىركەتلەر ئۈستىدە قىلىنغان پىتنە -پاساتلارغا قۇلاق سالمايلى قېرىنداشلار.......
  


ئاللاھ رەخمەت قىلسۇن قىرىندىشىم كۆڭلۇمدىكنى دەپسىز ،ئۇيغۇر145.تۇردشمىز دەك قالايمىقان جۇيلىمىسەك . بىزگە غەيۋەت-كۇرەلمەسلىكتىن باشقا ئىش يۇقمىدۇ ،..................................
ئۆلومگە بىر داۋا  ئىزلەپ  جاھاندىن ئۆتتى  كۆپ  دانا،
كۆزۆڭنىڭ بارىدا شە كۆ
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8183
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 932
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە932دانە
ئۆسۈش: 190 %
مۇنبەر پۇلى: 9792 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-17
ئاخىرقى: 2012-03-19
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-30 13:22

رادىلكاممۇ ماختاشلارغا تويۇپ قالغاندۇ.
ئانچە -مۇنچە تەتۈر پاراڭلارنىڭمۇ زىيىنى يوق...
قىرىندىشىمىز پىكىرلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ باقسا بۇ تىمىنى رادىلكام كۆمىگەن تەغدىردىمۇ ، رادىلكامغا ئەگەشمەكچى بولغان ئىڭى ئەۋلاتلارغا بىرەر پايدىسى تىگىپمۇ قالار......
ئادىيات
دوستلىشىش
مىسكىن
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7172
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 249
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە249دانە
ئۆسۈش: -10 %
مۇنبەر پۇلى: 2550 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-18
ئاخىرقى: 2012-03-31
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-30 13:45

ئارمان قۇۋۋەت تالقانلىرىنى كۆپرەك يەپ ئارماننى قوللايلى.
دوستلىشىش
abduwali123
ئى ئاللا بىر سلگە ئىبادەت قىلمىز ۋە بىر سلدىن ياد ..
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3898
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1125
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1125دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 6045 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2012-03-31
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-30 13:46

ئۇيغۇركەن ھە ئۇنداق بولسىلا  
adasdsadas