查看完整版本: [-- سۇن جۇڭشەن،ئېلىخان تۆرە --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> داڭلىق شەخسلەر -> سۇن جۇڭشەن،ئېلىخان تۆرە [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

kichikoghul 2011-07-28 18:36
شىنخەي ئىنقىلابىدىكى سۇن جۇڭشەن ۋە
 ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدىكى ئېلىخان تۆرە
1
   سۇن جۇڭشەن(1866-1925) جۇڭگودا ئىككى مىڭ يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان پادىشاھلىق مۇستەبىت تۈزۈمىگە خاتىمە بەرگەن20-ئەسىرنىڭ بېشىدىكى مەشھۇر ئىنقىلاپ-شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى.ئۇ ئاۋال يۇرتىدا خۇسۇسىي مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇدى،كېيىن ھونۇلۇلۇ،گۇاڭجۇ،شىياڭگاڭ قاتارلىق جايلاردا ئوقۇپ،كاپتالىزىم جەمئىيىتىنىڭ بىر قىسىم سىياسىي تەلىماتىنى قۇبۇل قىلدى. مېىدىتسىنا ئونۋېرسىتىتىنى پۈتۈرگەندىن كېيىن دوختۇرلۇق قىلىش جەريانىدا،چىڭ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ۋەتەنپەرۋەر ياشلار ۋە خۇيداڭچىلار بىلەن پائال تونۇشۇپ،ئۇلار بىلەن ۋەزىيەت ھەققىدە مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىپ،مىللەتنى قۇتقۇزۇشتەك سىياسىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىدى.
 
ئېلىخان تۆرە(1885-1976) جۇڭگودا قىرىق يىلغا يېقىن ھۆكۈم سۈرگەن گومىنداڭنىڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىنىڭ گومران قىلىنىشىدا ناھايىتى زور تۆھپە قوشقان،ئۇيغۇر قاتارلىق ئىزىلگۈچى مىللەتلەرنىڭ 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىكى ئۇلۇغ مىللىي دېمىكۇراتىك ئىنقىلابى-ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى.ئۇ ئاۋال ئەرەبىستاندا ئۇقۇشنى تاماملاپ،ۋەتىنىگە قايتىپ كىلىپ بۇخارا مەدرىسىدە داۋاملىق ئىلىم تەھسىل قىلدى،ئەرەپ،پارىس تىللىرىنى تولۇق
ئۆزلەشتۇردى ۋە تىبابەت، تارىخ، دىننى،ناتىقلىق جەھەتلەردە كامالەتكە يەتتى.1917-يىلدىن1930-يىلغىچە بىرقانچە قېتىم ئوتتۇرا ئاسىيادا خەلقنىڭ سوۋىت ھاكىميىتىگە قارشى قوزغىلىڭىغا قاتنىشىپ قولغا ئېلىندى،تۈرمىدىن قېچىپ چىققاندىن كېيىن غۇلجىغا كىلىپ ئولتۇراقلاشتى. ئىلىخان تۆرە دىننى ئۇلىما ۋە ئۇستا تىۋىپ ۋە ناتىقلىغى بىلەن تىزلا جامائەتچىلىككە تۇنىلىدۇ.1937-يىلى كۇچادا قولغا ئېلىنىپ ئۈرۈمچىگە ئاپىرىلىدى.1941-يلى شېڭ شېسەي تۈرمىسىدىن چىقىپ غۇلجىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن جامائەت سۇرۇنلىرىدا مەخپى ئاشكارە ئۇسۇلدا گۇمىنداڭ ھاكىميىتىنىڭ ئەكسىيەتچىل سىياسەتلىرىگە قارشى تەشۋىقات ئىلىپ باردى.
2
1894-يىلى11-ئايدا سۇن جۇڭشەن جۇڭگو بۇرژۇئازىيىسىنىڭ تۇنجى ئىنقىلابىي تەشكىلاتى<<جۇڭخۇانى گۈللەندۈرۈش جەئىيىتى>>نى قۇرۇپ چىقتى. ھەمدە بۇ جەمئىيەتكە كىرىش قەسەمنامىسىدە<<ياتلارنى قوغلاپ چىقىرىش،جۇڭگونى ئەسلىگە كەلتۈرۈش،بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇشتىن ئىبارەت>>ئىنقىلاپ پىروگىراممىسىنى ئوتتۇرغا قويدى. 1911-يىلى10-ئاينىڭ
10-كۈنى كۈتۈرۈلگەن ۋۇچاڭ قوزغىلىڭى غەلبە قىلغاندىن كېيىن بۇ ئىنقىلاپ تېزلىك بىلەن پۈتۈن مەملىكەتكە كېڭەيدى. 1912-يىلى1- ئاينىڭ 1-كۈنى،سۇن جۇڭشەن نەنجىڭدا قەسەم بىرىپ زۇڭتۇڭلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇردى ۋە جۇڭخۇا مىنگۇنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى.
 
1944-يىلى غۇلجىدا يەر ئاستى<<ئازاتلىق تەشكىلاتى >> قۇرۇلدى. ئىلىخان تۇرە بۇ تەشكىلاتتقا قاتنىشتى ۋە تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىكىگە سايلاندى.1944-يىل10-ئاينىڭ5-كۈنى پارتىزانلار ۋە ئامما نىلقىغا ھۇجۇم قىلىپ غەلبە قىلغاندىن كېيىن بۇ ئىنقىلاپ تېزلىك بىلەن پۈتۈن ئىلى رايۇنىغا كېڭەيدى.1944-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۇنى غۇلجىدا ۋاقىتلىق جۇمھۇريەت قۇرۇلغاندا ئېلىخان تۆرە بۇ جۇمھۇريەتنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىگە ئولتۇردى ۋە1945-يىلى1-ئاينىڭ5-كۈنى 4-قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزۈپ گومىنداڭنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى تازىلاش،ھەر مىللەت خەلقىنىڭ باراۋەرلىكى ئاساسىدا ھەقىقىي ئەركىن مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت قۇرۇش...قاتارلىق 9-ماددىلىق  ختابنامىنى ماقۇللىدى.
3
بۇ مەزگىلدە ئىنقىلاپ لاگىردىكى كۆپ سانلىق كىشىلەر سۈلھى قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى.شۇنىڭ بىلەن ئىنقىلابىي ئارمىيىنىڭ شىمالغا يۈرۈش قىلىشى يېرىم يولدا توختاپ قالدى. 11-ئايدائەنگىلىيە،ئامېرىكا،پىرانسىيە گېرمانىيە،ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئارلىشىشى بىلەن<<جەنۇپ-شىمال تىنچلىق سۆھبىتى>>ئۆتكۈزۈلدى.نەتىنجىدە بۈيۈك زۇڭتۇڭلىق يۈەن شىكەينىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتتى.نەنجىڭ ھۆكۈمىتى مەۋجۇتلۇقتىن قالدى.يۈەن شىكەي نىقابىنى يىرتىپ تاشلاپ،مۇستەبىت پادىشاھلىق تۈزۈمنى تىرىلدۈرۈپ1916-يىلى1-ئاينىڭ1-كۈنى<<جۇڭخۇا ئىمپىريىسى>>نىڭ خانلىق تەختىگە ئولتۇرماقچى بولۇپ مەقسىتىگە يىتەلمەي،6-ئاينىڭ6-كۈنى بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشتى.
 
بۇ مەزگىلدە ئىنقىلاپ لاگىردىكى كۆپ سانلىق كىشىلەر سۈلھى قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى.شۇنىڭ بىلەن ئىلى ئارمىيىنىڭ ئۈچ يۈنۈلۈش بۇيىچە ھۇجۇم قىلىشى يېرىم يولدا(ئىنقىلابنى ئۈرۈمچىگە قارىتىپ سۈرۈش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۋالغان ئوتتۇرا يۈنۈلۈش ئارمىيىسىى ماناس دەرياسى بۇيىدا) توختاپ قالدى.سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئارلىشىشى بىلەن1945-يىل9-ئايدىن1946-يىل7-ئاينىڭ1-كۈنى بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلغىچە<<ئۈرۈمچى تىنچلىق سۆھبىتى>>ئۆتكۈزۈلدى.نەتىنجىدە باش رەئىسلىك ئاۋال جاڭ جىجۇڭنىڭ،ئاندىن مەسۇد( بۇ كىشىمۇ بۇرژۇئا دېمىكۇراتىك ئىنقىلاپچىسى سۇن جۇڭشەن ۋە پان ئىسلامىزىمچى ئېلىخان تۆرىلەرگە ئوخشاش مېدىتسىنا كەسپىنى ئۆگەنگەن)،ئاخىرىدا بورھان شەھىدىلەرنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتتى.غۇلجىدىكى جۇمھۇريەت مەۋجۇتلىقىدىن قالدى.گومىنداڭ ئۆزۈنى ئوڭشىۋالغاندىن كېيىن نىقابىنى يىرتىپ تاشلاپ قالغان يەتتە ۋىلايەتتىكى خەلققە قاراتقان زۇلۇمنى تېخىمۇ كۈچەيتتى، ئەخمەتجان فۇجۇشى ۋە ئابدۇكېرىم ئاباسوفلار گومىنداڭ بىلەن ئەركىن،تىنچ بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش مەقسىتىگە يىتەلمەي
1949-يىل8-ئايدا مەخپى ھالدا غۇلجىدىن سوۋىت ئىتتىپاقىغا  بېرىپ27-ئاۋغۇستتا ئايرۇپىلان ھادىسىسىگە ئۇچۇراپ ۋاپات بولدى.

  مەنبە: بۇ ئىككى كىشىنىڭ تورغا چىقىرىلغان تەرجىمھاللىرى كېسىپ چاپلىنىپ بۇ سېلىشتۇرما تەسىرات يېزىپ چىقىلدى.


kuwruk 2011-07-29 01:02
سۇن جۇڭشەن شۇ دەۋىردىكى ئىلغار پىكىرلىك ،ئۇقۇمۇشلوق دىمكىراتىك،،،زات ئىدى،،،!

مىسكىن 2011-07-29 20:57
ئېلىخان تۆرىنىڭ 3ۋىلايەت ئىنقىلاۋىدىن كېيىنكى يەنى سوۋېتقا چىقىپ كەتكەندىن كېيىنكى ھاياتى توغرىسىدىكى مەلۇماتلار بولسا بلىۋالساق بوپتىكەن.

samanyoli 2011-07-29 21:11
[attachment=11692]  [attachment=11693]  [attachment=11694]  [attachment=11695


ۋاي كاساپەتلەر،،،،،،،،،،،،كۆچۈرگىلى بولمايدىغان قىلىپ قويۇپتا ،مۇنبىرىدىكى ئەسەرلەرنى ،،،،سۈرەتكە تارتىپ ئوغۇرلاپ چىقتىم مانا ،،،،،،،،،،،،تۇرىشە ئەمدى،،،،،،،،،،،،

تاھىربەگ 2011-07-29 21:57
تۆرەم ئىسىل كىشى ئىدى .  
بەزى نادانلار  تۆرەمنى ك گ ب نىڭ ئەدىمىگە چىقىرىۋىتىپتۇ ....

sirik 2011-07-29 22:03
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى samanyoli نىڭ 2011-07-29 21:11 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :


سامانيولى چالىكەنسىز  !!!تېخنىكىغا چالىكەنسىز!!!
كۆچىرىشنى چەكلەپ قويغانلارنى يىتىۋىتىمەن دەپ قوياڭ ھە

tumurkala 2011-07-29 22:16
ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمۇن تاقالدى

tumurkala 2011-07-29 22:18
ئەزا يېزىش چەكلەندى ، بۇ مەزمۇن تاقالدى

amanxa 2011-07-29 23:06
30  يىل.....قەلبى نىمە بولغان بولغىيتتى .....

qimpiyun 2011-07-29 23:29
ئىزى ئۆچمەيدۇ بۇلارنىڭ

kuwruk 2011-07-30 01:01
ئەتىگەن مەن بۇ تىمىنى كۇرگەندە ئىلخان تۇرە يۇق ئىدى ھازىر قىتىلىپ قاپتۇغۇ،،،،،
--ئىلخان تۇرە بىر پان تۇركىسىت ،پان ئىسلامچى،  نىمە ئۇچۇن 1976-يىلغىچە سەۋىت ئىتپاقى مۇشۇنداق ئەشەددى دۇشمىننى  ساقلاپ قۇيۇلدى..............
ئۇيلاپ باقە سامان يۇلى ئۇكا؟؟؟

maniwer2010 2011-07-30 02:06
تۆمۈر خەلىپە قۇمۇل تاغلىرىدا چىرىك چىڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى ئىنقىلاپنىڭ پىلتىسىگە ئوت ياققاندا،
سۇنجۇڭسەن تېخى ئامېرىكىنىڭ كالافۇرنىيىدە شىنخەي ئىنقىلاۋى ئۈچۈن ئىھانە يىغىۋاتاتتى،،،،،،،

tepekkurchi 2011-07-30 03:42
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 11قەۋەتتىكى maniwer2010 نىڭ 2011-07-30 02:06 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
تۆمۈر خەلىپە قۇمۇل تاغلىرىدا چىرىك چىڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى ئىنقىلاپنىڭ پىلتىسىگە ئوت ياققاندا،
سۇنجۇڭسەن تېخى ئامېرىكىنىڭ كالافۇرنىيىدە شىنخەي ئىنقىلاۋى ئۈچۈن ئىھانە يىغىۋاتاتتى،،،،،،،



بۇرادەر، سۇن جۇڭشەن دىموكىراتىيەنى، مۇستەقىللقىنى، مىللەتچىكلىكنى تەرغىپ قىلۋاتقىندا بولسا تۆمۈر خەلپە  بولسا بىز دىگەن مۇسۇلمان خەق، خەق يىرىمنى تارتىۋالمىسا، سېلىقنى كۆپ سالمىسا، زۇلۇم قىلمىسىلا مىنىڭ باشقا ئارزۇيۇم يوق دەپ يۈرۋاتاتتى.  نەزەر دائىرىنىڭ تارلىقى سەۋەبىدىن تۆمۇر خەلپە كىم دۈشمەن، خەلىقنى قەيەرگە باشلاس كىرەك دىگەندەكلەرنى ئاڭقىرالماي تۇرۇپلا توزاققا چۈشتى. سۇنجۇڭشەن بولسا ئارمىنى ئەمەلگە تولۇق ئاشمىغان بولسىمۇ ھەر ھالدا مانجۇلارنى قوغلاپ چىقىرىپ خەنزۇلارنىڭ ھاكىميىتىنى قۇرۇپ چىقتى.

maniwer2010 2011-07-30 05:22
ئەپەندى،! مەن بۇيەردە تارىخى شەخىس تۆمۈر خەلىپە بىلەن سۇنجۇڭسەننى بىلىم -ئىستىدات ،قىممەت قاراش ،
تۆھپە-نەتىجە بابىدا سېلىشتۇرۇۋاتقىنىم يوق ،پەقەت قۇمۇل دىھقانلار قوزغۇلىڭى ،شىنخەي ئىنقىلاۋىنىڭ تەسىرىدە
كۆتۈرۈلگەن ،دىگەن ھۆكۈمگە ئازراق تۈزىتىش كىر گۈزمەكچى بولدۇم ،،،،ھېچ بولمىغاندا مىللى قەھرىمانلىرىمىز
نىڭ ئىنقىلاۋى روھىنى سەل ئاشۇرۇپراق گەۋدىلەندۈرمەكچى بولدۇم ،،،،بۇ ئېنىقكى بەزى مىللى خائىنلارنىڭ
ئوغۇسىنى قاينىتىدۇ ،،،
«تۇغسا باتۇرنى ۋەتەن ،ۋەتەننى تۇغدى قەھرىمان » ،توغرا بىزدە باتۇرنى تۇغۇدىغان ۋەتەن «،خەلىق»
بارمۇ  ؟! ،ياق بەلكى باتۇرنى ئۇرۇپ يىقىتىدىغان ،غەيۋەت بىلەن سېسىتىدىغان نامەرتلەر ساماندەك تولا،،،،

!adiyat 2011-07-30 13:46
  سۇنجۇڭسەن بولسۇن، تۆمۈر خەلىپە بولسۇن قەھرىمانلاردۇر.
مەغلۇبىيەت بىر تەغدىر -قازا ،  ئۇلارنىڭ كەينىدىكىلەرگە نىسىپ بولدىغىنى ، غەلبىمۇ ، مەغلۇبىيەتمۇ ئىش ئىگىسىنىڭ ئىلكىدە،   پەيغەمبەرلەرمۇ بەزىدە غەلبە قىلغان بەزىدە مەغلۇپ بوغان.   مۇھىمى ئۈمۈدنى ئۈزمەسلىك.  

alpacino 2011-07-31 01:16
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى تاھىر نىڭ 2011-07-29 21:57 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
تۆرەم ئىسىل كىشى ئىدى .  
بەزى نادانلار  تۆرەمنى ك گ ب نىڭ ئەدىمىگە چىقىرىۋىتىپتۇ ....


ئېلخان تۆرىنى شۇنداق  دىگەن ئادەمنىڭ  زۇۋانىغا ...............

amanjan 2011-07-31 13:59
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 10قەۋەتتىكى kuwruk نىڭ 2011-07-30 01:01 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئەتىگەن مەن بۇ تىمىنى كۇرگەندە ئىلخان تۇرە يۇق ئىدى ھازىر قىتىلىپ قاپتۇغۇ،،،،،
--ئىلخان تۇرە بىر پان تۇركىسىت ،پان ئىسلامچى،  نىمە ئۇچۇن 1976-يىلغىچە سەۋىت ئىتپاقى مۇشۇنداق ئەشەددى دۇشمىننى  ساقلاپ قۇيۇلدى..............
ئۇيلاپ باقە سامان يۇلى ئۇكا؟؟؟

مەن دەي، سامان يولى ئاۋارە بولماڭ.
جاۋاپ؛ كىيىنكى كۇنلەردە جۇڭگو ھۆكۈمىتى سوۋىت ئىتتىپاقىغا شىلتىڭ ئىتىپ قالسا، ھەيۋە قىلىدىغان پىشكا قىلماقچى. ئاخىرىنى دىمىسەممۇ تورداشلار چۈشىنىپ بولدى.

amanjan 2011-07-31 14:02
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 10قەۋەتتىكى kuwruk نىڭ 2011-07-30 01:01 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئەتىگەن مەن بۇ تىمىنى كۇرگەندە ئىلخان تۇرە يۇق ئىدى ھازىر قىتىلىپ قاپتۇغۇ،،،،،
--ئىلخان تۇرە بىر پان تۇركىسىت ،پان ئىسلامچى،  نىمە ئۇچۇن 1976-يىلغىچە سەۋىت ئىتپاقى مۇشۇنداق ئەشەددى دۇشمىننى  ساقلاپ قۇيۇلدى..............
ئۇيلاپ باقە سامان يۇلى ئۇكا؟؟؟

كىيىنكى كۈنلەردە جۇڭگو ھۆكۈمىتى سوۋىت ئىتتىپاقىغا شىلتىڭ ئىتىپ قالسا، ھەيۋە قىلىدىغان پىشكا قىلماقچى.

مىسكىن 2011-07-31 18:52
ئېلىخان تۆرىنى تىللايدىغانلارمۇ باركىنە مۇنبەردە ،ھىچ چۈشەنمىدىم.

قاسىمجان998 2011-07-31 23:07
    

oglan 2011-07-31 23:57
تارىخ يىلارنىڭ ئۇتۇشگە ئەگىشىپ ھەرخىل ئۆزگۇرەيدۇ!

dulbarqin310 2011-09-19 10:57
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى samanyoli نىڭ 2011-07-29 21:11 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
[attachment=11692]  [attachment=11693]  [attachment=11694]  [attachment=11695


ۋاي كاساپەتلەر،،،،،،،،،،،،كۆچۈرگىلى بولمايدىغان قىلىپ قويۇپتا ،مۇنبىرىدىكى ئەسەرلەرنى ،،،،سۈرەتكە تارتىپ ئوغۇرلاپ چىقتىم مانا ،،،،،،،،،،،،تۇرىشە ئەمدى،،،،،،،،،،،،


يارايسىز قالتىس جۇمۇ سىز.

tughluk 2011-09-19 12:16
ئىلىخان تورىنىڭ تاشكەنىتتە نەزەربەنىت ئاستىدا ياشاۋاتقان مەزگىللىرىدە يازغان ئەسەرلىرىنىڭ ئىچىدە « تۇركىستان قايغۇسى» ناملىق ئەسىرىمۇ بار. بۇ ئەسەردە ئىلىخان تورە ئۆزىنىڭ پۇتكۇل ھاياتىنى يىزىپ چىققان. ئىسىمدە قىلىشىچە 1968- يىللىرى يازغانغۇ دەيمەن.


查看完整版本: [-- سۇن جۇڭشەن،ئېلىخان تۆرە --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.062845 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us