باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 5049 قېتىم كۆرۈلدى
«123»Pages: 1/3     Go
تېما: سۇن جۇڭشەن،ئېلىخان تۆرە
دوستلىشىش
kichikoghul
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6651
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 10
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە10دانە
ئۆسۈش: 120 %
مۇنبەر پۇلى: 197 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-22
ئاخىرقى: 2012-01-03
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-28 18:36

سۇن جۇڭشەن،ئېلىخان تۆرە

شىنخەي ئىنقىلابىدىكى سۇن جۇڭشەن ۋە
 ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدىكى ئېلىخان تۆرە
1
   سۇن جۇڭشەن(1866-1925) جۇڭگودا ئىككى مىڭ يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان پادىشاھلىق مۇستەبىت تۈزۈمىگە خاتىمە بەرگەن20-ئەسىرنىڭ بېشىدىكى مەشھۇر ئىنقىلاپ-شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى.ئۇ ئاۋال يۇرتىدا خۇسۇسىي مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇدى،كېيىن ھونۇلۇلۇ،گۇاڭجۇ،شىياڭگاڭ قاتارلىق جايلاردا ئوقۇپ،كاپتالىزىم جەمئىيىتىنىڭ بىر قىسىم سىياسىي تەلىماتىنى قۇبۇل قىلدى. مېىدىتسىنا ئونۋېرسىتىتىنى پۈتۈرگەندىن كېيىن دوختۇرلۇق قىلىش جەريانىدا،چىڭ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ۋەتەنپەرۋەر ياشلار ۋە خۇيداڭچىلار بىلەن پائال تونۇشۇپ،ئۇلار بىلەن ۋەزىيەت ھەققىدە مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىپ،مىللەتنى قۇتقۇزۇشتەك سىياسىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىدى.
 
ئېلىخان تۆرە(1885-1976) جۇڭگودا قىرىق يىلغا يېقىن ھۆكۈم سۈرگەن گومىنداڭنىڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىنىڭ گومران قىلىنىشىدا ناھايىتى زور تۆھپە قوشقان،ئۇيغۇر قاتارلىق ئىزىلگۈچى مىللەتلەرنىڭ 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىكى ئۇلۇغ مىللىي دېمىكۇراتىك ئىنقىلابى-ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى.ئۇ ئاۋال ئەرەبىستاندا ئۇقۇشنى تاماملاپ،ۋەتىنىگە قايتىپ كىلىپ بۇخارا مەدرىسىدە داۋاملىق ئىلىم تەھسىل قىلدى،ئەرەپ،پارىس تىللىرىنى تولۇق
ئۆزلەشتۇردى ۋە تىبابەت، تارىخ، دىننى،ناتىقلىق جەھەتلەردە كامالەتكە يەتتى.1917-يىلدىن1930-يىلغىچە بىرقانچە قېتىم ئوتتۇرا ئاسىيادا خەلقنىڭ سوۋىت ھاكىميىتىگە قارشى قوزغىلىڭىغا قاتنىشىپ قولغا ئېلىندى،تۈرمىدىن قېچىپ چىققاندىن كېيىن غۇلجىغا كىلىپ ئولتۇراقلاشتى. ئىلىخان تۆرە دىننى ئۇلىما ۋە ئۇستا تىۋىپ ۋە ناتىقلىغى بىلەن تىزلا جامائەتچىلىككە تۇنىلىدۇ.1937-يىلى كۇچادا قولغا ئېلىنىپ ئۈرۈمچىگە ئاپىرىلىدى.1941-يلى شېڭ شېسەي تۈرمىسىدىن چىقىپ غۇلجىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن جامائەت سۇرۇنلىرىدا مەخپى ئاشكارە ئۇسۇلدا گۇمىنداڭ ھاكىميىتىنىڭ ئەكسىيەتچىل سىياسەتلىرىگە قارشى تەشۋىقات ئىلىپ باردى.
2
1894-يىلى11-ئايدا سۇن جۇڭشەن جۇڭگو بۇرژۇئازىيىسىنىڭ تۇنجى ئىنقىلابىي تەشكىلاتى<<جۇڭخۇانى گۈللەندۈرۈش جەئىيىتى>>نى قۇرۇپ چىقتى. ھەمدە بۇ جەمئىيەتكە كىرىش قەسەمنامىسىدە<<ياتلارنى قوغلاپ چىقىرىش،جۇڭگونى ئەسلىگە كەلتۈرۈش،بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇشتىن ئىبارەت>>ئىنقىلاپ پىروگىراممىسىنى ئوتتۇرغا قويدى. 1911-يىلى10-ئاينىڭ
10-كۈنى كۈتۈرۈلگەن ۋۇچاڭ قوزغىلىڭى غەلبە قىلغاندىن كېيىن بۇ ئىنقىلاپ تېزلىك بىلەن پۈتۈن مەملىكەتكە كېڭەيدى. 1912-يىلى1- ئاينىڭ 1-كۈنى،سۇن جۇڭشەن نەنجىڭدا قەسەم بىرىپ زۇڭتۇڭلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇردى ۋە جۇڭخۇا مىنگۇنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى.
 
1944-يىلى غۇلجىدا يەر ئاستى<<ئازاتلىق تەشكىلاتى >> قۇرۇلدى. ئىلىخان تۇرە بۇ تەشكىلاتتقا قاتنىشتى ۋە تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىكىگە سايلاندى.1944-يىل10-ئاينىڭ5-كۈنى پارتىزانلار ۋە ئامما نىلقىغا ھۇجۇم قىلىپ غەلبە قىلغاندىن كېيىن بۇ ئىنقىلاپ تېزلىك بىلەن پۈتۈن ئىلى رايۇنىغا كېڭەيدى.1944-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۇنى غۇلجىدا ۋاقىتلىق جۇمھۇريەت قۇرۇلغاندا ئېلىخان تۆرە بۇ جۇمھۇريەتنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىگە ئولتۇردى ۋە1945-يىلى1-ئاينىڭ5-كۈنى 4-قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزۈپ گومىنداڭنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى تازىلاش،ھەر مىللەت خەلقىنىڭ باراۋەرلىكى ئاساسىدا ھەقىقىي ئەركىن مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت قۇرۇش...قاتارلىق 9-ماددىلىق  ختابنامىنى ماقۇللىدى.
3
بۇ مەزگىلدە ئىنقىلاپ لاگىردىكى كۆپ سانلىق كىشىلەر سۈلھى قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى.شۇنىڭ بىلەن ئىنقىلابىي ئارمىيىنىڭ شىمالغا يۈرۈش قىلىشى يېرىم يولدا توختاپ قالدى. 11-ئايدائەنگىلىيە،ئامېرىكا،پىرانسىيە گېرمانىيە،ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئارلىشىشى بىلەن<<جەنۇپ-شىمال تىنچلىق سۆھبىتى>>ئۆتكۈزۈلدى.نەتىنجىدە بۈيۈك زۇڭتۇڭلىق يۈەن شىكەينىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتتى.نەنجىڭ ھۆكۈمىتى مەۋجۇتلۇقتىن قالدى.يۈەن شىكەي نىقابىنى يىرتىپ تاشلاپ،مۇستەبىت پادىشاھلىق تۈزۈمنى تىرىلدۈرۈپ1916-يىلى1-ئاينىڭ1-كۈنى<<جۇڭخۇا ئىمپىريىسى>>نىڭ خانلىق تەختىگە ئولتۇرماقچى بولۇپ مەقسىتىگە يىتەلمەي،6-ئاينىڭ6-كۈنى بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشتى.
 
بۇ مەزگىلدە ئىنقىلاپ لاگىردىكى كۆپ سانلىق كىشىلەر سۈلھى قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى.شۇنىڭ بىلەن ئىلى ئارمىيىنىڭ ئۈچ يۈنۈلۈش بۇيىچە ھۇجۇم قىلىشى يېرىم يولدا(ئىنقىلابنى ئۈرۈمچىگە قارىتىپ سۈرۈش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۋالغان ئوتتۇرا يۈنۈلۈش ئارمىيىسىى ماناس دەرياسى بۇيىدا) توختاپ قالدى.سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئارلىشىشى بىلەن1945-يىل9-ئايدىن1946-يىل7-ئاينىڭ1-كۈنى بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلغىچە<<ئۈرۈمچى تىنچلىق سۆھبىتى>>ئۆتكۈزۈلدى.نەتىنجىدە باش رەئىسلىك ئاۋال جاڭ جىجۇڭنىڭ،ئاندىن مەسۇد( بۇ كىشىمۇ بۇرژۇئا دېمىكۇراتىك ئىنقىلاپچىسى سۇن جۇڭشەن ۋە پان ئىسلامىزىمچى ئېلىخان تۆرىلەرگە ئوخشاش مېدىتسىنا كەسپىنى ئۆگەنگەن)،ئاخىرىدا بورھان شەھىدىلەرنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتتى.غۇلجىدىكى جۇمھۇريەت مەۋجۇتلىقىدىن قالدى.گومىنداڭ ئۆزۈنى ئوڭشىۋالغاندىن كېيىن نىقابىنى يىرتىپ تاشلاپ قالغان يەتتە ۋىلايەتتىكى خەلققە قاراتقان زۇلۇمنى تېخىمۇ كۈچەيتتى، ئەخمەتجان فۇجۇشى ۋە ئابدۇكېرىم ئاباسوفلار گومىنداڭ بىلەن ئەركىن،تىنچ بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش مەقسىتىگە يىتەلمەي
1949-يىل8-ئايدا مەخپى ھالدا غۇلجىدىن سوۋىت ئىتتىپاقىغا  بېرىپ27-ئاۋغۇستتا ئايرۇپىلان ھادىسىسىگە ئۇچۇراپ ۋاپات بولدى.

  مەنبە: بۇ ئىككى كىشىنىڭ تورغا چىقىرىلغان تەرجىمھاللىرى كېسىپ چاپلىنىپ بۇ سېلىشتۇرما تەسىرات يېزىپ چىقىلدى.

[ بۇ يازمىنىkichikoghul 2011-07-29 15:55قايتا تەھرىر ]
AYATLIK,BIR KURAX
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4058
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1425
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1425دانە
ئۆسۈش: 4730 %
مۇنبەر پۇلى: 17756 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-27
ئاخىرقى: 2012-01-03

سۇن جۇڭشەن شۇ دەۋىردىكى ئىلغار پىكىرلىك ،ئۇقۇمۇشلوق دىمكىراتىك،،،زات ئىدى،،،!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7172
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 248
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە248دانە
ئۆسۈش: -10 %
مۇنبەر پۇلى: 2540 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-18
ئاخىرقى: 2011-12-22
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-29 20:57

ئېلىخان تۆرىنىڭ 3ۋىلايەت ئىنقىلاۋىدىن كېيىنكى يەنى سوۋېتقا چىقىپ كەتكەندىن كېيىنكى ھاياتى توغرىسىدىكى مەلۇماتلار بولسا بلىۋالساق بوپتىكەن.
دوستلىشىش
samanyoli
ھەربىر قىيىنچىلىقنىڭ  كەينىدە بىر ئاسانچىل ..
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5487
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1431
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1431دانە
ئۆسۈش: 6930 %
مۇنبەر پۇلى: 19274 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2012-01-04
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-29 21:11


  
  
  [attachment=11695


ۋاي كاساپەتلەر،،،،،،،،،،،،كۆچۈرگىلى بولمايدىغان قىلىپ قويۇپتا ،مۇنبىرىدىكى ئەسەرلەرنى ،،،،سۈرەتكە تارتىپ ئوغۇرلاپ چىقتىم مانا ،،،،،،،،،،،،تۇرىشە ئەمدى،،،،،،،،،،،،
[ بۇ يازمىنىsamanyoli 2011-07-29 21:20قايتا تەھرىرلى ]
ھەر بىر قىيىنچىلىقنىڭ كەينىدە بىر ئاسانچىلىق  بار
دوستلىشىش
تاھىربەگ
تاھىربەگدىن ھەممىڭلارغا ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم !!
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 181
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 9
ئومۇمىي يازما: 2094
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2094دانە
ئۆسۈش: 4810 %
مۇنبەر پۇلى: 24998 سوم
تۆھپىسى: 172 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-06
ئاخىرقى: 2012-01-04
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-29 21:57

تۆرەم ئىسىل كىشى ئىدى .  
بەزى نادانلار  تۆرەمنى ك گ ب نىڭ ئەدىمىگە چىقىرىۋىتىپتۇ ....
ئىلىم ئۈچ غېرىچ - 1 غېرىچ ئۈگەنسە - ھە ! مەن خىلى بىر نەرسە بىلىپ قالدىم دەپ تەكەببۇرلىشىدۇ . 2 غېرىچ ئۈگەنسە كەمتەرلىشىپ كېتىدۇ . 3 غېرىچ ئۈگەنسە ئۆزىنىڭ تېخى ھېچنىمە بىلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ _ ئىمام شافىئىي رەھىمەھۇللاھ
ياخشى ئادەم كۆپ
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 900
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 448
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە448دانە
ئۆسۈش: 7070 %
مۇنبەر پۇلى: 8563 سوم
تۆھپىسى: 17 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
گۇرۇپپا: kangsay
تىزىملاش: 2010-08-08
ئاخىرقى: 2012-01-04
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-29 22:03

بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى samanyoli نىڭ 2011-07-29 21:11 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :


سامانيولى چالىكەنسىز  !!!تېخنىكىغا چالىكەنسىز!!!
كۆچىرىشنى چەكلەپ قويغانلارنى يىتىۋىتىمەن دەپ قوياڭ ھە
كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى
ئى رەببىم سەن ئۈچۈن جىنىم پىدا!مىنى توغرا يولغا ب ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 566
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 78
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە78دانە
ئۆسۈش: 120 %
مۇنبەر پۇلى: 851 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-07-08
ئاخىرقى: 2012-01-04
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-29 22:16

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى تاھىر نىڭ 2011-07-29 21:57 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
تۆرەم ئىسىل كىشى ئىدى .  
بەزى نادانلار  تۆرەمنى ك گ ب نىڭ ئەدىمىگە چىقىرىۋىتىپتۇ ....

ئاشۇنداق دىگەن ئادەمنىڭ زۇۋانىغا ئاشۇ!.....
مەن پەقەت ئاللاھنىڭ قۇلى!ئى رەببىم سەن ئۈچۈن جىنىم پىدا!مىنى ھىدايەت قىل!
ئى رەببىم سەن ئۈچۈن جىنىم پىدا!مىنى توغرا يولغا ب ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 566
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 78
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە78دانە
ئۆسۈش: 120 %
مۇنبەر پۇلى: 851 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-07-08
ئاخىرقى: 2012-01-04
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-29 22:18

ئىلىخان تۆرەم ئۆمرىنىڭ كىيىنكى يىرمىدا 30يىل ئورۇسلارنىڭ نازارىتىدە ياشاپ ئالەمدىن ئۆتكەن!ئۇ ھازىرقى كىشلەرنىڭ قارىشى بويىچە،رادىكال دىنىي ئەسەبىي كۈچ!ئەگەر ئۇنداق بولمىغاندا ئۇ ھازىرغىچە ھايات يۈرگەن بولاتتى!
مەن پەقەت ئاللاھنىڭ قۇلى!ئى رەببىم سەن ئۈچۈن جىنىم پىدا!مىنى ھىدايەت قىل!
ئامانشاھ
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1939
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1284
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1284دانە
ئۆسۈش: 1650 %
مۇنبەر پۇلى: 14183 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-15
ئاخىرقى: 2012-01-04
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-29 23:06

30  يىل.....قەلبى نىمە بولغان بولغىيتتى .....
پەخىرلىنىمەن ئۇيغۇر بولۇپ تۆرەلگىنىمدىن،
ھەم  مۇسۇلمان ئەۋلادى بولغانلىغىمدىن.
ئۆزۇمنىڭ مۇسىلمان بولغانلىغىمدىن پەخىرلىنىمەن!!!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8365
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 104
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە104دانە
ئۆسۈش: 200 %
مۇنبەر پۇلى: 1170 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-29
ئاخىرقى: 2012-01-04
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-29 23:29

ئىزى ئۆچمەيدۇ بۇلارنىڭ
ئۆز خاتالىغىنى  تۇنىغان  كىشى ،ئەڭ ياخشى كىشىدۇر..!